« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2520 - كۆرۈرمىنى
kyb5
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 28934
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 280 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2690 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1435(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 پەۋقۇلئاددە سەمرىپ كېتىش

پەۋقۇلئاددە سەمرىپ كېتىش (سەمەنى مۇفرەت )
تۇنۇش :كىشىنىڭ بەدىندە ياغ بەك كۆپ يىغىلىپ بەدەن ئېغىرلىقى نۇرمىدىكى تەن ئېغىرلىقىدىن  %20 ئارتۇقراق ئېشىپ كەتسە «سىمىزلىك»دەپ ئېيتىش مۇمكىن مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان ياغ ،تەن ساقلىق ۋە بەدەننىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .ئەمما ياغ بەك جىق يىغىلىپ بەدەننىڭ ئۆزىگە كىرەكلىك مىقتاردىن ئېشىپ كىشى سەمرىپ كەتسە گۈزەللىك كەلتۈرمەيلا قالماي ،بەلكى سالامەتلىككىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ .چۈنكى بەدەندىكى ياغ بەزلىرىنىڭ ئۆزىگە كىرەكلىك ماددىلارغا كۆپلەپ ئىرىشىپ ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرەك ياغلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ بەك سەمرىپ كەتكەندە چوڭ –چوڭ خەتەرلىك كىسەللىكلەردىن خالى بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس .شۇڭا پىشقەدەم ھۆكىمالار «پەۋقۇلاددە سىمىزلىكتىن كۆپىنچە ياخشىلىق كەلمەيدۇ »دەپ خۇلاسە چىقارغان .بەك سەمرىپ كەتكەن كىشىلەردە نەپەس يوللىرى تارىيىش كېسەللىكلىرى ،ئۇششاق ۋە قان تۇمۇرلار قېتىش ،تۇسۇلۇش ،ھەرىكەت دەخلىگە ئۇچراش ؛مىڭە –يۈرەك قان تۇمۇرلىرىدا سۇددە ھاسىل بۇلۇش ،قان بېسىمى ئۆرلەش (ئىرتىفائى سەفتىددەم )،مىڭىگە قان چۈشۈش (سەكتە)؛بىھۇشلۇق (غەشىيە )
ئەر- ئاياللار بالا تاپالماسلىق ياكى تۇغماسلىق ؛ھۆللۈك زىيادىلىقتىن ئەسەبلەر ،مۇسكۇللار بوشاپ كىتىش ،سىزىم سۇسلىشىش ھەرىكەت قىيىنلىشىش (ھەتتا لەقۋا ياكى پالەچلىك ).مەئىدە ۋە ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم ئىقتىدارى بۇزىلىش ،ئۆت خالتىسى ،ئۆت يوللىرىداتاش پەيدا بۇلۇش ،بۆرەكنى ياغ قاپلاش قاتارلىق ھەرخىل ئۇمۇمى بەدەن كېسەللىكلىرى يۈز بىرىدۇ ،بەدەننىڭ شەكلى سەتلىشىپ قىياپەت يېقىمسىزلىنىدۇ .سىمىزلىككە شارائىت تۇغدۇرۇپ بىرىدىغان تۈپ ئامىل روھى جەھەتتىكى خاتىرجەمنىڭ ،تۇرمۇشتىكى باياشاتلىق ،كۆپ يەپ ،ئاز سەرىپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .بەدەندىكى ياغلارنىڭ كىلىش مەنبىئى ئاساسەن يىمەكلىكلەردۇر ،يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ھەرخىل ياغلىق نەرسىلەر ،مەسىلەن ؛ يىگەن ياغلار ،سىمىز گۆشلەر ،ياغلارنىڭ مۇقىم مەنبىئى بولغاندىن تاشقىرى ،،ئاقسىللار ۋە قەنتلەرمۇ بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ،بەدەننىڭ ئىھتىياجىدىن ئارتۇق قىسمى ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە زاپاس ساقلىنىدۇ .
ئادەم بەدىندە ياغ ماددىسى ئاساسلىقى تىرە ئاستى ،بۇيۇن ساھەسى ،ئەمچەك ،ساغرا (پەللەك )ۋە قورساقلاردا توپلىشىپ  قالىدۇ .ئەرلەرنىڭ قورسىقىدا ،ئاياللارنىڭ كۆكسى (ئەمچىكى )،ساغرىسى يوتىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسىملىرىدا كۆپرەك يىغىلىدۇ .سىمىزلىكنىڭ سەۋەبلىرى نۇرغۇن بۇلۇپ ،ئۇلارنى تەخمىنەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن .ئاددى سىمىزلىك ؛ئىچكى سۇيۇقلۇق ئاجرىتىش بەزلىرى كىسەللىكلىرىدىن بولغان سېمىزلىك ؛مەركىزى نىرۋا سېستىمىسى كىسەللىكلىرىدىن بولغان سېمىزلىك .بۇلارنى تۆۋەندە قىسقىچە تۇنۇشتۇرىمىز .
