« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 9021 - كۆرۈرمىنى
arman532
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 820 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 303(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 ئىپپىتىنى ساتقان قىز

«يېڭى ناۋا» غا قاتنىشىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرئاي بۇ تېمىنى كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-04-13)

                                                     ئىپپىتىنى ساتقان قىز
                                                           (ھېكايە)
                                                   ئاپتورى: ئارمان532
-    قىزچاق نېمە بولدىڭىز؟
-    ئاشقازىنىم بەك ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ.
-    قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.
-    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇيمەن.
-    ئازراق بەرداشلىق بېرىڭ !! چىداڭ!

مانا، بۇ گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئوقۇشقا كەلگىلىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 4 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا مەن نۇرغۇن بىلىملەرگە ، نۇرغۇن ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. ئالىي مەكتەپ پەقەتلا كەسپىي بىلىم ئۆگىتىدىغان جاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۇرمۇش ئۆگىتىدىغان ئورۇن ئىكەن. ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چاغلىرىمدا بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ماڭىلا قاراۋاتقاندەك ، بىر يەرلىرىم ئوچۇق قالغاندەك بىلىنىپ كېتەتتى(ئۆزۈمچە). ھېچكىمنى تونۇمايمەن، ئۈستىبېشىمغا سەپسېلىپ كېتەتتىم. كىچىكىمدىن تارتىپ يېزىدا چوڭ بولغاچقىمىكىن ، مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى چىملىقلاردا ئىزا تارتماي ، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك پومداقلىشىپ ، بوينىغا گىرە سېلىشىپ ، گارمون چېلىشىۋاتقان جۈپلەرنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمنى بۇشەھەرگە خاتا كېلىپ قالغاندەكلا ھېس قىلاتتىم. لېكىن ۋاقىتنىىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم . ھازىر4 يىل ئۆتۈپتۇ ، ئۆگۈنۈشتىن باشقا ھەممە ئىشلارغا خىيالىي قارايدىغان بولۇپ قالدىم .
باھارنىڭ مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى ، مەن يۇرتتىن كەلگەن دوستۇمنى پويىز ئىستانسسىغىچە ئۇزىتىپ قويۇپ ، قايتاشىمدا يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن بىر كىتاب ئېلىپ كوچا ئاپتوبۇسى ساقلاۋاتقىنىمدا بىكەتتە جۇغى خېلىلا كىچىك ، بويى پاكار كەلگەن، ئورۇق بىر قىز بىر  قولىدا بازاردىن سېتىۋالغان بىر سومكا نەرسە –كېرەكلەرنى، يەنە بىر قولىدا  قورسىقىنى تۇتۇپ زوڭزىيىپ  ئولتۇرۇپتۇ. قارىغاندا ئۇنىڭ ئاشقازىنى بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا كېرەك – دەپ ئويلىدىم . ئۇ قىزنى كۆرۈپلا كۆزۈم شۇ قىزدىلا قالغان ئىدى ، چۈنكى ئۇ ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئاڭغىچە كوچا ئاپتوبۇسىمۇ كەلدى ، ئاپتوبۇسقا چىقىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىغاچقا ئۇ قىز گەرچە ئاشقازىنى ئاغرىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئاسانلا ئاپتوبۇسقا چىقىۋالدى، مەن كەينىدىن ئەگشىپ چىقتىم(يولىمىز بىر ئىكەن). ئۇقىز ئاپتوبۇسقا چىقىپلا بىر يەرلەرگە تېلفۇن قىلىشقا باشلىدى ، لېكىن تېلفۇننى قارشى تەرەپ ئالمايۋاتاتتى. قىزنىڭ كۆزىدىن ياش تامچىلاشقا باشلىدى . مەن ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم ھېسىداشلىق قىلاي دېدىم-يۇ لېكىن ئوغۇل بالا بولغاچقا سەل خىجىل بولدۇم. ئاڭغىچە ئاپتوبۇس ياشلار باغچىسى بېكىتىگە كېلىپ بولدى. بىزنىڭ مەكتەپكە خېلىلا بار ئىدى. ماشىنا شۇ بىكەتتىن ئۆتكەندە قىز ئاغرىققا چىدىماي ئۈن سېلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى ، مەن قىزلارنىڭ بۇنداق  يىغلىشىنى كىنولاردا يىگىتىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ يىغلىغىنىلا كۆرەتتىم. ئۇنىڭغا قاتتىق ھېسىداشلىقىم كەلدى . يېنىدىكى ئۇرۇندا ھېچكىم يوق ، كەينىدىكى ، ياندىكى ئورۇندا بىر نەچچە خەنزۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن چەت ئەللىكلەر ئولتۇراتتى. سەل ئارقىدا ئوتتۇرا ياش كەلگەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراتتى. مەن ئۇ قىزنىڭ يىغلىشىغا چىداپ تۇرالماي دەرھال ئورنۇمنى يۆتكەپ قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم:
-    قىزچاق نېمە بولدىڭىز ؟ نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟
-    ئاشقازىنىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ . ھەدەمگە تېلفون قىلسام تېلفوننى ئالمايۋاتىدۇ .
  بىرىنچى پەرىزىم توغرا چىقتى .
-    قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟ مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
-     شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا.
ئىككىنچى پەرىزىممۇ توغرا چىقتى ،چۈنكى  ئۇنى مەكتەپتە كۆرگەندەكلا قىلغان  ئىدىم ، لېكىن جەزىم قىلالمىغان ئىدىم.
-    بىر ئازبەرداشلىق بېرىڭ ، مەنمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي. چىداپ تۇرۇڭ.
ئۇ يەنىلا ئۈنىنى قويىۋېتىپ يىغلاۋاتاتتى. قىز يىغلاشقا باشلىغاندا ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ دىققىتى قىزغا مەركەزلەشتى ، ئاپتوبۇس چېگرا رايون مېھمانخانىسىغا كەلدى ، يەنە بىر بىكەت ئۆتسىلا ئالدىمىزدا ئاپتونۇم رايونلۇق  ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا كېلەتتۇق. ئاپتوبۇس چېگرا رايون مېھمانخانىسىدىن ئۆتۈپ بولمايلا قىز ئاغرىققا چىدىماي ھوشىدىن كېتىپ مېنىڭ قۇچىقىمغىلا يىقىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى، بارماقلىرى كىرىشىپ قېتىپ قالغان ئىدى. تۈگىۋالغان بارمىقىنى ئېچىشقا مېنىڭمۇ كۈچۈم يەتمىدى. مەن ئالدىن ئۇنى بىر ئىش بولۇپ قالسا دوختۇرخانىغا ئەكىرىشنى ئويلاشقان بولغاچقا ، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئالدىمىزدىكى بىكەتتە چۈشۈپ ئۇنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئەكىردىم. سېستىرالار قىزنى بىر بۆلۈمگە ئەكىرىپ ئۇ يەر بۇ يەرنى ئۇۋۋۇلاپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. مەن ئانچە تىت-تىت بولۇپ كەتمىدىم، چۈنكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا سىنىپىمىزدا تېنى ئاجىز بىر قىز بار ئىدى، تولا ھوشىدىن كېتىپ  ئوغۇللار ئۇنى مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ ، قولىنىڭ ئۇچىنى، بۇرنىنىڭ ئاستىنى ئۇۋۋۇلاپ ھوشىغا كەلتۈرەتتۇق. ئاڭغىچە دوختۇرلار قىزنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچەپ بولۇپ مېنى چاقىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى:
-    ئۇ قىز سىزنىڭ سىڭلىڭىزمۇ؟
-    ھەئە، ئۇمېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ.
-    سىڭلىڭىزنىڭ تېنى بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، بالنىستتا ياتمىسا بولمايدۇ، ئالدىن 300 يۈەن تاپشۇرۇڭ، بىز داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.
-    بولىدۇ دوختۇر ، مەن ھازىرلا ئېلىپ كېلەي، سىڭلىمنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ قېلىڭلار.
-    خاتىرجەم بولۇڭ ، چوڭ ئىش يوق، بىردەمدىن كېيىن  ھوشىغا كېلىدۇ.
مەن ئادەتتە يېنىمدا ئۇنداق كۆپ نەق پۇل سالمايتتىم. دەرھال بانكىغا بېرىپ  قايسى كۈنى ئۆيدىن ئەۋەتىپ بەرگەن 500 يۈەن پۇلدىن 300 يۈەننى ئېلىپ دوختۇرخانىغا تاپشۇردۇم، پوچتا بانكىسىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى دوختۇرخانىغا سەل يىراق بولغاچقا ، مەن قايتىپ كەلگىچە قىز ھوشىغا كېلىپ ئۇخلاپ قاپتىكەن. مەن بىردەم يېنىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن سائەتكە قارىسام كەچ بولۇپ قاپتۇ. سىرتقا چىقىپ ئۆزۈممۇ تاماق يەۋېلىپ قىزغا بىر چىنە ئىسسىق سۇيۇقئاش ئەكىردىم ، كىرسەم ئويغىنىپتۇ. مەن دەرھال گەپ باشلىدىم:
-    ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟سىزگە تاماق ئالغاچ كىرگەن، ئىسسىقىدا ئىچىۋېلىڭ.
-    خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم.رەھمەت، سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن قانداق قىلار بولغىيىدىم.
-    ئۇنداق دېمەڭ، ئېشەك ئۆلىمەن دېسە كۆتى غىجەك تارتىپتۇ دەپ ، بىر قېرىندىشىمىز ئاغرىقتا جان تالىشىۋاتسا  بىز ئويۇن كۆرۈپ تۇرساق ، بۇنى بەندە ئەمەس ئۇلۇغ ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم ، ئاۋارە بولغىدەك ئىش يوق.
-    سىز نېمانداق قىززىقچى ، ئوخشىتىشقا بەك ئۇستا ئىكەنسىز ، كەسپىڭىز ئەدەبىياتمۇ يە؟
-    ياقەي نەدىكىنى ، مۇنداقلا دەپ قويدۇم ، كەسپىم قانۇنشۇناسلىق.
-    شۇنداقمۇ ؟ ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن ، سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلمىدىم .
-    بولدى ئۇنداق دېمەڭ ، ھازىر رەھمەتنىڭ كويىغا چۈشمەي ئوبدان ئارام ئېلىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ. دوختۇرلار سىزنى تېنى بەك ئاجىز ، بىرھەپتە داۋالانسۇن دەيدۇ. سىز ساقىيىپ چىققاندا رەھمەتنى ئۆزۈم ئالىمەن.
-    نېمە؟  سىزدىن قورقمىسام بولمىغۇدەك،بەك داۋخوكەنسىز بولدى رەھمەتنى ھازىرلا بېرىۋېتەي.
-    ۋاي ۋۇي نېمانداق تاۋى نازۇك قىزچاقسىز، مۇشۇنچىلىك چاقچاق قىلغانغىمۇ يىغلىغان بارمۇ؟ ئۆزۈم يولۋاس يىللىق بولغان بىلەن يولۋاس ئەمەس ، قورقماڭ مەن ئۇنداق مىننەتخور ئەمەس جۇمۇ.
-     كىم يىغلاپتۇ؟
-     ئەنە يىغلاۋاتىسىزغۇ ، كۆزىڭىزدىن قاپقارا ياش ئېقىۋاتىدۇ. يىغلاڭغۇ،يىغلاڭغۇ......
-    ئەسكى!
-    ھە مەن ئەسكى. بولدى چاقچاقمۇ قىلىشتۇق ، تاماق سوۋۇپ قالمىسۇن ، تېزراق ئىچىۋېلىڭ.
- رەھمەت.
شۇنداق قىلىپ گەرچە بىز تۇنجى قېتىملىق پاراڭلىشىشىتا بىر بىرىمىزنىىڭ ئىسىمىنى ، تەپسىلى ئۇچۇرىنى بىلىشمىسەكمۇ، شۇنچىلىك قىزغىن ، يۇمۇرلۇق پاراڭلاشتۇق. كەچتە قىز ياتىقىغا تېلفون قىلىپ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى  ئېيتىپ  ياتاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلدى . مەن قىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كېتىشنى لايىق كۆرمىدىم. ھەم كېتىپ قالسام ئۇمۇ يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالىدۇ دەپ ئويلىدىم. شۇڭا قىزنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي يېنىدا قالدىم، ئىلگىرى ئاپام ئاغرىپ قالغاندا كېچىچە يېنىدا ئولتۇرۇپ كۆنۈپ كېتىپتىكەنمەن. شۇڭا بۇ قېتىممۇ ئانچە قىينالمىدىم.
كەچلىكى بىز قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق، ئاۋۋال قىز گەپ باشلىدى:
-ئاغرىقنىڭ دەردىدە ئىسمىڭىزنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئىسمىم ئالمىرە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇيمەن. سىزچۇ؟
- مەنمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇيمەن، ئىسمىم ئارمان، سىزنىڭ ئىسمىڭىز بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن.
- رەھمەت سىزنىڭمۇ شۇنداقكەن، يۇرتىڭىز قەيەردىن؟
- يۇرتۇم ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن، سىزنىڭچۇ؟
- يېقىنكەن، مەن ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىدىن.
- خوشنا ئىكەنمىزدە؟
- شۇنداق. سىز قايسى يىلى كەلگەن؟
-مەن 2002-يىلى كەلگەن،سىزچۇ؟
- مەن 2003- يىلى كەلگەن.
شۇ كۈنى بىز خېلىغىچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئالمىرە ئۇخلاپ قالدى. مەن ئالمىرە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئالغان كىتابنى(قول سومكىسىدا بار ئىكەن) ئوقۇپ يېرىم كېچىدە بېشىمنى كارۋاتقا قويۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
    ئەتىسى ئەتتىگەندە مەن ئالمىرەگە ئوبدان ئارام ئېلىشىنى مېنىڭ يەنە يوقلاپ كېلىدىغانىمنى ئېيتىپ قويۇپ، مەكتەپكە كېلىپ بىر كۈنلۈك دەرسكە قاتنىشىۋېتىپ (دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپلا چىقىپتىمەن) ، دەرسنى تۈگىتىپلا يەنە ئالىيەنىڭ يېنىغا يوقلىغىلى باردىم. ياتاقداشلىرىمۇ ئۇنى يوقلىغىلى بېرىپتىكەن. بىز سالاملاشقاندىن كېيىن مەن ياتاقداشلىرىنى مەكتەپكە قايتىپ دەرسكە قاتنىشىشىنى ئېيتساممۇ ، ئۇلار ئۇنىماي سىز كېچىچە ئارام ئالالمىدىڭىز، ئالمىرەگە بىز قارايلى، سىز ياتاققا قايتىپ ئارام ئېلىۋېلىڭ- دەپ زادىلا ئۇنىمىدى، مەنمۇ قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئالمىرەنىڭ تېلفون نۇمۇرىنى سورىۋېلىپ قايتىپ كەتتىم. ئالمىرەنى يوقلاپ كېلەلمىگەن كۈنى ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ تۇردۇم. ئالاقىمىز ئاساسەن دېگۈدەك ئۈزۈلۈپ قالمىدى. 3 كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن يەنە 200 يۈەن تاپشۇرۇشنى ئېيتتى. مەن پۇل كارتامدىكى، يېنىمدىكى پۇلنى يىغسام 200 يۈەن چىقمىدى، دوستۇمدىن 100 يۈەن قەرز ئېلىپ دوختۇخانىغا تۆلىۋەتتىم.
    بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالمىرەمۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى. 500 يۈەن پۇلنى دوختۇخانىغا تۆلىۋەتكەچكە، بىر ھەپتىدىن بۇيان دوستلىرىمدىن قەرز ئېلىپ كېلىۋاتاتتىم . ئالمىرە دوختۇرخانىدىن چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ياتاقتا ئولتۇرسام تېلفونۇمغا ناتونۇش نۇمۇردىن تېلفون كەلدى:
-    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز ئارمان بولامسىز؟( بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى)
