« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1815 - كۆرۈرمىنى
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4212
شۆھرەت: 4150548 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1738583 سوم
تۆھپە: 183 نۇمۇر
ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قازان


دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قازان _ قۇملۇقتىكى ئەڭ چوڭ قازان


        بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن قەشقەردىكى مىللىي بۇيۇملار سارىيى ئالدىدا دىئامېتىرى1.50 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن يېرىم مېتىر كېلىدىغان، بىر قېتىمدا يەتتە – سەككىز قوينىڭ گۆشىنى پۇشۇرغىلى بولىدىغان بىر قازاننى كۆرگەنىدىم. شۇ چاغدا مەن ئۇنى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قازان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان.

     بۇلتۇر 11 – ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە بارغىنىمدا  ئۇ يەردىكىلەر ماڭا: ھاراپ يېزىسىدا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال:

     — قازاننىڭ دىئامېتىرى ئىككى مېتىر كېلەمدۇ؟  دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار:

     — ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغانلىرىمۇ بار،   دېدى. كاللامدىن شۇھامان «دۇنيادا شۇنداقمۇ چوڭ قازان بولامدىغاندۇ؟ ئۇنداقتا بۇ قازاندا قانداق تاماق ئېتىلىدۇ؟ بۇنداق چوڭ قازاننى قانداق ياسايدىغاندۇ؟»دېگەن خىياللار كەچتى.

     شۇ خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە مەن ئەڭ چوڭ قازاننى كۆرۈش، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك مەدەنىيەت  – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇدابەردى بىلەن  يولغا چىقتىم. ھاراپ يېزىسىغا بارغاندىن كېيىن يېزىدىكىلەر: يېزىنىڭ ئاياغجىلغا كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى «ئوردا مازار»دېگەن يەردە بىر نەچچە چوڭ قازان بارلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى، ھەتتا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قازان ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى دېيىشتى.

     ئۇلار ماڭا «ئوردا مازار»قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، ئارىلىقنىڭ 24 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى، يولنىڭ ناچارلىقىنى، ئەتراپىنىڭ قۇملۇق  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

     ئۇلار بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ، بىزگە ئاياغجىلغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن ھەسەن بىلەن يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ كادىرى ئابلىكىم سۇلايماننى ھەمراھ قىلدى. بۇلار 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەزىمەتلەر ئىدى، ئۇلار يول باشلىغاچ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ماڭدى.

     يېزا مەركىزىدىن ئانچە ئۇزىمايلا  بىپايان قۇملۇققا كىرىپ كەتتۇق، خەرىتىدىن قارىغاندا بۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەرب چېتى ئىدى.  شوپۇر يۈرەكلىك ھەم تېخنىكىغىمۇ پىششىق بولغانلىقتىن قۇم بارخانلىرىدىن ئۆتۈپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، قۇم بىلەن قورشالغان «ئوردا مازار»غا كەلدۇق. مازارغا پۈتۈلگەن خەتلەردىن قارىغاندا، بۇ  نامدار بىر زاتنىڭ مازىرى ئىكەن. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1998 –  يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بۇ ئورۇننى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپتۇ.  بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان كىم؟ ئۇنىڭ چوڭ قازان بىلەن نېمە باغلىنىشى بار؟
بىز غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن، ياسىن ھەسەن بىلەن ئابلىكىم سۇلايماننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ 7 – خاقانى ئۇرۇش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندا كىشىلەر  ئۇنى مۇشۇ جايغا  دەپنە قىلغانلىقتىن، بۇ يەر شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دىياردىكىلەرنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلانغانىكەن. تاۋاپچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن  چوڭ قازان قۇيۇلغان ئىكەن. 1911 – يىلى دىئامېتىرى ئىككى مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 80 سانتىمېتىر، ئايلانمىسى 6.28 مېتىر كېلىدىغان مىس قازان قۇيۇلۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قازاندا بىر قېتىمدا تۆت كالىنىڭ گۆشىنى پۇشۇرۇشقا بولاتتىكەن. كىشىلەر ئۇنى «ئالتۇن داش»دەپ ئاتايدىكەن.

