كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تەتىل بۇلسىلا سەھرادىكى تۇققانلارنىڭ ئۇيگە چىقىۋالاتتىم ،ئىتىزلىقتا قۇي -كالا بىقىش ،ئايدىڭ كىچىدە تاۋۇزلىققا قاراش، تاۋۇزلىققا قارىغاچ جىن -ئالۋاستىلار ھەققىدە ئاجايىپ غارايىپ ھىكايىلەرنى ئاڭلاش بۇرسۇقنىڭ ئوۋىسىغا ئىس قۇيۇپ بىرىپ بۇرسۇق تۇتۇش،تۇخۇم ئوغۇرلاپ ئىتىزدا پىشىرىپ يىيىش ،ئىشقىلىپ بەك كوڭوللوك ئىدى تەتىل تۇشاي دىگەندە داداملار كەينمىدىن چىقىپ مىڭ تەستە مىنى ئىلىپ كىرىپ كىتەتتى ،يەنە بىر ئىسمدىن چىقمايدىغان بىر ئىشى بىز سەھەردە قۇي-كالىلارنى ئىلىپ ماڭدىغان ۋاقىتتا ۋە زۇۋال بۇلغاندا قايتىقاندا يىزىنىڭ چىتىدىكى يالغۇز دەرۋازىسى ئورۇلوپ كىتەي دىگەن بىر ھۇيلا ئالدىدا چاچلىرى ئاپپاق ئاقارغان،ئاق رۇمال ئارىتقان بىر مۇماي ھاسىغا تايىنىپ يۇل تەرەپكە قاراپ ئولتۇراتتى ،،مەن قاچانلا ئوتسەم ئو مۇماي شۇنداق بىر خىللا ئولتۇراتتى ئو نۇرسىز كوزلىرى بىلەن ئوتكەن ھەر بىر كىشىگە شۇنداق تىكىلىپ قاراتتى ،،مەن بۇ مۇماينىڭ شۇنداق قارشىدىن ۋە شۇ يالغۇز خارابە ئۇيدە يالغۇز تۇردىغىندىن بەكلا سۇرلوك ھىسى قىلاتتىم ..مانا يىللار ئوتتى بىزمۇ چۇڭ بۇلدۇق سەھرالارمۇ ئوزگەردى ،لىكىن شۇ مۇماينىڭ ئاشۇ يۇلغا تەلمۇرۇپ ئولتىرىشى ۋە ئاشۇ خارابە ئۇيى ۋە دەرۋازىسى ئوزگەرمىدى
بۇ قىتىم سەھراغا تۇققانلاردىن يۇقلاپ چىقىپ شۇ مەھەللىدە ئومور چۇلپىنى ئاتالغان قاسىم ئاكامنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ بىچارە مۇماينىڭ يەنى خەلچەم ئانىنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلىدىم ،،،
1944-يىلنىڭ ئاخرى غۇلجا شەھرىدە ئىنقىلاپ بۇپتۇ دىگەن خەۋەر بىزنىڭ يىزىغا كەلدى دەسلەپ ئىشەنمىدۇق كىيىن ئىككى ئاتلىق كىشى يىزىمىزغا تەشۋىق ۋەرەقىدىن بىر تۇپ تارقىتىۋىتىپ كىرىپ كەتتى تەشۋىق ۋەرەقىدە ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئوچۇن ئىنقىلاپ قۇزغالغانلىقىنى مەن ئەر كىشى دىگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ كورەشكە ئاتلىنىش ھەققىدە يىزىلغان ئىدى ،بۇ تەشۋىق ۋەرەقىنى ئاڭلاپ كىچىككىنە مەھەللە تەۋرەپ كەتتى قىنى قزىپ تۇرغان مەھەللە ياشلىرى شەھەرگە كىرىپ ئىنىقلاپقا قاتناشماقچى بۇلدى ،،،
مەھەللىمىزدە ئوغلاق تارتىشتا بىرىنچى بۇلدىغان خەلچەم ئانىنىڭ ئوغلى راشىدىن ئىنقىلاپ خەۋرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدى ،،چۇنكى مەھەللمىزنىڭ مەھەللە بىگى ئوغلاق تارتىشى بۇلسا راشىدىنغا ئوزىنىڭ ئىتىنى بىرىپ ئوغلاق تارتىشقا سىلىپ ساڭا ئات ئىلىپ بىرمەن دەپ ئودا ئوچ يىل ئالداپ بۇ يىل مەھەللىدكى سىدىگە باغلاپ بىر كىچە قامچىلاپ ئىككىنچى ئات سۇرىماس قىلۋەتكەن ئىدى ،،،باشقىلاردىن بۇ زالىم باينىڭ تىرىكى ئاشۇ شەھەردىكى ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت يەنى ھەربى-ساقچىلار دەپ بىلەتتى .