-    ھەئە، سىز كىم بولىسىز؟
-    مەن ئالمىرەنىڭ دادىسى، ۋاقتىڭىز بولسا سىز بىلەن بىر كۆرۈشەي دېگەن ئىدىم، ۋاقتىڭىز بارمىدۇ؟
-    ۋاقتىم بار، مەن ھازىر چىقاي، سىز ھازىر قەيەردە؟
-    بولدى مەن ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىغا باراي.
-    ھە مەيلى ئەمىسە ، مەن ياتاقنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇراي.
تېلفوننى قويۇپ ياتاقنىڭ ئالدىغا چىقسام ئالمىرە دادىسى بىلەن  ياتاق تەرەپكە كەلگىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن ئالمىرەنىڭ دادىسى مېنى مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى بىر ئاشخانىغا باشلىدى. ئۈچەيلەن بىللە تاماق يېدۇق.
-    سىزنى تولىمۇ ئاۋارە قىلىۋېتىپتۇق، قىزىم ھەممىنى دەپ بەردى، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
-    ئۇنداق دېمەڭ ، بولمىسا مەن خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم.
-    ئاز بولسىمۇ بۇ 1000 سوم  پۇلنى سېلىپ قويۇڭ، سىزگە كۆپ رەھمەت.
-    بولدى، بۇنداق قىلمىسىلا ، مەن بۇ پۇلنى ئالالمايمەن. راستىنلا ئالالمايمەن.
-    ئېلىڭ ، بولمىسا مەن رەنجىپ قالىمەن، دوختۇرخانىغىمۇ خېلى جىق پۇل تاپشۇرۇپسىز ، ئېلىڭ،
- ئەمىسە ماۋۇ 500 يۈەننى ئالاي، دوختۇرخانىغىمۇ 500 يۈەن تۆلىگەن ، قالغىنى ئۆزلىرىدە قالسۇن.
-    مەن رازى بولۇپ بەرگەندىن كېيىن ئالسىڭىز بولمامدۇ؟
-    رەھمەت ، مۇشۇ يېتىدۇ.
ئەسلى ئالمىرە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن (باشتا دادىسىغا دېمەسلىكنى ئويلاپتىكەن، مەنمۇ شۇنداق تاپىلىغان ) مېنىڭ دوستلىرىمدىن پۇل سوراپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ، دادىسىغا بولغان ئىشنى دەپ بېرىپتىكەن، دادىسى ئاقسۇدىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتىكەن.
-    دادىڭىزغا دېمەڭ دېسەم يەنە دەپسىزغۇ؟
-    سىز مۇشۇنداق يۈرسىڭىز مەن قاراپ تۇرامدىم؟ مەن پۇل بەرسەم ئالمىسىڭىز ، دېمەي قانداق قىلىمەن؟  يا مائاشلىق بولمىسىڭىز ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر مىليونېر ئەمەستۇ؟
-    مەن ئۆزۈم ھەل قىلالايتتىم .
-    بولدى سۆزلىمەڭ.
ئىشلار مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى. مېنىڭغۇ ئەسلى پۇلنى ئېلىش نىيىتىم يوق ئىدى، لېكىن ئالمىرەنىڭ دادىسى چىڭ تۇرىۋالغاچقا دوختۇرخانىغا تۆلىگەن 500 يۈەننىلا ئالدىم. ئوقۇشىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئالمىرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆڭلۈمدە بىلىپ تۇرىمەن، ئۆزۈمنى قاچۇراي دېسەم ئالمىرەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايمەن، قاچۇرماي دېسەم بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇنداق تېز تەرەققى قىلىۋەرسە يا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن، ياكى بولمىسا ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. قىسقىسى مەن قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدا دوستلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدىغان بولغاچقا ، قىزلار بىلەن ئالاھىدە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتمەي، مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاپ ئۆتۈشنى ئويلايتتىم، ھەم ئۆزۈممۇ مۇھەببەتكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم ، مۇھەببەتكە بىپەرۋا قارايتتىم. كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېتىپ باراتتى. باشتا ئالمىرەنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالمىسۇن دەپ  ئۆزۈمنى ئانچە تارتىپ كەتمىدىم لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىغا يېتەيلا دەپ قالغان ئىدى، پەقەتلا بىر بىرىمىزگە كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلمىغان يېرىمىز كەم ئىدى. شۇڭا مەن تەشەببۇسكار بولۇپ ، مەجبۇرىي ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم، مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغانسېرى ئۇ مېنى تېخىمۇ بەك ئىزدەيدىغان بولدى. كۈنلۈك تېلفون قىلىش قېتىم سانى ، ئۇچۇر يوللاش قېتىم سانى ، بىر ھەپتە ئىچىدىكى تاماققا تەكلىپ قىلىش قېتىم سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇخلاپ قاپتىمەن ياكى تېلفوننى ياتاققا قويۇپ قويۇپتىمەن دەپ تېلفوننى ئالمايتتىم، پالانى ئىشىم بار ئىدى دەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايتتىم. بۇ مەزگىلدە مۇناسىۋىتىمىز بەك يېقىن بولۇپ كەتكەچكە ئالمىرەنىڭ ياتىقىدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى مېنى تونۇيتتى. ئۇلار بىلەن ئانچە مۇنچە سالامىشاتتۇق.
4-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت گۇرۇپپىسىدا بايراملىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىش باشلاندى. مەنمۇ شۇ پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى مەكتەپنىڭ كۇلۇبىدا بىر مەيدان ئويۇن قويدۇق ، مېنىڭ بىر يالغۇز كىشىلىك ناخشام بار ئىدى. مەن ناخشىنى ئېيتىۋاتقان ۋاقتىمدا ئالمىرە بىر دەستە گۈل كۆتىرەپ سەھنىگە چىقىپتۇ، مەن گۈلنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم ، ئۇ چۈشۈپ كەتتى. مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان بۇنداق پائالىيەتلەرگە كۆپ قاتنىشىپ نۇمۇر كۆرسەتكەن بولغاچقا، مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مېنى تونۇيتتى. ئۆزۈمنىڭ تونۇشلىرىمۇ كۆپ بولغاچقا ئالمىرە بىلەن ئىككىمىز يېقىنلىشىپ كەتكەندىن بۇيان، باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىلىق بەزى سۆز چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. پائالىيەت بولغان كۈنىنىڭ ئەتىسى  مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىر ئاغىنەم بىلەن تاماق يەۋاتسام، ئاغىنەم زۇۋان سۈردى:
- قارا ، كەينىڭدىكى ئىككى قىز سېنىڭ گېپىڭنى قىلىشقىلى تۇرۇپتۇ.
مەن ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇردۇم.
-    ئاخشام ئارمان ناخشىنى بەك پەيزى ئېيتىۋەتتى دېسە.
-    تونۇشۇپ قېلىپ يۈرىۋالامسەن يا؟(كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى)
-    يوق گەپنى قىلمىغىنە ، ئۇنىڭ يۈرگىنى تۇرسا.
-    ھە، ھېلىقى ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ئالمىرەنى دەمسەن؟ دېمىسىمۇ ئۇ قىزنىڭ تەلىيى بار جۇمۇ ، مۇشۇنداق داڭدار يىگىتنى تېپىۋالغاندىن كېيىن ئۇ قىزمۇ يامان قىز ئىكەن.
-    دېمىسىمۇ ئۇقىزمۇ بەك چىرايلىق قىز، شۇڭا كەلتۈرىۋالغان گەپ.
-    بەك تەلىيى بار قىزدە ئۇ، ئارماننىڭ كەينىدىن قانات سۆرەپ يۈرگەن قىزلارمۇ ئاز ئەمەستى.
-    ئارمان شۇ قىزغا نېسىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ.
-    ئۇ ئىككىسىنىڭ بىللە يۇرگىنىنى كۆرسەم ھەۋىسىپ كېلىپ قالىدۇ دېسە.
-    خۇدا قوشقان بىر جۈپلەردە ئۇ.
-    ..........
-    ..........
مەن ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر قىسىمىلا بولۇپ قالدىم، تاماقنىڭمۇ يېرىمىنى يېمەي قايتىپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ بۇگېپى مېنىڭ ئالىيەدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشۇمغا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئىككىسى يۈرىۋاپتۇ دېگەن گەپنى كىم تاپقاندۇ دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەكتەپتە كاسسىسىغا شاپىلاقلاپلا يوق گەپنى تاپىدىغان پىتنىخورلارمۇ بار ئىدى. ئەمدى بۇلارنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېتىش كېرەك؟ مەيلى ئالمىرە قانداق ئويلىسا ئويلىسۇن، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشىم كېرەك.
    ئارىدىن 15 كۈن ئۆتتى، ياتاقتا ئولتۇرسام ئالمىرە تېلفون قىپتۇ:
-    ۋەي ئارمانما؟ مەن ئالمىرەنىڭ ياتاقدىشى ماھىرە، ئىككىمىز بىر پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
-    نېمە ئىش ئىدى؟
-    ئاۋۋال سىرتقا چىقىڭ. ئاندىن پاراڭلىشايلى.
-    ماقۇل.
ماھىرە مېنى مەكتەپ ئىچىدىكى كۆل بويىغا باشلاپ ماڭدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم. كۆل بويىغىمۇ كەلدۇق. ماھىرەنىڭ چىرايىدىن بىر خىل كەسكىنلىك چىقىپ تۇرغان بولغاچقا ئۆزۈمنى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. كاللام قۇپقۇرۇق، ھەتتا ئېغىزىمغا گەپمۇ كەلمەيۋاتاتتى. ماھىرە ئارىلىقتىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى:
-    سىز قاچانغىچە ئۆ كۆڭلىڭىزدىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈيسىز؟
-    نېمە؟مەن نېمىنى يوشۇرۇپتىمەن؟
-    خۇپسەنلىك قىلماڭ.
-    مەن خۇپسەنلىك قىلمىدىم ، ھېچنىمىنى يۇشۇرمىدىمغۇ. ئوچۇقراق دېسىڭىزچۇ؟
-    چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەن كەتتىم ئەمىسە،خوش!
مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ ئاخىرىنى دېمەيدىغان ئادەم بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. مەن سەل تەگىدىم:
-    كېتەمسىز؟ خوش ئەمىسە. دېسىڭىز ھازىر ئوچۇق دەڭ، دېمىسىڭىز بۇندىن كېيىن بۇنداق يوقىلاڭ ئىشلارغا مېنى چاقىرىپ چىقماڭ.
ماھىرە بىر ئاز ئۈندىمەي تۇردى.
-    دەڭە ، سىز دېمىسىڭىز مەن كېتىمەن.
-    ئالمىرەگە بولغان كۆڭلىڭىزنى قاچانغىچە يوشۇرۇپ يۈرۈيسىز؟
-    نېمە؟ كىم ئالمىرەگە كۆڭلۈم بار دەپتۇ؟
-    يالغان گەپ قىلماڭ ، مېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولىۋاتامسىز؟
-    خىجىل بولغىدەك ئىش يوق . مېنىڭ يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقىنى بىلىسىزغۇ.
-    ئۇنى راستتىنلا ياخشى كۆرمەمسىز؟
-    ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم تۇرسا.
-    ھېسسىيات جەھەتتىنچۇ؟
-    مەن ئۇنى سىڭىلىم ھەم دوستۇم دەپ بىلىمەن. مەندە تېخى بۇنداق خىيال تۇغۇلۇپ باقمىدى.
-    مەن سىزگە راست گەپنى ئېيتاي، ئالمىرە سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، ياتاقتا يالغۇز قالسىلا يىغلايدىكەن. نەچچە قېتىم ياتاققا كىرسەك يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، نېمە بولدۇڭ دەپ سورىساق دەپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ. مەن ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ، كېيىن ئۇنىڭدىن سورىدىم، ئۇ شۇنداق ، لېكىن ھېچكىمگە ئېيتما دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا بىر مەزگىل قاراپ باقايلى، ئەگەر ئۇ گەپ قىلمىسا مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ باقاي دېسەم، مەيلىڭ ، لېكىن باشقىلار بىلىپ قالمىسۇن دېدى. قارىسام سىز بۇ گەپنى چىقارماقتىيوق، ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈرۈيسىز، شۇڭا سىز بىلەن مۇشۇ توغرىلىق پاراڭلاشقىلى چاقىرتقان ئىدىم. ئۇ بەك ئازابلىنىپ كەتتى، ئالمىرەنى ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ سىلەر ئوغۇللار قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭلار  دەردىڭلارنى ئىچىڭلارغا يۈتۈپ يۈرگىنىڭلاربىلەن قىزلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇ، ئىشقىلىپ ئويلىشىپ بېقىڭ. باشقىلارغا داۋراڭ سېلىپ يۈرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، لېكىن ئالمىرەنى ئويلاپ قويۇڭ. مەن كەتتىم خوش!
   مەن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ماھىرەنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، كاللام مۇدھىش خىياللار ئىچىدە قالايمىقانلىشىپ كېتىپ باراتتى. كۆلنى ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىپ چىقتىم. كەچتە ياتاققا كىرىپ يەنە ئويلاندىم، خېلىغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى، ئەلۋەتتە، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ئېيتالمايتتىم. ئازدۇر كۆپتۇر كۆڭلۈم بار ئىدى، لېكىن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ يۈرۈش خىيالىم بولمىغاچقا تېخىمۇ كېسىپ ئېيتالمايتتىم. لېكىن بۇ ئىشىنى چوقۇم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك. ئۇزۇنغا سوزىۋېتىشكە بولمايدۇ.
   مەۋسۈم ئاخىرى بولۇپ ، ھەممىمىز جىددىي ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ئالمىرەمۇ مېنى كۆپ ئىزدىمىدى. مەنمۇ ئىمتىھانىمغا تەييارلىق قىلىۋەردىم. 7- ئاينىڭ بېشىدىكى بىر كۈنى ئالمىرە ماڭا تېلفون قىلدى:
-    قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
-    ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئىمتىھانلارنى قانداقراق بەردىڭىز ؟
-    ياخشى ،سىزچۇ؟
-    مەنمۇ ياخشى بەردىم.
-    تەتىلدە ئۆيگە قايتامسىز؟
-    قايتىمەن.
-    مەنمۇ قايتىمەن، بىللە قايتىدىكەنمىزدە.
مېنىڭ ئالمىرە بىلەن بىللە قايتقۇم بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
-    مېنى بەكرەك ساقلاپ كېتىپ قالارسىزمىكىن.
-    نېمىشقا ؟
-    3 كۈندىن كېيىن  ئاكام خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىدىكەن، ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭمىسام بولماس؟
-    مەيلى مەن ساقلاپ تۇرىمەن.
-    بولدى ساقلىماڭ، سىزنىڭ ئىمتىھانىڭىز تۈگىدى، بەك ساقلاپ قالىسىز ، ئۆيىڭىزدىكىلەرنى كۆرگىڭىز كەلگەندۇ. شۇڭا سىز مېڭىۋېرىڭ.
-    ياق. مەن سىز بىلەن بىللە قايتىمەن.
-    ئەگەر قايتمىسامچۇ؟
-    مەنمۇ قايتمايمەن.
-    قايتماي نېمە ئىش قىلىسىز ؟
-    ئوقۇيمەن.
-    بولدى يوق گەپنى قىلماڭ.
-    راستىنلا مەن بىلەن بىللە ماڭغۇڭىز يوقما ؟
-    ئۇنداق ئەمەس، سىز بەك ساقلاپ كېتىسىز ، شۇڭا مېڭىۋېرىڭ دەيمەن.
-    ساقلىسام مەن ساقلىدىم، مەيلى قانچىلىك ساقلىسام. قېنى ئەھۋالغا قاراپ باقايلى.
