« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1794 - كۆرۈرمىنى
bty
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83157
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 پاجىئە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى xabnam.com001 بۇ تېمىنى كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-04-12)
پاجىئە
(ھېكايە)
بۇ بىر ئۇرۇش يىللىرىدا يۈزبەرگەن ئېچىنىشلىق ھېكايە. بۇ ئىككى ئاشىق بىر-بىرى بىلەن قۇشۇنلار ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىۋاتقان پەيتتە خوشلىشىۋاتاتى. يىگىت قىزنىڭ يۇمران قوللىرىنى ئۆزىنىڭ قوپال ئالقىنىغا ئېلىپ، قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق يېنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن قىزنىڭ شەھلا، ئەمما ھىجران ياشلىرى تولغان كۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قېتىپ قالغاندەك قارىشىپلا قالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن بىر-بىرىگە دەيدىغان تۈگىمەس كۆڭۈل سۆزلىرىنىڭ بارلىغىنى، شۇنداقلا بىر-بىرىدىن قىيالمايۋاتقانلىغىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. دەل شۇپەيتتە يىگىتنىڭ يېڭى سەبداشلىرى ئۇنى تېزدىن سەپكە كىرىشكە ئالدىراتتى. قىز ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تامچىلاشقا باشلىدى. شۇ زىلۋا گۈزەل قىز يېنىدىن ئۆزقولى بىلەن نەقىشلەپ تەييارلىغان قولياغلىقنى چىقىرىپ يىگىتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، يىغىسىنى مىڭ تەستە توختۇتۇپ ‹ماڭا ۋەدە بېرىڭ، چوقۇم جەڭدىن ئامان قايتىپ كېلىڭ. مەن سىزنى كۈتىمەن› دېگەن سۆزلەرنى ئاران قىلدى ۋە يىغىسىنى داۋاملاشتۇردى. يىگىت يەنىلا ئۈندىمەي قېتىپ قالغان ياغاچ ئادەمدەك تۇراتتى. ئاخىردا قىزنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن بىر خىل ئىشەنچ ۋە جەسۇر قىياپەتتە قىزغا ۋەدە بەرگەندەك قىلىپ بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى، شۇنداقلا مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
يىگىتنىڭ كۆڭلىدە قىزغا دەيدىغان نۇرغۇن نۇرغۇن سۆزلىرى بار بولسىمۇ، قىز ئالدىدا ئۈندىمەي تۇرىۋالدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى ۋە بۇ قىياپىتىنى ئۆزىنىڭ سۆيگۈنىگە كۆرسۈتۈشكە كۆڭلى كۆتۈرمىد.
يىگىتنىڭ ئىسمى بىلگىيار، قىزنىڭ بولسا بەرنا. بۇ بىرجۈپ قىز يىگىت كىچىگىدىن باشلاپلا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان. ئۇلار ئاراتام قوشنا ھەمدە ساۋاقداش بولغانلىغى ئۈچۈن، مەكتەپكە كۈندە بىرگە باراتتى ۋە بىللە ياناتتى. مەكتەپتە ھېچكىم بەرنانى بوزەك قىلالمايدۇ، بوزەك قىلغانلا بولسا بېلگىياردىن قاتتىق ئەدىۋىنى يايتى. مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن بىلگىيار بەرنانىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەيتى. بىلمىگەن، چۈيەنمىگەن يەرلىرى بولسا بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ چۈشەندۈرۈپ ئىشلەيتى. تاپشۇرۇقلىرىنى بالدۇر تاماملىغان ۋاقلىرىدا ئارقا ھويلىدىكى باغقا چىقىپ بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ شۇنداق ئېچىلىپ يايراپ ئۇينايتى.
ئەتىياز پەسىللىرىدە باغ ئىچىدىكى ئالما دەرەخلىرى ئاپئاق ئالما چېچىكى بىلەن تولۇپ، بۇ گۈزەل باغنى تىخىمۇ گۈزەل قىلغان شۇ كۈنلەردە بىلگىيار ئەپچىللىك بىلەن دەرەخنىڭ ئەڭ يوقۇر قىسمىدىكى ئالما چېچىكىنى ئۈزۈپ، بەرناغا تۇتقۇزاتتى ۋە ئۇنىڭغا ‹پەقەت ئەڭ ئۈستىدىكى شۇ چېچەك سىزگە مۇناسىپ كېلىدۇ› دەپلا قوياتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق قىلىپ ياش-ئۆسمۈرلۈك گۈزەل، قىممەتلىك چاغلىرىنى مۇشۇنداق شېرىن بىللە ئۆتكۈزگەن.