     بىز پاراڭلاشقاچ ئەتراپىنى قۇم بېسىپ كەتكەن  بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق. مەن ئۇلاردىن: «ھېلىقى قازان قەيەردە؟»دەپ سورىدىم. ئۇلار  «مۇشۇ يەردە»دېدى. بىز قازاننى تەپسىلىي كۆرۈش ئۈچۈن شەرق ۋە جەنۇب تەرەپتىن قۇم دەسسەپ ئۆگزىگە چىقتۇق. ئۇلار ئۆگزىدە تۇرۇپ: بۇ ئۆي «تاۋاپخانا»دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۆي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا پۇقرالاردىن ئىئانە يىغىپ سېلىنغان، قازانمۇ مۇشۇ يەردە، ئۇزاق ۋاقىت  تاشلىنىپ قالغاچقا، ئۇنى شۇ پېتى ساقلانغان، دەپ ئېيتالمايمىز، دېيىشتى. تاۋاپخانىنىڭ ئىشىكىنى قۇم بېسىپ كەتكەچكە،  كەڭلىكى50 سانتىمېتىركەلگۈدەك تۈڭلۈكتىن ئۆي ئىچىگە كىرىشكە بولىدىكەن. بىز شۇ  تۈڭلۈكتىن ئۆيگە كىردۇق. تاۋاپخانىنىڭ ئىچىنىمۇ قۇم بېسىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ غەرب، شىمال تەرىپىدە ئازراق بوشلۇق بار ئىكەن، غەرب تەرىپىدە تەخمىنەن 10 مېتىردەك كەڭلىكتىكى يەرگە  چوڭ ئۈچ قازان قويۇلۇپتۇ. شىمال تەرىپىگە  چوڭ ئىككى قازان جايلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىغا قازانغا چىقىدىغان پەلەمپەيلەر ياسالغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ قازانلاردا قوي، تۆگە گۆشلىرى پىشۇرۇلىدىكەن. بۇ قازانلار سولدىن ئوڭغا قاراپ چوڭ كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. 1911 – يىلى قۇيۇلغان چوڭ مىس قازانمۇ مۇشۇ يەردە ئىكەن.  ئۆينىڭ شەرق تەرىپىگە ھېلىقى ئالاھىدە چوڭ قازان قويۇلۇپتۇ. بۇ قازاننىڭ دىئامېتىرى ئۈچ مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 1.50 مېتىر،  ئايلانمىسى 9.45 مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا پەلەمپەي بىلەن چىقىلىدىكەن، بىر قېتىمدا ئالتە تۆگىنىڭ گۆشىنى پىشۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇلغان چۆمۈچنىڭ سېپى پولاتتىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىكەن. ھەمراھلارنىڭ ئېيتىشىچە: بۇ قازان 1987 – يىلى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاياغجىلغا كەنتىدە ياسالغانىكەن، ئۇنى ياساشقا  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق بازىرى، قەشقەر، مەكىت، يوپۇرغا، قاغىلىق، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 38 ئۇيغۇر ئۇستا قاتناشقانىكەن، ئۇنىڭغا 4.5 توننا چويۇن سەرپ قىلىنىپتۇ، قازاننىڭ ئەتراپىغا ئۇنى ياساشقا قاتناشقان ئاساسلىق ئۇستىلارنىڭ ئىسمى ئويۇپ قويۇلۇپتۇ.


       كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بەش چوڭ قازان بۈگۈنگىچە يەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ چوڭ قازاننىڭ ياسالغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى بۇ قازانلارنىڭ تېخىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەنلىكى بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئۈستىنى توپا – چاڭ بېسىپ كەتكەن، بەزى يەرلىرى ئۇچۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى يەنىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق ئېتىش مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى، دېيىشكە بولىدۇ.

     ئۇنداقتا بۇ قازاننى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قازان دېيىشكە بولامدۇ؟ مەن بەزى ماتېرىياللارنى ئاختۇردۇم. ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە،  فۇجۇنىڭ گوشەن تېغىدىكى تۇڭچۇەن بۇتخانىسىدا سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭيۈ يىللىرىدا (1043 – 1036) مىس – تۆمۈردىن قۇيۇلغان، 250 كىلوگرام گۈرۈچتە تاماق ئەتكىلى بولىدىغان، مىڭ ئادەم غىزالىنالايدىغان «راھىبلار قازىنى» بار ئىكەن. ئۇنى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ قەدىمىي قازان، دېيىشكە بولىدۇ.

     ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاس شەھىرىنىڭ مەركىزىي كوچىسىدا ئۈستى  ئوچۇق بىر ئاشپۇزۇل بار، ئۇنىڭدا ئېگىزلىكى بەش مېتىر، دىئامېتىرى 2.50  مېتىركېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قازان بولۇپ، بىر قېتىمدا 100 ئاشپەز تاماق ئېتىدىكەن، ئۇ يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ قازان بولسا كېرەك. شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ قازاننى «دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسى»غا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن بۇ قازانمۇ چويۇندىن قۇيۇلماستىن تۆمۈردىن ياسالغان.

    مەن ھازىرغا قەدەر مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى «ئوردا مازار»دىكىدەك چويۇندىن قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ قازاننىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئىسپات تاپالمىدىم. مېنىڭچە چويۇندىن قۇيۇلغان ئەڭ چوڭ قازاننىڭ باشقا جايدا يوقلۇقى  شەك – شۈبھىسىز. ئۇ چوقۇم «دۇنيا جىننىس رېكورتى قامۇسى»غا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك قازان.

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-11 22:10 |
ئىزنا سودا بازىسى
Spider-X
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 82959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

 

دىئامىتىرى 3مېتىر دىگەن ئاز گەپ ئەمەس جۇمۇ !!  دۈم كۆمتۈرسە ئېسكىموسلارنىڭ مۇز ئۆيىدىن قېلىشمايدۇ دىگەن گەپ..

