ئاۋال بۇ ئۇلىنىش ئادىرىسىغا كىرىپ بۇ تىمىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ.
./read.php?tid-61481-keyword-.html بۇ كېسەل ئۆتكەن يىلى تارقالغان ۋاقىتتا شىنجاڭدا پەقەت ئون نەچچە ئادەمدىلا يۇقۇم كۆرۈلگەن.بۇ يىل قانداق بولىدۇ بىر نىمە دىمەك تەس.بۇ كېسەل ئاساسىي جەھەتتىن كىچىك بالىلارغا يۇقىدىغان بولغاچقا بەش ياشتىن تۆۋەن بالىسى بارلارغا ۋە يەسلى تەربىيىچىلىرىگە ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلىمەن.
بۇ كېسەلگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم ھالقا ھىساپلىنىدۇ.بۇ كېسەل توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىم يۇقىرىدىكى ئادىرىستا بار.تورداشلارنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن بەش مىنۇت ۋاقىت ئاجىرتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەڭ يىڭى دوكلاتتا مەلۇم قىلىنىشىچە بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلار 115618 نەپەر،بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر 50 نەپەرگە يەتكەن بۇلۇپ،يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر،يۇقۇم يەنە ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.شىنجاڭدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مىقدارلارغا ئېرىشەلمىدىم.نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى خېنەن ئۆلكىسىدە ئەڭ ئېغىر بولىۋاتىدۇ.