« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 3012 - كۆرۈرمىنى
taxqijan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 76811
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 260 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 81(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 گۆر كولاشتىن ئاياغ ئېتىشقىچە...

«يېڭى ناۋا» غا قاتنىشىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Ark-zat تەرپىدىن (2009-04-13)دە نادىرلاندى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
  تارىخ بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرسەك مۇنداق بىر تارىخى ۋەقە بار.ئۇ بولسىمۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرى ھابىيل بىلەن قابىيلنىڭ ھىكايىسى.
  بۇ ھىكايىدە ھەسەتخور،ئىچ تار ،تەكەببۇر قابىيل شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئۆز قىرىندىشى  ھابىيلنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ لىكىن ئارقىدىنلا قاتتىق
پۇشايمان قىلىدۇ.ئۇنىڭ جەسىدىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي ئۇنى تاشلاپ كىتىپ بارسا بىر قاغا ئۆز ھەمراسىنى پۇتى ھەم تۇمشۇقى بىلەن
يەركولاپ كۈمىدۇ.قابىيل بۇنى كۆرۈپ< ئەسلى مۇنداقكەندە>دەپ قايتىپ بىرىپ ھابىيلنىڭ جەسىدىنىمۇ ئاشۇنداق گۆر كولاپ كۈمىدۇ. شۇندىن تارتىپ ئىنسانلار بىر -بىرىنى يەرلىككە قۇيۇشنى بىلگەن!
ئەمدى نەزىرىمىزنى ھازىرقى ۋەزىيەتكەئاغدۇرايلى. ئۆتكەن يىلى ئىراقلىق مۇخبىر زەيىد بوشقا نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا ئاياغ ئاتتى.شۇندىن تارتىپ ھازىر بەزى سىياسىي سورۇنلاردا ئاياغ ئىتىش ۋەقەلىرى يۈز بىرىپ تۇردى.زەيىد بولسا قەھرىمانغا ئاياغ بولسا ئابىدىگە ئايلاندى.
بۇئىككى ھىكايە نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟
مەنچە ئىنسانلارنىڭ دوراشقا،قىزىقىشقا ناھايىتى ئامراقلىقىنى ، ھەتتا دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولۇشىمۇ مۇشۇنداق دوراشنىڭ مەھسۇلى بولىشى مۇمكىن!
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قاراپ باقايلى !بىزدىمۇ قىزىقىش،دوراش خىلىلا بار.بۇنى مىسالغا ئىلىش مەنچە بىھۇدە ئاۋارچىلىق.چۈنكى ھەممىلا يەردە بۇنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.لىكىن بىزنىڭ دوراۋاتقىنىمىز زادى نىمە؟
مانا بۇ ئويلىنشقا تىگىشلىك ھەم مىنىڭ بۇ يازمىنى يىزىشتىكى مەقسىتىم.ئەڭ ئاددى بىر مىسال:
ھازىر ئۇيغۇر قىزلىرىمىز يات مىللەتلەردىن بەزى ناچار ئىللەت،خاھىشلارنى مودا دەپ دوراپ يۈرمەكتە.بۇنى كۆرۈپ بەزى ئوغۇللار مەتبۇئاتلاردا،تورلاردا< لەنەت ئۇيغۇر قىزلىرى، دىبا قىزلىرى،ئۇيغۇرنىڭ نۇمۇسى.......................>قاتارلىق شىئىر ئەسەرلەرنى يىزىپ ئىلان قىلدى.
ئەمما توردىكى ئىنكاسلارنىڭ %25ياخشى باھا قوللاش قالغىنى بولسا ئەسەر ساھىبىنى تىللاش،رەدىيە بولدى.
  ئەمدى بىز بۇلارنى قانغىچە دورايمىز؟قاچانغىچە بۇلارنىڭ ئارقىدىن تىللاپ بىر بىرىمىزنى تىللاپ يۈرىمىز؟
