ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مۇشۇ «دى ياۋ» پادىچىلار ئىشتىنىنى نىمە دەپ تەرجىمە قىلساق بولار دەپ خىزمەتداشلار پاراڭلىشىپ قالدۇق .بەزىلەر بىلى تۆۋەن ئىشتان دەپ ئاتايلى دىدى .بەزىلەر ئوبرازلىق قىلىپ سەلبى مەنىسىنى چىقىرىپ كۆتبەل ئىشتان دەيلى دىدى .ئىشقىلىپ ماۋۇ تېما ئۈچۈن كۆتبەل ئىشتان دەپ ئاتاپ تۇرۇشنى توغرا تاپتىم .
بىز ئۇيغۇر مىللىتىدە مەيلى ئىسلام دىنى كىرگەندىن ئىلگىرى بولسۇن ياكى كىرگەندىن كېيىن بولسۇن شەرمى ھايالىق بولۇش ،ئاياللار ئوچۇق يەرلىرىنى يېپىش ئەنئەنىۋى ئىسل ئەخلاقىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى .
لېكىن ھازىر مودا ئېقىمىغا ماسلىشىمىز دەپ نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىز ھەتتا ئۆزىنى شۇنچە پاك تۇتۇپ كەلگەن قىزلىرىمىزمۇ كىينىشكە دىققەت قىلمايدىغان ،ئەڭ نازۇك يەرلىرىنى يۆگەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولدى .دىمەك ئۇلارنىڭ ئېچىلىپ قالغان ئاشۇ يەرلىرىگە مەنمەن دەپ ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئەركەك زاتىمۇ ئىختىيارسىز قاراپ سالىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ چەكلىگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرسى بولغان كۆز زىناسىغا شېرىك بولىدۇ .
مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم بىركۈنى دوختۇرخانىغا كىسەل يوقلىغىلى بېرىپتۇ دوختۇرغانا ئالدىدا ئىككى خۇنزۇ بىمار پەيتوپ ئوينىۋاتقان ئىكەن .لېكىن بۇ ئىككى بىمار كۆتبەل ئىشتان ،ئۈستىگە بېغىرتاقلىق مايكا كەيگەن بولۇپ ،پەيتوپنى يەردىن تەرگەندە قۇيمۇشىنىڭ يېرىمى يېرىغى بىلەن مانا مەن دەپلا كۆرىنىپ قاپتۇ ھەمدە كۆكسىنىڭ يېرىمىمۇ مانا مەن دەپلا چىقىپ قاپتۇ .خىزمەتدىشىم ئۇف نىمە ئىش بۇ دەپ قاقشاپ كىرىپ كىتىپتۇ .
مەن بۇنداق كىيىنىش پەقەت خەنزۇ ياشلاردىلا بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم .لېكىن ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئويۇم كۆپۈككە ئايلاندى .قارىسام نۇرغۇن قىزلىرىمىز كۆتبەل ئىشتاننى مودا قىلىپ كىيىدىكەن .ئۆتكەندە بىر نەزىرگە قاتناشقان ئىدىم .ئاياللار قازان بېشىدا قاچا يۇيىۋاتاتتى .شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى بېشىغا ياغلىق چىگىپ ئۇچىسىغا كۆتبەل ئىشتان كىيىۋالغان ئىكەن.لېكىن ئۇلار سوڭساراپ ئولتاغاندا قۇيمۇشىنىڭ يېرىغىغىچە ھەمدە بېلىنىڭ تۆۋىنى كۆرىنىپ قاپتۇ .نەزىرگە كەلگەن جامائەتنىڭ بەزىلىرى تىلىنى چاكىلداتقىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ئۆتكەن يىلى بىر تونۇشۇمنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان ئىدىم .ئايالى بوينى خېلىلا ئوچۇق كۆينەك كىيىۋالغان ئىكەن .بىز پاراڭلشىپ ئولتاغاندا ئايالى تاماق ئىتىۋاتاتتى . بىر چاغدا ئايالى چاي قۇيغىلى كىلىۋاتىپ گىلەم ئۇستىدىن بىر نەرسىنى تېرىپ ئېلىۋېتىش ئۇچۇن بۆكەيدى مەن ئىختىيارسى قاراپ ساپتىمەن .قارىسام كۆزۈم بوينىدىن تېشىغا چىقاي دەپ قالغان كۆكسىگە چۈشۈپ قاپتۇ .ئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم دەۋەتتىم ئىچىمدە .دوستۇمنىڭ ئايالى شۇنچىلىك ئەخلاقلىق ۋە مېھماندوست .بەلكىم ئۇمۇ بۇنداق ئىشنىڭ سادىر بولىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى .شۇ كۈنى مەن بىر ئىش سادىر بولمىغاندەك ئولتاغىنىم بىلەن چىۋىن يەۋەلغاندەك بولۇپ ئۆيگە قايىتتىم .
كۆتبەل ئىشتان كىيىش ۋە كۆكسى كۆرۈنگىدەك كۆينەك ۋە مايكا كىيىش ئۇيغۇر قىزلىرىمىزدا ئوموملىشىپ قاپتۇ .بىلمىدىم ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاشۇ يەرلىرىنى كۆز كۆز قىلىپ يىگىتلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ ھۇزۇر ئېلىشمۇ ؟مېنىڭچە بۇنداق مەقسەتلىك كىيدىغانلار ئاز ساندا .كۆپىنچىسى موھىتنىڭ تەسىرى بىلەن كىيىشى مۇمكىن .چۇنكى ئۇيغۇر قىزلىرى يەنىلا شەرمى ھايالىق .مېنىڭچە مېنىڭ بۇ يازمامنى كۆرگەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئاللاھ خالىسا چوقۇم كۆتبەل ئىشتاننى ۋە بوينى ئوچۇق كۆينەكلىرىنى تاشلاپ كەيمەيدۇ .شۇنداقمۇ ھەمشىرىلىرىم ؟؟؟؟
مەنبە :مەن