ئۇرۇمچىدىكى بەزى مەسچىتلەرنىڭ قۇرلۇشى ئۇچۇن قىلىنىۋاتقان چىقىم كىشىنى چۇچىتىدۇ بەزى مەسچىتلەر بېزىلىشتە تاسلا قالىدۇ رىستۇرانلارنى بېسىپ قويغىلى. بۇمەسچىتلەر ئۇچۇن قىلىنىۋاتقان چىقىمنىڭ بىرقىسمى كىشىلەرنىڭ خالىس ياردىمى ئارقىلىق يىغىلىنىدۇ <شۇ خالىس ياردەم قىلىۋاتقانلارغا اللا رەھمەت قىلسۇن> . مەن بۇ چىقىملارنى جايىغا ئىشلىتىلمىگەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنداق زىيادە بەتخەجلىك قىلغان مەسچىتلەرگە پۇل بەرمەيلى بۇرادەرلەر .. بىز بىر تەرەپتە مەسچىتكە ئۇرۇنسىز گۇل نەقىش ئىشلەپ يۇرسەك سىرتلاردا يىتىملار مىسكىنلەر ئاچ تائامسىز قالسا بۇ ئىسلامنىڭ روھىغا ئۇيغۇنمۇ توغرا مەسچىتكە ياردەم بىرىش ياخشى ئىش ساۋاپلىق ئىش لىكىن نۇرغون مەن مۇسۇلمان مەن دەپ تۇرۇۋاتقان بۇرادەرلىرىمىز دىننىڭ ئەھكاملىرىدىن خەبەرسىز قالغان پەيىتلەردە شۇ پۇللارنى دىننىڭ ئەھكاملىرىنى چۇشەندۇرىدىغان دىنى كىتاپلارنى سېتىۋىلىشقا خەجلىەپ مەسچىت مەسچىتلەرگە قويۇپ قويساق مۇسۇلمان بۇرادەرلەرگە ياردەم بەرسەك ،يىتىملارنى يولىسەك بۇنىڭ ئەجرى مەسچىتكە ئورۇنسىز گۇل نەقىش ئىشلەشكە پۇل ياردەم قىلىشنى بېسىپ چۇشمەمدۇ بۇرادەرلەر........ جانابى رەسۇلۇللا < يىتىمنىڭ بېشىنى سىلىغانلار جەننەتتە مەن بىلەن مۇشۇنداق يىقىن تۇرىدۇ >دەپ ئىككى بارمىقىنى ئازراق ئېچىپ قويدى ،مەسچىتكە ۇرۇنسىز گۇل نەقىش ئىشلەشكە پۇل ياردەم قىلغانلارغا ئەمەس بەلكى يىتىمنىڭ بىشىنى سىلىغانلارغا كىلىدىغان ساۋاپ بۇ. بىز مەسچىتنى گۇل نەقىشكە توشقۇزۇشقا ھەركەت قىلىشتىن ئاۋال ھەر بىر مومىن مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ئسلامنىڭ روھىنى چۇشىنىشكە يېتەكلىيەلىگەن بولساق بۇناھايتى ياخشى ئىش بولاتتى. يېقىندا مەلۇم بىر ناھىيەدىكى بىر مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۇچۇن كىرىپ ھەيران قالدىم ئۇمەسچىت يىڭى سېلىنغان بۇلۇپ قىلىنغان چىقىم بىرمىليۇندىن ئاشىدىكەن ھەمدە بۇ پۇلنى ئاساسەن شۇيەردىكى جامائەت يىغىش قىلغان ئىكەن ،ئەمما قىزىقارلىقى شىرىن بۇلاق ، ياخشىلار باغچىسى قاتارلىق نۇپۇزلۇق كىتاپلارنى ئۇ مەسچىتتە كورمىدىم ، نۇرغون يېزا مەسچىتلىرى بار بۇرادەرلەر يوقارقى كىتاپ ئەمەس ئاددى ناماز قائىدىسى بار كىتاپچە يوق ..