كۈن، ئاي، يىللارنىڭ بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈشى بىلەن بېلگىيار ناھايىتى كېلىشكەن بىر يىگىتكە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ دولقۇنىغا ئخشاش بۈدرە چاچلىرى، قۇيۇق ئۆسكەن قاشلىرى،ئۇزۇن ئۆسكەن كىرپىكلىرى، قورقماس باتۇرلۇق يېنىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى، قاڭشالىق بۇرۇنلىرى، پاكىز قىلىپ ئېلىۋەتسىمۇ بىلىنىپ تۇرىدىغان قۇيۇق ساقاللرى، گەۋدىلىك كەلگەن بەدەنلىرى ئۇنى ناھايىتى سالاپەتلىك كۆرسىتەتتى. مەھەلىدىكى بەزى شوخ قىزلار ئۇنى كۆرگەندە قىزلارغا خاس نازلىق بىلەن كۆز قاچۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالاتتى.
بەرنامۇ شۇنداق گۈزەل بىر پەرىشتىگە ئايلاندىكى، ئۇنىڭ چاچلىرى قۇندۇزدەك قاپقارا بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ يىنىك شاماللىرىدا مەجنۇنتالدەك تەۋرىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئخىتىيارسىز ئۆزىگە تارتاتتى. ئۇنىڭ قاشلىرى خۇددى تېرىپ قويغاندەك ئەگىم ۋە قۇيۇق كەلگەن، كىرپىكلىرى ئوۋچىنىڭ قولىدىكى يادەك ئۆسكەن بولۇپ، بۇ قاش كىرپىكلەر چولپاندەك كۆزىنىڭ ھۆسنىگە تېخمۇ ھۆسۈن قوشۇپ، ئۇنى ھەدىدىن زىيادە گۈزەل كۆرسىتەتتى. سەل قاڭشا كەلگەن بۇرۇنلىرى ئۆزىنىڭ يۇمىلاق يۈزلىرىگە تولىمۇ ياراشقان، كەلپۈكلىرى نېپىز كەلگەن، ئىڭەكلىرى ئۇشلۇق بۇ زىلۋا قىز تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئەگەر بىرجۈپ قانىتى بولغان بولسا رىۋايەتتىكى پەرىشتىنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئۇلانىڭ ئۆي-ئۇچاقلىق بولىدىغان ۋاقلىرى كەلدى. چوڭلارمۇ توي ئىشلىرىغا تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بىرجۈپ ئاشىق ئۆز مۇراتلىرىغا يېتىپ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى ۋە داۋانلىرىنى ئېشىشقا تەييار بولغان شۇ پەيتتە، ھۆكۈمەت شۇلار تۇرۇشلۇق يېزىغا، ھەربىر ئائىلىدىن بىر ئوغۇل چىقىرىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەييارلىق قىلىپ، جىددىي جەڭگە ئاتلىنىشىنى، ئوغۇل بالا يوق ئائىلىلەر بولسا جەرىمانە سۈپىتىدە تۆلەم تۆلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشتى. بىلگىيار ئائىلىسىگە بىسى چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن ئىلاجسىز جەڭگە تەييارلىق قىلدى. بىلگىيار بولسا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇدا نەچچە كۈن كۆزيېشى قىلدى.
بىلگىيارنىڭ ماڭىدىغان كۈنىمۇ يىقىنلىشىپ قالدى. ئاخىردا ئۇلار بىر-بىرىدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلدى. بۇ ئايرىلىش بەلكىم ۋاقىتلىق ياكى بولمىسا ۋاقىتسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى اللانىڭ ئىرادسى بىلەن بولىدۇ. بۇ بىچارە ناتىۋان قىز قان يىغلاپ ئۆز مۇھەببىتىنى ئالدىنقى سەپكە ئۇزاتتى. بۇ ئايرىلىش بىلگىيارغىمۇ، بەرناغىمۇ شۇنداق تۇيۇقسىز ۋە ئېغىر كەلدى، ئەمما بۇنىڭغا نېمە ئىلاجبار؟!
بىلگىيار ئالدىنقى سەپكە كەتكەندىن كېيىن بەرنا ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرالمىدى. ئۇ ئۆيدە تۇرۇپ يىغلىدى، قاقشىدى. ئاخىردا بۇ قىلغانلىرىنىڭ ئەھمىيەتسىزلىگىنى بىلىپ يېتىپ، ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ جەڭ بولىۋاتقان ئالدىنقى سەپكە بىلگىيارنىڭ ئارقىسىدىن بېرىش نىيتىگە كەلدى.