يەنە تارتىشىپ ئولتۇرسام ئۇ مەندىن رەنجىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا يەنە تارتىشىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمىدىم. ئەمەلىيەتتە ئاكامنىڭ كېلىدىغىنى يالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپلا شۇنداق دېگەن ئىدىم ، لېكىن ئۇ..............
   3 كۈندىن كېيىن مەن پويىز ئىستانسسىغا كېلىپ ئىككىمىزگە بېلەت ئالدىم. پويىزدا قايتقۇچە قىزغىن پاراڭلىشىپ ، كۆڭۈللۈك قايتىپ كەلدۇق. پويىزدىن چۈشكەندە ئالمىرە مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تېلفون نۇمۇرىنى سورىدى، مەن ئېسىمدە يوق دەپ بېرىپتىمەن. ئۆيدىكىلەرغۇ خاتا چۈشەنمەيدۇ، مۇشۇ تەتىلدە بولسىمۇ ئالاقىنى ئۈزۈپ مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇراي دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن تېلفون نۇمۇرىنى ئېسىمدە يوق دەپ بېرىپتىمەن. تەتىلدە ئۇ ئىككى كۈندە بىر قېتىم دېگۈدەك تېلفون قىلىپ تۇردى. مەنمۇ ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلدىم.
   تەتىلدىن يىغىلدۇق. ئوقۇشىمىز يەنە باشلاندى. بۇ مەۋسۈم مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىم بولغاچقا پۈتۈن خىيالىم تېخى ئېلىپ بولالمىغان مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلەرنى تولۇقلاش بىلەن ئىدى. دۆلەت بايرىمىغىچە مەن ئۆگۈنۈش بىلەن بولۇپ كەتتىم، بايرامدا بىزنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى، مەن ئۆيگە قايتمىدىم ، ياتاقتا ھېچكىم قالمىدى. باشتا بىر ئىككى كۈنگىچە بەك زېرىكىپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، ئەتىسى ئالمىرە يەنە تېلفون قىلدى:
-    قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
-    ياخشىغۇ ، ئۆزىڭىزچۇ؟
-    مەنمۇ ياخشى. ئىككى كۈندىن بۇيان ئارام ئېلىپ ھاردۇقىڭىزمۇ چىقىپ قالدىغۇ دەيمەن.
-    شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ.
-    ئەمىسە بۈگۈن ئايلىنىپ كەلمەمدۇق؟
بۈگۈن بەك زېرىكىپ تۇرغاچقا ئالمىرەنىڭ بۇ گېپى مايدەك خۇشياقتى.
-    نەگە بارىمىز ؟
-    مەيلى نەگە بارساق ، بارىدىغان يەر جىققۇ.
-    مەيلى ئەمىسە، مەن يېرىم سائەتتىن كېيىن تېلفون قىلاي، سىزمۇ تەييارلىقىڭىزنى قىلىۋېلىڭ.
-    ماقۇل ئەمىسە ، good- bye! (خوش-خەير)
مەن چېچىمنى يۇيۇپ ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئالمىرەگە تېلفون قىلىپ ياتىقىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتتىم. چىقسام ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، ئۇ بۈگۈن ئالاھىدە ياسىنىپ ، ئەڭ يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىپ ، قىلغان سۇس گىرىمى ئۆزىنىڭ ئەسلى گۈزەللىكىگە باشقىچە ھۆسىن قوشۇپ، پەرىزاتتەك قىلىۋەتكەن ئىدى.
-    سىز ئالمىرە شۇمۇ يە؟
-    ئەلۋەتتە ، تونىيالمايۋاتامسىز؟
-    راستىنلا تونىيالمايۋاتىمەن. بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز، ئادەمنىڭ يېگسىنى كەلتۈرۈپ.
-    قېلىن، ئادەمنى زاڭلىق قىلىپ . ئەمدى دېسىڭىز كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ چىقىمەن جۇمۇ .
-    ئۇنداق قىلسىڭىزغۇ تېخى ياخشى ئىدى. يول ماڭغاندا قىينالمايتتىڭىز، شۇنداق قىلامسىز يە؟
-    سىز نېمانداق ئەسكى، زادىلا گەپ بەرمەيسىزغۇ ئادەمگە.
-    مېنىڭ ئەسكىلىكىمنى ئەمدى بىلگەنما ؟ پەرىزات قىزچاق.
-    بولدى قىلىڭە ئادەمنى خىجىل قىلماي.
-    خىجىل قىلمىدىم ، راست تۇرسا. ھە بولدى ماڭايلى ، يۈرۈڭ.
بىز ئاۋۋال سۇ ئۈستى باغچىسىغا باردۇق، بايرام ۋاقتى بولغاچقا بۇ يەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. بىز بىر دەم ئايلىنىپ سۈرەتكە چۈشتۇق ، ئاندىن چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئايلاندۇق. ئويۇنچۇق ماشىنىلارنى ئوينىدۇق، شۇ ئايلانغانچە كەچكىچە ئايلىنىپتىمىز. بىر چاغدا پەلەمپەيدىن چىققىچە ئۇ بەك ھېرىپ كەتتىمۇ قانداق ، مېنى قولتۇقلىۋالدى، پەلەمپەيدىن چىقىپ بولۇپ خېلى ئۇزۇن ماڭساقمۇ ئۇ قولىنى قويىۋېتىدىغاندەك ئەمەس ، مەن نەچچە قېتىم قولىڭىزنى چۈشۈرۈڭ دەي دەپ ئويلىساممۇ، ئۆزى چۈشۈرىۋالىدۇ دەپ گەپ قىلمىدىم، لېكىن ئۇ خېلىغىچە قويىۋەتىمىگەندىن كېيىن ئۆزۈم ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولدۇم :
-    قولىڭىزنى چۈشۈرىۋېلىڭ، پەلەمپەيدىن چىقىپ بولدۇق.
-    ياق! مەن مۇشۇنداق ماڭىمەن.
-    سەت تۇرىدۇ. تونۇش بالىلار كۆرۈپ قالىدۇ.
-    نېمىگە سەت بولىدىكەن  قولتۇقلىۋالغانغا، بىز باشقا ئىش قىلمىساق يە،
-    ئۇنداق قىلماڭ. سىز يا مېنىڭ قىز دوستۇم بولىسىڭىز ، قىز دوستۇم بولغان بولسىڭىز تازا يارىشاتتى.
-    ھازىرمۇ يارىشىدۇ، بالدۇر بولۇپ قالمىغاندۇ؟
-    بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
-    ھېچنىمە!
مەن گەپ قىلمىدىم . ئۇ شۇ قولتۇقلىغىنىچە مەكتەپنىڭ ئالدىغىچە قولتۇقلاپ كەلدى، مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرگەندە مەن ئۇنىغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا سۆزلىدىم :
-    ئەمدى قويىۋەتمىسىڭىز مەن خاپا بولۇپ قالىمەن.
ئۇ گەپمۇ قىلماي قولىنى چۈشۈرىۋالدى.
   نېمىشقىكىن مەن بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن سەيلە قىلغاندىن باشلاپ يۈرۈكۈمدە بىر خىل ئىللىق سېزىم پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئوچۇق ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم. گەرچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرۈشنى خالىساممۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن يۈرمىگەن بولغاچقا ، باشقا دوستلىرىم كۆرۈپ قالسا خاتا چۈشىنىپ قېلىپ ،كاللىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىۋېلىشىدىن قورقاتتىم. شۇڭا مەجبۇرىي ھالدا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتاتتىم. لېكىن بۈگۈن ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ نېمىشقا مېنى قولتۇقلىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ بىلىمەن، بۇ ئۇنىڭ ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ماڭا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىغىنى ئەمەسمۇ؟ مەن ياتاققا كىرىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئويلاندىم، ئۇنى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى كۆردۈم دەپ  يۈرگەن بولساممۇ ، لېكىن ياخشى كۆرىمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايتتىم. چۈنكى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇ خىيالىمغا ئانچە كىرىپ كەتمەيتتى. لېكىن بۈگۈن ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بۈگۈن شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ۋە ياكى مېنى قولتۇقلىۋالغانلىقىدىنمۇ  ئىشقىلىپ سەۋەبىنى ئوچۇق ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم ، ياتاقتا خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنى خىيال قىلىپ ئولتۇردۇم ، بەزىدە مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن، يەنە تۇرۇپ ئۇنداق ئەمەس، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق تەلپۈنۈش، ۋاقىتلىق سەزگۈ دەپ ئويلاپ ئۆز ئۆزۈمگە شۇنداق خىتاب قىلاتتىم ، قېنى يەنىلا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە قاراپ باقمايمۇ؟!
    ئەتىسى باشقا قىلىدىغان  ئىشىم بولمىغاچقا يەنە خىيالىم شۇ تەرەپكە كېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭغا قارىغاندا ئادەم بەك بىىكار يۈرۈپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن. مەن شەخسىي تەييارلىقلىرىمنى قىلىپ بولۇپلا ئالمىرەگە تېلفون قىلدىم:
-    قانداق، مېينۈ (پەرىزات)، ھاردۇق چىقتىمۇ يا كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلامسىز ؟
- ياخشىغۇ شۈەيگې ( كېلىشكەن يىگىت )، مېنى شۇنداق كۈن چۈش بولغىچە ئۇخلايدىغان كالا- كومشا كۆرۈپ قالغانما؟
- ئەمدى دەيمەنغۇ، تۈنۈگۈن بەك ئايلىنىپ كېتىپ پاچاقلىرىدا جان قالمىغان بولسا ، قوپالماي قالدىمىكىن دەيمەن.
-    سىز ئەمەس قوپالماي قالىدىغان ، بىزچۇ ئۇنداق ئىككى توك-توك يول مېڭىپ قويۇپ ھېرىپ قالدىم دەپ يېتىۋالىدىغان لاتا قاس- قاسلاردىن ئەمەس جۇمۇ!
-    شۇنداقمۇ ؟ ئەمىسە بىڭسىڭىز بولسا بۈگۈن يەنە ئايلانمامدۇق؟
-    چاتاق يوق، چاتاق بار يەردە بىزمۇ يوق جۇمۇ!
-    راستما ، گېپىڭىزدىن يانمايسىز ھە؟
-    مەن قاچان گېپىمدە تۇرمىغان ؟
-    تولا پو ئاتماڭ، ھېلى كۆرىمەن ھالىڭىزنى، ھېرىپ كەتتىم دەپ ماڭا ئېسىلىۋالسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇ.
-    خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۆلۈپ قالساممۇ سىزگە ئېسىلىۋالمايمەن.
-    سىز ئۆلمەيسىز ، ئەسكىگە ئۆلۈم يوق دېگەننى ئاڭلىمىغانما؟
-    دېمەك سىز مېنى ئەسكى دېمەكچى شۇنداقمۇ ؟
-    ئەلۋەتتە، سىز ئەسكى تۇرسىڭىز.
-    خەپ سىزنى، ھامان بىر كۈنى  گەپتە يېڭىۋالىمەن.
-    ئېغىزىڭىزنى بىرى پلاستېردا يەملەپ قويمىغاندىن كېيىن ، نوچى بولسىڭىز يېڭىۋېلىڭ.
-    ئەمدى مۇشۇنداق دېسىڭىز يىغلايمەن جۇمۇ.
-    جېنى بوش، ئۇششۇق ، يىغلاڭغۇ.
-    خەپ ھە!
-    ھە ماقۇل سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن خەپ، ئەمىسە تېز چىقىڭ، بۈگۈن مەن سىزنى بىر يەرگە ئاپىرىپ تازا ئايلاندۇرۇپ كېلەي.
-    ماقۇل، بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا چىقاي.
بۈگۈن مېنىڭ قىلىدىغان باشقا مۇھىم ئىشىم بولمىغاچقا ، كۆڭلۈم يەنە ئالمىرەنى تارتىپ تۇراتتى. ئۇنى ئۇچرىشىشىقا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن تېلفون قىلىپ ، ئۇ ياقتىن بۇياقتىن گەپ يورغىلىتىپ مەقسىتىمنى دەۋالدىم. ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن بىللە چىقىشقا ئۇنايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنچىم بار ئىدى. ياتاقتىن چىقىپ ئالمىرەنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولغىچە بىر كۈنلۈك پىلاننىمۇ تۈزۈپ ئۈلگۈرۈپ بولدۇم. ئۇ تەييارلىقسىز ئولتۇرغاچقىمىكىن خېلى ئۇزۇنغىچە چىقمىدى، مەن يەنە بىردەم ساقلاپ تۇردۇم.
-    ئادەمنى نېمانداق ساقلىتىسىز ؟
-    شۇ تەييارلىقىمنى قىلىپ بولالماي، خاپا بولماڭە.
-    ھە بولدى خاپا بولمىدىم، يۈرۈڭ.
بۈگۈن ئۇنىڭ كىيگەن كىيىملىرى تۈنۈگۈنكىسى ئەمەس ئىدى. تۈنۈگۈنكىدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەكتەپ سىرتىغا چىققىچە خېلى چاقچاقلارنى قىلىشىپ كۈلۈشۈپ ماڭدۇق. كۆپىنچە ھاللاردا ئۇ چاقچاقتا ماڭا تەڭ كېلەلمەي چىرايى ئۆڭەتتى، مەن بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ چىشىغا تېگەتىتىم:
- خاپا بولماڭ پەرىزات، يىغلىماڭ، بۇنداق يىغلىسىڭىز چىرايىڭىز سەتلىشىپ كېتىدۇ، سەتلىشىپ كەتسىڭىز سىزنى ئەر ئالمايدۇ جۇمۇ.
- ئەر ئالمىسا ئەرسىز ئۆتەرمەن.
ئۇ كومشىيىپ ماڭاتتى، مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تېخىمۇ كۈلۈپ كېتەتتىم.........
   بىز كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ ئۇدۇللا قىزىلتاغ باچىسغا باردۇق. بۇيەردىكى ئادەملەر تۈنۈگۈنكى سۇ ئۈستى باغچىسىدىكى ئادەملەردىنمۇ كۆپ ئىدى. قىزىلتاغ باغچىسى شەھەرنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، بىر تەرىپى تاراشلىۋەتكەندەك تىك قىيا، قىيا ئاستىدا سوزۇلۇپ ياتقان ساي يولى بار ئىدى، بۇ يولدا كېتىپ بارغان ماشىنىلارنىڭ كۆپلۈكى، ساناپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىز ، قىيا يېنىغا كەلسىڭىز .....  ۋاھ! نېمە دېگەن خەتەرلىك! بۇ يەردىن ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كەتكەن ھەر قانداق ئادەم يەرگە چۈشكەندە بەدىنى چېچىلىپ كەتمەي قالمايدۇ. يەنە كېلىپ چۈشە چۈشمەيلا كېتەپ بارغان ماشىنىلارغا يەم بولىدۇ دەڭە!
مەن بۇ تاغنى ئانچە ئېگىز كۆرۈپ كەتمەيمەن، چۈنكى يۇرتىمىزمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئوخشاش تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان كىچىك بىر ناھىيە، بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا شوخلۇقىمىزدىن، تاغنىڭ شۇنچە ئېگىز بولۇشىغا قارىماي، دوستلىرىمىز بىلەن بەسلىشىپ چىقاتتۇق. چۈشكەندە بولسا نەچچىمىزنىڭ ئىشتىنى يىرتىق ، نەچچىمىزنىڭ تېخى تۈنۈگۈن دادىمىز بازاردىن ئېلىپ بەرگەن ئاياقلىرىنىڭ ئۇچى ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئېغىزىدەك ئېچىلىپ قالغان، ئۆيگە قايتقاندا بولسا نەچچىمىز دادىمىزدىن بولۇشىغا تاياق يەيتتۇق. ئەتىسى يەنە مەھەللە دوقمۇشىغا يىغىلىپ  ئاخشام ئۆيدە بولغان ئىشلارنى سۆزلىشەتتۇق:
- ئاداش ئاخشام دېمەيسەن، ئايىقىمنىڭ ئۇچى يىرتىق ئۆيگە كىرسەم ئاپام كۆرۈپ:‹‹ ۋاي بالام ئايىقىڭ نېمە بولدى، يەنە يىقىلىپ چۈشتۈڭما؟›› دەپ تۇرۇشىغا دادام ھويلىدىكى سۆگەتنىڭ بىر تال چىۋىقىنى سۇندۇرماسمۇ، شۇنى كۆرۈپلا قورققىنىمدا  شۇ ھامان تىكىۋەتتىم. دادام چوڭ يولغا چىقىپ بىر ھازا قوغلاپ بېقىپ ، يېتىشەلمىگەندە كېتىپ قالدى.
- دادامنىڭ بەك ئاچچىقى يامان، تۈنۈگۈن تاغقا چىققاندا ئىشتىنىمنىڭ كاسسىسىدىن ئالقاندەك تۆشۈك ئېچىلىپ قاپتىكەن. ھويلىغا كىرسەم دادام قويغا ھەلەپ بەرگىلى تۇرۇپتىكەن، دادام كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ كەينىچىلاپ ماڭسام قانداق كۆرۈپ قالغان، تۇتىۋېلىپ پاچىقىمغا چىۋىق بىلەن بەك سەت ئۇرىۋەتكەنتى، ئاغرىققا چىدىماي يىغلاپ كەتتىم. ئۇ..... ھازىرغىچە ئېچىشىپ كېتىپ بارىدۇ.
- ئاخشام تاغقا چىققاندا بەل تاسمام چۈشۈپ قاپتىكەن، ئۆيگە ئىشتان بېغىمنى قولتۇقلاپ كىردىم دەيمەن.
- ئاخشام ئايىقىمدىن پۇتۇم چىقىپ قاپتىكەن. دادامنىڭ ئۇرۇشىدىن قورقۇپ ، قوشنىمىز مەمەت سىيگەكنىڭكىدە قوندۇم.
- ئاخشام ئايىقىمنىڭ بىر پېيى نەدە چۈشۈپ قالدىكىن تاڭ، بىر پېينى قولتۇقلاپ ئۆيگە يالاڭ ئاياق كىردىم.

