مەن ئۆزۈم ياقتۇردىغان مۇسۇلمان پۇتبۇلچىلاردىن بىر كوماندا تەشكىللەپ باقتىم. بەزىللىرى (فىرانسىيەدىكى) ئىسلام دىنىغا كىيىن كىرگەنلەر. ئاساسلىقى تۈركىيە بىلەن فىرانسىيەلىك توپچىلار. بەزىبىر خاتالىقلار بولسا تۈزۈتۈپ قويۇڭلار. كۆپچىلىكمۇ ئۆزۈڭلار ياقتۇردىغان مۇسۇلمان پۇتبۇلچىلارنى دەپ باقساڭلار، ئورتاقلىشايلى.
تۆۋەندىكىلەر مىنىڭ ئەزالىرىم: (سەپ شەكلى ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان 3-4-3)
ئىسمى مەيداندىكى ئورنى دۆلەت تەۋەلىكى كۇلۇب
رۇستۇ ۋارتار تۈركىيە بارسلونا
ئابىدال مۇداپىئەچى فىرانسىيە بارسلونا
ئالپاي مۇداپىئەچى تۈركىيە ئاستونۋىللا
تۇلام مۇداپىئەچى فىرانسىيە يۇۋىنتۇس
دىئارا بىك فىرانسىيە خان جەمەتى مادرىد
رىبىرري ئوتتۇرا مەيدان فىرانسىيە بەيرىن مىيۇنخىن
كىيتا ئوتتۇرا مەيدان فىرانسىيە بارسلونا
زىدانى ئوتتۇرا مەيدان فىرانسىيە خان جەمەتى مادرىد
نىخات ھۇجۇمچى تۈركىيە ۋىللالىئر
ئىبرايىموۋىچ ھۇجۇمچى شىۋىتسىيە ئېنتىرمىلان
خاقان شۈكۈر ھۇجۇمچى تۈركىيە ئېنتىرمىلان
مەن ئىبرايىموۋىچنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، تورنى ئېزدىسەم شۇنداقكەن. بۇرۇن يۇۋىنتۇس بىلەن ئېنتىرمىلەننىڭ ئوتتىسىدا ئېلىپ بىرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە مىخايىلوۋىچ (ھېلىقى ئىختىيارى توپنى يىرتىۋىتىدىغان) ئۇنى تېرورچى دەپتىكەن ۋە ئاللانى ھاقارەتلەپتىكەن. ئىبراخىموۋىچ مانا ئەمسە دەپ مەيداندا مىخايىلوۋىچنى مۇش بىلەن بىرنى ئۇرۇپتىكەن (زىدانى كاللا قويغاندەك).
http://bbs.uc.sina.com.cn/tableforum/App/view.php?bbsid=30&subid=0&fid=274053 بۇلاردىن باشقا ئېراندىكى يۈنۈس، تۈركىيەدىكى ھەسەن شاش، ئىلىخان، داۋالا، باستۈرۈك قاتارلىق نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچىلارمۇ بار. ئېران، سەئۇدي ئەرەبىستان قاتارلىق خىلى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بارلىق توپچىللىرى مۇسۇلمان.
توردىكى ماتېرىياللىرىغا قارىسام ئىبراخىمۇۋىچ،رىبىرري،كىيتا قاتارلىقلار ئىسلام دىنىغا كىيىن كىرگەنكەن. بۇلاردىن باشقا سابىق دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى ۋىيئا، ياۋروپا پۇتبۇل ئەپەندىسى ھېنرى قاتارلىقلارنىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەن دەپ يېزىپتۇ. بىلىدىغانلار مۇنازىرلەشسەك!!!
ئاتوم!