سىز بۇ تېمىنىڭ 661 - كۆرۈرمىنى
زۇھەييە
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 ئېغىز بوشلىقىدا ئەيدىز

«يېڭى ناۋا» غا قاتنىشىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى : (alxarap)
مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
                       چىش كېسىلىنى تەكشۈرتكەندە باشقا كېسەللەرنى يۇقتۇرۋىلىشتىن ساقلىنىڭ

  ھەممە ئادەم كېسەل ئېغىزىدىن كىرىدۇ، دىگەن ئۇقۇمنى بىلىدۇ، ئەگەر چىش كېسىلىنى تەكشۈرتكەندە تازلىققا دىققەت قىلمىسا، ئوخشاشلا باشقا كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۋالىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە بىمارلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى باشقا كېسلى مەسىلەن: تىپلىق جىگەر ۋىرۇس جىنسىي كېسەل، ئەيدىز ۋىرۇسى، سىفلىس، ئۆپگە تىبۇركىلىيۇز قاتارلىق كېسەللىكلىرى بار بىمارلار بۇلۇشى، بۇ كېسەللىكلەر تەكشۈرتۈش جەريانىدا تارقىلىشى مۇمكىن.
  كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:
  ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى دوختۇرى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى قاتتىق دېزىنفىكسىيە قىلىشى، بىمارلارغا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك.
  يۇقۇملۇق كېسىلى بار بىمارلار چىشنى تەكشۈرتكەندە، چوقۇم دوختۇرغا كېسىلىنى ئېنىق ئېيتىپ، دوختۇرنىڭ مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىش كېرەك.
  ھەرگىز تازىلىقى ناچار ئۇرۇنغا بېرىپ چىش كېسىلىنى داۋالاتماسلىق، ئۈزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، چىشى ۋە تىنى ساغلام بۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  چىشنى چوتكىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

  چىش چوتكىلاشنىڭ پىرىنسىپى: ئاددىي، ئوڭاي، چىش تازلاش ئۈنۈمى ياخشى، چىش ۋە چىش ئەتراپى تۇقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرمەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر چىشىنى توغرىسىغا چوتكىلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ئۇسۇل چىش ئەتراپى تۇقۇلمىلىرىنى ئاسان زەخمىلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا چىش ئارىلىقلىرىغا كىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقىنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چىشنى توغرىسىغا چوتكىلاش چىشنىڭ بۇيۇن قىسمىدا شىنسىمان كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەپتۇر. چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى چىش تازلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا چىشنى چوتكىلاش ئادىتىنى تۈزەتكەندە چىش چىرىشنىڭ ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، چىشنىڭ شىنىسىمان كەمتۈكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان چىش چوتكىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمىز:
  چىش چوتكىسىنىڭ قىلىنى چىش يۈزى بىلەن 45گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ياساپ يانتۇ قۇيۇپ، چىش بىلەن چىش مىلىكى تۇتاشقان جاينى يىنىك بېسىپ، چىش ئارىلىقىنى بويلىتىپ تىك چوتكىلاش، چوتكا بېشىنى ئايلاندۇرۇش، مۇۋاپىق كۈچەش.
  توغرا چىش چوتكىلاش بۇلۇڭى ۋە ھەركىتى بىلەن يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى چىشنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى تەرىپىنى پاكىز تازلاش، ئۇدۇل چىشنىڭ ئىچكى تەرىپىنى چوتكىلىغاندا چوتكىنى تىك قىلىپ، چوتكا قىلىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، چىشنى تازلاش كېرەك.
  يۇقىرىقى، تۆۋەنكى چىشلارنىڭ چىشلىشىش يۈزىنى مۇۋاپىق كۈچەپ ئالدى-كەينى يۆلىنىش بۇيىچە چوتكىلاپ، چوتكا قىلىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئېزىق چىشنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىمۇ پاكىز تازلاش، قىسىلىپ قالغان نەرسىلەرنى ئەگەر چوتكا بىلەن چىقارغىلى بولمىسا، ئۇنى ئىنچىكە چىش تازلاش يىپى ياكى ئىنچىكە كىيىم تىكىش يىپى بىلەن چىقىرۋىتىش كېرەك. ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرلىرى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3مىنۇتتىن چىش چوتكىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مەنبە:شىنجاڭ ئېغىز بوشلىقى
[ بۇ يازما زۇھەييە تەرپىدىن2009-04-14 18:55دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-14, 05:49

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-14 13:44 |
ئىزنا سودا بازىسى
sawerqan
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13027
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 303
شۆھرەت: 304 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3030 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 500(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

  بەك ياخشى تىما يوللاپسىز  بۇنى ھەممە ئادەم چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بىلىمكەن ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 14:36 |
乃吉米丁
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 72881
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 302
شۆھرەت: 302 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2970 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 173(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن،چىش كېسىلىگە قاتتىق دىققەت قىلساق بولغۇدەك.
          

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
天变地变情不变
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 22:40 |
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 21464
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1321
شۆھرەت: 1463 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1154 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 721(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

ئەيدىز ۋىروسىنى سىرتقى موھىت بىلەن ئۇچرىغاندا  ئۈچ مىنوتتا ئۆلىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ، ئەجىبا...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
[پاقىرىغانلىكى  نەرسىنىڭ  ھەممىسى،  ئالتۇن  ئەمەس]
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 22:57 |
زۇھەييە
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83201
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 52
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

Quote:
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىnur-ziyaنىڭ2009-04-14 22:57 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئەيدىز ۋىروسىنى سىرتقى موھىت بىلەن ئۇچرىغاندا  ئۈچ مىنوتتا ئۆلىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ، ئەجىبا...

شۇڭلاشقا مۇمكىنچىلىك بار دەيمىز، مۇتلەق يۇقىدۇ دىگەن گەپ ئەمەس. يەنە كىلىپ ئېغىز بوشلىقىدا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلاربىلەن ئۈچ مىنۇت ئەمەس بىرە مىنۇتتىمۇ باشقا بىر ئادەمنىڭ كېسىلنى كۆردىغان يەرمۇ بار. <<دىزىمپىكسىيە قىلمىغان ئاساستا>>

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 01:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ساغلاملىق بىلىملىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-19 18:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