لىكىن خەلچەم ئانىنىڭ بۇ دۇنيادا بار يۇقى بايلىقى مۇشۇ ئوغلى ئىدى ئوغلىنى مۇشۇنچىلىك قىلىشى ئوچۇن نىمە كونلەرنى كورمىدى ،،،لىكىن تەقىۋادار خەلچەم ئانا ۋەتەن ئوچۇن جەڭ قىلىشنىڭ ھەر بىر ئەركەك ئوچۇن پەرىز ئىكەنلىكىنمۇ بىلەتتى ،،،مەھەللە ياشلىردىن بىر تۇركوم شەھەرگە كىرىپ كەتتى ،،پاھ ئولار ھەققىدە شەھەردىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ھىكايىلەرمۇ يزىغا چىقتى ،،،،مەھەللىمىزدىكى نادىر ھەرامباغ ئورشىدا دۇشمەننىڭ پىلومۇتچىسىنى پوتەيدىن پىلۇمۇتى بىلەن سۇرەپ چىقىپ كاللسىنى ئاپتىكەن ئەخمەت ئەپەندىم ئوز قۇلى بىلەن مىدال تاقاپتۇ......
ئاشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلسا راشىدىن ئولتۇرالماي قالاتتى ۋە ئانسىدىن رازىلىق تىلەتتى ،،،لىكىن خەلچەم ئانا سۇكۇت قىلۋالغان ئىدى ،،ئادەتتە شۇخ ،باتۇر راشىدىن ئانىسىنىڭ رازلىقىسىز بىر دانە تۇخۇمنى ئۇياق بۇياق قىلمايىتتى ،،،ئانا ئاخرى رازلىق بەردى راشىدىن شۇ كونى كىچىسىلا پىيادە شەھەرگە يۇرۇپ كەتتى ،،،راشدىن ھەرامباغنى ئىلىشى جىڭىنىڭ ئەڭ ھال قىلغۇچ جىڭىگە قاتناشتى جەڭدە قەھىرمانلىق كورسىتىپ مەيدىگە ئوردىن قادىدى ،،،
1945-يللىرى راشىدىن ياراشقان ھەربى فۇرمىسىنى كىيىپ ئانىسى بىلەن بىر كىچە مۇڭدىشىپ ئەتىسى شىخۇ ئورىشىغا يۇرۇپ كەتتى ،،،،شۇ كەتكىنچە راشدىننىڭ ئولوك تىرىكىنىڭ خەۋىرى كەلمىدى ،،،،
بىچارە ئانا ھەر قىتىم ئالدىنقى سەپتىن ياردارلار كەپتۇ دىسە شەھەرگە كىرىپ باش -كوزى تىڭىلغان ياردارلار ئارسىدىن ئىرىنمەي ئوغلى راشىدىننى ئىزدەيتتى ،ۋە سۇرۇشتە قالاتتى ،،لىكىن راشدىنىدىن خەۋەر يۇق ،،ئوچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۇكۇمىتى راشىدىننى ئىنقىلابى قۇربان دەپ بىكىتتى،،،لىكىن خەلچەم ئانا ئوغلىنى ھامان قايتىپ كىلىدۇ دەپ ئۇيلاتتى ،،دائىم ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ شەھەردىن چىقىدىغان يۇلغا تەلمۇرۇپ قاراتتى بەزىدە كىلۋاتقانلارنى ئوغلىغا ئوخشىتىپ خىلى يەرگىچە ئالدىغا يۇگروپ باراتتى ،،كىيىكى ۋاقىتلاردا ھۇكۇمەت خەلچەم ئانىنىڭ ئۇينى ئۇڭشاپ بەرمەكچى بۇلغاندا ئو قەتئى ئونمىدى ،ئو ئوغلوم قايتىپ كەلسە ئوينى تاپالمايدۇ دەپ قارايدىكەن ،شۇڭا ئاشۇ خارابە كونا ئۇي ئالدىدا ئوغىلىنىڭ يۇلىغا قاراپ ئاشۇنداق تەلمۇرۇپ ئولتۇراتتى،،،،
[ بۇ يازما atum تەرپىدىن2009-04-14 17:52دە قايتا تەھ ]