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-13, 03:43

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-13 10:12 |
ئىزنا سودا بازىسى
arman532
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53196
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 85 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 820 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 303(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

  بالىلىق ۋاقىتلىرىمىز نېمە دېگەن غەمسىز ھە! ئەپسۇس ئەمدى شۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىمىز مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى-دە، مەن قىزىلتاغ باغچىسىغا يېقىن كەلگەندە تاغنى كۆرۈپ شۇ باللىقىمدىكى خىياللارغا كېتىپ قاپتىمەن. ئالمىرەنىڭ نەچچە قېتىم چاقىرغىنىنىمۇ ئاڭلىمىغان گەپ:
-    ھەي گومۇش، مەن گەپ قىلىۋاتىمەن ، نېمانداق ئاڭلىمايسىز ، پاڭ قۇلاق.
-    ھە؟ نېمە؟ نېمە دېدىڭىز ؟
-    كەلدۇق دەۋاتىمەن ، نېم بولغاندۇ ما ساراڭغا ، ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ.
-    ئە......ئە..... خاپا بولماڭ، خىيالغا كېتىپ قاپتىمەن.
-    بولىڭە تېز ھاڭۋېقىپ تۇرماي، ماشىنا كېتىدۇ ھېلى.
-    ھە ماقۇل.
بىز شۇنداق دەپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن ئۇ يەنە گەپ كوچىلىغىلى تۇردى:
-    بايا قايسى پەرىزاتنى خىيال قىلىۋاتاتتىڭىز ؟
-    سىزنى.
مەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىمنى ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم.
-    راستما؟ ئەجەپ خوش قىلدىڭىز.
مەن يەنە چىشىغا تېگىشكە باشلىدىم:
-شۇنداق دەپ قويسام سەكرەپ كەتكىنىنى، ۋاي سىزنى خىيال قىلغىلى كىمنىڭ چولىسى؟ خىيال قىلغىلى ئادەم چىقمىغاندەك سىزنىمۇ خىيال قىلامدۇ؟
ئۇ يەنە ئۆڭدى:
-    مەن كېتىمەن.
-    نەگە؟
-    نەدىن كەلگەن بولسام شۇيەرگە.
-    نەدىن كەلگەن.
-    ئۇقمايمەن.
ئۇ ئەتەي قېيداپ شۇنداق دەۋاتاتتى.
- ئۆزىڭىزنىڭ نەدىن كەلگىنىنى بىلمەي تۇرۇپ نەگە بارىسىز؟ سىزدەك يولنى تاپالماي يۈرگەن پەرىزاتنى كۆرگەن يىگىتلەر سىزنى بېرىپ باقمىغان يەرگە ئاپىرىپ كەلمىسۇن يەنە.
مەن بۇ گەپنى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ دېگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ شەيتىنى تۇتۇپ كەتتىمۇ قانداق ، كۈلگۈسى كىپكەتكەنلىكىنى مەندىن يوشۇرالمىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ كۈلۈپ سالدىم. ئۇ ئۈمچەيدى:
-    تاۋى نازۇك پەرىزات قېنى كەتمەمسىز؟
-    ئەسكى، مۇشۇنداقمۇ بوزەك قىلغان بارمۇ؟
-    يۇۋاشنى بوزەك قىلمىسا قىيامەتتە سورىقى بار دەپتىمەن، باشقىلارغا كۈچۈم يەتمىگەندىن كېيىن، سىزنى بوزەك قىلماي قانداق قىلىمەن؟
-    ئەسكى! ئەسكى! ئەسكى!
ئۇ كېلىپلا مېنى قۇچاقلاپ مەيدەمگە مۇشتلاپ كەتتى:
-    ئۇنداق قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ.
مەن جىددىيلىشىپ كەتتىم.ئالمىرەمۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى:
-    خاپا بولماڭ، ئەدەبسىزلىك قىلىپ قويۇپتىمەن.
-    ھېچقىسى يوق.
راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭ مېنى قۇچاقلىۋالغان چاغدىكى ھېسسىياتىمنى تەسۋىرلەپ بېرىلمەيمەن. تولىمۇ شېرىن، تولىمۇ لەززەتلىك .گەرچە ئۇنىڭ مېنى ئاشۇنداق قۇچاقلاپ كەچكىچە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلساممۇ، لېكىن يىگىتلىك غورۇرۇم يول قويمىدى. ئەگەر بۇ باغچىدا ھېچ قانداق ئادەم بولمسىكەن ، ئۇ چاغدا ئۇ مېنى قانچىلىك قۇچاقلىۋالسا يول قويغان بولاتتىم.
بىز تاغقا چىقىشقا باشلىدۇق، ئۇ ئازراق چىقا چىقمايلا مېنى يەنە قولتۇقلىۋالدى. مەن بۇ قېتىم ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمىدىم. چۈنكى بۇ يەردە سەيلە قىلىۋاتقانلارنىڭ 90 پىرسەنتى خەنزۇلار، ئۇيغۇرلار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. بىز تاغنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى مۇنارنىڭ يېنىغا كېلىپ، سۈرەتكە چۈشتۇق، كۆل بويىغا بېرىپ سۇ چېچىپ ئوينىدۇق، كېمىلەرگە چىقتۇق. دېمىسىمۇ تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا بۈگۈن بەكلا ھاردۇق يەتكەن ئىدى، پۇت قولىمىزدا جان قالمىدى، ئىككىمىزنىڭ پۇتى بىزگە پۇت بولۇپ قالغىنىغىمۇ پۇشايمان قىلىپ قالدىمىكىن دەيمەن. ئاخىرى ئالمىرە چىدىمىدى:
-    بىر يەرنى تېپىپ  ئولتۇرايلىچۇ، مەن بولالمىدىم.
-    قېنى نوچى ، سىز بەك چىدايتتىڭىزغۇ.
-    بولدى چاقچىقىڭىزنى قويىڭە، ئادەم ھېرىپ ئۆلەي دەۋاتسا ، نېمانداق چاقچاق قىلىۋېرىسىز؟
ئۇ بۇ قېتىم ئاچچىقلاندى. دېمىسىمۇ بىر ھارغانغا بىر ئاچقانغا چاقچاق قىلما دەپتىكەن، ئۇ بۇ چاقچاقنى كۆتۈرەلمەيتتى.بىز مىڭ تەسلىكتە پەسكە چۈشۈپ چىملىققا كېلىپ ھاردۇقىمىزنى ئالدۇق، مېنىڭمۇ پۇتۇم تېلىپ ئاغرىپ كېتىپ باراتتى. ئۇ مېنىڭ يوتامغا بېشىنى قويۇپ ياتتى. مەن ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىنى ئويناپ ئولتۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن قارىسام ئۇ ئەتراپنىڭ شۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇشىغا قارىماي، تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ئىختىيارسىز ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ ساپتىمەن، بىر پارچە چوغنى تۇتىۋالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ پىشانىسى ئوت بولۇپ كەتكەن ئىدى:
-    ئالمىرە، ئالمىرە، ھەي ئالمىرە.
-    ھە!
ئۇ ئۇيقۇچىلىقتا خۇشياقمىغاندەك جاۋاب بەردى.
-    سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن، ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ، تۇرىڭە.
-    دەۋېرىڭ، ئاڭلاۋاتىمەن.
-    بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟
-    بېشىم بەك چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ.
-    تۇرۇڭە، دوختۇرخانىغا بارايلى، پىشانىڭىز بەك قىزىپ كېتىپتۇ.
-    بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن ماڭايلى، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىپ بارىدۇ.
مەن ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايلا، تاكسىدىن بىرنى توسۇپ، چىملىقنىڭ يېنىدا توختىتىپ، ئۇنى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن كۆتىرەپلا ماشىنىغا سالدىم. ئۇ ماشىنىدىمۇ ئۇيقىسىنى ئاچالماي قىڭغىيىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
-    ھەي لەقۋا! كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، دوختۇرخانىغا كېلەي دەپ قالدۇق، ياتاققا قايتىپ ئاندىن ئۇخلاڭ،
بولمىسا قاپىڭىزغا ئاچىدىن بىرنى تىرەپ قويىمەن.
-    ھە ماقۇل.
ئۇ كۆزىنى يىرتىپ ئاچتى.
دوختۇرخانىغا كىرىپ ئالمىرەنى تەكشۈرتتۇق:
- تېنى بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، چوڭ مەسىلە يوق، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ، بەك ئېغىر ھەرىكەت قىلماي، مۇۋاپىق چېنىقىپ، ياخشى ئارام ئېلىپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.سىزگە دورا يېزىپ بېرەي، دورىنى ئۈزۈپ قويماي ۋاقتىدا ئىچىڭ.
- ماقۇل دوختۇر.
   بىز دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل مەكتەپكە قايتتۇق. ئۇ كوچا ئاپتوبۇسىدا بېشىنى مۈرەمگە قويۇپ كەلدى. ماشىنىدىن چۈشكەندىمۇ قېرىلىق يەتكەن مومايدەك يېنىدا ئادەم بولمىسا يولنىمۇ ئوڭشاپ ماڭالمايتتى. ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ياتىقىغا ئاران ئەكىرىپ قويۇپ، ياتاققا يېنىپ كىرىپ، ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىغانچە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.
ئويلاپ باقسام تۈنۈگۈن بەك ئايلىنىۋېتىپتۇق، مېنىڭمۇ پۇتۇم تېخى ھازىرغىچە سىيقىراپ ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ. بۈگۈن ھېچنەگە بارماي ياتاقتا ئارام ئالدىم. چۈشتىن كېيىن ماھىرە تېلفون قىپتۇ:
- ئارمان سىز نەدە؟ ئالمىرە پەقەت بولالمايۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم يالغۇز دوختۇرخانغا ئەچىقالمايدىكەنمەن، خاپا بولماي ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلسىڭىز بوپتىكەن.
مەن دەرھال كىيىملىرىمنى كىيىپ ئالمىرەنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا ئۇچتۇم، ئاڭغىچە ماھىرە ئالمىرەنى ئاران يۆلەشتۈرۈپ ياتاقنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چۈشۈپتۇ، مەن ئۇنى شۇ كۆتۈرگەنچە مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم. مەكتەپ دوختۇرخانىسى ياتاق بىناسىغا سەل يىراق بولغاچقا ئۆتكەن- كەچكەن تونۇشلىرىمدىن بىرنى ياردەمگە چاقىردىم. ئىكككىمىز نۆۋەتلىشىپ ئالمىرەنى كۆتۈرۈپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاران ئېلىپ كەلدۇق. ھەر قېتىم مەن كۆتۈرگەن چېغىمدا ئۇ ماڭا مەھكەپ چاپلىشىپ قۇچاقلىۋالسا ، ئاغىنەم كۆتۈرسە ئىككى قولىنى ئۆلۈك توخۇنىڭ بوينىدەك ساڭگىلىتىپ تۇرىۋالاتتى. دوختۇرخانغىمۇ ئاران ئېلىپ كەلدۇق:
- قىزنىڭ قان بېسىمى بەك تۆۋەن، بەك ئىسسىق ئاپتاپتا يۈرمىسۇن، تېنىمۇ بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. ئانچە مۇنچە چېنىقىپ ، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ بەرسۇن. بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماڭلار، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئەتە ئۆگۈن بىر ئەرلىك بولۇپ تۇغۇپ قالسا، ئۇ چاغدا تېخىمۇ چوڭ خەتەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بىر ھەپتىلىك ئوكۇل يېزىپ بېرەي، دەرسى يوق چاغلاردا كىرىپ ئېلىپ چىقسۇن.
ئالمىرەنىڭ گەپ قىلغۇدەكمۇ ھالى يوق ئىدى. شۇڭا مەن جاۋاب بەردىم:
-    ماقۇل دوختۇر، دېگەنلىرىدەك قىلىمىز، سىلىگە كۆپ رەھمەت.
-    ئەرزىمەيدۇ.
ماھىرەنى ئالمىرەگە قاراپ تۇرۇشقا تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزۈم سىرتقا چىقىپ مېۋە-چىۋە ئېلىپ كىردىم:
-    رەھمەت ماھىرە، سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم، ئەمدى ياتاققا قايتىپ ئارام ئېلىڭ.
-    ئەرزىمەيدۇ. ئەمىسە ئالمىرە سىزگە قالدى. جۇمۇ؟
-    خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم ياخشى قارايمەن.
ماھىرە كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتىم، ئەسلى تۈنۈگۈن ئۇنىڭ بىشىغا ئىسىىق ئۆتۈپ كېتىپتىكەن-دە، مەن ئۇنى ئايلىنىپ كېلەيلى دەپ چاقىرمىساممۇ بوپتىكەن- دەپ ئۆزۈمچە خاتالىقنى بوينۇمغا ئېلىپ كېتىپتىمەن:
-    ئالمىرە، مېنى كەچۈرۈڭ.
-    نېمىگە دەيسىز؟
- تۈنۈگۈن سىزنى ئايلىنىپ كېلەيلى دېمىگەن بولسام بۇگۈن سىز بۇنداق ئاغرىق ئازابى تارتىپ يۈرمەيتتىڭىز.
- شۇ گەپمىتى؟ نەدە خاتالىق سىزدە بولسۇن؟ يا مېنىڭ بوينۇمنى باغلاپ ئېلىپ چىقمىسىڭىز. بىر ھېسابتا ياخشى بولدى، بولمىغان بولسا بىز بۇنى بىلمەي يۈرۈپ، ئەتە- ئۆگۈن سىزگە بالا تۇغۇپ بېرىمەن دەپ ئۆلۈپ قالمامتىم؟
ئۇ بۇ گەپنى ئويلىمايلا دەپ سالغان، ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىپ قالغان ئىدى.
-    نېمە ؟ نېمە دېدىڭىز؟
-    ئە.....ئە...... كەچۈرۈڭ، ئويلىماي دەپ ساپتىمەن، راستىنلا كەچۈرۈڭ.
ئۇ شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا قۇلاقلىرىغىچە قىزىپ كەتتى.
-    بولدى قالايمىغان جۆيلىمەي، بىر ھەپتە ياخشى ئارام ئېلىڭ. ئاندىن ئىككىمىز بىللە چېنىقىمىز.
-    راستما؟ ھەجەپ ياخشى بولدى.
-    راست بولمايچۇ، سىزنى ئۆزۈم چېنىقتۇرمىسام، سىز ھورۇن ھەرگىزمۇ چېنىقمايسىز. لېكىن ئىككى ئۈچ
كۈن چېنىقىلپلا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بەرداشلىق بېرىشىڭىز كېرەك.  
-    چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى، بايرام ۋاقتى توشۇپ، نۇرمال ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق. ئالمىرەنىڭ يەنە بەش كۈنلۈك ئۇكۇلى بار ئىدى. مەن دەرستىن چۈشۈپلا دوختۇخانىغا قاتىرايتتىم، بەزىدە ئۇكۇلنى ئېلىپ بولۇپ ياتاققا چىقىپ كېتىپ قالاتتى، بەزىدە ئوكۇل ئېلىۋاتاتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئۇكۇلى تۈگىمىگەن بولسا، ئوكۇلى تۈگىگىچە ئۇنىڭغا ھەمرا بولاتتىم. بۇ بەش كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئالمىرەنىڭمۇ چىرايىغا قان يۈگۈرۈپ خېلى ئوڭشىلىپ قالغان ئىدى:
