ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن تىخى يىقىندىلا دادام بىلەن بىللە ئاقسۇ باي ناھىيسىنىڭ ناھىيە ئەتراپىدىكى گۈلباغ يىزا 9-گورۇپپا 4-ئەترەتكە دادامنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان يەنى بىز بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغان(قەشقەردىن) دوستىنى يوقلاپ كىلىش،شۇنداقلا قىزىل مىڭ ئۆينى كۆرۈش ۋە ئارشاڭدا ھورلىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى سەندۇڭبىي بىكەتتىن بىلەت ئىلىپ،ماشىنىغا چىقتۇق،بىلەتكە قارىساق بىزنىڭ كارۋىتىمىز ئەڭ ئارقىسىدىكى ئاستىنقى ئوڭ دېرىزە تەرەپ بىلەن ئاستىنقى ئوتتۇرا تەرەپتىكى كارۋات ئىكەن!ئامال قانچە بىز بىلەتنى بۇرۇنراق ئالغان بولساق،كەينىگە قالماس ئىدۇق دەپ ئويلىدۇق.لىكىن ئارقا تەرەپ سەل سەكرەپ تۇرغان بىلەن خىلى كەڭ كۇشادە بولۇپ ئادەمگە ئەركىن تۇيغۇ بىرەتتى.بىر ۋاقىتلاردا
مىنىڭ ئالدىمدىكى ئاستىنقى كارۋاتقا ياشتا خىلى چوڭ بىر ئاچىمىز 4-3ياش ئەتراپىدىكى بىر كىچىك قىزنى كۆتەرگەن پىتى يەنە بىر قىز بىلەن كىلىپ ئولتۇردى!مەن ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن ھىلىقى كىچىك قىزنىڭ ئۇ ئاچىمىزنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى(ئوغلىنىڭ بالىسى) مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك يەنە بىر قىزنىڭ بولسا قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم!ئەسلىدە ئۇ ئاچمىز بىلەن قىزىنىڭ كارۋىتى بىر يەردە ئەمەس ئىكەن،قىزىنىڭ كارۋىتى بولسا ئەڭ ئالدىنقى ئوتتۇرا رەت ئۇستىدىكى كارۋات بولۇپ،ئۇلار ئامال بار بىر يەرگە كىلۋالساق بولاتتى دىيىشىۋاتاتتى!ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىمدىكى كارۋاتتا ئۇ ئاچىمىز بىلەن نەۋرىسى كەڭ كۇشادە ياتالمايتى!شۇڭا مەن ئۆز ئورنۇم بىلەن ئۇ ئاچىمىزنىڭ ئورنىنى تىگىشىشنى ئۇ ئاچىمىزغا دىدىم،چۇنكى مىنىڭ ئورنۇم خىلىلا كەڭرى بولۇپ،ئۇ ئاچىمىز نەۋرىسىنى ئۆز يىنىدا بەخرامان ئۇخلىتالايتى.ئۇ ئاچىمىزمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ،رەھمەت ئىيتىپ مىنىڭ كارۋىتىمغا ئالماشتى،مەنمۇ ئۇ ئاچىمىزنىڭ كارۋىتىغا ئالماشتىم،
ئەگەر بۇ سەپەردە دادام بولمغان بولسا ئۇ ئاچىمىزنىڭ قىزى بىلەنمۇ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئانا-بالا-نەۋرىلەرنى بىر يەرگە
جەم قىلغان بولار ئىدىم!لىكىن مەنمۇ دادامنى ئويلىمىسام بولمايدۇ دە!مەنمۇ دادامنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟!
بىر ۋاقىتتا ماشىىنىغا يىشى خىلى چوڭ بىر ئاكىمىز چىقتى دە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ،مىنىڭ كارۋىتىمنى ئۇ ئاچىمىزغا تىگىشىپ بەرگەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن رەھمەت ئىيتىپ ئەگەر مۇمكىن بولسا ھازىرقى كارۋىتىڭىزنى بىزنىڭ ئۇ قىزىمىزغا تىگىشىپ بەرگەن بولسىڭىز قانداق؟ دەپ سورىدى!بۇ ۋاقىتتا مەن
نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي،دادامغا قارىدىم،دادام بولسا ماڭا قاراپ ئۆزۈڭ قارار قىل دىگەندەك قاراپ قويدى!بۇۋاقىتتا ئۇ ئاكىمىز مەندىن ئىككىڭلار ئاتا-بالا بولامسىلەر ؟دەپ سورىدى مەن ھەئە شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىشمگە ئۇ ئاكىمىز خىجىل بولغاندەك قىلدى بولغاي،باشقا گەپ قىلمىدى،مەنمۇ باشقا گەپ قىلمدىم!ئۇزۇن ئۆتمەي شوپۇر ئۇستاممۇ ماشىنىنىڭ ماڭىدىغانلىقىنى ئۇزاتقىلى چىققانلارنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى تەلەپ قىلدى،ئۇ ئاكىمىزمۇ خوشلشىپ چۈشۈپ كەتتى!
بۇ جەرياندا مىنىڭ ئۈستىمدىكى كارۋات،ھىلىقى ئاچىمىزنىڭ ئۈستىدىكى كارۋات ۋە دادامنىڭ ئۈستىدىكى كارۋاتنىڭ ئىگىلىرىنى خىلى ساقلىغان بولساقمۇ كەلمىدى،شۇڭا شوپۇر ئۇستام مىڭىۋىرىشنى قارار قىلدى!بۇ ۋاقىتتا ھىلىقى قىزچاقمۇ خۇشال ھالدا ئانا ئەمدى ئۈستىڭىزدىكى ئورۇندا مەن ياتاي دەپ ئۇ ئاچىمىزنىڭ ئۈستىدىكى كارۋاتقا قايتىپ كەلدى!