  بىزنىڭ شۇنداق تىللاپ سۆككنىمىزنىڭ نىمە پايدىسى بولدى.بۇغۇ توردىن ئىبارەت مەۋھۈم دۇنيادىكى ئىشلار،ئېجتىمائى تۇرمۇشتىن ئۆرنەك ئالايلى:
  ھەممىمىزگە مەلۇم يىقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر كىنو سەنئەت ساھەسى خىلى يۈكسەلدى.ھەر يىللىق قۇربان ھىيىت كېچىلىكىدە بولسۇن ياكى چولپانلىرىمىزنىڭ ئىتوت كېچىلىكلىرىدە بولسۇن جەمىيئەتتىكى بەزى بىر ئىللەت ، مەسىلىلەر كۈلكىلىك ئوسۇللار بىلەن ناھايىتى ياخشى قامچىلاندى.
لىكىن بۇ مەسىللەر تۈزەلدىمۇ؟ بۇنىڭغا ئىككى مىسال ئالاي.
ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ <يىراقتىكى موللا داموللا> دىگەن ئىتۇتى ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بۇئىتۇتنى ئۆز سەنئىتىمىزنى قەدىرلىشىمىز،بولغىماسلىقىمىز  ناھايىتى جانلىق ئوبرازلىق  ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ،لىكىن نەتىجىسىچۇ؟ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ ئىتۇتتا تىلغا ئىلىنغان ۋاچچاللى دىگەن ناخشا  غۇنچەلى
دەپ ئىيتىلىپ تارقىتىلدى.
ئادىل مىجىت، ئابلىكىم كەلكۈن،ھوشۇرقارى،خەيرىگۈل قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز ئورۇنلىغان <رەڭلىك سورۇن> دىگەن ئىتۇت جەمئىيىتىمىزدىكى ئائىلىگە سادىق بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ناھايىتى ياخشى ،چوڭقۇر مەزمۇن بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن.لىكىن ھازىرچۇ
شۇ سورۇنلار ئازايدىمۇ؟
جاۋاپ ياق.ئازىيىش تۈگۈل بارغانچە كۆپىيىپ مۇلازىمەتلىرىمۇ ئەلالىشىپ باردى.
ئىللەت تىللاپمۇ ،سۈكۈپمۇ تۈزىتەلمىدۇق؟ ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك ؟يەنىلا خەقنى دورامدۇق؟
بىر ھەدىس سۈزلۈگۈم كىلىۋاتىدۇ؟
   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س.ئە.ۋ) مۇنداق دىگەنكەن :
-پوق تەگگەن كىيىمنى سۈيدۈك بىلەن يۇيسا پاكىز بولامدۇ؟
ساھابىلەر:-ياق.دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س.ئە.ۋ)
_ئۇنداقتا نىمىدە يۇيسا پاكىز بولىدۇ.دەپ سوراپتۇ.
ساھابىلەر:-پاكىز سۇدا. دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س.ئە.ۋ):-توغرا.شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى گوناھلىرىڭلار ئەمەس ،بەلكى پاك ئىمان ،نىيەت بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىڭلار تازىلايدۇ.دىگەن ئىكەن.
شۇنىڭغا ئوخشاش بىز ئىللەتلەرنى ئەمدى تىللاپ،قارغاپ،سۈكۈپ ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل ئەخلاق،مەدەنىيەتلىرىمىزنى ماختاش،مەدھىيلەش،تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق تۈزەتسەك بولماسمۇ؟ كەچىكىچە ئىللەتنى ئىكران ئىلىپ چىقماي مۇشۇنداق ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىمۇ ئىلىپ چىقساق،كۆيدۈم ،پىشتىم،سۆيدۈم،ئۆلدۈم دەپ ناخشا تولىماي بىر-بىرىمىزنى كۈچەيتىدىغان، قۇۋۋەتلەيدىغان مارشلارنى