-    بۈگۈن چېنىقىمىزمۇ يە؟ - دېدى ئالمىرە ئەركىلىگەن قىياپەتتە.
-    بۇگۈن ھەجەپ چېنىققىڭىز كېپ كېتىپتا، باشقا ۋاقىتتا چېنىقىڭ دېسە ئۇخلاپ ياتىسىز، بۇگۈن كۈن
قاياقتىن چىقتى؟
-    ئۆزىڭىز مېنىڭ ئوكۇلۇم تۈگىگەندە چېنىقىمىز دېگەنغۇ- دومسايدى.
-    سىزنىڭ دومسايغان ھالىتىڭىز بەك ئوماقلىشىپ كېتىدىكەن، يەنە بىر دومسىيىڭە،سۈرەتكە تارتىۋالاي.
-    يەنە چاقچاقلىق كېسىڭىز تۇتتى ھە!
-    ھەئە، مۇشۇ كۈندە چاقچاق قىلمىسام تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدىم، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ
باقايمۇ يە؟
-    قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ زادى مەن بىلەن بىرگە چېنىقامسىز چېنىقمامسىز؟
-    كىم سىزگە چېنىقمايمەن دەپتۇ، سىز تېخى بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقتىڭىز، نەچچە كۈندىن بۇيان
ئالغان ئوكۇللىرىڭىز قان تومۇرلىرىڭىز بىلەن گىرەلىشىپ ئوبدان چىقىشىۋالسۇن ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئاندىن چېنىقايلى، ئالدىرىماڭ، ئەتە- ئۆگۈن مەن بىلەن بىللە چېنىققانغا تويۇپ كېتىسىز.
-    مەيلى ئەمىسە، سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن.
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھەر ئىككىلىمىز كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ بىللە چېنىقىشنى باشلىۋەتتۇق. مەكتەپ ئىچىدىكى ئايلانما يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1500-2000 مېتىرچە كېلەتتى. ئايلانما يولنى ئىككىنى يۈگىرەيتتۇق.  ئالمىرە كۆپىنچە ھالدا بىرنى يۈگىرەپلا توختىۋالاتتى، مەن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي، يەنە بىرمەيدان يۈگىرەپ ئاندىن كىرىپ كېتەتتۇق. باشتا ھورۇنلۇق قىلاتتى، ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن كۆنۈپ كەتتى. ئويلاپ باقسام قىز بالىغا نىسبەتەن يۈگىرەشتىنمۇ  مۇۋاپىقراق چېنىقىش ئۇسسۇلى يوق ئىكەن. شۇڭا مەن ئۇنى يېتەكلەپ، ساق يېرىم يىل ئۈزمەي يۈگىرەتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر كۈنى كەچلىك تاماققا چەينەك شورپىسى ئىچىشىنى ئادەتلەندۈردۈم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا خېلى ماغدۇر كىرىپ، تولا ئاغرىپ قالمايدىغان بولدى.
چېنىقىشنى باشلاپ ئىككى ھەپتىدىن كېينكى بىر شەنبە كۈنى-11-ئاينىڭ بېشىدا بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇشى سەۋەبى بىلەن رېستۇراندا ئولتۇرۇپ قالدىم:
-    قىز دوستلىرىڭ بولسا بىرەنى قولتۇقۇڭغا قىستۇرغاچ كەلگىن، كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن.
-    خاتىرجەم بول ئاداش، مەن چوقۇم بارىمەن.
مەن ئىككىلەنمەيلا ئالمىرەگە تېلفون قىلدىم:
-    بېرىشنىغۇ بارىمەن، ياتاققا كەچ قالساق قانداق قىلىمەن؟
-    كىچىك بالىدەك گەپ قىلىدىكەنسىز ، مەن تۇرسام نېمىگە ئەنسىرەيسىز؟
-    ماقۇل ئەمىسە.
دوستلار يىغىلغان شۇ كۈنى تۇغۇلغان كۈنى بولغان دوستۇمنىڭ باشقا دوستلىرى سەل كېچىكىپرەك كەلگەن بولغاچقا سورۇنمۇ سەل كېچىكىپ باشلاندى. ئولتۇرۇش باشلاندى، ساھىپخان سۆز قىلدى:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۇگۈن مېنىڭ تۇغۇنغان كۈنۈم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوستلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇردۇق، ھەممىڭلارنىڭ سورۇنىمىزغا كېلىپ بەرگەنلىكىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، بۈگۈنكى سورۇنىمىزغا سەككىز جۈپ قىز يىگىت داخىل بولدى، يەنە بىر دوستىمىزنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىپ كېلەلمىدى. ھەممىڭلارنىڭ خوشال خورام ئويناپ قايتىشىڭىلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!
   سورۇندا چاۋاك ساداسى ئاڭلاندى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا رېستۇراننىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكىسى باشلاندى، دەسلەپتە بىر مەيدان مىللى ئۇسسۇل ئوينالدى. مەن ئادەتتە بۇنداق سورۇنلاردا ئولتۇرسام ، گەرچە ئۆزۈم ئويناشنى بىلسەم، مەيلى تانسا بولسۇن ۋە ياكى، ئۇسسۇل دېسكو بولسۇن، پەقەتلا ئوينىغۇم كەلمەيتتى، لېكىن بۇ قېتىم ئوخشىمايتتى. مەن ئالمىرەنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەندىن كېيىن ، چوقۇم ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلمىسام بولمايدۇ- دە، مەن ئۇنى تەكلىپ قىلىپ قويۇپ، ئۆزۈم بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرسام ئەلۋەتتە قاملاشمايدۇ. بىر پەدە ئۇسسۇل تۈگىگەندىن كېيىن مۇڭلۇق تانسا مۇزىكىسى باشلاندى، مەن ئالمىرەنى بىر مەيدان تانسىغا تارتتىم ، ئۇمۇ نازلانمايلا ئورنىدىن تۇردى، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئۇنىڭ ئەۋرىشىم بېلىگە‹ قول تەگكۈزۈشۈم› ئىدى، دوختۇرخانىغا كۆتۈرۈپ ئېلىپ كىرگەندىمۇ مەندە بۇنداق سېزىم پەيدا بولمىغان، لېكىن ئۇ بۇ قېتىم يۈزىگە سۈرتكەن خۇشپۇراق ماينىڭ ھىدى بىلەن قوشۇلۇپ مېنى مەستخۇش قىلىۋەتكەن ئىدى. مەرىكە زالىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان رەڭلىك چىراغنىڭ نۇرىدا ، ئالمىرەنىڭ يارىشىملىق كىيىملىرى كۆزدىن نۇر چاقنىتاتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان شېرىن شېكەر پاراڭلارنى قىلىشتۇق، پاراڭ تازا قىزىۋاتقان ئىدى. ئەپسۇس، مۇزىكا تۈگەپ قېلىپ كەيپىمنى ئۇچاردى. ھەر ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە رەھمەت دېيىشىپ ئورۇنلىرىمىزدا ئولتۇرۇشتۇق. ھاراق نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە ئاغىنەم مېنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقمىنى بىلگەچكە ئاتلاپ ئۆتكۈزىۋەتتى. بىز شۇ ئولتۇرغانچە سائەت 11 دىن ئاشقۇچە ئولتۇرۇپ قالدۇق. ئالمىرەمۇ مېنى بار دەپ ئويلىدىمۇ قانداق، ئارتۇقچە گەپ قىلماي خاتىرجەم ئولتۇرىۋەردى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن مەيدان ئۇسسۇل، ساما، تانسا ، ۋالىس دېگەنلەرنى ئوينىدۇق، مەن ئۇنىڭدىن بەكمۇ رازى ئىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ ياخشى ئولتۇرۇپ بەردى، سورۇندىن تارقايدىغان چاغدا مېنىڭ سەل بېشىم قاتتى. تورخانىغا ككىرىپ كېتەيلى دېسەم ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. بىر كېچە كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەستە، يا ئۇخلايدىغان يەر يوق. سىرتتىن ياتاق ئالايلى دېسەم، ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرىدىم. ئۇنىڭغا ياتاق ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈم كېتەي دېسەم تېخى قاملاشلايدۇ. شۇڭا مەن ئالمىرەدىن سورىدىم:
- ئالمىرە، ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى. ياتاقنىمۇ تاقاپ بولدى. سىزگە بىر كىشىلىك مېھمانخانىدىن بىرنى ئېلىپ مەن قايتىپ كېتەي ، بولامدۇ؟
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز ؟ مەن ياتاقتا يالغۇز ياتامدىمەن؟ قورقمامدىم؟
- بىخەتەر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسام بولىدىغۇ؟ ئەگەر ماڭا ئىشەنسىڭىز سىز بىلەن قالاي، ئىشەنمىسىڭىز مەن قايتاي.
- ياق سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟ مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەكچىما؟ سىزگە ئىشىنىمەن، بىز بىللە قايتايلى.
- ماقۇل ئەمىسە.
بىز رېستۇراندىن قايتىپ، مېھمانخانىغا كىرىپ ئىككى كىشىلىك بىخەتەر، ئازادە ياتاقتىن بىرنى ئالدۇق. چاتاق يېرى، بىز ئالغان ياتاقتا بىر كىشىلىك كارىۋاتتىن ئىككىسى قويۇلماي، ئىككى كىشىلىك كارىۋاتتىن بىرسى بار ئىكەن. ئالمىرە كىرىپلا قورقۇپ كەتتى:
-    بۇ قانداق بولغىنى ؟ بىز مۇغۇ يەردە ياتىمىزما؟
-    مەن مۇلازىمغا دەپ باقاي.
مەن دەرھال مۇلازىمنى چاقىردىم:
-    يالاڭ كىشىلىك كارىۋاتتىن ئىككىسى قويۇلغان ياتاق يوقمۇ؟
-    كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، ئۇنداق ياتاقلار بار ئىدى. لېكىن تۈگەپ كەتتى. مۇشۇنداق ياتاقتىن بىر
نەچچسىلا قالدى.
-    ياتاقنى قايتۇرىۋېتەمدۇق؟- دېدىم ئالمىرەگە ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا.
-    بولدى يېتىۋېرەيلى، ماڭا چېقىلمىسىڭىزلا بولدى.
-    خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىز چېقىلمايمەن.
ياتاققا كىردۇق. مەن تېلىۋېزورنى ئېچىپ كىنو كۆرۈپ ئولتۇرىمەن. ئالمىرە بولسا كارىۋاتنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تىزىنى قۇچاقلىغىنىچە بىر نىشانغا كۆزىنى تىكىپ ئولتۇراتتى:
- ئالمىرە ، ئازادە ئولتۇرسىڭىزچۇ، سىز بۇنداق ئولتۇرسىڭىز مەن بەك بىئارام بولىدىكەنمەن. ئېچىلىپ ئولتۇرۇڭ، بولامدۇ؟
- سىز كىنو كۆرىۋېرىڭ، مەن بىر ئاشدىن كېيىن ئۇخلايمەن.
- شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇپ ئولتۇرۇڭ، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق شۈمشىيىپ ئولتۇرسىڭىز چىقىپ كېتىمەن.
- ياق! چىقىپ كەتمەيسىز، سىز چىقىپ كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟
- مۇشۇنداق تۈگۈلۈپ ئولتۇرىۋالسىڭىز مەن قانداق خاتىرجەم ياتالايمەن؟
- بىر دەمدىن كېيىن ئۇخلايمەن دېدىمغۇ.
ئۇ تىزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغانچە قىمىت قىلماي ساق يېرىم سائەت ئولتۇردى:
-    ئەمدى ئۇخلىمىسىڭىز مەن چىقىپ كېتىمەن،- مەن شۇنداق دەپلا ئايىقىمنى كىيىشكە تەمشەلدىم.
-    ئۇنداق قىلماڭ، ماقۇل مەن ئۇخلاي.
-    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۇچىسىدىكى چاپىنىنىمۇ سالماي يوتقانغا كىرىۋالدى.
-    ھەي، چاپان بىلەن ئۇخلىغان بارمۇ؟ بۇنداق ئۇخلىسا قانداق ئۇخلىغاندەك بولىدۇ؟ تاش كىيىملىرىڭىزنى سېلىۋېتىپ ئۇخلىمامسىز ؟
ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭدى:
-    مېنىڭ كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ نېمە ئىش قىلماقچى؟
- ھە بولدى بولدى. قانداق ئۇخلىغىڭىز كەلسە شۇنداق ئۇخلاڭ.-مەن ئارتۇق تاكاللىشىپ ئولتۇرمىدىم. داۋاملىق تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇردۇم، تازا قىزىق مۇشتلاش فىلىم بېرىپتىكەن ، قىزىقىپ ئولتۇرۇپ خېلىغىچە ئۇخلىمىدىم. بىرسائەتلەردىن كېيىن قارىسام  ئۇ سەل بىئارام بولدىمۇ قانداق، ئۇيقۇچىلىقتا چاپىنىنى سېلىۋېتىپ، كەينىدىن ئىچىدىكى كوپتىسىنىمۇ سېلىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا باغىرداق ۋە كالتە ئىشتانلا قالغان ئىدى، ئۇ شۇ پېتى يوتقانغا كىرىپ غەرق ئۇيقۇغا كەتتى، يېرىم كېچە بولغاندا كىنومۇ تۈگىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇممۇ كەلگەن ئىدى. يوتقانغا شۇنداق كىرىشىمگە ئۇنىڭ دۈمبىسى بىلەن مېنىڭ بەدىنىم تېگىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ بەدىنى ئوت ئىدى. يۈرۈكۈمدە بىر خىل شېرىن تۇيغۇ پايدا بولدى-دە، نىيىتىمنى نەچچە قېتىم بۇزدۇم يۇ شەيتىنىمدىن ئەقلىم قابىل كېلىپ، نىيىتىمدىن ياندىم. ھەر قېتىم شۇنداق خىيال كەلگەندە ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلاشقا تەمشەلگەن قولۇم توختاپ قالدى، بۇنداق ۋاقىتتى ھېسسىياتنى كونترول قىلماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. ھېسسىياتىمنى باسالماي بىرەر چاتاق چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، يوتقاندىن چىقىپ، چاپىنىمنى يېپىنىپ ياتتىم. ئالمىرە بولسا ھېچنىمىنى تۇيىماي ئۇخلاۋاتاتتى، خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلگەندە بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، باشتا سەزمەپتىمەن ، كېيىن دىققەت قىلسام ئالمىرە ھە دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ جۆيلىگىلى تۇرۇپتۇ:
- ئارمان! ئارمان! سىز نەدە؟ سىز نەدە ؟ مېنى تاشلاپ كەتمەڭ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى سۆيىمەن، ئۇنداق قىلماڭ ، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. مەن يالغۇز قالسام بولمايدۇ. ئۇنداق قىلماڭ، مېنى بىللە ئېلىپ كېتىڭ ،مەن يالغۇز قالسام بولمايدۇ. قۇتقۇزۇڭلا! قۇتقۇزۇڭلا!  ئا!.............
