« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 5580 - كۆرۈرمىنى
ئۇيغۇرئاي
F PPle, I Hate All
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 3009
شۆھرەت: 3249 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 30430 سوم
تۆھپە: 774 نۇمۇر
ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06

 ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر كۈتكۈچى قىز


رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!!!!




-ئىسمىڭ نىمە؟
-ئىسمىمنىڭ نىمىلىكىنى بىلەرسەن؟

تولا يوغانچىلىق قىلماي، دىسەڭ بولارمىكىن؟
- تىلىمنى كىسىۋەت چوشقا، ساڭا ئۆلسەممۇ دىمەيمەن!!!

-ئۇنىڭ ئىسمى نازاكەت ئاكا، -دېدى تاز بىشىدىكى بىر ئۆرۈم چېچى گىلدىڭلاپ تۇردىغان بىرى.

-ھى ھىھ ى، نازاكەت؟ ئۇنداق ئەمەستۇر؟ مەنچە بۇنىڭ ئىسمى چوقۇم گۈلى، گۈلى ،گۈلى، ۋاپادار گۈلى،،،

- مىللىتىڭ نىمە؟ سەن ئۇيغۇرما؟ چىرايىقلىقىڭدىنغۇ ئۇيغۇردەك قىلىپ تۇرىسەن؟

- شۇنداق مەن، ئۇيغۇر،- دېدى قىز ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ، كۆزۈڭگە زىق بولۇپ قادالغان، سەن خەقتىن بارلىق پاسكىنا، مەينەت قىلىقلارنى يۇقتۇرۋاتقان، ئۇيغۇر.
-ئۇيغۇر؟ گىپىڭ ئەجەپ چوڭ ھە سەن خەقنىڭ؟
- چوڭ قانداق قىلىسەن؟ يامان بولساڭ ئۆلتۈرۋەتمەمسەن؟
- ياق، سەندەك ئوماق پەرىشتىنى ئۇنداق ئاسانلا ئۆلتۈرۋەتمەيمەن جېنىم.  ھى ھى ھى . ئۇيغۇر قىزلىرى بەك چىرايلىق بولىدۇ جۇمۇ.......

ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ئارلاشمىسىدىن دۇنياغا ئارتۇقچە تۆرىلىپ قالغاندەك سەت يارالغان، ۋاڭ يەنلى، ئالدىدا قىينالسىمۇ بىر ئىغىز ۋايسىماي تىك تۇرغان ساھىپجامالغا زۇقلىنىپ، شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچىرتىپ ئۇزۇن قاراپ كەتتى.

ئۇچىسغا ئاددىيلا تىكىلگەن ئۇزۇن قارا كۆينەك كىيگەن پەرىزاتقا ئوخشايىدىغان بۇ قىز ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىۋىتىپ باراتتى. ئۇنىڭ كۈلگۈنچەك خۇمار كۆزلىرى، تال- تال تۆكۈلۈپ تۇردىغان قاپقارا كىرپىكلىرى، يىڭى چىققان ئورغاق ئاينى ئەسلىتدىغان ئەگمە قاشلىرى، ئانار دانىسىدەك قىزرىپ تۇردىغان لەۋلىرى. ئاللاھ بارلىق گۈزەللىكنى مۇشۇ قىزغىلا مۇجەسسەملىگەندەك.........

ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان، ياق كۆرۈپ باققان،لىكىن بۇنداق، تەبىئىي گۈلنى كۆرمىگەن. ئادەمزاتنىڭ ئىچىدىمۇ بۇنداق كىلىشكەن، ھەممە يىرى گۈزەللەر چىقىدىكەن ھە.......بۇنى ‹ مېھمان كۈتۈشكە› سالسام زايە كەتكۈدەك. ئەڭ ياخشىسى ئۆزەملا خوتۇنلۇققا ئىلىپ ، ما يەردىكى خوتۇن پۇرۇشلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتمەيمەنمۇ، ئەمدىكى گەپ بۇنى قانداق قلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈشتە........

ۋاڭ يەنلى شۇلارنى خىيال قىلىپ، ئىچىرقىغان ھىجاق كۈلكىسىنى قايتا كۈلگەچ، نازاكەتنى ‹قوغداۋاتقانلارنى› كۆز ئىشارىسى بىلەن چىقىپ كىتىشكە بۇيرىدى.

- بۇ يەردىن قىچىپ كىتىمەن دەپ خام خىيال قىلما، سەندەك پەرىزاتنى ئاران قولغا چۈشۈرگەندە ئۇنداق ئاسانلا قويۇپ بەرمەيمەن. ئۆلىۋالىمەن دەپ ئۇرۇنۇپمۇ يۈرمە، مۇمكىن ئەمەس، ھازىر سېنىڭ ئىككىلا تاللاش يولۇڭ بار:
بىرىنچىسى: مېھمانخانىدىلى ئەللىك نەچچە ‹كۈتكۈچى› قىزلارنىڭ بىرسى بولۇپ ئىشلەپ، كۈنىگە كەم دىگەندە ماڭا 1000 يۈەن كىرىم قىلىپ بىرىش.

