سۇ ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان كىسەللىكلەر:
داغ:ئادەم بەدىنى بىر كىچە ماددا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن،بەدەندەكى ئەخلەتلەرنى كۈچلۇك تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشكە توغرا كىلىدۇ.تەركىبىدە ھىچقانداق قەنت ۋە ئوززۇقلۇق ماددىسى بولمىغان سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى.شۇڭا سەھەردە بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش توكسىن ھەيدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
سىمىزلىك:بەدەندىكى خىمىيلىك رىئاكسىيلەر سۇ ئارقىلىق بولىدۇ،بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش،ئىچكى ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىش ئىقتىدارى سۇغا ئىھتىياجلىق،بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۇ ئارقىلىق چىقىرۋىتىشقا توغرا كىلىدۇ.شۇڭا مۇۋاپىق سۇ ئىچىپ بەرسە،ئاشقازان ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ،تاماق يەپ بولۇپ يىرىم سائەتتىدىن كىيىن سۇ ئىچىپ بەرسە ،بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ،بەدەننىڭ نورماللىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
زۇكام:ئادەتتە زۇكام بولۇپ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەندە،نەپەس تىزلىشىش،كۆپ تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.بۇنداق ۋاقىتتا بەدەنگە نۇرغۇن سۇ تولۇقلاشقا توغرا كىلىدۇ،سۇ ئىچىش تەر ۋە سۈيدۇكنى ھەيدەشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن،يەنە بەدەن تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەپ،بەدەندىكى كىسەللىك ۋىرۇسىنى تىزدىن سىرتقا چىقىرۋىتىشكە پايدىلىق.
يۆتەل:قايناق سۇنىڭ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار،سۇنى كۆپ ئىچسە،سۇيدۇك كۆپىيىپ ،بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى تىزدىن سىرتقا چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ؛بۇنىڭدىن سىرت،كاناي ۋە كاناي شىللىق پەردىسىگە قان چۈشۈش،سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
قەۋزىيەت:سۇنى يۇتۇملاپ تىز ئىچىپ بەرسە،سۇ بوغماق ئۈچەيگە تىز يىتىپ بىرىپ،ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تىزلىتىپ،چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا پايدىلىق.
تىتتىتلىق:بۆرەك ئۈستى بەز زەھرى ئادەتتە <<ئازاپ ھورمىنى>>،دەپ ئاتىلىدۇ.ئادەتتە ئازاپلىنىپ بىئارام بولغاندا ،بۆرەك ئۈستى بەز زەھرى كۆپىيىپ كىتىدۇ،باشقا زەھەرلىك ماددىلارغا ئوخشاشلا ئۇنىمۇ سۇنى كۆپ ئىچىش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
يۇرەك كىسىلى:يۇرەك كىسىلى بارلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشكە ئادەتلەنسە بولىدۇ.چۈنكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە،ئەتىگەندە يۇرەك سانجىقى ،يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دىگەندەك كىسەللىكنىڭ ئاسان يۇز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە-پايدىلىنىش گىزىتى{تىمىنى خىزمەت ۋاقتىدا يوللاپ تازا گەپكە قالدىم،شۇڭا ئۈنۈملۇك پايدىلىنىڭلار جۇمۇ
}