ئۇ شۇنداق دەپلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. مەن بىلمەسكە سېلىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ يېتىۋالدىم.
-    ئارمان، ھەي ئارمان، تۇرىڭە، تۇرسىڭىزچۇ.
-    ھە نېمە؟ ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي.
-    مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، قوپىڭە.
-    ۋاي نېمە ؟ قورققىدەك نېمە بار ئىكەن بۇيەردە؟ مەن يېنىڭىزدا تۇرسام، نېمانداق قىلىدىغاندۇ.
ئۇ مېنى ئويغىتالمىغاندىن كېيىن بىردەم ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن يوتقانغا سولىنىپ قايتا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇيقۇچىلىقتا كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئەتىگەندە ئويغىنىپ سۆزلەپلا كەتتى:
-    ھەي، مەن كېچىچە مۇشۇنداق ئۇخلىدىمما؟ كىيىملىرىمنى سىز سالدۇرىۋەتمىگەنسىز؟
-    سىز ساقمۇ يا؟ مەن قاچان سىزنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپتىمەن؟
-    ئاخشام ئۇيقۇچىلىقتا ئۆزۈم سېلىۋېتىپتىمەن. كەچۈرۈڭ، ئالدىڭىزدا بەك خىجىل بولدۇم.- ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا چىرايى قانسىراتمىغان ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى.
-    ھېچقىسى يوق. خاتىرجەم بولۇڭ، مەخپىي جايلىرىڭىزنى كۆرۈۋالمىدىم.
-    قېلىن! كۆرۈۋالغۇڭىزمۇ بارمىتى ئەمىسە؟
-    ياقەي، ئۇنداق ئەمەس، چاقچاق ئويناپ قويدۇم.
بىز مەكتەپكە قايتتۇق. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىسام ، ئاشۇ بىرگە ئايلانغان كۈندىن بۇيان ئۇنى زادىلا خىيالىمدىن چىقىرالمىدىم، ئولتۇرسام قوپسام شۇنىلا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ كۈنى كېچىسىغۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىدى، ئەمدى مەن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق پەيت تېپىپ، كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىشىم كېرەك. قانداق ئۇسسۇل قوللانسام بولار؟ مەن توپتوغرا بىر كېچە ئويلىنىپ، ناھايىتى ئۈنۈملۈك، ياخشى ئامالدىن بىرنى تاپتىم. يەنى 15 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىۋېلىشىنى توغرا تاپتىم. تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرگە يىغىلىپ ئۆتكۈزۈش خىيالى بارلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ قاراپ ئولتۇرمىدىم، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ياردەم قىلىپ رېستۇراندىن بىر ئۈستەل ئېلىپ بەردىم. تۇغۇلغان كۈنى ئەتتىگەندە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تېلفون قىلدىم، ئاندىن كەچلىك ئولتۇرۇشنىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ قويدۇم. بىز مەكتەپتىكى يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە قىز ئوغۇل دوستلارغا خەۋەر قىلىپ قويدۇق. دوستلارمۇ ۋاقتىدا كەلدى. مەن بىر تال ئۈزۈك، يەنە بىر دەستە گۈل ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدىم. كەچتە دوستلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئالمىرەگە ۋاكالەتەن سۆز قىلدىم:
- ھەممىڭلارنىڭ سورۇنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ بەرگەنلىكىڭلارغا ئالمىرە نامىدا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، گەرچە سورۇنىمىز ئاددىي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، سورۇنىمىزنى ئاددىي كۆرمەي خوشال-خورام ئوينىشىڭىلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئالمىرە، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. ئۆگۈنۈشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىڭىزنىڭ سالامەت، كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن، خوشە!
مەن شۇنداق دەپلا بىر دەستە ئەتىر گۈلنى ئالمىرەگە ئۇزىتىپ، قولۇمدىكى رۇمكىنى بوشىتىۋەتتىم. سۇرۇندىن چاۋاك ساداسى كۆتۈرۈلدى. بۇ رومكا ئالمىرەنىڭ ئالدىدىكى ھۆرمەت رومكىسى ئىدى. كېيىنكى قېتىمدا ھاراقنى ئىچمەي ئاتلىتىپ قۇيدۇم. سورۇن باشلاندى، سورۇندا ئولتۇرغان قىز ئوغۇللار ئاساسەن ئۆزئارا تونۇش بولغاچقا بىر بىرىدىن قورۇنۇش يوق، شۇنچىلىك قىزىپ كەتكەن ئىدى. مېنىڭ مەقسىتىم سورۇننى بالدۇرراق تۈگىتىپ ئالمىرەگە كۆڭلۈمدىكىنى دەۋېلىش بولغاچقا سۇرۇننى سائەت 7 دە باشلاپ 9 بىلەنلا ئاخىرلاشتۇردۇق. لېكىن بالىلار ئويۇنغا قانماي كۆزى ئارقىسىدا قالغان ئىدى. توققۇز يېرىم بىلەن ياتاققا قايتىپ كەلدۇق. مەن ئالمىرەنى باشلاپ كۆل بويىغا كەلدىم. بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە كۆل بويىدا ئادەم ئاساسەن يوق ئىدى. مەن ئالمىرەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قارىدىم:
-    ماڭا بۇنداق قارىمىسىڭىزچۇ؟ مەن بەك خىجىل بولىدىكەنمەن.
-    خىجىل بولماڭ، مەنمۇ سىزدىن خىجىل بولماي قاراۋاتىمەنغۇ؟
ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. كۆلدىن قايتقان ئاينىڭ شولىسىدا ئۇنىڭ يۈزى تېخىمۇ جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
-    يەردە ھېچنىمە يوق، كۆزۈمگە قاراڭ.
-    خىجىل بولىدىكەنمەن.
-    خىجىل بولماڭ.
ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمگە قارىدى.
-    قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ.
مەن ئۈزۈكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىپ قويدۇم:
-    مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!
ئۇ بۇ بىر ئېغىز تۆت سۆزدىن تەكىب تاپقان پاساھەتلىك سۆزنى ئاڭلاپ، كۆزىدىن يىغا ئەگىشكە باشلىدى.
-    نېمە بولدىڭىز ؟
ئۇ ئۈندىمىدى. كۆزىدىن ئاستا-ئاستا ياشلار تاراملاپ مارجاندەك چۈشۈشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقانلىقىنى ئوبدان چۈشەنگەچكە، ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ بىردەم ئۈنسىز يىغلىغاندىن كېيىن مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. مەنمۇ ئۇنى باغرىمغا چىڭ باستىم، ئۇنىڭ يىغىسى ھەقىقەتىن كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى. ئۇ يىغا ئارىلاش سۆزلەشكە باشلىدى:
- مېنىڭ سىزنىڭ مۇشۇ گېپىڭىزنى كۈتىۋاتقىلى قانچىلىك بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ مېنى قانچىلىك ئازابلىدىڭىز؟ مەن سىزدىن نەچچە نەچچە رەت ۋاز كېچەي دەپ ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان بولساممۇ، لېكىن سىزنى زادىلا ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. مېنى نېمىشقا ئازابلايسىز؟ مېنىڭ كۆڭلۈمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىز؟
ئۇ تېخىمۇ قېقىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-    كەچۈرۈڭ، مەن راستىنلا ھېس قىلماپتىمەن.
ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئېسەدەپ يىغلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، بىز خېلى
ئۇزۇنغىچە تۇرغاندىن كېيىن خوشلاشتۇق.
   شۇ كۈندىن باشلاپ، يەنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئاشىق مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىمز ھەقىقىي ئايدىڭلاشتى. كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەن خۇشال ئۆتىۋاتاتتى. بىرگە ئۆگىنىش قىلىش، بىرگە سەيلە قىلىش، بىرگە تاماق يېيىش، بىرگە چېنىقىش..... ئىشقىلىپ، يېتىپ قوپۇشتىن باشقا ھەممىسىدە بىرگە بولاتتۇق. مەكتەپتىكى بىزنى تونۇيدىغان ساۋاقداشلار بىزگە ھەۋەس قىلاتتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ياخشى ئىشنىڭ يامان تەرىپى بولغانغا ئوخشاش ئالمىرە بىلەن يۈرگىنىمنىڭ يامەن تەرىپىمۇ بولدى. مېنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ئالمىرەگە، ئالمىرەنى ياخشى كۆرىدىغان ئۇغۇللار ماڭا خىرىس قىلىدىغان، كۆرەلمەيدىغان بولىۋالدى. شۇڭا ئالدىراپ مۇھەببەتلىشىشىنى خالىمايتىم، لېكىن ئەمدىلىكتە بۇ ئىشقا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. قېنى ، باشقا كەلگەننى كۆرمەيمەنمۇ.
   بىز شۇ يۈرگەنچە كېلەر يىلى مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قەدەر يۈردۇق. بۇ جەرياندا ئۆتكەن كۈنلىرىمدىن ھەقىقەتەن رازى ئىدىم. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ. مەكتەپتىن ئېلىشقا تېگىشلىك بارلىق كېنىشكىلەرنى ئېلىپ لاياقەتلىك ئوقۇش پۈتتۈردۈم. لېكىن مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى، مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىم شۇ ئىدى. مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىدن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن مەن ئۆيدىكىلەرگە تېلفون قىلىپ، مۇشۇ يەردە ئىش ئىزدەيدىغانلىقىمنى ، ئۆيگە قايتماي كېلەر يىلى مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىغىچە ئۈرۈمچىدە ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىم . ئۆيدىكىلەرمۇ باشقا پىكىردە بولمىدى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپ قوينىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە داۋالغۇش يۈز بەردى. ئۇنىڭ مېنى ئىزدەيدىغان قېتىم سانى كۈندىن كۈنگە ئازلاپ كەتتىم، باشتا ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ تۇردۇم ، كېيىنچە بۇنىڭدا چوقۇم بىر سەۋەب بار دەپ ئويلىدىم –يۇ لېكىن ئالمىرەدىن ئاغرىنىپ يۈرمىدىم. سىرتتىن ئۆي ئىجارىگە ئېلپ ئولتۇردۇم، تولا قاتىراپ يۈرۈپ، بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىشىپ بېرىدىغان بىر ئىش تاپتىم. ئىككى يىل ئىلگىرى دادامنىڭ تەلىپى بىلەن شوپۇرلۇقتا ئوقۇپ ئېلىپ قويغان شوپۇرلۇق كىنىشكەم ئەمدى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، باشتا سەل تەمتىرىدىم، بۇ قوينى كەڭ شەھەردە يولۇچىلار مېنى پالانى يەرگە ئاپىرىپ قويۇڭ دېسە، مەن قانداق قىلارمەن دەپ ئويلىدىم، ئىككى ئۈچ كۈنگىچە يولۇچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قىويغان يېرىممۇ بولدى. بۇمۇ تەس ئىش ئەمەسكەن. كۈندۈزى ماشىنىنىڭ ئىگىسى ھەيدەيتتى، ئاخشىمى مەن ھەيدەيتتىم . كۈندۈزى ئىچىم پۇشۇپ قالسا ئۈرۈمچى شەھەر خەرىتىسىنى ئالدىمغا قويۇۋېلىپ، بىلمەيدىغان كوچىلارنى بىرمۇبىر يادىلايتتىم بۇ ھەپتىگە سوزۇلغاندىن كېيىن ، يولۇچىلار نەگە دېسە تېنىمەي ئاپىرىپ قويىدىغان بولدۇم. بىر ھەپتىدىن كېيىن مەن كۈندۈزى باشقا جايدىن ئىش ئىزدەپ كېچىسى تاكسى ھەيدىدىم. تاكسى ھەيدەشنىڭ كىرىمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. بىر كۈندە ئاز دېگەندە قولۇمغا 50 سوم كىرەتتى، مەكتەپنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئانچە مۇنچە يىغىن مەيدانىنى سۈرۈتكە ئېلىپ يۈرۈپ، سۈرۈتكە ئېلىشقا خېلى قولۇم پىشىپ قاپتىكەنمەن، ئارىلىقتا بىر ئۈن سىن مەركىزىگە كىرىپ مۇشۇنداق ئىقتىدارىم بار ئىدى دېسەم ، ئۈچ كۈن سىناپ بېقىپ، مېنى سۈرۈتكە ياخشى ئالىدىكەنسىز ، سىزنى ئېلىپ قالايلى دەپ، شۇ يەردە ئىشلەپ قالدىم ، بۇ خېلى نامى بار ئۈن سىن مەركىزى بولغاچقا، مائاشىمۇ  ياخشى ئىدى، مەن ئۇلارغا ئالدىن كەچ سائەت 6 دىن كېيىن  ھەرقانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىقان ئىدىم، چۈنكى ماشىنىنى بىر كۈنلا ھەيدىمىسەم پالانى پۇل زىيىنىغا ماڭاتتى، ئۇلارمۇ قوشۇلدى. ئۈن سىن مەركىزىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەت قىلىپ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدىم. لېكىن ئۈن سىن مەركىزىدە ئىش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. مەن  ئۈن سىن مەركىزىدە ئىشلىگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مېنى خېلى ئوبدانلا ھالسىرىتىپ قويدى، چۈنكى ئىشتىن چۈشۈپلا ماشىنا ھەيدىمىسەم بولمايتتى، لېكىن پۇلنى ئويلىسام بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك ئىدى، چۈنكى بۇ ئىككى ئىشنى تەڭ ئېلىپ ماڭالىسام ، بىر ئايلىق مائاشىم ئادەتتىكى ھۆكۈمەت خىزنەتچىلىرىنىڭ مائاشىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتەتتى.بىر تەرەپتىن كىراكەشلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۈن سىن مەركىزىدە ئىشلەپ، 3 ئايدىن كېيىن خېلى پۇللۇق بولۇپ قالدىم ، يېرىمىنى ئۆيگە ئەۋەتىپ بېرىپ، قالغىنىنى ئۆزۈم ئېلىپ قالدىم. ئالمىرەگىمۇ خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئېلىپ بەردىم. ھەپتىدە بىر قېتىم ئىجارە ئالغان ئۆيگە كېلىپ تاماق ئېتىپ بېرەتتى.