ئىككىنچىسى: ماڭا خوتۇن بولۇپ ،مېھمانخانىنى مەن بىلەن تەڭ باشقۇرۇپ، كىيىنكى ئۆمرۈڭنى راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈش، سېنى خوتۇن قىلىمەن دىسەم بۇنداق يالۋۇرۇپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق. لىكىن ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن كەلسەڭ، ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى، ئاپپىقىم. ساڭا بىر كېچە ئويلىنىش ۋاقتى بىرىمەن. ئەتە تاڭ ئاتقاندا ماڭا جاۋابىڭ كىرەك، يەنە بىر قىتىم دەپ قوياي، ئۆلىۋالىمەن دەپ خام-خىيال قىلما،مېنىڭ ئاپشاركىلىرىم سېنىڭ بىشىڭدا تۈنەپ چىقىدۇ!!

نازاكەت تىقىمىغا چۈشۈپ تۇردىغان ئىككى ئۆرۈپ چېچىنى غەزەپ بىلەن سىقىملىدى.
-ئۇخلاپ چۈشۈڭ، بۇ يەردىن ئۆلۈكۈم چىقسا چىقىدۇ، سەن مەينەت چوشقىلارنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىشىغا قاراپ تۇرۇپ بەرمەيمەن.

- ھى ھى ھى ، بۇ يەرگە تۇنجى كەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر قىزى شۇنداق دەپ نازلىنىدۇ. لىكىن ھازىر ئۆلىۋالماي، ھۇزۇرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتمامدۇ ھەممىسى؟ ئەگەر چىرايلىق بولمىغان بولساڭ ھازىرلا سېنى شۇ پاھىشىلەرنىڭ ئارسىغا قوشۋىتەتتىم، قاپقانغا چۈشۈپ بولغان كىيىكنىڭ ،ئوۋچىنىڭ قولىدىن قىچىپ چىققانلىقىنى كۆرگەنمىتىڭ؟

نازاكەت، ئۇنى ئىككى قولتۇقىدىن يۆلەپ دىگۈدەك قوپاللىق بىلەن سۆرەشتۈرۈپ مىڭىۋاتقان، چىرايىدىن ھىچقانداق ئىپادىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىككى ئۇيغۇر قىزغا قاراپ بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ، ئاچچىق ياشلار تەڭ قاپسالغان، سۆزلىرىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى.

ئەينەك سىرتىغا، تۆمۈردىن مۇستەھكەم قىلىپ جازا ئورنتۋىتىلگەن بۇ ئۆي، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى تەرپىدىن ۋىجدانسىزلارچە ئالدانغان بىر قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىنھان بىر كۈنى، سۆيگىنىگە ئاتالغان ئامانەتتىن ئايرىلىدىغان كۈنى، ئۇ قانداقمۇ ئۆلىۋالالىسۇن؟ تۆت تەرپىدە تۇرغان 4 ئادەم ئۇنى ئۆلگىلى قويارمۇ؟ ئەتىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىرلا تاللاش يولى بار ، ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئۆزى بۇرۇندىن نەپرەتلىنىپ كىلىۋاتقان بىر پاھىشە قىزغا ئايلىنىدۇ. مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە، ئۇ ئۆزى نەپتەرلەنگەن شۇ  قىزلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىكىگە ئۆكۈنىۋاتىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان كارۋاتتا ئەمەس، داق يەردە ئولتۇرۇپ، سۆيگەن يىگىتى، ئاتا-ئانىسى، يۇرت-مەھەللىسى كۆرمەيدىغان، كۆرسىمۇ ئەمدى شۈبھى بىلەن قارايدىغان ئاچچىق ياشلىرىنى تۆكىۋاتىدۇ..
*************

يىراقتا قالغان مۇھەببەت

-نىمانداق بىشەم قىز بالا سىز؟ چىلەكتىكى سۇنى مەن قەستەن تۆكىۋىتىپتىمەنما؟ قۇشقاچ بىكار قالسۇن جۇما، ئۆمرۈمدە سىزدەك جاۋۇلداق قىزنى كۆرمەپتىكەنمەن.......

زالدىكى باللار پاراققىدە كۈلۈشتى.

نازاكەت مەكتەپكە كىلەر -كەلمەيلا ئۇچىرغان، بۇ پالاكەتچىلىكنى ، ئالدىدا ھومىيىپ تۇرغان چىرايلىق قارا قاش بالىغا ئارتىپ قويدى.
- كۆزىڭىزگە ئىشتان كىيىۋالغانما، قاراپ ماڭسىڭىز بولمامتى؟ زال شۇنچە كەڭرى تۇرسا، مېنىڭ چىلىكىمنىڭ يىنىدا تەپكۈچ ئوينىغانمىتىڭىز؟ ئۆزى قەستەن تىپىپ ئۆرۋىتىپ.......