بىز بەشەيلەن سەپەر جەريانىدا پاراڭلىشىپ مىڭىپ خىلىلا چىقىشىپ كەتتۇق!بولۇپمۇ ئۇ ئاچىمىزنىڭ كىچىك نەۋرىسى تولىمۇ تاتلىق ۋە ئوماق بولۇپ مىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى!
ئاكا-ئاكا دەپ مەن بىلەن ئوينىشاتتى!قىسقىسى مەن ئۇ كىچىك قىزغا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم!ئەلۋەتتە يەنە بىر مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك قىزنىڭمۇ مەيلى تەققى-تۇرقى جەھەتتىن بولسۇن ياكى گەپ سۆزلىرىدىن بولسۇن ئەخلاقى-پەزىلەتلىك قىز ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى!
بىزنىڭ پارىڭىمىز دادامنىڭ ئىلگىرى باي ناھىيسىگە خىزمەت بىلەن چۈشكەندە بايدىكى بىر ئاشىخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ تاماق يەۋەتقاندا بىر خىزمەتدىشىنىڭ تاماق قاچىسىدىن تىرناق چىققانلىقى، ئىلگىرى مىنڭمۇ مەكتەپ ئاشخانىسىدا
دوستلۇرۇم بىلەن تاماق يەۋىتىپ دوستۇمنىڭ قاچىسىدىن چىش كولىغۇچ چىققانلىقى بىلەن تىخىمۇ قىززىپ كەتتى!پاراڭ جەريانىدا ئۇلار بىزنىڭ باي ناھىيسىدىن ئەمەسلكىمىزنى،بايغا نىمە سەۋەپتىن بارماقچى بولغانلىقىزنى بىلىپ،ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ باينىڭ سايرام دىگەن يىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى!بىزمۇ بايدا پەقەت بىرنەچچە كۈنلا تۇرىدىغانلىقىمىزنى،ئەگەر پۇرسەت بولسا چوقۇم بارىدىغانلىقىمىزنى ئىيتتۇق(مۇسۇلمانداچىلىق يۈزسىدىن، شۇنداق دىمىسەك بولمايدۇ دە!) مەن پاراڭ جەريانىدا بايغا بىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن قىزىل ۋە سايرام دىگەن يەرلەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم!ئەپسۇسلىنارلىقى بايغا يىرىم كىچىدە چۈشۈدىغانلىقىمىز ئۈچۈن،مەن بەك قاتتىق ئۇخلاپ كىتىپتىمەن!شۇڭا ئۇلار بىلەن خوشلىشالماپتىمەن،ھىچ بولمىغاندا ئۇ قىزنىڭ تىلغۇن نۇمۇرىنى بولسىمۇ سورىۋالغان بولسام دىگەنلارنى ئويلىدىم!ھەتتا ئسمىنى سورىۋالماپتىمەن دىسە،بىر ۋاقىتا ئۇ ئاچىمىزنىڭ ئۇقىزنى ئايزۆھرەمۇ ياكى ئالىيەمۇ دەپ چاقىرغانلىقىنى غۇۋا ئاڭلىغان ئىدىم،بىراق جەزىملەشتۈرۈلمەيمەن!لىكىن ھىلىقى كىچىك قىزنىڭ ئىسمى پەزىلىيە بولۇپ بۇ ئىنىق ئىسىمدە!يەنە كىلىپ ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىنىڭ سەندۇڭبىي ئەتراپىدىكى سۇلياۋ زاۋتى دەمدۇ ئشقىلىپ بىر ئائىلىكلەر قورۇسىدا ئىكەنلىكنى دىگەن ئىدى!نىمىلا دىگەن بىلەن سەپەرداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار (بولۇپمۇ ھىلىقى قىز بىلەن كىچىك قىز)مەندە خىلى چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلغان ئىدى!بۇ زادى ئادەم ئىزدەش ئىلانىمۇ ياكى ساياھەت خاتىرسىمۇ ئۆزەممۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن! مەن ئۇ قىزنى تاپالامدىم ياكى تاپالمامدىم بۇنى بىلمەيمەن . شۇنداقلا ئۇ قىزنىڭ بۇ تىمىنى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن،لىكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇ قىز بۇ تىمنى كۆرسىلا چوقۇم مىنى ئەسكە ئالالايدۇ!ئەگەر بۇ تىمىنى كۆرسىڭىز دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ!نىمىلا دىگەن بىلەن بىر قىتىملىق ياخشى كۆڭۈللۈك سەپەردە؟ئەمىليەتتە بىز
ھەممىمىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن يەنىلا بىر يولۇچى ھىساپلىنىمىز خالاس!شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەملەرنى شۇنىڭدەك ھەربىر تال گىياھلارنىمۇ قەدىرلىشىمىز كىرەك!چۈنكى ئاخىرىدا يەنىلا ئۇ دۇنياغا قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ!(ئۆلمەيدىغان كىم بار دەيسىلەر)مەيلى قايسى يۇرتتىن بولمايلى،قىنىمىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېىنىدۇر!بىز ھەممىمىز قان قېرىنداش ھىساپلىنىمىز!
مەن ھازىرچە QQ نۇمۇرىمنى قالدۇرۇپ قوياي،تىلغۇن نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويسام تازا ياخشى بولمايدۇ دەپ قارىدىم!
تىلغۇن نۇمۇرىمنى مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياكى QQ دا پاراڭلىشىش ئارقىلىق دەپ بەرسەممۇ بولىدۇ!
1142477027 QQ [ بۇ يازما تىلسىمات تەرپىدىن2009-04-14 00:43دە قايتا ]