ئالمىرە مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۈمى ، يەنى 9- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، مەن ئويلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ زىددىيەتنىڭ تۈگۈنى ئاخىرى يېشىلدى. كېچە سائەت ئون يېرىم ئەتراپىدى، تاكسى ھەيداپ كېتىپ باراتتىم ، سەنشىخاڭزىدىكى بارغۇت رېستۇرانىنىڭ ئالدىغان كەلگەندە بىرتوپ كىشىلەر رېستۇراندىن يانغىلى تۇرۇپتىكەن، بۇيەردىن بىر ئىككى يولۇچىنى ئالغاچ كېتەرمەن دەپ ئالدىمدىكى تاكسىغا ئەگىشىپ ماڭدىم. رېستۇران ئالدىغا يېقىن كەلگەندە كۆزۈم بىر نىشانغا تىكىلىپ قالدى . رېستۇراندىن بىر قىز بىلەن يىگىت چىقىپ كېلىۋاتاتتى، قارىغاندا يىگىت چالا مەسىت، يولنىمۇ ئوڭشاپ ماڭالمايۋتاتتى. يىگىتنى يۆلەپ مەڭغەن قىز يوتىسىنى ئاران ياپقىدەك يوپكا كىيىۋالغان، كۆزۈمگە تولىمۇ تونۇش كۆرۈندى.ئۇلار ئون قەدەمچە ماڭغاندىن كېيىن كوچا چىرىغىنىڭ ياردىمى بىلەن قىزنى تونىۋالدىم. ئۇ دەل مېنىڭ سۆيگىنىم، مەن ياخشى كۆرىدىغان، مېنىمۇ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان قىز- ئالمىرە ئىدى.ئالمىرە ناتونۇش يىگىتنى يۆلەپ يۈرۈپ، ئالدىمدىكى تاكسى تەرەپكە قاراپ كېتىپ باراتتى. مەن دەرھال ماشىنىنى ئالدىمدىكى تاكسىنىڭ كەينىدىلا توختىتىپ، ماشىنىغا ئادەم چىقارغۇزماي ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇردۇم. ئاۋۋال يىگىت ماشىنىغا چىقتى. ئالمىرەنى ماشىنىغا سېلىپ قويۇپلا ئۆزى چىقمامدىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. ئالمىرەمۇ يىگتنىڭ كەينىدىن ماشىنىغا چىقتى. باشقا توپلىشىپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە ماھىرەنى تەستە تونىيالىدىم، پەستىكىلەر ئۇ ئىككىسىگە قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئىشىك يېپىىلپ ماشىنا قوزغالدى. مەن شۇ تاپتا ھازىرقى ھېسسىياتىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. مېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يۈرگەن قىز باشقا بىرسى بىلەن بويۇندىشىپ يۈرسە بۇ قانداق بولغىنى؟ مەن قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ مەن دەرھال ماشىنىنى قوزغاپ ئۇلانىڭ كەينىگە چۈشتۈم. ئالدىمدىكى ماشىنا ئۈرۈمچىنىڭ ئۈچەيدەك كوچىلىرىدا بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى. مېھمانخانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىدىن قارىغاندا ، بۇ خېلى ئالىي مېھمانخانا ئىدى. ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن قارا كۆز ئەينىكىمنى تاقاپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن كىردىم. مېھمانخانا بۇ بىنانىڭ 6- قەۋىتىدە ئىدى، ئۇلار لىفىت بىلەن چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن چاققانلىق بىلەن پەلەمپەي ئارقىلىق 6- قەۋەتكە چىقتىم، ئۇلارمۇ چىقىپ بوپتىكەن ئۆزۈمنى يوشۇرۇپ ئۇلارنىڭ  ئىشىنى كۆزىتىپ تۇردۇم. ئۇلار مۇلازىمەت پۇكىيىدىكى مۇلازىم بىلەن بىر نېمىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن پۇل تۆلەپ ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مۇلازىم ئۇلارنى باشلاپ ماڭدى. ئۇلار ياتاققا كىرىپ بولغاندىن كېيىن مۇلازىم قايتىپ چىقتى، مۇلازىم خەنزۇ ئىدى. مەن كۆز ئەينىكىمنى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپلا مۇلازىمدىن سورىدىم:
-    كەچۈرۈڭ قىزچاق ، سىزدى بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ؟
-    قېنى سوراۋېرىڭ.
-    ھازىر كىرىپ  كەتكەن بىر جۈپ بىر كىشىلىك ياتاق ئالدىمۇ ياكى ئىككى كىشىلىك ياتاق ئالدىمۇ؟
-    ئۇلار ئىككى كىشىلىك ياتاق ئالدى.
-    رەھمەت سىزگە.
-    ئەرزىمەيدۇ.
مەن پەسكە چۈشۈپ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئالمىرەگە تېلفون قىلدىم، بىردەم ئەھۋال سوراشقاندىن كېينن سورىدىم:
-    سىز نەدە؟
-    مەن ھازىر بىر دوستۇمنىڭ ياتىقىدا.
-    قايسى دوستىڭىزنىڭ ؟
-    مەكتەپتە، بىر دوستۇم ياتىقىدا يالغۇز قاپتىكەن، قونۇشۇپ بەرگىلى كىرگەن.
-    مەن تونۇمامدىم؟
-    ياق سىز تونۇمايسىز.
-    تېلفوننى دوستىڭىزغا بېرىڭە.
-    دوستۇم ئۇخلاپ قالدى.
-    ئەمىسە ياتىقىنىڭ تېلفون نۇمىرىنى دەپ بېرىڭ.
-    مەن ياتىقىنىڭ تېلفون نۇمۇرىنى بىلمەيمەن.
-    ئەمىسە دوستىڭىزنى ئويغىتىڭ، ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپ بار.
-    ھەجەپ جىلە كىلدى ئادەمنى ، ئۇخلاۋاتىدۇ دېگەندىن كېيىن ئۇخلىغىلى قويسىڭىز بولمامدۇ؟ نېمانداق
ئادەمنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىسىز. كىرىپ ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭە!! خوش!
  ئۇ تېلفوننى قويىۋەتتى. مەن ئۆيگە قايتىپ بىر كېچە ئۇخلىمىدىم. بۈگۈن كېچە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان. نەچچە قېتىم ياتاققا ئۈسسۈپ كىرىپ ئۇنى شەرمەندە قىلاي دېدىم-يۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا مەن ياخشى كۆرىدىغان قىز، ئۇنداق قىلالمايمەن. لېكىن خىيالىمدا ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى تولۇق ئاياقلاشقان ئىدى. ئەتىسى بىر كۈن رۇخسەت سوراپ، ياتاقتا ئارام ئالدىم. ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكى ئىشى مېنىڭ غۇرۇرۇمغا تەگكەن ئىدى. مەن بىر كۈن ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئىنتايىن رەزىل، مۇسۇلماندارچىلىقتىن چىقىپ كەتكەن بىر شۇملۇقنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم، بۇ پىلان مەن ئازراق كۈچىسەملا ئەمەلگە ئاشاتتى، مەقسىتىم ئۇنىڭ قىز ياكى قىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئىدى، دوختۇرخانغا بېرىپ تەكشۈرتەيلى دېسەم ئۇنىڭ ئۇنىمايدىغىنى ئېنىق، چۈنكى مەن ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇنى قىز دەپ ئېتىراپ قىلالمايتتىم. ئۈچ كۈندىن كېيىن مەن ماشىنا ھەيدەشنى توختاتتىم. ماشىنا ھەيدەشنى توختاتقاندىن كېيىن مەن خېلى ئارام تېپىپ قالدىم. پەيت تېپىپ پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنەتتىم، خىيالىمدا قىز مېنى ئەخمەق قىلدى دەپ ئويلايتتىم.
بىر كۈنى كەچتە ئالمىرەگە تېلفون قىلىپ ئۇنى چاقىردىم . ئۇنى داڭلىق بىر ئارامگاھقا باشلاپ ئەكىردىم. كەچتە مەن ئۇنىڭغا قايتىپ كەتمەسلىكىنى ، ئۇنىڭغا دەيدىغان مۇھىم گەپ بارلىقىنى ئېيتتىم، ئۇمۇ قوشۇلدى. مەن ئۇنى بىر مېھمانخانىغا باشلاپ ئەكىردىم. مەندە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى دېگەندەك نەرسىلەر تولۇق ئىدى، مەن بىر ھازا ئويلاندىم، ئەگەر ئۇ قىز چىقىپ قالسا، مەن باشتىن ئاخىر ئۇنىڭغا ئىگە بولىمەن، ئەگەر قىز چىقماي قالسا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىدىغىنىم ئېنىق ئىدى. ئۇ ياتاققا كىرگەندىن كېيىن مەندىن ھېچ ئەنسىرىمەيلا تاش كىيىملىرىنى سېلىۋەتتى. چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن بىر نەچچە قېتىم بىر ياتاقتا ياتقان بولساممۇ لېكىن ياتاققا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باقمىغان ئىدىم. شۇڭا ئۇ مېنى ئىشەنچىلىك دەپ قارايتتى. بىز بىر نەچچە مىنۇت ‹‹ ھېسسىيات ›› قوزغاشقاندىن كېيىن، مەن قولۇمنى بېلىنىڭ ئاستىغا ئۇزاتتىم، ئۇ ئېغىز ئاچتى:
-    ئۇنداق قىلماڭ، مەن بەرىبىر سىزنىڭغۇ.
-    مۇشۇ بىر قېتىم، ھازىر قىلساقمۇ قىلىمىز، كېيىن قىلساقمۇ قىلىمىزغۇ.
-    ماڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلماڭ، سىزدىن خوش بولۇپ قالاي، مەن سىزگە ئىشىنىپ ياتاققا كىردىم، مېنىڭ
ئىشەنچىمنى يەردە قويسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ توي بولغان كۈنى مەن ئامانىتىمنى سىزگە ئۆز رازىلىقىم بىلەن تاپشۇرىمەن. ماقۇل دەڭ.
مېنىڭ ئاچچىقىم كەلدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم:
- ئاغزىڭنى يۇم قانجۇق، سەن تېخى مېنى ئالدايمەن دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ مېنىڭ دوپپامغا جىگدە سالىدىغان قىزلار تۇغۇلمىدى.
- ئۇنداق قىلماڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئويلاپ قويۇڭ، سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلاي، لېكىن ماڭا چېقىلماڭ بولامدۇ؟ سىزدىن خوش بوپ قالاي.
- تىلىڭنى تارت ھۇ جا لا پ!
مەن بىرلا كۈچەپ ئۇنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى سالدۇرىۋەتتىم، ئۇنىڭ بەدىنى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئىدى.
- ئارمان سىزدىن مىڭ مەرتىۋە ئۆتۈنۈپ قالاي، سىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلاي، مېنىڭ بەختىمنى ئويلاپ قويۇڭ، ماقۇلمۇ؟
ئۇ ئالدىمدا يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ماڭا يالۋۇرىۋاتاتتى. كۆزىدىن تارام-تارام ياشلار سىرغىپ چۈشىۋاتاتتى. مەن بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە قاراپ، ئۇنىڭ يىغلاۋاتقان بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئازراق ئىچىم ئاغرىپ قالغان بولسىمۇ، قايسى كۈنى بولغان ئىشلار كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە چىداپ تۇرالماي كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ،ئۇنى ئاستىمغا باسۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاندىم.
-    كەچۈرگىن، مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا ئۆزۈڭ مەجبۇرلىدىڭ.
مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلانغاندا، ئۇنىڭ زۇۋانى ئۆچتى، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، ئاستىمدا ھوشىدىن كەتكەن ئادەمدەك ياتاتتى. بىرنەچچە مىنۇت ئۆتە ئۆتمەيلا ئىش ئايدىڭلاشتى. ئۇ كىيىملىرىنىمۇ كىيمەي، يوتقانغا يۆگىنىپ مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.
- ماڭە، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە! مەن بۈگۈنكى ئىشنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان. مېنى ئۆزۈڭ مەجبۇرلىدىڭ. كۆزۈمدىن يوقال.
- ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، بۇ يېرىم كېچىدە نەگە بارىمەن؟
- نەگە بارسار بار، ئىشقىلىپ كۆزۈمدىن يوقالساڭلا بولدى.
- ئۇنداق قىلماڭ، مەن سىزگە چۈشەندۈرەي، گېپىمنى ئاڭلاڭ.
- ھېي رەسۋا جا لا پ تولا ئېغىزىمنى ئاچماي يوقىلە ماڭ، سەن ئاشۇ ئىشلارنى قىلغاندا مېنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەنمۇ؟ سەن مېنى ئويلاپ قويغانمۇ؟
- ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ئەتە كېتەي بولامدۇ؟ ماقۇل دەڭ.
- ئەمىسە مەن يوقىلاي. سەن يەنە بىر يىگتىنى چاقىرىپ مۇشۇ يەردە يات.
- ئۇنداق قىلماڭ، مەن سىزدىن خوش بولۇپ قالاي.
ئەمدى ئۇ ماڭا يەنە يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
-    بويۇڭدا بارمۇ يوق؟
-    بار.
-    قانچە ئايلىق بولدى؟
-    3 ئايلىق.
-    ئالدۇرىۋەتمەمسەن؟
-    ئالدۇرىۋېتەي دېگەن.
-    نېمىشقا ئالدۇرمىدىڭ؟
-    شۇ.....پۇل ........
-    كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى سوراپ ئولتۇرماي، كىمنىڭ بالىسى بولسا شۇنى ئىزدەپ ۋاقتىدا
ئالدۇرىۋەت. ئەمدى ساڭا دەيدىغان گېپىم يوق. جىم يېتىپ ئۇخلاپ ئەتە ئەتتىگەندە دەرھال كۆزۈمدىن يوقال.
   ئۇنىڭدىن كىم بىلەن، قاچان، قەيەردە، قانچە قېتىم بىللە بولغانلىقىنى سوراپ يۈرمىدىم، بۇ بەرىبىر ماڭا پايدىسىز ئىدى.
   ئەتىسى تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئۇنىڭغا قارىماي، ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم. ئۆيۈمگە يېنىپ كېلىپ، خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى قىزلارغا شۇنى دېگۈم كەلدى. ‹‹ ئەي قىزلار! سىلەر كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئانىسى بولىسىلەر، كاللاڭلىنى سىلكىۋېتىڭلار.........! ››.

