پەيغەمبەر ئەلەيھىسالم سورىدى : ئىبلىس ، مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە سېنىڭ قانچىلىك دۈشمىنىڭ بار ؟ ، ئىبلىس جاۋاپ بەردى ، 20 تۈرلۈك ئادەم مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر . 1) ئى مۇھەممەد ، سەن ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى . 2) ئىلىمىگە ئەمەل قىلغۇچى ئالىم . 3) « قۇرئان » غا ئەمەل قىغۇچى قارىي . 4) بەش ۋاقىت ئەزان توۋلىغۇچى . 5) نامرات ، يىتىم ۋە مىسكىنلەرنى ياقتۇرغۇچى . 6) دىلى ئۈزۈك ئادەم . 7) ھەقىقەت ئۈچۈن تىز پۈككۈچى . 8) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۆسكەن ياش . 9) ھالال يىمەكلىكلەرنى يەيدىغان ئادەم . 10) ئاللاھ ئۈچۈن دوسىتلىشىدىغان ئىككى ياش . 11) جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشقا ئىنتىزار ئادەم . 12) كېچىدە خەلق ئۇخلاۋاتقاندا ئۆزى يالغۇز ناماز ئۇقۇغۇچى ئادەم . 13) ھارامدىن يىراق يۈرگۈچى . 14) ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقۇچى .( يەنە بىر رىۋايەتتە دىنى قېرىنىدىشىغا بەخت تىلەپ ، دىلىدا شەخسىيەتچلىك قىلمايدىغان كىشى ). 15) ئۇزۇن مەزگىل تاھارەت بىلەن يۈرگەن كىشى . 16) سېخىي . 17) مىجەزى سالىھ ئادەم. 18) ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قەتئى ئىشەنگۈچى . 19) تۇل ئاياللارغا ياخشىلىق قىلغۇچى . 20 ) ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلغۇچى . ۋەھبە ئىبنى مۇنەببەھ ئېيتىدۇ : « تەۋرات » تا مۇنداق خاتىرىلەنگەن : بۇ دۇنيالىقتا ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلغۇچى ، قىيامەتتە ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىدۇ . غەزەپنى تەرك قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ . بۇ دۇنيانىڭ ھەۋىسىنى تەرك ئەتكۈچى ئاخىرەتتە جازا ئۇچرىمايدۇ . ھەسەتنى تاشلىغۇچى ئاخىرەتتە جامائەتنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ . ئەمەلدارلىق ئارزۇسىنى تاشلىغۇچى قىيامەتتە يۈكسەك ، ئالەملەرنىڭ خوجىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىدۇ . ناھەق ئىشلارنى تەرك ئەتكۈچى قەلبى سۈزۈك ھەم دىيانەتلىكلەر قاتارىدىن بۇلىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا جەڭگى-جىدەلدىن خالىي بولغان ئادەم قىيامەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا بېخىللىقنى تەرك ئەتكۈچى ئاخىرەتتە جامەئەتنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا ئويۇن تاماشا ، بىكارچىلىقنى تاشلىغۇچى ئاخىرەتتە چەكسىز رەھمەتكە ئېرىشىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا ھارام ئىشلاردىن ساقلانغۇچى ئاخىرەتتە پەيغەمبەرلەرگە يېقىن بۇلىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا ھارامغا قارىمىغان ئادەم ، ئاخىرەتتە پەرۋەردىگار ئۇنى رازى قىلىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا بايلىقنى سەدىقە قىلىپ نامراتلىقنى تاللىغۇچى ، ئاخىرەتتە پەرۋەردىگار ئۇنى باي ۋە پەيغەمبەرلەر قاتارىدىن قىلىدۇ . بۇ دۇنيالىقتا كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىغۇچى ، ئاخىرەتتە ۋە دۇنيالىقتا بولغان تەلەپلىرىنى خۇدا ئۇنىڭغا ھەل قىلىپ بېرىدۇ . قەبرىدە خاتىرجەملىك بۇلۇشنى ئويلىغۇچى ، ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئۇقۇسۇن . مېھرىبان ئاللانىڭ ئەرش سايىسىدىكى ھىمايىسىگە ئېرىشىشنى ئويلىغۇچى تەقۋا بولسۇن . ئۆزىنىڭ ھېسابىنىڭ ئاسانراق بۇلۇشىنى ئويلىغۇچى ئۇ ئۆزىگە ۋە تۇغقىنىغا نەسىھەت قىلسۇن . پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىنى ئويلىغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى بىر تەقۋادار بۇلۇشى كېرەك . راھەتلىك جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلغۇچى ھەرۋاقىت ئاللانى ئەسلىسۇن . ھېساب ئېلىنماي جەننەتكە كىرمەك بولغانلار ئىخلاس بىلەن ئاللاغا توۋا قىلسۇن . بىر بايۋەتچە بۇلۇشنى ئويلىغۇچى ئاللانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولسۇن . ئاللاھنى ياخشى كۈرىدىغان قانۇنشۇناس ئالىم بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغۇچى چۇقۇم ئاللادىن قورقۇشى كېرەك . بىر ئەقىل ساھىبى بولماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن بىر ئالىم بولسۇن . كىشىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىناي دىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەستە تۇتسۇن ، ئۆزىنىڭ نىمىدىن يارىتىلغانلىقىنى ئويلىسۇن ، نىمە ئۈچۈن يارىتىلدى ؟ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شەرەپ ئىزلىگۈچى دۇنيالىقنى ئاخىرەتتىن تۈۋەن كۈرۈشى كېرەك . فىردەۋس ، نەئى ئىسىملىك جەننەتتە مەڭگۈلۈك راھەتكە ئېرىشىشنى ئويلىغۇچى ئۇنداقتا بزۇزۇق دۇنيادا ھاياتىنى ئىسراپ قىلمىسۇن . دۇنيانىڭ جەننىتى ۋە ئاخىرەتنىڭ جەننىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانلار سېخىي بۇلۇشى كېرەك . چۈنكى سېخىيلار جەننەتكە يېقىنلاشقۇچى ، دوزاختىن يىراقلاشقۇچىلاردۇر . كۈچلۈك يورۇقلۇق بىلەن ئۆز قەلبىنى يۇرۇتماقچى بولغانلار چوڭقۇر پىكىرگە كىرىشى كېرەك . جاپاغا چىدامچان بەدىنى بۇلۇشنى ئويلىغۇچى ئاللانى زىكرى قىلىدىغان تىلى ۋە ئاللادىن قورقىدىغان دىلى بۇلۇشى ، مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھىنى تىلەپ ئاللاغا دۇئا قىلىشى كېرەك . بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاستۇر ،پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بۈيۈك ئاللادۇر .
مەنبە-ئەخلاقنامە .(ئىمام غەززالىي ) 15) |