قەشقەرنى چۈشىنىدىغان ئادەم بارمۇ؟جۇتاۋئاپتور ھەققىدە :
جۇتاۋ داڭلىق يازغۇچى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:
«جاھاندا ئاز ئۇچرايدىغان قۇش»،
«تاغ – دەريالار ھۆكمى»،
«كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ سەددىچىنى» قاتارلىقلار بار.
ئالاھەزەل 30 يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك، مەن ئۆزۈم سەككىز يىل ياشىغان قەشقەر ھەققىدىكى تەسىراتىمنى مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن بايان قىلغان ئىدىم:
«سەن بىر نەزەر تاشلاپلا ئۈرۈمچىنىڭ ئىچ-باغرىنى كۆرەلەيسەن، ئەمما قەشقەرنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ جۇدا كۆزلىرىگە يوشۇرۇنغان مەنىلەرنى بىلەلىشىڭ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس».
شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ گېپىم ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئۆز جايىدىن چىققان ھېكمەتلىك گېپىگە ئايلىنىپ كەتتى.
دېمىسىمۇ، كۆپ ئادەم قەشقەردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تاكى ھازىرغىچە قەشقەرنى چۈشىنىمەن دېيىشكە جۈرئەت قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى.
تەڭرېتىغىنىڭ جەنۇبىي يامزىلىدا جىمجىتقىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەشقەر، دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىش غەمكىنلىكىدىن ئازراقمۇ قورققان ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق جاھان كەچۈرمىشلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قەشقەر، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئۆزگىچە قىياپىتىمىز بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ يەردە ئاسمان پەلەك قەد كۆتۈرگەن بىنالار ھەم خىلۋەت قەدىمىي كوچىلار بار، ئۇ ھەم جاھانغا يۈزلەنگەن، ھەم ئۆزگەرمەس خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان، ھەم كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، ھەم تارىخنىڭ يىلتىزىغا مەھكەم باغلانغان ... ھازىىرقى ئالىملار «21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار، مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئالماشتۇرۇش»نى بىلىۋالدى. ئەمما، ئۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىلا بىز مۇشۇ خىل ئىقتىدارنىڭ ساناقلىرى ۋە تاۋلاشلىرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەنلىكىمىزنى بىلمەيدۇ. قەشقەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشەنمەك قىيىنكى، ئۇنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتنىڭ چات ئارىسىدىكى پەرق ھەددىدىن زىيادە چوڭ.
پەرق قانچىلىك چوڭدۇ؟ ئېلىمىز ئىچىدىن ئىزدەپ كۆرىدىغان بولساق، قەشقەرنىڭكىدەك چوڭ پەرقى بارىدىن يەنە بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ، نەزىرىمىزنى دۇنياغا تاشلىساقمۇ قەشقەردىنمۇ ناتونۇش جاي ئاز ئۇچرايدۇ.
ئەمدى قەشقەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى ئوقۇڭ:
*****************************************
(1) قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
(2) قەشقەرنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى ھەققىدە قىسقىچە بايان
(3) «قەشقەر» دېگەن نام توغرىسىدا
(4) قەشقەرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى
(5) قەشقەرنىڭ يېقىنقى زاماندىكى مەمۇرىي ئۆزگۈرىشى
*****************************************
بۇ ماقالىلەر تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار:http://www.uyghurqamus.cn/uy/read.php?tid=81****************************************