بەرنا بۇ ئويلىغانلىرىنى ئۆيدىكىلىرىگە ئېيتقاندا، دەسلەپ ئاتا-ئانىسى قوشۇلمىدى. ئاخىردا ئۆز قىزىنىڭ داۋاملىق كۆزيېشى قىلىپ، ئۆزىنى-ئۆزى تۈگەشتۈرۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ تەلىپىگە رازىلىق بەردى. بىلگىيار كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي بەرنا سېستىرالىق سۈپىتدە بىلگيار بۆلۈنگەن شۇ قىسىمغا چۈشتى. ئۇ قىسىمدا ئەسكەرلەر كۆپ بولغانلىغى ئۈچۈن بىلگىيارنى دەماللىقتا تاپالمىدى، ئەمما داۋاملىق سۆيگەن ئاشىغىنىڭ ئىز-دېرىگىنى قىلىپ تۇردى.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بەرنا بارغانسېرى ئۈمۈدسىزلىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا نۇرغۇنلىغان قورقۇنۇشلۇق خىياللار كېلىپ، ئۇنى ئارامىغا قويماي قىناپ تۇردى. دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئەسكەرنىڭ قاتىق يارلانغانلىغى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سېستىرالارنىڭ تېزدىن تەييارلىق توغرىسىدا خەۋەر كەلدى. بەرنا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەييارلىق خىزمىتىنى تۈگىتە-تۈگەتمەستىنلا تۆت ئەسكەر نوسلكا ئۈستىدە ياتقان يارىدارنى كۆتۈرۈپ كىردى. بەرنا ئۇ يارىدارنى كۆرگەن ھامان چىرايلىق كۆزلىرى يورۇپ كەتتى. بۇ ئېغىر يارلانغان ئەسكەر دەل ئۆزىنىڭ ئاشىغى بىلگىيار ئىدى.
ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالغان بەرنا بىلگىيارنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتماقچىبولدىيۇ، بىلگىيارنىڭ ئېغىر يارلانغان قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇۋالدى. بىلگىيارمۇ بەرنانى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى. يارىسىنىڭ قاتتىق ئاغرىشى تۈپەيلىدىن كۆپ سۆزلىيەلمىدى.
دوختۇر كېلىپ ئۇنىڭ يارىسىنى تەكشۈردى ۋە سېستىرالارغا ‹يار ئېغىزىنى تازىلاڭلار› دەپ بۇيرۇق قىلدى. جەڭ قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ بېقىنىغا بىرپاي ئوق تەككەن بولۇپ، يار ئېغىزى خېلىلا چوڭقۇر كۆرۈنەتتى. ئوقنى دەرھال ئېلىۋەتمىسە ھاياتقا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى. بەخىتكە قارشى شۇ كۈنى ئەتتىگىنى ناركوز دورىسى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەچكە دوختۇرنىڭ ئىچى تىتىلداپ تۇراتتى ۋە قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. ئەھۋالنى بىلگەن بىلگىيار ناركوز ئىشلەتمەي ئوقنى ئېلىشنى ئۆتۈندى. دوختۇر ئۇنىڭدىن باشقا ئامال-چارىنىڭ يوقلىقىغا كۆزى يېتىپ شنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھەممە تەييارلىق پۈتۈپ بولغاندا ئوپراتسىيە باشلاندى.
بىلگىيار بەرنانىڭ قولىنى يەنە شۇ قوپال ئالقىنىدا مەھككەم تۇتۇپ، چىيىنى چىڭ چىشلىگەن پېتى قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ تۇراتتى. بەرنا بولسا بىلگىيارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يىغلىدى ۋە بىلگىيارنىڭ ئاغرىق دەردىدىن تەپچىپ چىققان تەرلىرىنى ئېيتتى.
بەرنانىڭ ئەتراپلىق ھال سورىشى ۋە قارىشى سەۋەبىدىن بىلگىيار ئۇزاق ئۆتمەي ساقىيىپ كەتتى. ئەسكەرلەر سانىنىڭ قىسىلىش تۈپەيلىدىن بىلگىيار ئەسلىگە قايتىپلا يەنە ئالدىنقى سەپتىكى جەڭگە ئاتلاندى. ئۇنېمىدېگەن باتۇر ۋەقەيسەر ھە!
بىلگىيار ئالدىنقى سەپكە كېتىپ ئەتىسى بەرنامۇ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ياردار ھالىدىن خەۋەر ئلىشقا ئەۋەتىلدى. بۇ بىچارە قىز جەڭ مەيدانىغا كىرىپ ھەرخىل ياردارلارنى ۋە ئېچىنىشلىق ھالدا قۇربان بولغان ئەسكەر جەسسەتلىرىنى كۆردى. باشتا بۇ كۆرۈنۈشلەردىن قورققان بولسمۇ، كېيىن بۇ خىل مۇھىتقا كۈنۈپ كەتتى. ئۇنى خۇش قىلىدىغىنى شۇكى، ئۇ دائىم بىلگىيار بىلەن كۆرىشەلەيدىغان بولدى.