ئاددى سېمىزلىك:ئاددى سېمىزلىك دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ .ئادەتتە بىز «پورداق »دەپ ئاتايدىغان سىمىز كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇنداق ئاددى سىمىزلىككە مەنسسۇپ .ئاددى سىمىزلىك پەيدا بۇلۇشنىڭ سەۋەبى «كۆپ يەپ ،ئاز سەرىپ قىلىش »تىن ئىبارەتتۇر .جىسمانى ئەمگەك قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىسىمۇ ،ئەمما سەمرىمەيدۇ ؛ئەمگەك قىلمايدىغان كىشىلەر ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان،تاماقنى كۆپ يىمىسىمۇ ئوڭايلا سەمرىپ كىتىدۇ .چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرەكلىكىنى چىقرىش ،سەرپىياتى ئاز .ساغلام ئادەملەردە دائىم ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان يىمەكلىكلەرنى سۈمۈرۈپ ئېلىش مىقدارى بىلەن ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرەكلىكىنى چىقرىش سەرپىيات مىقدارى ئوتتىرىسىدا بەلگىلىك KYB5قانۇنىيەتلىك مەۋجۇت .بۇ خىل KYB5قانۇنىيەتلىك ئىنسان ئۆزى سەزمەيلا چوڭ مىڭە پوستلاق قىسمىدىكى مەركەزلەر تەرىپىدىن تەڭشەپ تۇرىلىدۇ .بۇ خىل تەڭشەك بۇزىلىپ كەتسە ، ئۆزىگە كىرەكلىك قۇبۇل قىلىنغان ئۇزۇقلىقلارنىڭ ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق (كالورىيە)مىقدارىدا ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان ئەزا،ھۈجەيرىلەرگە سەرىپ قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىر دە،ئوشۇقچە ئوزۇقلۇق ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە زاپاس ساقلىنىپ سېمىزلىك سادىر قىلىدۇ.
يىنىك دەرىجىدىكى سېمېزلىق ھېچقانداق سېمېزلىق كەلتۇرمەيدۇ.كۆرۇنەرلىك دەرىجىدىكى سېمېزلىكتەئوڭاتلە نەپەس قىسىلىش،چارچاش،تىرىنىڭ قاتلىشىپ ئوڭايلا سۇركىلىپ زىدىلىنىش ھادىسلىرىنى سادىر قىلىدۇ.بەك سەمىرىپ كەتكەندە نورمال ھەركەتلىنىشكىمۇ دەخلى يېتىدۇ،ئەمگەك قىلىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ،سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،سېمىزلىك كىشىلەردە يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى،زىئابىت،ئۆت،تاش،كىسەللىكى قاتارلىق بىرمۇنچە ئېغىر كىسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ
1›ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ KYB5قانۇنىيەتلىك خىزمىتى بۇزۇلۇشتىن بولىدىغان سېمىزلىىك :
بۆرەك ئۈستى بېزى (تاجى كۇلىيە)پوستىنىڭ خىزمىتىنى كۈچىيتىپ  كەتكەندە سېمىزلىك يۈز بېرىدۇ.سېمىزلىك يۈزىدە،بۇيۇندا ۋە گەۋدىدە كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ ،قول-پۇتلاردا رۇشەن كۆرۈنمەيدۇ.بىمارنىڭ چىرايى قىزىرىپ نەملىشىپ تۇرىدۇ ،يۈزى خۇددى تۇلۇن ئايدەك يۇمىلاق بۇلۇپ قالىدۇ .ئادەتتە تۈك كۆپىيىپ كېتىدۇ ،ئاياللارغا ساقال –بۇرۇت چىقىپ قالىدۇ ،دوۋسۇننىڭ يۇقىرىسىدا قۇرساق تىرىسىگە ۋە يوتا تېرىسىگە سۆسۈن سېزىق پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ .بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ ئاددى سېمىزلىكتىن پەرق ئېتىش قىيىن ئەمەس .