(تۇگىدى)

ھۆرمەتلىك تورداشلار ، قەلەم قابىلىيىتىمنىڭ تۆۋەن بولۇشى تۈپەيلىدىن ھېكايەمنىڭ بىرقىسىم جايلىرىدا مەزمۇنلار باغلاشماسلىق ئەھۋالى، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. تۈزىتىپ ئوقۇپ كېتىشىڭلارنى ، سەمىمىي تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 12:46 |
ئۇيغۇرئاي
ۋەتەن،ۋەتەن،ۋەتەن
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 3042
شۆھرەت: 3282 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30760 سوم
تۆھپە: 774 نۇمۇر
ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06

 

ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقۇپ باقاي قىنى..........

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى


ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
بەزى ئادەملەر بىر قاپاق سۈينىڭ تۆكۈلگىنىگە زارلانمايدۇ، ئەكسىچە بەزى ئادەملەر بىر تامچە سۈيى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرىدۇ

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 12:53 |
korlakizi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 60216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 455
شۆھرەت: 466 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4450 سوم
تۆھپە: 7 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 478(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپسىز - دە !    





                مەن ئىنكاس يېزىپ بوپتىمەن سەلكىنگە  شۇڭا يازماي ئەمدى -ھە !

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 12:56 |
sardar-0997
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 11678
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 108(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

مەن ھازىر چە گەپ كىلماي ئاخىر نى يوللا شنى ئۇنتۇپ كا لماڭ

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 13:47 |
bayat
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 56925
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ،خىلى بوپتىكەن بۇنداق شىرىن مۇھەببەت ھىكايىسىنى ئوقۇمىغىلى.  ئاپرىن سىزگە  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 13:53 |
F_117
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 72155
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 315
شۆھرەت: 385 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2979 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 332(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

پەقەت نىمە دىيىشىمىنى بىلالمەي قالدىم،سىز ھىلىمۇ ھۇشيار كەنسىز ، بولمىسا ئۇ سىزنىمۇ ئالداپ يۈرەرەركەن،جەمئىيتىمىز بۇنداق ئىشلار جىق بۇلۇپ كەتتى ،ھەممىمىز ئۆزۈمىزنىڭ ياشلىق باھارىنى قەدىرلەيلى.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 13:55 |
palta
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 885
شۆھرەت: 886 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8378 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 932(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

بەك ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن ، ئەلق مەكتەپتىكى مۇھەببىتىمنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز

شىنجاڭ تور مەكتىپى
52522
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 14:38 |
_Malika_
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 29977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 819
شۆھرەت: 820 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7861 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 679(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكىنىمنى سەزمەيلا قالدىم~توۋا،يىگىت قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ؟نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم،خۇددى جەمىئەت كارتىنىسىنىڭ بىرقىسىملىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم~غەپلەتكە بىرىلگەن جازا زادى نىمە بولسا توغرا بولار؟

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 14:43 |
Thomas
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83186
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 12 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

ياخشى يېزىلىپتۇ.................

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 15:22 |
شاتلان
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 41702
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 517
شۆھرەت: 518 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5127 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 950(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

سىز ئاۋايلىغان بىلەن خەقلەر ئاۋايلىماپتۇ

داۋاملىق تىرىشىمەن
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 15:34 |
sarkarda-1
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 217
شۆھرەت: 218 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 579(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋېلىپ  كىيىن ئاخىرىنى ئوقارمەن  !

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 15:40 |
turkkizi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 35314
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 738
شۆھرەت: 744 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7196 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1803(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

شۇنچە گۈزەل مۇھەببەت مىلودىيىسىدىن بەھىر ئېلىپ، ھوزۇرلىنىپ كىتىۋاتاتتىم،ئەڭ ئاخىرقى كولمىناتسىيە نۇقتىسىدىن چىۋىن يەۋالغاندەك سەسكىنىپ كەتتىم    .
جەننەت كەبى بەخىتلەر قۇچىقىدا ئەللەيلىنىۋاتقان قىز،شۇ بەخىتنىڭ پەيزىنى خاتىرجەم سۈرمەي ،نىمە ئەمدى تۇرۇپلا نىجاسەت يىگۈسى كەپ قالغاندۇ

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،شۇڭا تۇرمۇشقا ھەر ۋاقىت ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنەيلى....
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 15:51 |
nurana9
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 56554
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 450
شۆھرەت: 466 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4343 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1281(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

ياخشى يېزىپسىز ،ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكىنىمنى سەزمەيلا قالدىم،مەلىكەگە ئوخشاش ،خۇدا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە .....
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 16:13 |
Alone_Uyboy
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 15 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

نېمە دەي ئەمدى ..............شۇنچە شېرىن مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى مۇشۇنداق بولسا .....................................
ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەت ھەقىقەتەن سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈك.

تۆت كۈنلىك ئالەمدە ئازابلىنىپ نېمە كەپتۇ؟!
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 16:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/8 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-19 01:18, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