بىر كۈنى دۈشمەن تەرەپتىن قاتتىق ھۇجۇم قوزغىدى. بىلگىيار ئۇر-چاپ بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ جەڭ قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكتى. بىر ئۇزاق ئۇرۇش جەريانىدا ئىككىلا تەرەپنىڭ ئادىمى قاتتىق خورىدى. بىلگىيار قوشنى جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكى ئىگە بولغانلىغى ئۈچۈن، دۈشمەن تەرەپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. دۈشمەنلەر چېكىنگەندىن كېيىن بەرنا خىزمەتداشلىرى بىلەن ياردارلارنى داۋالاش ئۈچۈن جەڭ تۈتۈلىرى تېخى پۈتۈنلەي تارقىلىپ بولمىغان بۇسورۇنغا كىردى. بىلگىيار بۇچاغدا دۈشمەن قىسمىنىڭ تاشلىنىپ قالغان قۇراللىرىنى يىغىۋاتاتتى. ئۇ يەردە دۈم ياتقان بىرسىنىڭ يېنىدىكى گىراناتىنى ئېلىۋاتقان چاغدا بۇ ياتقان دۈشمەن چىرىكى ئۇنىڭغا ئاچ بۆرىدەك ئېتىلدى. ئەسلىدە چىرىك قىرغىنچىلىقتىن قورقاپ يالغان ئۆلۈك بولىۋالغان ئىكەن.
ئۇلار قاتتىق ئېلىشتى. بىلگىيارنىڭ سەبداشلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يارىدار بولغان، ياردار بولمىغانلار بولسا ياردارلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرى بىلەن ھەلەك ئىدى. يىراقتا تۇرغان بەرنا بۇئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇچقاندەك بىلگىيار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. بىلگىيار بۇ دۈشمىنىگە ھەرگىز بوش كەلمىدى. ئۇ رەقىبىنىڭ تۇمشىقىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئۇجۇقۇپ تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ يېنىدىكى پىچاقنى ئالدىدە، ياققىسىدىن تۇتىۋالغان دۈشمىنىنىڭ كۆكسىكە سانجىدى. قان خۇددى بۇلاقتىن سۈيىدەك بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى. بىلگىيار دۈشمىنىنىڭ قىينىلىپ ئۆلۈشىنى خالىمىدى بولغاي، ئارقا-ئرقدىن ئۇنىڭ كۆكسىگە پىچاق سالدى. شۇپەيتتە ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. بىلگىيار ئۆز سەزگۈرلىگى بىلەن بۇ كەلگنى يەنە بىر دۈشمەن دەپ پەملەپ، پىچاقنى ھېلىقى جان تالىشىۋاتقان دۈشمىنى كۆكسىدىن سۇغۇرۋېلىپ ئارقىغا قارىماستىنلا قاتتىق بىر سىلكىدى.
بىلگىيار كۆزىنى ئېچىپ قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭدىن ۋازكېچىپ يىراقلىشىۋاتقاندەك، ئۆزى خۇددى چوڭقۇرلىغىدا چېكى بولمىغان بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. بىلگىيار ئارقىغا قاراپ يىقىلىۋاتقان بۇ ئادەمنى چاققانلىق بىلەن يۆلىۋالدى. پىچاق ئۇنىڭ دەلمۇدەل بويۇن قىسمىدىكى جان تۇمۇرىنى كېسىۋەتكەشكە قان كۈشلشك بىسىم بىلەن ئېتىلىپ چىقتى. بىلگىارنىڭ يۈزلىرىمۇ قانغا بۇيالدى. جاھان قاراڭغۇلىشىپ، قاتتىق شامال چىقىشقا باشلىدى. بېلگىيارنىڭ قوينىدا ياتقان بۇ ئادەم بىر نېمىلەرنى دېگۈسى كەلدىيۇ سۆزلىيەلمەيتتى.بىلگىيار قولى بىلەن يارا ئېغىزىنى مەھككەم بېسىۋالغان بولسىمۇ، قان يەنىلا توختىماي ئۇنىڭ بارماق ئارلىقلىرىدىن چىقىۋاتاتتى. ئۇ يىغلىۋەتتى، بۇ باتۇر، قەيسەر يىگىت نى جەڭلەردە، نى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپمۇ كۆزيىشى قىلمىغان، ئەمما ئۇ ھازىر قاتتىق يىغلىدى. يىغلىغاندىمۇ قاتتىق يىغلىدى.
ئۇنىڭ قوينىدىكىسى باشقا كىشى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئىدى. بارلىغىنى ئاتىغان، ئۆزبەختىنى شۇنىڭدىن تاپماقچى بولغان، كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، دۇنيادىكى بىردىنبىر سۆيگۈنى بەرنا ئەنە قانسىرىغان شۇھالەتتە ئۇنىڭ قوينىدا ياتماقتا ئىدى. بارابارا بەرنانىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۋاتاتتى. بىلگىيار ھەرقانچە چاقىرسىمۇ ئۇنى ئويغۇتالمىدى. بىلگىيار ئەمدى ئۆز پەرىشتىسىنىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى ۋە شۇ گۈزەل قىياپىتنى كۆرەلمەيدىغان بولدى، شۇنداقلا سادىق مۇھەببىتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.
2007.6.20