تورغا كەچىكىچە بىر قانچۇق ئوننى كۈچۈكلىدى،ماۋۇ ئالامەت...........،ئاۋۇ كارامەت............،ۋەياكى ئۇيغۇر  رەسۋاسى،ئۇيغۇر ھەزلىكى ،ياكى يۇمۇر دىگەندەك ھىچنىمىگە پايدىسى يوق بىر-بىرىمىز بىلەن ئۆچەكىلىشىدىغان،زىتىغا تىگىدىغان ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆز ئارا ئىتتپاقلىشىدىغان،روناق تاپىدىغان ئىقتسادىي،سىياسىي ياكى ئىتىقادى ئەسەرلەرنى يوللاپ كەمچىلىكىمىز تەڭ تۈزىتىپ،ئارتۇقچىلىقمىزنى جارى قىلدۇرساق بولماسمۇ؟ تاھازىرغىچە ئۇلۇغ ئالىمىمىز <مەھمۇت قەشقىرى>،<يۈسۈپ خاس ھاجىپ>،<ئەلىشىر ناۋايى>قاتارلىق ئالىملىرىمىز توغرسىدا قايسى فىلىم ئىشلەندى.بۈيۈك خاقان <سۇتۇق سۇلتا بۇغراخان>چۇ؟ مۇڭغۇللار چىغىدا چىڭگىزخاننى تىلۋىزىيە ئىكرانىغا ئىلىپ چىقتى.
ئەمدى بىزمۇ شۇ ئۇلۇغلارنىڭ ئىش-ئىزىنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىدىغان ، ئۇلارنى نەسىھەتلىرىنى ، ئەۋلاتلارغا ئۇدۇم قىلىدىغان ۋاقىت كەپمۇ قالغاندۇ؟
ئىناق،ئىتتپاق بولساقلا بىزنى ھىچكىم بوزەك ئىتەلمەيدۇ.چۈنكى بىر چوكىنى سۇندۇرۇش ئاسان ،بىر باغلامنى سۇندۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
بۇيەردە يەنە مىسال ئالاي:
  ھەممىمىز جىن زى دەن باش رول ئالغان<جىڭۋۇ سارىيى> دىگەن فىلىمىنى بىلىمىز بۇ فىلىمنىڭ 1-قىسىمىنىڭ باشلىنىشىدىلا خو يۈەن جيا نىڭ پۈتكۈل جوڭگو چامباشچىلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن،مىللەتنى زاۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى ئىكەنلىكى سۈزلىنىدۇ. ھەم خو يۈەن جانىڭ كۆرسەتكەن بىر قىسىم تىرىشچانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئاخىرىدا جۇگۈي بىلەن ۋۇتىيەن شىڭشۇڭنىڭ پاراڭىدا مۇنداق دىيىلىدۇ:
بىر چىنجىن ھىچ گەپ ئەمەس ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى كەلگۈسىدىكى ئونمىڭلىغان چىنجىننىڭ بارلىققا كىلىشى.
خاتىمىسىدە :
چىنجىننىڭ ئۈلۈمى ئونمىڭلىغان چىنجىنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قوتۇلدۇردى.دەپ تۈگەيدۇ.
دىمەك مىللەت ئىتتپاقلاشتۇرغاندىلا ھەققىي يىمرىلمەس قۇرغان،مەھكەم ئىستىھكامنى قۇرغىلى بۇلىدۇ.
شۇڭا ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ، بىرلىككە كىلەيلى. ئەمىدى بىز دورايدىغان نەرسە ياتنىڭ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ تىخى تۇنۇپ يىتەلمىگەن ،يوقاتقان نەرسىلىرىمىز. بۇلارنى ئەجداتلار بىزگە ياستۇق قىلىپ قالدۇرمىغان،بەلكى ئۇدۇم قىلىپ قالدۇرغان.بىر-بىرىمىزنى كولاشنىڭ ئورنىغا قوللاشنى،ھەسەت،غەيۋەت،رەدىيەنىڭ ئورنىغا ماختاش،تەشۋىق،مەدھىيەنى،ئۇرۇشۇشنىڭ ئورنىغا ئۇيۇشۇشىنى ئالماشتۇرايلى!
چۈنكى بىز ئۇيغۇر.ئۇرغۇي ئەمەس ئۇيغۇر.
بىز ئوغۇزخانىڭ نەسلى.بىز دۇنيا تارىخىغا پارلاق نەتىجىلەرنى،ئۆچمەس ئىزلارنى يازغان ئۇيغۇرمىز.
دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئىتتپاقلىمىز،بىردەكلىكىمىزگە،ئىناق-ئىجىللىقىمىز غا قاراپ بىز گە ئۇيغۇر دىگەن نامنى بەرگەن.
بىز تارىخى شانلىق ،مەدەنىيىتى خاسلىق بىر قەۋم.
ھەرگىز مۇ تۈنۈگۈنلا بارلىققا كەپ قالغان دورامچى مىللەت ئەمەس.
چۈنكى بىز ئۇيغۇر!مەڭگۈ ئۇيغۇر!

