ئۇرۇش ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيتى بىلەن ئەمەس ، بەلكى، ئۆز غەلبىسى بىلەن پەخەرلىنىشكە تىگىشلىك ... تارىختىكى شۇ تىنىچلىق پەرۋەر «قەھرىمان»لارنىڭ بىر قېتىملىق سىياسى خاتالىقى بىر مىللەتنى قايسى ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.؟؟!!
شۇ ئەخمەت ئەپەندى ، يالقۇنداپ كۆيىۋاتقان ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە تىنىچلىق دەپ جار سالمىغان بولسا، شۇ سەيپىدىن ئەپەندى ئۆلكە رەئىسلىك ھوقۇقىنى چوڭ بىلىمىگەن بولسا، ئىلخان تۈرەم يالغۇزسىراپ قالمىغان بولسا بۇ كۈنلەر ھازىرقىدەك بولاتتىمۇ...؟؟؟
بۇ ھەرگىزمۇ ئەخمەت ئەپەندى ۋە سەيپىدىن ئەپەندىلەر پۈتۈن تارىخى قىسمەتلىرمىزنىڭ جىنايەتچىسى دىگەنلىك ئەمەس..ئۇلارمۇ ۋەتەن ،مىللەت دەپ ياشىغان ، لىكىن ، دۈشمەننى بەك سەل چاغلاپ قالغان، ئۇرۇش قىلماي سۈلھى سالا ئارقىلىقمۇ ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان..ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدە چىقمىغىنى ھەممىمىزگە ئايان..
بۇ يەردە سەيپىدىن بىلەن ئەخمەتچان ئەپەندىنى بىر يەرگە قويۇپ سۆزلىگىلى بولمايدۇ.. چۈنكى ، سەيپىدىنى ئەخمەت ئەپەندى بىلەن بىر ماقامدا تۇرۇغۇزىشقا ئەرزىمەيدۇ...ئۇ ئادەمنى ئەسلەپ داستانلار پۈتۈشكە تېخىمۇ ئەرزىمەيدۇ....
<بالام نۇرى، بۇلار ھەرگىزمۇ تىنىچلىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشىدىغان خەق ئەمەس، بۇلارنى ھازىر بىز قىرىپ يوقاتمىساق يەنە 60 يىلدىن كىيىن بۇ زىمىننى چۈمۈلە قاپلىغاندەك قاپلاپ كىتىدۇ..ئۇ چاغدا مەن قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلدۇرۇپ، جەڭگە ئېپ چىققان شىھىتلىرىمىزگە ئۇ دۇنيادا قايسى يۈزۈم بىلەن قارالايمەن...؟> بۇ ئانا يۇرت رومانىدىكى ئىلىخان تۈرەمنىڭ نۇرىغا قىلغان بايانلىرى..(ئىسىمدە قالغىنى بويىچە يېزىپ قويدۇم، شەكلى كىتاپ بىلەن ئوخشىمىغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما مەزمۇنى شۇ)