- ۋۇيىت خان، قىز بالا بولغانكى تازلىقنى ئوشۇقراق قىلسىڭىز، كىيىن ئەرگە تەگكەندە تازا بەختىڭىز كىلىدۇ‹ زالدا قىقاس-چوقان› دۇئا قىلىپ قويىمىز مانداق، شۇنىڭغا قارغاندا سىلەرنىڭ يۇرىتتىكى بالىلار بىشىغا ئىشتان كىيىن يۈرۈيدىكەندە ھە،،،،،،،ۋەيىت،،،،،،،،،

نازاكەت بىردە زالغا يىيىلىپ كەتكەن مەينەت سۇغا، بىردە ئۆزىگە قاراپ پىخىلداپ كۈلىۋاتقان باللارغا قاراپ ، ھىلىقى بالىغا بولغان ئاخىرقى غەزىپىنى، چىلەكتىكى ئىشىپ قالغان يۇندىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكىۋىتىپ چىقاردى.  ئۇنىڭ كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيىتتى. ئۆكسۈپ يىغلىغانچە قىقاس-چوقاننىڭ ئارسىدىن ياتىقىغا يۈگرەپ كىرىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم باشقىلار ئارسىدا كۈلكىگە قىلىشى، بۇرۇن ھىچكىم ئۇنى بۇنداق مەسخىرە قىلىپ باقمىغان، كۈلكىگە قويمىغان. ئالىي مەكتەپ باشلىنىپ، تىخى ئىككى ئاي بولار-بولماي، ئاتا- ئانىسىنى سىغىنىپ ھىچبىر كۆنەلمەيۋاتقان نازاكەتكە بۇ ئىش بەكلا ئىغىر كەلدى بولغاي، ئىككى كۈنگىچە ‹ ئاغرىپ يىتىپ قالدى› .

-ئەمما قىزنىڭ ئاغرىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئالىم، بىر خىل تىت-تىتلىق ئىچىدە سىنىپنىڭ ئىشىكىگە ھىلىدىن-ھىلىغا قاراپ قوياتتى. كۆز ئالدىغا  يىغىدىن قىزارغان كۆزلەر، ئاچچىقتىن ھىملەشكەن قويۇق، قاپقارا كىرپىكلەر، چىرايلىق تۈسكە كىرىپ قىزارغان ئاناردەك يۈزلەر،،،،،،،، يەنە ھىلىقى ئاچچىقتا ئىيتىلغان، ئادەمنىڭ قايتا-قايتا ئاڭلىغۇسى  كىلىدىغان تاتلىققىنا تەنە گەپلەر،،،،،،،،،،

- مەن نىمە بولىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئىسسىق ئىقىم تارالدى. يۈرەك بىر خىل تاتلىق تۇيغۇدا ھىلىقى يىغلاڭغۇ قىزغا تەلپۈنەتتى، قىزنىڭ ئوتلۇق بىقىشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل تۇيغۇدا لەۋلىرى تاتلىق بىر نەرسىنى شۈمىۋالغاندەك ھالەتكە كىلىپ قالدى.

قانداق قىلىش كىرەك؟ قىزلارنىڭ ياتىقىغا كىرىشكە بولمايدۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچىسى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە، ئارقىسىدىكى پارتىدا ئولتۇردىغان نەفىسەگە تىز-تىز بىر نىمىلەرنى يىزىپ سۇندى.
خەتنى ئىلىپ ئاغزى چوڭ ئىچىلغان نەفىسە، بولىدۇ دىگەندەك ئىشارەتتە ئالىمنىڭ دۈمبىسىگە يىنىك نوقۇپ قويدى.

بىر خىل ئاچچىقتا، كارۋىتىدىن چۈشمەي ياتقان نازاكەت، ئىشىكنىڭ بىر نەچچە قىتىم چىكىلىشىدىن بىزار بولۇپم كىمۇ دەپ نەچچە سورىغان بولسىمۇ سىرىتتىن ھىچقانداق سادا كەلمىدى.

- ۋاي مانا، ئاچاي ،ئاچاي، - ئۇ كارۋاتتىن ئىرىنچەكلىك بىلەن چۈشۈپ ئىشىكنى ئاچتىيۇ، ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان ‹قىزنى› دەماللىققا تونىيالمىدى.

- كىم سىز؟ كىمنى ئىزلەيسىز؟ -دېدى نازاكەت ھەيران بولۇپ.

كەينىگە ئاستا بۇرۇلغان بۇ تونۇش ‹قىز› ئۇنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرۋەتتىكى، ئىككى كۈننىڭ ياقى چۈشكەن قان بىسىمى  بىراقلا ئۆرلەپ ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرۇپ قالدى.

ئەپچىلگىنە گىرىم قىلغان، ئۈستىگە پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن، كەڭ ئۇزۇن مايكا، كىيىۋالغان بۇ ‹ قىز› قولىدا كىچىككىنە دەستىرخانغا ئورالغان كورىنى تۇتقانچە، قىزنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ؛
-ياتىقىڭىزغا كىرسەم بولامدۇ ،- دېدى ئۆزىنىڭ ھىلىقى بوم ئاۋازىدا.........



نازاكەت، بۇ بىزەڭنىڭ قانداقلارچە قىلىپ بۇ ئامالنى ئويلاپ تاپقىنىغا ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ قالدى.
-يوقۇلۇڭ، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي!!
-يوقالساممۇ يوقىلاي، ماۋۇ گۆشناننى ئىلىپ قىلىڭ ئەمسە خوش،
بۇ بىزەڭ گۆشنانغا ئامراقلىقىمنى قانداق بىلدىكىنە؟ نازاكەت ۋىلىققىدە بىرنى كۈلىۋىتىپ، گۆشناننى ئالدىدە خاپىلىقلىرنى ئۇنتۇپ، ياتاققا كىرىپ كەتتى.

