باراك ئوبامانىڭ ئىستانبۇلدا سۇلتان ئەھمەد جامىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئامېرىكىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىستانبۇلدا سۇلتان ئەھمەد جامىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئامېرىكىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان چېركاۋغا بېرىپ باقمىغان ئوبامانىڭ جامىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا رادىكال خرىستىئانلار تەرىپىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
دادىسى كېنيالىق مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا بەزىلەر تەرىپىدىن ”مەخپى مۇسۇلمان“ دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان باراك ھۆسەيىن ئوبامانىڭ جامى زىيارىتى ئۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئەيىبلەشلەرگە يول ئاچتى.
بىر تەرەپتىن ئەيىبلەشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خرىستىيان چېركاۋلىرى ئوبامانى پاسخا بايرىمىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر ـ بىرى بىلەن بەسلەشمەكتە.
100 گە يېقىن چېركاۋ ئوباماغا «پاسخا بايرىمى ئۈچۈن بىزنى تاللاڭ» دەپ دەۋەت ئەۋەتتى.
ئوبامانىڭ بۈگۈن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگىتوندا پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلىشى ۋە ئامېرىكىلىق ئافرىقا نىگىرلىرى بارىدىغان چېركاۋلارنىڭ بىرىنى تاللىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
پرېزىدېنت ئوباما بولسا، نېمە ئۈچۈن تېخىچە چېركاۋغا بارمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «چېركاۋدا بىرەر سىياسىي ئويۇن چېقىپ قىلىشىغا يول ئېچىشنى خالىمىدىم» دېدى.
ئەسلى مەنبەسى:
http://www.trt.net.tr/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=a60bc213-7e57-421f-bee2-42f200c2e0f9