شىنجاڭدا 20000دىن ئارتۇق مەسچىت بار ،،ئەگەر شۇ مەسچىتكە قىلغان چىقىمنىڭ يېرىمىغا ياخشىلار باغچىسى دىگەن كىتاپلارنى سېتىۋىلىپ ھەر مەسچىتكە بىردىن تەقدىم ئەتسە شىنجاڭدىكى پۇتۇن مەسچىتكە يىتىپ ئاشىدۇ ئۇيلاپ كورەيلى قايسىدا پۇل ئۇنۇملىك ئشلىتىلگەن بولىدۇ قايسىدا ساۋاپ كوپ. ھەقىقى تەقۋا ،كاللىسى ئويغاق مومىن بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۇزبىك ئولىما ئابدۇۋەلى قارىنى ۋە ئۇنىڭ ئەنجان مەسچىتىنى بىلمەيدىغانلار كوپ بولمىسا كېرەك مانا بۇ كىشى ۋە بۇكىشىنىڭ مەسچىتى كوپ مومىن بۇرادەرلىرىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغانىدەك ئىسلام دۇنياسىغىمۇ خېلى تۇنۇشلۇق ... ئۇ مەسچىت ئۇزىنىڭ ئىسىللىكى بىلەن تۇنۇلغىنى يوق ،،ئىچىدىكى نەقىش بىلەن تۇنۇلغىنى يوق بەلكى ئۇ مەسچىتتىكى مۇسۇلمانلار كۇچىنىڭ يىتىشىچە قۇرئان ۋە ھەدىسكە مۇۋاپىق ياشاشقا تىرىشقانلىقى قەقنى بەرپا قىلىشقا تىرىشقانلىقى بىلەن ئىسلام ئالىمىگە تۇنۇلغان ، مانا بۇ موھتىرەم ئۇستاز ئۇزىنىڭ بىر قېتىملىق نوتقىدا شۇنداق دىيەلىگەن < بىز نىڭ مەسچىتىمىز ھىچكىمنىڭ سەدىقىسىگە ياكى زاكاتىغا مۇھتاج ئەمەس سىرتتا يىتىم تائامسىز قالسا مۇسۇلمان قىيىنچىلىقتا قالسا بىز بۇيەردە مەسچىتكە گۇل ئىشلەپ يۇرسەك بۇ ئىسلام ئەمەس ،،،پۇلۇڭلارنى مۇھتاجلارغا بىرىڭلار ،،تەكرارلاپ ئيتاي بىز ھىچكىمنىڭ سەدىقە زاكاتىغا مۇھتاج ئەمەس> مانا بۇ ھەقىقى بىر خالىس رەھبەرنىڭ سوزى،، بىز ھازىر مانا مۇشۇنداق خالىس دىننى پىشىۋالارغا مۇھتاجمىز بۇرادەرلەر.. شۇڭا پۇل تاپماقمۇ ئاسان ئەمەس پۇلنى ھەقىقى ساۋاپ بولىدىغان ھەقىقى ئھتىياجلىق يەرلەرگە ئىشلىتەيلى.. ئەسكەرتىش مەن بۇ تېمىنى مەسچىت كونىراپ ياقىلاشقا ياكى ئستىنجاخانا سېلىشقا ۋە باشقا زورۇر بولغان يەرگە پۇل خەجلىگەنلەرگە قاراتقىنىم يوق شۇنداق قىلغانلارغا اللا ئەجرىنى بەرسۇن. پەقەت ئارتۇقچە گۇل نەقىشلارغا پۇل خەجلەۋاتقان پۇل بېرىۋاتقان ھەم پۇل يىغىۋاتقان ئىشلارغا يازماقچىمەن.. بۇرادەرلەرنىڭ ئىنكاس يازغاندا مىنى خاتا چۇشۇنۇپ قالماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن خاتا قىلغان بولسام ئاللا كەچۇرسۇن |