ئۇلار بىر -بىرگە بىلىندۈرمەيىتتى، لىكىن قەلبىدىكى ئەڭ پاك، باشقىلارغا ئاشكارلاشنى خالىمىغان ساپ ھىسىياتلىرى بىلەن بىر-بىرنى سۆيەتتى. بىر-بىرنى ئۈنسىز ساقلايىتتىيۇ، ھامان بىر كۈنى مۇرادىغا يىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ بارلىق ۋاقتىنى ،زىھنىنى پەقەت ئوقۇشقىلا قاراتتى. چۈنكى، ۋەتەن ئۇلارغا ئىيتىياجلىق، مىڭلىغان مەكتەپنى ئارزۇ قىلدىغان كۆزلەر ئۇلارغا ھەسەت بىلەن قارىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار خىلى-خىلى ئۇيغۇر باللىرى ئىرىشەلمىگەن ئوقۇش مۇھىتىغا ئىرىشتى. ئۇنى چوقۇم قەدىرلىش كىرەك، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى پاھىشىلەرنىڭ ماكانى دىگەن گەپنى بىر-بىردىن بولسىمۇ يوقىتىش كىرەك!!

بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ تىز ئۆتۈپ كەتتى، ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، نازاكەت بىلەن ئالىم ئىككىسى خۇددى ئۇزۇندىن بىر-بىرگە ۋەدە بىرىپ قويغانلاردەك ، بىر كۈنى مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئۇچىرشىپ، بىر -بىرگە ئەمدى قانداق قىلىمىز دىگەندەك تىكىلشتى؛
- ئۆزەڭمۇ بىلىسەن، نازاكەت ،- دېدى ئالىم تارتىنىپقىنە سۆز باشلاپ، بۇ ئاخىرقى يىللىق ئوقۇشىمىز، ئائىلىمىزدىكىلەر يول مىڭىپ بولدى، مېنىڭ ماگىستىرلىقنى ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇيدىغان ئىشىم ھەل بولۇپ قالدىغاندەك تۇرىدۇ. سەنمۇ ئامال بار، ئوقۇشۇڭنى پۈتتۈرۈپ قەشقەرگە قايىتماي، مەن بىلەن بىللە ئامېركىغا بار.

- مېنىڭ ئائىلەم سېنىڭكىدەك باي بولمىسا ئالىم؟ ھىلىمۇ ئاتا- ئانام قەشقەردىكى شۇ جاپالىق شارائىتتا ئۆزى يىل-يىللاپ گۆش-ماينىڭ دىدارنى كۆرمىسىمۇ، مېنى چىداپ ئوقۇتۇپ كەلدى، ئەمدىلىكتە ئامىركېغا بارمەن دىسەم ئۆزىنى سېتىپ پۇل قىلىپ بىرەمدا؟ ئادەمنىڭ ئەتۋاى يوق بۇ يەردە ئۇمۇ پۇلغا ئەرزىمەيدۇ. بولدى بۇ گەپلەرنى قىلما!!

-ئەمسە ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىچۇ نازاكەت؟ مېنىڭ ،سېنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىمنى دىمىسەممۇ ياخشى بىلسەن. سەن قەشقەرگە قايتىپ كەتسەڭ خىزمەتمۇ تاپالىشىڭ ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ‹خىزمەتكە› چىرايلىق قىزلارنى ئىلىۋاتىدۇ قەشقەردى، سېنىمۇ ئەكىتىپ قالارمىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيمەن.

- ھا ھا ھا ، ساراڭ، مېنى نەگە ئەكىتەتتى، مەن يا قازاقنىڭ قويى بولمىسام  ئەكىتىمەن دەپلا ئەكىتىدىغان، لىكىن ئاتا-ئانامغا ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە قايتۇرمىسام بولماس؟

- بىرىپلا خىزمەت تاپالمايسەن نازۇك، گىپىمنى ئاڭلا، بارساڭمۇ، ھەر بىر ئەبلەخ باشلىقنىڭ ئالدىدا بىر غىلجىڭلىمىساڭ، ساڭا مۇمكىن ئەمەس ئىش بەرمەيدۇ، ھازىر ئۇ تەرەپتە بىلىم ئەمەس، چىرايلىق بەدەن، پۇل ئەڭ مۇھىم، ئەڭ بولمىسا، مۇشۇ يەردىكى ياكى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىركەتلەردىن خىزمەت ئۇقۇشۇپ باق.

- ياق، مەن ئىچكىرگە بارمايمەن، ھىلىمۇ مۇشۇ يەردىكى قۇرۇتلارنى كۆرۋاتقىنىم يىتىپ ئاشىدۇ،

- ئۇنداق دىمە،بىلىمڭنى ئىشلەت، بىلىمىڭگە يارشا شۇلاردىن پۇل ئىلىپ ئاتا- ئاناڭنى رازى قىل، ئەگەر مەن ئامېركىغا كەتسەم، سەن قەشقەرگە كەتسەڭ، سېنى قايتا كۆرۈشتىن ئىشەنچىم يوق، ئىچكىرى ئۆلكىگە بار، شۇ يەردىن سېنى ئاسان ئىلىپ چىقىپ كىتەلەيمەن، كىيىن بىرلىكتە قايتىپ كىلىمىز.

- بولىدۇ،ئەمسە شۇنداق بولسۇن، مېڭىشنىڭ ئالدىدا ماڭا خەۋەر قىل، ساڭا تۇتىدىغان چوڭ يوللۇقۇم يوق،لىكىن مەن بىلەن كۆرۈشمەي كىتىپ قالمىغىن.
- ئۇنداق قىلمايمەن نازاكەت، ھەرگىز..........

