سۇئال؛(سىنگاپوردىن ئىزمىن)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم،بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر قىتىم قايتىپ كىلىشىگە ئىشىنىمىز،ئۇ ئىككىنچى قىتىم دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە،دۇنيا ئۇزۇل كىسىل ئۆزگىرەيدۇ،مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار بىرىلىشىپ بىر ئۇممەت بولۇپ،زىمىن باياشاتچىلىققا تولىدۇ،ئەمدى مىنىڭ سورىماقچى بولغان سۇئالىم،ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا بىز ئۇنى قانداق تونۇيمىز؟ئۇ قايسى خىل شەكىلدە بولىدۇ؟قايسى تىلدا سۆزلەيدۇ؟ئۇنىڭ شۇچاغدىكى رۇشەن خاراكتىرى قايسى؟
جاۋاپ؛(نەبىل ھارۇن)ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئىزمىن،سۇئال سورىغىنىڭىزغا رەھمەت،
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى سۇپىتىدە ئىككىنچى قىتىم قايتىپ كىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن،
ئەبۇ ھۇرەيرەدىن يەتكۇزۇلگەن ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئادىل بىر ھۆكۇمران سۇپىتىدە قايتىپ كەلمىگىچە قىيامەت بولمايدۇ،(قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا)ئۇ كىرىستىنى سۇندۇرىدۇ،چوشقىىلارنى ئۆلتۇرىدۇ،جىزىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ،پۇل-مال شۇنداق كۆپىيىدۇكى(سەدىقە بىرەي دىسە) ئۇنى ئالغۇدەك ئادەم چىقمايدۇ،››(بۇخارى ۋە مۇسلىم يەتكۇزگەن ھەدىس،)
كىرىستنى چىقىپ تاشلاش ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى توغۇرسىدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان كىرىستكە مىخلانغان دىگەندەك توقۇلمىلارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە چوشقىلارنى ئۆلتۇرۇش ئۇنىڭ قۇرئاندا ۋە بۇرۇنقى مۇقەدەس كىتاپلاردا يىيىش چەكلەنگەن چوشقا گوشىنى يىيىشنى يەنە بىر قىتىم چەكلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،جىزىيە دىگىنىمىز ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۇقراسى بولغان غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلارنى قوغىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا خىزمەت ئۇچۇن ئۇلاردىن مۇسۇلمانلاردىن ئىلىنغان زاكاتنىڭ ئورنىدا ئىلنىدىغان باج بولۇپ،ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قىتىم قايتىپ كەلگەندە پۇتۇن خىرىستىيانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى يەنە ئىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ،
قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ كىلىشى كىشىلەرنى ئاللانىڭ يولىدىن ئازدۇرۇشنى قەستلىگۇچى دەججالنىڭ چىقىشىدىن كىيىن بولىدىغان بولۇپ،دەججال ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاجايىپ غارايىپ ئىشلارنى كۆرسىتىپ كىشىلەرنى ئىسلامدىن چىقارماقچى بولسىمۇ لىكىن ئۇ پەقەت ئازغۇنلارنىلا يولدىن چىقىرالايدۇ،
ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر يەتكۇزگەن ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹دەججال مىنىڭ ئۇممىتىمنىڭ ئىچىدە ئاشكارا بولىدۇ ۋە زىمىندا قىرىق تۇرىدۇ،(ھەدىسنى يەتكۇزگۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق كۇن دىمەكچىمۇ،ياكى قىرىق ئاي دىمەكچىمۇ ۋە ياكى قىرىق يىل دىمەكچىمۇ بىلمەيمەن دەيدۇ،)ئاندىن ئاللا مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتىدۇ،ئۇ ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇدقا ئوخشايدۇ،ئۇ دەججالنى قوغلايدۇ ۋە ئۆلتۇرىدۇ،ئاندىن خەلىق يەتتە يىل ياشايدۇ،بۇ يىللاردا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا غۇم،ئۆچمەنلىك بولمايدۇ،››(مۇسلىم يەتكۇزگەن ھەدىس)