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-13, 14:21

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(tim0998) ئالقىشلانغا ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-13 22:18 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    xohtekin
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 60986
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 363
    شۆھرەت: 364 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3630 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 995(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

    دۇنيا قارىش ئالغار،ئۆزگىچە ئەسەر ئىكەن. قوللاشقا كۆپ ئەرزىيدۇ.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 22:43 |
    arx
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15034
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 302
    شۆھرەت: 303 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2995 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 375(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     Re:گۆر كولاشتىن ئاياغ ئىتىشقىچە............

    يوللانمىڭىزغا بارىكاللا !

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 22:46 |
    Ark-zat
    ئەمەتجان مۇھەممەت
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 16
    يازما سانى : 5659
    شۆھرەت: 6074 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 42630 سوم
    تۆھپە: 991 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 650 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

     

    ئۇيغۇرنى تىللىغىنىڭ ئۆزۈڭنى تىللىغىنىڭ
    ./read.php?tid-26007-keyword-.html

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 22:48 |
    tarim-borini
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 38401
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 187
    شۆھرەت: 188 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1870 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 229(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

    توغرا دەيسىز . بىز  شەبنەمدە ناھايتى جۇشقۇن ،جەڭگىۋار  ئۆزلۇك  ۋە ئىسلامى ئىخلاق  كەيپىياتنى  تىكلىسەك بولاتتى .

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    Freedom lies in being bold
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 22:57 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1342
    شۆھرەت: 1872 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12474 سوم
    تۆھپە: 22 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 625(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

      ئىللەتلەرنى ئەمدى تىللاپ،قارغاپ،سۈكۈپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل ئەخلاق،مەدەنىيەتلىرىمىزنى ماختاش،مەدھىيلەش،تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق تۈزەتسەك بولماسمۇ؟

    ئەلۋەتتە بولىدۇ،ناھايىتى ياخشى      

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:16 |
    بأره
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 63757
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1376
    شۆھرەت: 10395 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4732 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 847(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

    ھەقىقەتەن ياخشى ئۇرۇنلۇق گەپ!

    ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:41 |
    utkur-kiliq
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82719
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 58
    شۆھرەت: 58 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 580 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    بىز ئوغۇزخانىڭ نەسلى.بىز دۇنيا تارىخىغا پارلاق نەتىجىلەرنى،ئۆچمەس ئىزلارنى يازغان ئۇيغۇرمىز.
    دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئىتتپاقلىمىز،بىردەكلىكىمىزگە،ئىناق-ئىجىللىقىمىز غا قاراپ بىز گە ئۇيغۇر دىگەن نامنى بەرگەن.
    بىز تارىخى شانلىق ،مەدەنىيىتى خاسلىق بىر قەۋم.
    ھەرگىز مۇ تۈنۈگۈنلا بارلىققا كەپ قالغان دورامچى مىللەت ئەمەس.
    چۈنكى بىز ئۇيغۇر!مەڭگۈ ئۇيغۇر!



    ياخشى يېزىپسىز  رەخمەت

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:54 |
    yamgur203
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 74340
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 132
    شۆھرەت: 132 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1140 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

    قىنى بۇنىڭغا قانچىلىك ئىنكاس چۈشىدىكىن؟ شۇنىڭغا قاراپ شەبنەمدىكلەرگە بىر نىمە دەيمىزغۇ؟

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:58 |
    waqqalli
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 83262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 14 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 140 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

    چۈنكى بىز ئۇيغۇر!مەڭگۈ ئۇيغۇر!!چۈنكى بىز ئۇيغۇر!مەڭگۈ ئۇيغۇر!!چۈنكى بىز ئۇيغۇر!مەڭگۈ                                                          ئۇيغۇر!!                                                                    ناھايىتى    ئورۇنلۇق   گەپ بولدى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:59 |
    OYQIBOY
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 70456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 230
    شۆھرەت: 244 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2186 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

     

    ياخشى تەپەككۇركەن ، دېمىسىمۇ ئىىلەت يوقالمىغۇچە مىللەت تۈزۈلمەس؛
    كۆپلىگەن كىشلەر دورامچى كېلىدۇ ،بۇلۇپمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرمىللىتىمىزئاشۇنداقلار كۆپ،دورىساقمۇ «شاكىلىنى ئېلىۋىتىپ ،مېغىزىنى قۇبۇل قىلىش » ئارقىلىق دورىساق ياخشىراق،قارىغۇلارچە دوراش -دۆتنىڭ،كالۋىنىڭ ،ناداننىڭ ئىشى...