بىر-بىرنى چىن دىلىدىن سۆيۈشكەن ، بۇ بىر جۈپ ياش، كەلگۈسى تەقدىرى ئۈستىدە ئەنە شۇنچىلىكلا مەسلىھەتلەشتى..


ئاردىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ ، ئالىم چەتئەلگە ئوقۇشقا، نازاكەت ، ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقى ئىلىپ بىيجىڭغا بىر شىركەتكە ئىنگىلىز تىلى تەرجىمانلىق سالاھىيىتى بىلەن ماڭدى. دەل شۇ كۈنلەردە نازاكەتنىڭ يىقىن دوستى نەفىسەنىڭمۇ شۇ شىركەتكە خىزمەتكە بىرىپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىسۇن.

نەفىسە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايىتتى، چۈنكى ئۇ ئالىم بىلەن نازاكەتنىڭ ئىشىنى بىلگەندىن كىيىن دوستىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈدى، ئىچىدە مېنىڭ مۇھەبىتىمنى تارتىۋلالدى، ئالىم ئەسلى مېنىڭ دەپ قاتتىق ئازاپلىناتتى. ئەمما ئۇ ، بۇ خىياللىرنى نازاكەتكە قىلچىلىك بىلىندۈرمەي، تاكى، نازاكەتنى  ھىلىقى ئەبلەخكە تۇتۇپ بەرگەن كۈنگىچىلىك ئاشكارلىمىدى.

-ئىچكىردىكى جىددىي خىزمەت ھاياتىدا ئۇنى ئۇيغۇركەنسەن دەپ مايماق قارغانلار بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا نازاكەت ، چىرايلىق تەبەسسۇمى بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرنى كەمسىتكۈچە ئەتىراپىڭدىكى خەقلىرىڭگە بىر قاراپ باق دەپ گەپكە -گەپ كەلگەندە دەۋالاتتى.  شۇ جەرياندا ئالىم بىر قىتىم نازاكەتنى يوقلاپ قايىتتى، بۇ ئىش نەفىسەنىڭ ئىچىگە تىخىمۇ كۈچلۈك رەشىك ئوتىنى ياققان ئىدى.
- بۇنى بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقىتىمەن، چوقۇم، .........

ئالىم ئوقۇشىغا قايتىپ ئاردىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى، نەفىسە نازاكەتنى،بىيجىڭدىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ساۋاقدىشىم بار دەپ بىر مەكتەپكە باشلاپ باردى، ئۇلار شۇ كۈنى ھىلىقى يەردىن بەكمۇ كەچ قايىتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ نەفىسەنىڭ نازاكەتكە قويغان توزىقى بولۇپ، ئۇ بۇرۇنلا پاھىشىخانا ئاچىدىغان ۋاڭ يەنلىگە نازاكەتنى ئۇچۇرۇپ ماختاپ، ئۇنى تۇتۇپ بىردىغانلىقى توغۇرلۇق ۋەدە قىلىپ بولغان ئىدى.  

دەل شۇ مۇدھىش كىچىدە نەفىسە مۇرادىغا يەتتى.
ئۇ نازاكەتنى بىر نەچچە ھايۋاننىڭ قولىغا تاشلاپ بىرىپ ئۆز يولىغا كىتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى ، شۇ كۈننىڭ ئەتىسىلا، ئالىمغا، شىنجاڭدىكى بارلىق تونۇش-بىلىشلەرگە نەفىسەنى پاھىشىخانىغا كىرىپ پۇل تىپىۋاتىدۇ ، بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ گەپ تارقىتىش ئىدى.

ئۆزى يىقىن دوست دەپ قارغان بىرسىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى  نازاكەت پەقەتلا چۈشىنىپ بولالمىدى. بىشىدا تۆت ئادەم قاراپ تۇرىدۇ، ئۇ ئۆلۋالالمايدۇ. قىچىپمۇ كىتەلمەيدۇ. سۆيگۈنى ئالىم ئەمدى ئۇنى پەقەت بىر بۇزۇق دەپ بىلىدۇ خالاس!!.

ئۇ زادى قانداق قىلىشى كىرەك؟ پاھىشە بولۇپ كۈندە نەچچە ئەرنى خالىمىسىمۇ رازى قىلسۇنمۇ؟ گۈلدەك  ياشلىقىنى قىسقا ۋاقىتتا ئەيدىز كىسىلىنىڭ يەمچۈكى قىلىپ بەرسۇنمۇ؟ ياكى ۋاي يەنلىگە خوتۇن بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇ پاھىشخانىنى باشقۇرسۇنمۇ؟ ئەگەر ۋاڭ يەنلىگە، بۇنىڭدىن كىيىن پاھىشىخانىغا باشقا ئۇيغۇر قىز ئالمايسەن مېنى ئالساڭ دىسەمچۇ؟ ماقۇل دەرمۇ؟ مەن بەربىر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن، ئۇنىڭغا خوتۇن بولسام بۇ يەردىكى قىزلارنى بىر ئامال قىلىپ قاچۇرۋىتىشىم مۇمكىنمۇ؟ لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال ۋاڭ يەنلىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىشىم كىرەك.
كۆز ياشلار بىلەن يۇيۇلغان كىچىككىنە يۈزلەر ھارغىنلىق بىلەن دىرىزىنىڭ غۇۋا يوچۇقىدىن ئاينى ئىزلەۋاتاتتى. ئاي ئۇنىڭدىن ناھايتى يىراق يەردە، پاكلىق نۇرىنى كەڭ زىمىن ئۈستىدىكى جاپاكەش ئۇيغۇرلارغا ئايىماي چاچماقتا....................