2›جىنسىي ئىقتىدار بەك تۆۋەنلەپ كېتىشتىن سادىر بۇلىدىغا سېمىزلىك :
ئەر –ئاياللاردا جىنسىي ئىقتىدار بەك تۆۋەنلەپ كەتكەندىمۇ سېمىزلىك يۈز بىرىدۇ .
مەسىلەن :ئاياللاردا ھېيىز كېسىلگەندىن كىيىن ياكى ھەر ئىككى تەرىپىدىكى تۇخۇمدان كېسىپ ئېلىپ تاشلانغاندىن كىيىن تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى ياخشى بولماي ،ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرەك ئاياللىق ھورمىنى ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقتىن ياغ بەزلىرىنىڭ ئۆزىگە كىرەكلىك كەيپىيات يارتىللىپ ئاياللار سەمرىشكە باشلايدۇ .
ئەرلەردىن ئىككى ئۇرۇقدان زەخمىگە ئۇچراپ ياكى ياللۇغلىنىپ ،خىزمىتى ناچارلاشسا سېمىزلىك سادىر بولىدۇ .ياغنىڭ تارقىلىپ ئۇرۇنلىشىدىغان ئۇرۇنلىرى ئاياللار دىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ .قول –پۇتلار بەك ئۇزىراپ كىتىدۇ ،ئاۋازى ئۆزگىرىپ جاراڭلىق چىقىدۇ،ساقال –بۇرۇت شالاڭلىشىپ يوقىلىپ كېتىدۇ .ئەگەر كىسەللىك كىچىك ياشتا باشلانسا جىنسىي ئەزالىرى تەرەققىي قىلمايدۇ .
‹3›ئەسەب مەركىزى كېسەللىكلىرى سادىر قىلىدىغان سېمىزلىك :
تەجىربىخانىدا ئىسپاتلىنىشىچە، مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمى غىدىقلانسا ياكى زەخمىلەنسە سېمىزلىك سادىر قىلىشى مۇمكىن بۇلىدىكەن .مىڭىنىڭ بۇ قىسمى تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىسى (تەھتى سەرەر بەسرىي )دەپ ئاتىلىدۇ .ئىنسانلاردا چوڭ مىڭىنىڭ كېسەللىكلىرى ،مەسىلەن :مەزكۇر قىسىمنىڭ ئۆسمە، ياللۇغلىنىش ،زەخمىنىشلىرى سېمىزلىك سادىر قىلىشمۇ مۇمكىن .بۇنداق بىمارلاردا سېمىزلىك بىلەن بىللە مېڭىنىڭ باشقا كىسەللىكلىرىمۇ بۇلىدۇ .
سېمىزلىككە بىشارەت بىرىدىغان ئامىللار :
‹1›بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بۇلۇپ ،داۋاملىق سەرىشنى پەيدا قىلغۇچى ھۆجەيرە ،بەزلەرگە ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان گۆشلۈك ھۆللۈك خۇسۇسىيتى ئارتۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ، سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىچىش ۋە روھى جەھەتتىن خاتىرجەم ،تۇرمۇشى باياشات بۇلۇپ تاماقتىن كىيىن  ئارتۇقچە ھەرەكەت قىلماي ئارام ئېلىش ،ئۇخلاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىگە ۋاختىنچە بىكىرەكلىكىنى چىقرىش سەرپىيات مىقدارى ئازلاپ بارا-بارا سەمرىپ كېتىدۇ .
‹2›بەزى كىشىلەرنىڭ دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبئىي ئىرسى مىزاجى ھۆل بۇلۇش بىلەن بىرگە ئاشقازان ،ئۈچەي ،جىگەر  ،يۈرەك ،ئۆپكە قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان ماددا ئالمىشىشى نۇرمال بۇلۇپ ،ئىستىمال قىلىنغان ئۆزىگە كىرەكلىك ئۇزۇقلىقلىرى ئەزا ،ھۈجەيرىلەرگە ئۆزىگە كىرەكلىك قېلىنىپ تۇلۇق ئۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ،كۈندىن –كۈنگە سەمرىپ كېتىدۇ .بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان سۇنى تەلەپ قىلىپ كۆپ ئۇسسايدۇ ،ئۇسسۇزلىقنى بېسىش ئۈچۈن سۇيۇقلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بارغانسىرى بەدەن ئۆزىگە كىرەكلىك ھۆللۈككە ئىرشىپ تىز سەمرىيدۇ .