    اللە ئەڭ شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:01 |
    Qinakidam
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 11342
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 266
    شۆھرەت: 267 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7790 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىArk-zatنىڭ2009-04-13 22:48 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ئۇيغۇرنى تىللىغىنىڭ ئۆزۈڭنى تىللىغىنىڭ
    ./read.php?tid-26007-keyword-.html


       قىززىق!!!   بۇ يەردە ھېچكىم ئۇيغۇرنى تىللىماپتىغۇ؟  پەقەتلا جەمئىيەتتىكى ئومۇملاشقان<مودا> توغرۇلۇق سوزلەپتۇ شۇ!!!      بۇ  ئىنكاس بىلەن تېمىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم!!            ھەقىقەتەن قوللىغۇدەك تېما ئىكەن!!!!!!

    سانائەت ۋە سەنئەت
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:05 |
    palta
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13316
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 885
    شۆھرەت: 886 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8378 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 932(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

    ئالدىن تېما ئىگىسىگە رەھمەت

    مەن بىر تېما يوللىغانتىم باشقۇرغىچىلار ئۆچۈرىۋېتىپتۇ ،نىمىشقا ئۆچۈرگەنلىكىنى ياكى ماڭا ئۇچۇر قىلىپ قويمايدىكەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى-ئۈچ قېتىم بولدى زادى نىمىشقا ئۆچۈرىدۇ سەۋەبىنى دەپ قويسا بولمامدۇ دەيمەن باشقىلارنى تىرناقچىلىك ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەپ قويساڭلار بولمامدۇ دەيمەن
    مانا مەن يوللىغان تېما ئادرىسى
    ./read.php?tid-106643-keyword-.html

    52522
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:11 |
    musapir0991
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24830
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 401
    شۆھرەت: 402 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3806 سوم
    تۆھپە: 15 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 441(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

     

      تارىختىن بۇيان قاراپ باقىدىغان بولساق قولىدىن ئىش كېلىدىغان ھەق ئادەملەرنىڭ ھىچقايسى مىللەتتىن قاخشىماپتىكەن. ھازىر ئۇيغۇرنىڭ ئەيىپلىرىنى سۆزلىسەك ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغىنىغا پۇشايمان قىلىپ تۇرىدىغان ئۆز تىلىدا سۆزلىگۈسىمۇ كەلمەيدىغان ئەۋلادلارغا «راست دەيدۇ» دىگۈزۈشىمىز مۈمكىن. ئەمما نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى تىللاپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بىزگە قاخشايدىغان ئەمەس ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئەلنىڭ غېمىنى قىلىدىغان ئادەملەر كېرەك.
    ياخشى تىما ئىكەن ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادەر!~~

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:21 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1209
    شۆھرەت: 1345 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 330 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 510(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    بىز ئوغۇزخانىڭ نەسلى.بىز دۇنيا تارىخىغا پارلاق نەتىجىلەرنى،ئۆچمەس ئىزلارنى يازغان ئۇيغۇرمىز.
    دۇنيا خەلقى بىزنىڭ ئىتتپاقلىمىز،بىردەكلىكىمىزگە،ئىناق-ئىجىللىقىمىز غا قاراپ بىز گە ئۇيغۇر دىگەن نامنى بەرگەن.
    بىز تارىخى شانلىق ،مەدەنىيىتى خاسلىق بىر قەۋم.
    ھەرگىز مۇ تۈنۈگۈنلا بارلىققا كەپ قالغان دورامچى مىللەت ئەمەس.
    چۈنكى بىز ئۇيغۇر!مەڭگۈ ئۇيغۇر!!!
    --------------------------------------------------------------
    شەبنەم ئەھلى چاقىرقىڭىزغا ئاكىتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشىدۇ.

    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:44 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:04-19 01:19, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