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن يەتكۇزۇلگەن ئىشەنچىلىك ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۇنى كىشىلەرنىڭ ئالدىداقارىغۇ دەججال توغۇرلۇق سۆزلەپ مۇنداق دىدى؛شۇبھىسىزكى ئۇلۇغ ئاللانىڭ بىر كۆزى قارىغۇ ئەمەس،لىكىن دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ پولتىيىپ چىققان ئۇزۇمگە ئوخشايدۇ،ئاللانىڭ ئەلچىسى يەنە مۇنداق دىدى؛مەن كىچىدىن كەبىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ چۇش كۆرۇپتىمەن،ئۇ يەردە چىچى مۆرىسىگە چۇشكەن،سىلەر كۆرگەن ئاق ئادەملەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ،ئۇنىڭ چىچى تۇز ئەمەس بەلكى بۇدرە بولۇپ بىشىدىن سۇ تامچىپ تۇرىدۇ،ئۇ ئىككى قولىنى مۇرىسدىن كۆتۇرۇپ كەبىنى ئايلىنىۋاتىدۇ،مەن ئۇ كىم دەپ سورىسام ئۇلار بۇ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ دەپ جاراۋاپ بەردى››(مۇسلىم يەتكۇزگەن ھەدىس)
يۇقارقى ھەدىستىن باشقا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭ قايسى تىلدا سۆزلەيدىغانلىقىنى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىپ بىرىدىغان باشقا تەپسىلى ماتىريال يوق،ئۇنىڭ يۇزى خىرىستىيانلار ۋە ئۇلارنىڭ چىركاۋلىرى تەسۋىرلىگەندەك ئەمەس ،چۇنكى ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن ئايرىلىپ بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كىيىن تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئوبرازلاشتۇرۇلغان سۇرەت،
قانداقلا بولمىسۇن ھەقىقى مۆئمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەججال توغۇرسىدا بايان قىلغان ھەدىستىكى دەججالنىڭ سۇپەتلىرىدىن دەججالنى تونۇۋالىدۇ ۋە شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ھىچقانداق ئادەم تەرىپىدىن خاتا تونۇپ قىلىنمايدۇ،چۇنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇقلاش ۋە مۆئمىنلەرنى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۇرۇش ئۇچۇن كەلگەن ئىسلام پەيغەمبىرى دەپ ئىلان قىلىدۇ،
ئىسلامدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قىتم قايتىپ كىلىشى قىيامەتنىڭ بىر مۇھىم ئالامىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇزۇن تارىخ بويى داۋاملاشقان،بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بولغان تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇ تەشەببۇس قىلغان دىنغا سىڭىپ كىرىگەن ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا ئاستا خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر ئەقىدىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىيسانى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئاللانىڭ ئوغلى دەۋالغان مۇشرىكلىق،كاپىرلىق ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنىڭ ئاخىرلىشىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قىتىم قايتىپ كىلىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللا ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۇچۇن پۇتۇن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىدەك پاكىت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ،چۇنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قىتىم قايتىپ كەلگەندە ئاللانىڭ يىڭى بىر پەيغەمبىرى ۋە ئاللانىڭ ئىلاھى ۋەھىيسىنىڭ يىڭى بىر باسقۇچى سۇپىتىدە ئەمەس بەلكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەگەشكۇچىسى ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر بىردەك دەۋەت قىلغان ئىسلامنىڭ دەۋەتچىسى ۋە گۇللەندۇرگۇچىسى سۇپىتىدە مەيدانغا كىلىدۇ،
يۇقارقى جاۋابىمنىڭ سىزنى قانائەتلەندۇرىشىنى ئۇمى قىلىمەن،رەھمەت،داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەنبە؛ئىسلامنى تونۇش تورى.
http://www.readingislam.com/servlet/Satellite?pagename=Zone-English-Discover_Islam/DIEZone[ بۇ يازما irpan3 تەرپىدىن2009-04-12 11:42دە قايتا ت ]