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
ئۆمۈچۈك
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:19 |
utkur-kiliq
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 82719
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

مەن بۇنداق چوڭ قازان بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن  ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:19 |
.MusliM.
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 62577
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 224 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

ئاتايىتىن بارغاندىكىن رەسېمگە تارتىۋالماي~! ھەي ئسىت
    

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:20 |
zinnat-1
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 70226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 467
شۆھرەت: 467 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4650 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 809(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

راس چوڭ قازانكەن جۇما.....شۇ قازاندا  بىر قازان پولا ئەتسا شەبنەم مۇنبىرىدىكىلەر تۇيامۇ.....؟؟

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:22 |
matimatika
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11327
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2073
شۆھرەت: 8413 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 14570 سوم
تۆھپە: 300 نۇمۇر
ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1411(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

مۇشۇ قازان ئوخشىمامدۇ؟!






شىنجاڭ تور مەكتىپى


http://matimatik.blogbus.com
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:32 |
tarim-borini
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 38401
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 188 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1870 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 230(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

ئاپرات ئېلۋالغان بولسىڭىز  رەسمدىنمۇ بولسا بىزمۇ كۆرگەن بولساق بەك ياخشى بولاتتىكەنتۇق

Freedom lies in being bold
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:34 |
ziyaliy
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 40943
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1265
شۆھرەت: 1287 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 12620 سوم
تۆھپە: 21 نۇمۇر
ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1139(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

ئۇنىڭدىنمۇ  چوڭ  قازان،  جۇڭگۇدا  بار،  ئۇ  بولسىمۇ  1 مىلىياردتىن ئوشۇق كېشى  نان يەيدىغان  تۆمۈر تاۋاق.    داش  قازان

شىنجاڭ تور مەكتىپى
غۇجىئ________ابدۇللا ====    خۇجا_____ ئابدۇللا
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:40 |
567890
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 27131
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 598
شۆھرەت: 601 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3137 سوم
تۆھپە: 82 نۇمۇر
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

توۋا ئاجايىپ بالىلار باردە -

بۇ خەۋەر مەنبەسى تەڭرىتاغ تورىدىن ئىلىندى دەپ تۇرسا ؟
يەنە نىمە رەسىم -  پەسىم .

تېما ئېگىسىسى پەقەت تېمىنى تەڭرىتاغ تورىدىن مائوس ئارقىلىقلا شەبنەمگە كۆچۈرۈپلا قويۇپتۇ .؟!!!

مەزكۈر خەۋەر مەزكۈر تېما ئېگىسىگە مۇناسىۋەتسىزلا ئىش ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرمامدۇ ؟؟؟؟؟؟؟

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:46 |
shakira
ئاھ!ئانا يۇرت
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 25635
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1500
شۆھرەت: 1535 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 15155 سوم
تۆھپە: 135 نۇمۇر
ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 648(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋەرلىرىنىڭ شەبنەمگە توپ ۋە پارچە تارقىتىش ھۇقۇقىنى سېتىۋالغان  ئوخشىمامسىز؟

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ﺑﻪﻧﺎﮔﺎﮬ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻦ ﮬﺎﻟﯩﻦ،
ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﯘ ﭘﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ،ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﺯﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﻏﯩﻞ.
ﺷﻪﮬﯩﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯩﻘﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻦ.
ﺋﻮﺷﯘﻝ ﺩﻩﻡ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻯ ﻣﻪﺳﺘﺎﻥ ﺋﺎﺳﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﺍﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﻏﯩﻞ.
ﺑﯘ ﻣﻪﺷﺮﻩﺏ،ﻗﺎﻥ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﮬﻪﺭﺩﻩﻡ ﺗﯚﻛﻪﺭ ﺧﯘﻧﺎﺑﻪﺋﻰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ،
ﻛﻰ ﺧﯘﻧﻼﺭ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﮬﺸﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﺗﺘﺎﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﻏﯩﻞ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:48 |
itachi514
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 38630
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 388
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3685 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 374(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

كىم تاماق يەيدىكەن ئۇ قازاندا؟؟

چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 23:25 |
umayya727
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 76772
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 131
شۆھرەت: 131 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

ھەقىقەتەن چوڭ قازانكەن،كىيىنچە بۇ قازانمۇ دۇنيا جىنىس رىكوتىغا قاتنىشىپ قېلىشى مۇمكىن

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 23:34 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6837
شۆھرەت: 7064 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 281 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1540(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-20

 

Jhnhs rېكورتىغا ئىلتىماس قىلسا بولغۇدەك

./read.php?tid-62328.html
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 23:44 |
guluz
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 54744
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 158
شۆھرەت: 159 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2080 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 145(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19

 

ھەقىقەتەنمۇ دىگەنلىرىڭىز راست بولسا، جنىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك ئىكەن...

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 23:45 |
nurpulat
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 82751
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

ھەقىقەتەن چوڭ قازانكەن.

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-12 00:29 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-20 23:03, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