ئالدىدا ئارانلا ئۆرە تۇرۋاتقان گۈزەلنى كۆرگەن ۋاڭ ،،،، سارغۇچ چىشلىرىنى چىقىرىپ سەت ھىجايدى.
- ياخشى ئويلانغانسەن جېنىم؟

- ئويلاندىم

-ئەمسە جاۋابىڭنى تىزراق ئىيىت!
- ساڭا خوتۇن بولۇش قارارىغا كەلدىم.
بۇنى ئاڭلاپ ۋاڭ يەنلىنىڭ گۈلقەھقەھلىرى ئىچىلىپ كەتتى.
-لىكىن بىر شەرتىم بار؟
-شەرتىڭنى ئىيىت!
- بۇنىڭدىن كىيىن پاھىشىخاناڭغا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئەكەلمەيسەن، ئەگەر تەلىۋىمگە كۆنمىسەڭ مەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن چوقۇم ئۆلىۋالىمەن.
- ماقۇل، دېدى ۋاڭ يەنلى ئۇزاق ئويلانغاندىن كىيىن‹ ئۇنىڭ نىمە خىياللارنى قىلۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيىتتى›.

ئامېركنىڭ مەلۇم بىر بۇرجەكلىرىدە تۇرۇپ، نازاكەتنىڭ سۆيگۈنى ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە، نەفىسەدىن تىلفۇن كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئۇيقا ھارام بولدى. ئىشەنمەي دىسە ئۇنىڭ بىلەن قىلچىلىك ئالاقىلىشالمىدى. لىكىن ئۇ نازاكەتنىڭ ئۆز رايى بىلەن ئۇنداق ئىشنى قىلدىغانلىقىغا قەتئى ئىشەنمەيىتتى. ئالىم نازاكەتنى ئىزلەپ بىيجىڭغا كەلگەن بولسىمۇ ھىچقانداق نەتىجىسىز قايتىپ كەتتى.

نازاكەتنىڭ كۈنلىرى- ئوتنىڭ ئىچىدە، ۋاڭ يەنلى گىپىدە تۇرۇپ پاھىشىخانىغا قايتا ئۇيغۇر قىزى ئىلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، پاھىشىخانىدىكى شۇنچە كۆپ قىزلار نازاكەتنىڭ يۈرىكىنى ئىزەتتى. خۇددى ئۇنىڭ بىشىغا ھىچقانداق ئىش كەلمىگەندەك شۇلار ئۈچۈن قايغۇراتتى. ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ قاچۇرۋىتىپ ۋاڭ يەنلىنى ئۆلتۈرۋىتىشنى ئويلايىتتى.
سۆيگىنى ئالىمنى ،جاپاكەش ئاتا- ئانىسىنى ھەسرەت ئىچىدە سىغىناتتى. ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۆلىۋالمىدى ھە؟ قىزى كاپىرغا خوتۇن بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئۆلىۋالىدىغان پۇرسەتلەر كەلگەن ئىدىغۇ؟
بۇنداقلا ئۆلىۋالسام قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ بولمىسا بىرىنى بولسىمۇ ئۆلتۈرۋىتەي، مۇشۇ قىرىنى  بولسىمۇ ئۆلتۈرۋىتىپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆلىۋالاي.

نازاكەت ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى، لىكىن ئەڭ ئاۋال پاھىشىخانىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنى بىر ئامال قىلىپ قاچۇرۋىتىشىم كىرەك. ئۇ بىر نەچچە قىتىم قىزلارغا سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۆلدىگە چىقىرۋەتكەن بۇ قىزلار؛ بىزنىڭ مەينەت تىنىمىزدىن باشقا ھىچنەرسە قالمىدى، مۇشۇ يەردە كىسىلىمىىزنى تارتىپلا ئۆلۈپ كىتەيلى دەپ نازاكەتنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئالمىدى.

لىكىن ئۇ قىزلارغا ئامال بار، بۇ گەپلەرنى ۋاقىت چىقىرىپ دەپ تۇردى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر نەچچە قىز يىغىلىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، قۇتۇلۇپ چىقالمىسىمۇ بۇ پاسكىنا ئۇۋىنى يوقىتىشقا  ياردەم بىردىغانلىقىنى ئىيىتتى.  ئاردىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ۋاي يەنلىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرى بىر مەقسەتكە كەلدى. ئەمدىكى گەپ ۋاڭ يەنلى ۋە ئۇنىڭ چوماقچىلىرنى قانداق قىلىپ يوقۇتۇشتا ئىدى.