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-12, 12:11

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-12 20:10 |
شەبنەم تور رادىئوسى
Gulzohra
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 82501
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 169
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

بۇ نىم بولغىنى...      

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
خوشاللىق سىز ھەم بىزگەياربولسۇن!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 20:20 |
dilbinur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 35235
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 663
شۆھرەت: 664 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن ........

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62869.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 20:37 |
zinak
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 54888
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 455(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

توۋا ھەجەپ بوپقالدا  ئادەم

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 20:44 |
padixa51
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 54566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 379
شۆھرەت: 380 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3728 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 319(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىGulzohraنىڭ2009-04-12 20:20 دە يوللىغان يازمىسى   :
بۇ نىم بولغىنى...      

شۇ ئاشۇنداق بولغىنى  يەنە نىمە بولسا بۇلاتتىhttp://padixa.blogbus.com/

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
تاڭ سەھەرنىڭ ئاجىز نۇرىدا سىزنى كۆردىم
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 20:54 |
abdemahmot
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 82142
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

كۇڭلۇم    ھەجەپ   يىرىم   بولدى  

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 21:44 |
yiganneroh
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33062
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 239
شۆھرەت: 240 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2343 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 735(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

راست بەك ئېچىنىشلىق پاجە  ئىكەن!!!

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 22:19 |
Dilsiri902
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59021
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-12

 

ھەي .............. ئالدىراڭغۇلۇق.................... بەك ئازاپلىقكەن ....................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 22:55 |
itachi514
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 38630
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 377
شۆھرەت: 378 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3575 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 358(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىpadixa51نىڭ2009-04-12 20:54 دە يوللىغان يازمىسى   :

شۇ ئاشۇنداق بولغىنى  يەنە نىمە بولسا بۇلاتتىhttp://padixa.blogbus.com/

بۇ ئىنكاس يازىدىغان يەر،سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئىلان قىلىدىغان يەر ئەمەس!

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 23:35 |
ayxamgult
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 73566
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 137 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

          

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 09:43 |
Thomas
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83186
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

 

ھەي..............     

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 10:12 |
1210
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41361
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 100
شۆھرەت: 101 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 910 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 314(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

 

بەك ئېچىنىشلىقكەن!!!   ھەي..................

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:48 |
Ak Lala
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 10329
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 625
شۆھرەت: 626 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4777 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بارمۇ؟

سىنى ئەسلەيمەن ئاللاھ!
مېنى ئۇنتۇپ قالما!
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 16:23 |
yarlangankalib
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 82950
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

 

ئەجەپ بۇلۇپ قالدا كۆڭلۈم ئەي ئالدىراقسانلىق .

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:36 |
ئايخان
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 57047
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 162
شۆھرەت: 163 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 346(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

          

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 19:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-16 00:42, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