‹3›بەزى كىشىلەر يېشىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۆزگۈرىشى ،باشقا يۇرۇتلارغا بېرىىش بىلەن بەدەندىكى دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبىئېي ئۈستۇنلىكنى ئىگىلىگەن قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ياكى قۇرۇق سۇغۇق مىزاج يىتەكچلىك ئۇرۇندىكى تەبىئىي سەپرا خىلىتغا ياكى سەۋدا خىلىتىغا بېقىنىپ ماسلىشىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان بەلغەم خىلىتىنىڭ ئۆزىگە كىرەكلىك ئىچكى تاشقى« تۇرۇشلۇق جاينىڭ ھاۋا كىلماتىدا ھۆل –يېغىن ،نەملىك كۆپ بۇلۇش، ھۆل سۇغۇق تىمپىراتۇرا ۋە يىمەك ئىچمەك ئارتىپ كىتىشى» ھۆل سۇغۇق كەيپىيات يۇقۇرى بۇلۇشى بىلەن بەلغەم خىلىتىنى ۋە ياغنى  ئشلەتقان ئەزالار « ئۆزىگە كىرەكلىكىنى قۇبۇل قېلىپ ئۆزىنى تۇلۇقلاش بىلەن ئۆزىدە ھاسىل بولغان ۋاختىنچە بىكىرەك كۆپلەپ، بەلغەم خىلىتى ۋە ياغنى ئىشلەپ چىقىرىش » قا ئەگىشىپ بەدەندە بەلغەم خىلىتىنىڭ ئارتىپ كىتىپ ئۇنىڭ تەبىئىي قۇرۇق ئىسسىق مىزاجنى ياكى قۇرۇق سۇغۇق مىزاجنى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ ئاجىزلىتىش بىلەن شۇ كىشىنىڭ،  قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ياكى قۇرۇق سۇغۇق مىزاجغا بېقىنىپ ماسلىشىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان تەبىئىي ھۆل سۇغۇق مىزاجى كۇچۇيۇپ، ئاستا-ئاستا سەمرىپ ئاخىرى بەك سەمرىپ كېتىدۇ .بۇ خىل سەمرىش ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ .
‹4›بەزى كىشىلەردە سىمىزلىك ئۇلارنىڭ يۇرمۇش شارائىتى ياكى خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ .ئۇلار تاماق تۈرلىرىنى ئۆزلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۆزى خالىغان مايلىق ،گۆشلۈك تاماقلارنى كۆپ يەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسەللەس ،بوزا ،ھاراق –شاراپلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ . ئاشپەز خادىملار :كۆپىنچە قۇلايلىق شارائىتتىن پايدىلنىپ دائىم ھەرخىل كۈچلۈك تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ ،شۇنىڭدەك كۆپ ئۇسساپ سۇيۇقلۇقنى كۆپ ئىچىدۇ ،تاماقتىن كېيىن دەم ئېلىپ ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ .نەتىجىدە بەدەندە غەيرىي تەبئىي ھۆللۈك كۆپىيىپ سەمرىپ كېتىدۇ .
ئالامىتى ۋە داۋالاش :   ئالامىتى ھەممىگە مەلۇملۇق ،داۋالاشتا : سەمرىپ كەتكەن كېشىلەرنىڭ مىزاجىنى تەكشۈرۈپ دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبىئىي مىزاجمۇ ياكى دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبىئىي مىزاجغا ، بېقىنىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان قايسىبىر ماددا ياكى خىلىتنىڭ دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن مىزاجدىن ھالقىپ كىتىشتىن كىلىپ چىققانمۇ ئىنىقلاپ .
سەمرىپ كىتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە قايسى خىلىت ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ ،ئاندىنكىيىن شۇ كىشىنىڭ دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبىئىي مىزاجنىڭ ئىرسىيەتلىك سەۋەپتىن كىلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ئارقىلىق تاماقنى ئازئىستىمال قىلىپ ،ھەركەتنى كۆپ قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى تەبىمىزاجىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ قۇرۇق مىزاجىنى كۇچايتىشقا چارە قىلىمىز.
دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبىئىي مىزاجغا ، بېقىنىپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان قايسىبىر ماددا ياكى خىلىتنىڭ دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن مىزاجدىن ھالقىپ كىتىشتىن كىلىپ چىققان  بولسا دەسلەپكى مىزاجدىن ھالقىپ كەتكەن ماددا ياكى خىلىتنى مۇنزىچ ،مۇسھىل بىرىپ تازلاپ ئاجىزلىتىپ دەسلەپكى ۋۇجۇتقا كەلگەن مىزاجنى كۇچايتىش ئارقىلىق داۋالايمىز.
بەدەننى قۇرۇتۇپ ئۇرۇقلىتىش ئۈچۈن ،سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە ئارقا تەرەتنى ھەيدىگۈچى دورىلارنى بىرىش كىرەك .تاماقنى ئازايتىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ .ئاز ئۇخلاش ،جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىش بىلەن پات –پات پار مۇنچىسىدا ھورلىنىپ تۇرۇش كىرەك. ھەرخىل ئىسسىقلىق ۋە ماددىلارنى تارتقۇچى ياغلاردىن ،مەسىلەن :سېرىق چىچەك يېغى ،قۇستى يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش لازىم .ئۇرۇقلاتقۇچى دورىلاردىن ئىتتىرفىل كەبىر ،ئىتتىرفىىل سەغرە ،جاۋارىش كۇمۇنى ،مەجۇنى سەنجىرىنا ،داۋا ئۆڭلۈك قاتارلىق ئۆزى قۇرۇق ئىسسىق ھەزىمنى ياخشىلاپ ماددا ئالمىشىشنى تىزلىتىپ ،بەدەننى قۇرۇتۇش تەسىرگە ئىگە دورىلارنىڭ قايسى بىرى بولسا شۇنى ئىشلەتسە ،كۈندىن –كۈنگە ئۇرۇقلاپ ئەسلى ھالەتكە ئگە قىلىدۇ.قاتتىق قۇرۇق جايدا يېتىش ،بەك يۇمشاق كۆپىدە ياتماسلىق لازىم .شۇنىڭدەك بەدەن سەمرىپ كىتىشكە سەۋەبچى بۇلىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش لازىم .
ئۇرۇقلاتقۇچى سۇپۇپ نانىخۇا:
نانىخۇا،بادىيان،سوزاب،زىرە ھەر بىرى12 گىرىمدىن،مەرزىنجۇش،توغرىغۇھەر بىرى 3 گىرامدىن لەكى مەغسۇل 6 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ،تاسقاپ تالقان قىلىپ قۇيۇپ،لازىم بولغاندا بىمارنىڭ چۇڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ 3 گىرىمدىن كۈنگە2 قېتىم ئىچىشكە بولىدۇ.يەنە بىر نۇسىخا
لەكى مەغسۇلدىن بىر گىرامنى سىركىگەچىلاپ قۇرۇتۇپ ،يۇمشاق سۇقۇپ،0.1 گىرىمدىن 10 قەغەز يۆرگەپ ئەتكەن-ئاخشامدا بىر قەغەزدىن ئىچىپ بىرىلسە بولىدۇ.بىر ئاز ئۇسسىغاندىمۇ ئۇسسۇزلۇققا چىدىشى لازىم.ئەشۇ چاغىلا ئاز كۈندە ئۇرۇقلايدۇ.
يەنە بىر نۇسخا داۋا ئۆڭلۆك:تەركىبى لەكى مەغسۇل،سۇندۇرۇس،ھەر بىرى بىر گىرامدىن،مەرزەنجۇش،زىراۋەنداجىنتىيانە.زاج ھەر بىرى يىرىم گىرامدىن ئېلنىدۇ.سۇقۇپ تاسقاپ يېرىم گىرامدىن 2 قىتىم يىشكە بىرلىدۇ،ئاز مۇددەت ئىچىدەئورۇقلايدۇ.
يۇقىرى چارە-ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش بىلەن بىللە غىزاسىنىمۇ تەرتىپكە سېلىش لازىم .ھەرخىل گۆشلۈك،كۈچلۈك ئالىيتاماقلاردىن ساقلىنىش كىرەك.
بۇنداق كىشىلەرنىڭ غىزاسى ئۈچۈن ئورۇقراق ئەچكۈ گۆشى،قېرى خوراز گۆشى قاتارلىقلارنى زىرە.قارمۇچلارنىڭ بىلەن قوشۇپ پۇشۇرۇش يىيىشكە بىرلىدۇ.
بەزى ھۆكۈمالار:ئاق يەردە ياشايدىغان يىلاننى تۇتۇپ تازىلاپ،تۇزلاپ قۇرۇتۇپ،سوقۇپ تاسقاپ تالقان قىلىپ 0.5 گىرامدىن ،كۈنىگە 2 قېتىم ئىچىشكە  بىرىلسە ئۇرۇقلىتىدۇ،دەپ كۆرسەتگەن .
پات-پات ئاچ قورساقتا پار مۇنچىسىغا كىرىپ تەرلىنىش ،ئاز ئۇخلاش ،ئاز دەم ئېلىش،ئاز يىيىش،ئاز ئىچقشتىن ئىبارەت «تۆت ئاز»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم .

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-12 16:35 |
شەبنەم تور رادىئوسى
Gulzohra
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 82501
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 169
شۆھرەت: 172 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

ئومۇمەن  ئاز تاماق يىسە ئورۇقلايدۇ شۇ !

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
خوشاللىق سىز ھەم بىزگەياربولسۇن!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 16:38 |
arkam125
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63615
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 137
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

تەن ساقلىق زور بايلىق! ھەممىمىزگە سالامەتلىك يار بولغاي......

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 16:40 |
korlakizi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 60216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 451 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4300 سوم
تۆھپە: 7 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 468(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

رەھمەت سىزگە       

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 16:55 |
lopunurdiyari
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 61225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1088
شۆھرەت: 1090 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 501(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

بولسا نورمال چېنىقىپ بەرگەن ھەممىدىن ئەۋزەل.

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 17:06 |
nijatabdulla
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 83131
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

رەھمەت لېكىن بۇنچە كۆپ خەتنى قاچانمۇ يېزىپ بولغانسىز

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 17:31 |
zeewaa
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 59118
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 528
شۆھرەت: 529 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5105 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

بۇ  دوستىمىزنىڭ  تىمىسى  ھەقىقەتەنمۇ  قىممەتلەك  تىما  ئىكەن      

    كومپىيۇتېردا كەم بولغىنى --تەپەككۇر
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 17:39 |
باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1073
شۆھرەت: 1132 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10675 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1057(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

ئەجرىڭىزگە رەھمەت دوستۇم ، ساقلىۋالدىم .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 18:14 |
kyb5
ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 28934
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 280 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2690 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1435(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىnijatabdullaنىڭ2009-04-12 17:31 دە يوللىغان يازمىسى   :
رەھمەت لېكىن بۇنچە كۆپ خەتنى قاچانمۇ يېزىپ بولغانسىز

ئۆزىنىڭ مەنپەتىنىلا ئويلاپ باشقىلارنىڭ نىم بۇلۇشى بىلەن كارى بولمىغان  ئادەم كىشلەرنىڭ نەزىردىن چۈشۈپكىتىدۇ.
ئەلگە نەپ يەتكۈزگەن ئادەم ،ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرشىپ ئۆزىمۇ مەنپەت ئالىدۇ.

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 18:31 |
dilbinur
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 35235
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 663
شۆھرەت: 664 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

ياخشى تېمىكەن رەخمەت پايدىلنامەن دەپ ساخلىۋالدىم .

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
./read.php?tid-62869.html
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 21:35 |
telgiraf
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 156
شۆھرەت: 157 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 766(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

  ئىشقىلىپ  قۇرۇق  تاغار  ئۆرە  تۇرمايدۇ.......تاماقنى  نورمال  يەپ ،ھەركەتنى  مۇۋاپىق  قىلغاندا  سەمىرشىنىڭ  ئالدىنى  ئالغىلى  بولىدۇ،  خانىم-قىزلارغا  ئەڭ  ياخشى  ئورۇقلاش  ئۇسۇلى ئۆي  تازىلاش

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 11:08 |
تۈركەر
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41240
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 243
شۆھرەت: 246 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2374 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 742(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

تۇيۇقسىز سېمىرىپ كېتىش خەتەرلىك!!

ئالىم بولساڭ ئالەم سىنىڭكى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 13:41 |
hankiz76
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63777
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 685
شۆھرەت: 686 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6840 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1064(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16

 

تەن ساقلىق زور بايلىق! ھەممىمىزگە سالامەتلىك يار بولغاي......

ياشلىق سۇدەك ئوتەر،ھەسرەت تاشتەك چوكەر.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 22:53 |
hox-hoy
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 59439
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 131 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1175 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 456(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

رەخمەت سىزگە مەن سىناپ كۇرەي  

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 22:24 |
bayat
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 56925
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

قارىغاندا مەندىن چاتاق چىقامدۇ  نىمە؟؟؟؟؟؟

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 01:26 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تەتقىقاتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-16 00:42, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