ئاخىرى كۈتكەن كۈنلەر يىتىپ كەلدى. قىزلارغا يىلدا بىر بىرىلدىغان دەم ئىلىش كۈندە ، نازاكەت قاتارلىقلار، يالغاندىن بولسىمۇ كۈلۈپ ۋاڭ يەنلى ھەم ئۇنىڭ چوماقچىلىرنى تازا مەس قىلدى، تۈن يىرىم بولغاندا، پۈتۈن ھەممە يەرگە بىنزىن چېچىپ تەييار بولغان قىزلار، بۇ مۇدھىش ، قەپەزگە ئەڭ ئاخىرقى قىتىم قارۋىتىپ نازاكەتنىڭ باشچىلىقىدا ھەر بىر ھايۋاننى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئاخىردا پاھىشىخانىغا ئوت قويىۋتىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى.

بۇ قىزلار سولانغان قەپەز شەھەرنىڭ ناھايتىمۇ چەت بىر يىرىدە بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يىتىپ بارغۇچە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى، شۇڭا ئەقىللىق ساقچىلار كۈلنىڭ ئىچىدىن ھىچنىمە تاپالماي ھەممىلا ئادەمنى كۆيۈپ ئۆلگەن بىرسىمۇ ساق قالمىغان دەپ ھۆكۈم چىقاردى.



نازاكەت باشلىق قىزلار؛ نوزۇگۇمدەك، ئىپارخاندەك، يەتتە قىزدەك ئىپپىتىنى ساقلىيالمىغان بولسىمۇ ئاخىردا ئۆزىنى دەپسەندە قىلغان ياۋا توڭگۇزلاردىن ئۆچىنى ئالدى. ئەمدى ۋاڭ يەنلى بولسىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى دەپسەندە قىلالمايدۇ، ئۇ ئۆلدى ، پاھىشىخانىسىغا ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرلارپ كۆزلىرىدىن قان ئىقىتىپ ئىلىپ كىلەلمەيدۇ، سۆيۈملۈك قىزلىرىمىزنى پۇلغا ساتالمايدۇ..............


بۇ ئوت كىتىش ۋەقەسى تىزلا بىسىقىپ قالدى. چۈنكى ھەممىسى ئۇلارنى ئۆلدىگە چىقىرۋەتكەن ئىدى.
ئاردىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ نەفىسە خىزمەت ئورنىدىن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى. ئەتىسى كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلىكىنى بىر ئەخلەتخانىدىن تىپىۋالدى. ئۇنىڭ  يانچۇقىدا ، دوستىنى ،ئۇيغۇرنى ساتقانلارنىڭ كۈنى مۇشۇ دەپ  يىزىلغان بىر ۋاراقچە تۇراتتى.

-ئالىم نازاكەتنى ئۇنتۇيالمىدى، نەفىسەنىڭ ئۆلۈمىگە ھەيران بولۇپ، ھەم ئازراق قايغۇرۇپ يۈرگەن كۈنلرىدە، ئالىمنىڭ ئەڭ ئامراق مودەن گۈلى دائىم ئىشخانىسىغا بىر گۈل دۇكىنىدىن كىلىپ تۇردىغان بولدى...

لىكىن شۇنىڭدىن كىيىن نازاكەت باشلىق بۇ بىر توپ قىزنىڭ خەۋىرى بولمىدى. ئۇيغۇرلار شۇنىڭغا ئىشەنسۇنكى،ئۇلار  يەنىلا ۋاڭ يەنلىدەك مۇناپىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن  ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارىتسىمۇ بىلىندۈرمەي مەلۇم بىر يەرلەردە ئۈنسىز كۈرەش قىلىپ ياشاۋاتىدۇ!!

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھىكايىنى بەك جىق قىسقارتىۋەتتىم، ئانچە ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ كۆرۈپ بقىشىڭلارغا سۇندۇم، رەھمەت

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(سۈزۈك ئاي) بەك ياخشى يې ..
  • ياخشى باھا:+5(razwiqik) ئىجادىي ئەسە ..


  • ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    Some Times Tears Can Clean Up Ur Eyes And Ur Heart

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-11 18:57 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    گـۈلۈم
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1788
    شۆھرەت: 1794 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 8625 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 529(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    ئالدى بىلەن ئىنكاس يېزىۋالاي.........ئاندىن ئالدىرىماي تەپسىلى ئوقۇپ چىقاي،

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
      
    مەن ھامان سۈكۈتتە...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 21:13 |
    uzi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 636
    شۆھرەت: 637 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1135 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 380(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    رەھمەت ئۇيغۇرئاي ، بەك ياخشى يېزىپسىز، مۇمكىن بولسا قىسقارتماي يوللىغان بولسىڭىز، بۇ بىر ھىكايە بولسىمۇ  مەن شۇنداق قىزىقىپ قالدىم . نازاكەتكە ئوخشاش غۇرۇرلۇق ، ۋىجدانلىق ۋە باتۇر قىز چۇقۇم باردىكىدەك ھېسياتقا كىلىپ قالدىم، ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىغا تەشنامەن !

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    دوستلارنىڭ ھەسىتى دۈشمەننىڭ قەستىدىن يامان!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 21:26 |
    rtv1945
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 56203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 73
    شۆھرەت: 74 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 555 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 834(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ.بۇ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ يازغان ھېكايىمۇ ياكى ئۆزىڭىز توقۇپ چىققانمۇ؟دېمەكچى  ھېكايىدىكى نازاكەت ئىسىملىك قىزنىڭ قىسمەتلىرى راستمۇ؟

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 21:28 |
    KUNKUR
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 22527
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 67
    شۆھرەت: 68 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 470 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 200(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-13

     

    تەپسىلى  ئوقۇپ چىقتىم ،تىل ئىشلىتىشىڭىزگە ،پىكرىڭىزنىڭ ئوچۇقلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمەن.بولۇپمۇ ماۋۇ بىر جۈملەسۆزىڭىز:«ئۇيغۇرلار شۇنىڭغا ئىشەنسۇنكى،ئۇلار  يەنىلا ۋاڭ يەنلىدەك مۇناپىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن  ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارىتسىمۇ بىلىندۈرمەي مەلۇم بىر يەرلەردە ئۈنسىز كۈرەش قىلىپ ياشاۋاتىدۇ!!» مىنى قاتتىق تەسۈرلەندۇردى.

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 21:49 |
    Spider-X
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 82959
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: 63 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 630 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

     

    بارىكاللا ....ھاياتتىن ئۇنداق ئاسان ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك .....بولسا مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا بولسىمۇ باشقىلار ۋە (ئۆزىمىز نىڭ)ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ تۈگەپ كەتسەكمۇ ئارمان يوق ...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئۆمۈچۈك
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:01 |
    azhar888
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17569
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 662
    شۆھرەت: 663 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1338 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    ھەقىقەتەن  ياخشى  چىقىپتۇ..  لىكىن  يۇز مىڭلىغان ئەپسۇس...
    ئۇنداق  ۋاڭ  يەنلىلەر   ئىچكىردە  ئەمەس  ھازىر   شىنجاڭدە  پاھىشەخانا  ئىچىۋاتىدۇ..  نۇرغۇن   نازاكەتلەر  يەنە  شۇلارنىڭ  قۇلىدا...

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:08 |
    talipjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 83069
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    بارىكاللا سىزگە  .قەلىمىڭىز  ئۈتكۈر ئىكەنكەن. ئەڭ بولمىدى دىگەندىمۇ  تۇرمۇشىمىزنىڭ  بىر بۈلىكىنى  يورۇتۇپ بىرپسىز.رھىمەت سىزگە.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:11 |
    talipjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 83069
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 2 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 20 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    بارىكاللا سىزگە  .قەلىمىڭىز  ئۈتكۈر ئىكەنكەن. ئەڭ بولمىدى دىگەندىمۇ  تۇرمۇشىمىزنىڭ  بىر بۈلىكىنى  يورۇتۇپ بىرپسىز.رھىمەت سىزگە.  

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:13 |
    muzbulak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 58403
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 31
    شۆھرەت: 32 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 310 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-11

     

    قالتىس   ياخشى   ئىكەن   ....  ھارمىغايسىز  ............

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:14 |
    乃吉米丁
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72881
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 267
    شۆھرەت: 267 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2620 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    نىمىدىگەن تەسىرلىك-ھە!
    قەيسەر روھىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
              

    天变地变情不变
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:24 |
    ablizparang
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 75005
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 43 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 430 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14

     

        ياخشى يېزىپسىز .  << ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ . بۇ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ يازغان ھېكايىمۇ ياكى ئۆزىڭىز توقۇپ چىققانمۇ ؟ دېمەكچى  ھېكايىدىكى نازاكەت ئىسىملىك قىزنىڭ قىسمەتلىرى راستمۇ؟ >> بۇ پەقەت بىر نازاكەت ئىسىملىك قىزنىڭ قىسمىتى ئەمەس . ئەمما بۇ قىسمەتلەرگە قارىتا ئۇيغۇرلار شۇنىڭغا ئىشەنسۇنكى ، ئۇلار  يەنىلا ۋاڭ يەنلىدەك مۇناپىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن  ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتسىمۇ بىلىندۈرمەي مەلۇم بىر يەرلەردە ئۈنسىز كۈرەش قىلىپ ياشاۋاتىدۇ .     

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:35 |
    tilikim
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 68949
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    بەك ياخشى تىمىكەن ، نادىرلاپ قويۇشقا تىگىشلىككەن!
    رەھمەت.

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 22:43 |
    karlighaq
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 32296
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 116
    شۆھرەت: 117 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 934 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 770(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    ئۇيغۇراي  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ........

    قارلىغاچ
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 23:10 |
    Kvy
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 83082
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

     

    تەشەككۈرلەر! ھازىرقى پەيتتە بىزگە مىللەت روھىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ خەلق روھىيىتىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ئەسەرلەر ئەمەس دەل مۇشۇ خىلدىكى كىشى روھىنى ئويغىتىپ ئىشەنچ-ئۈمىد ئاتا قىلىدىغان ئەسەرلەر كىرەك ئىدى. ھەر بىر جۈملىنى ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ قايتا - قايتا ھەزىم قىلغۇدەك ئەسەر ئىكەن.
    نامىڭىزنى سەلكىندىكى دوستلاردىن كۆپ ئاڭلىغانمەن ئۇيغۇرئاي، ئاپىرىن! تىمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم، شادلاندىم......چۈنكى بىزدە بىر خىل روھىي ئورتاقلىق بار ئىكەن....... مۇشۇ تىمىڭىز ئۈچۈن شەبنەمگە كىردىم.
    خەير،ئىجادىيەت يوللىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغاي!  

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-11 23:19 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:04-16 00:41, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