« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 6985 - كۆرۈرمىنى
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ ( ھىكايە)

«يېڭى ناۋا» غا قاتنىشىڭ
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-04-08)دە نادىرلاندى
مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ
قۇياش
    

  
بۇ ھەقىقي چىنلىق تەسۋىرلەنگەن  رەڭگى ساغۇچ مۇھەببەت ھىكايسى! ۋەقەلىكتە ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ توردا خەنزۇ قىز بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىپ  كيىن ئۆزى ياخشى كورمىگەن قىز بىلەن بەخىتىسز نىكاھ تۇرمۇشىنى باشلايدۇ....

                                                                                   ۋەقەلىككە قىزىقسىڭىز........

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~



      
  
بۇگۇن خىزمەتتىن چۇشۇپلا قاتتىق ھاردۇق يەتكەن چىغى ھۇجۇرامغا قايتىپ كىلىپ  ئۇيقۇغا ئاران ئۇلگەردىم . بىر چاغدا قىشىمدا بىر قارا كولەڭگە پەيدا بولدى ، ئۇ ئاستا - ئاستا ئۇستۇمگە چىقىتىدە بارلىق كۇچى بىلەن گىلىمنى  بوققىلى تۇردى ، قانچە كۇچىسەممۇ ئۇنىڭغا كۇچۇم يەتمىدى ، ئەڭ ئاخىرقى  بىر نەپەس تىنىقىمدا مىڭ بىر تەستە ۋاقىراپ چوچۇپ ئويغاندىم ، ئاھ خۇداغا شۇكرى ، بۇ چۇشۇم ، بەدىنىم چىلىق تەرگە چومگەن ئىدى .

  -- مىنى قارا بىسىپ قاپتۇدە -- ئورنۇمدىن تۇرۇپ دەرىزە پەردىسىنى قايرىۋەتتىم ، تۇن قارايغان ئىدى ، دەرىزىنىڭ بىر قانىتىنى ئاستا قايرىپ ئاچتىم ۋە دالا ھاۋاسىدىن نەپەس ئالماقچى بولۇپ بىشىمنى سىرىتقا چىقاردىم ، قارا دىگەندەك قىلدى ، ئاسماندا كوزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىدە ۋاللىدا قىلپ  بىر يۇلتۇز ئىقىپ چۇشتى .

--يۇلتۇز !-دەپ پىچىرلىدىم ! --يەنە شۇ يۇلتۇز ! ... شۇ ئەستانە بۇندىن 5 يىل بۇرۇن يۇز بىرىپ ئۆتكەن ئاشۇ خاتىرە كۇنلەر خىيال ئىكرانىمدا بىر - بىرلەپ ئوتۇشكە باشلىدى .



2003- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۇنى (چارشەنبە) تومۇز ئىسسىق كۇنلەرنىڭ بىرى ( غۇلجا) مەن خىزمەتتىن چۇشۇپ ناھايتى زىرىكىشلىك ھىس قىلدىم-دە قەدەملىرىمنى ئىدارىغا يىراق بولمىغان تورخانىغا قاراپ ئالدىم . كىنۇ ۋە خەۋەر كورۇپ  ۋاقىتنىڭ قانداق ئوتكەنلىكىنى بىلمەيلا قاپتىمەن . قورسىقىم ئاچمىغان بولسا تۇن يىرىم بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن بولاتتىمكەن . سىرىتقا چىقىپ قارىسام قاتتىق يامغۇر يىغىۋاتاتتى ، ئوينىڭ ئارلىقى خىلى بولغاچقا يامغۇرنىڭ توختىشىنى كۇتۇپ قايتا كىرىپ ئولتۇردۇم ! ۋاقىت ئوتكۇزۇش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئاۋازلىق چايغانلىرىغا كىرىپ بىقىش نيىتىدە كىردىم ، 2003- يىللىرى سائەت 12 دىن كيىن چايغانىلاردا  ئون نەچچە ئادەمدىن باشقىسى يوق ئىدى . يەنە زىرىكىشىلىك ... خىيالىمغا تۇيۇقسىز ئادەم سانى كوپ خەنزۇچە چايغانىلارغا كىرىپ بىقىش نيىتىدە ئۇ - بۇ تور بەتتىن ئىزدىدىمدە ئاخىرى كىرىدىم ! ۋاھ ! 300 دىن ئارتۇق ئادەم ، چايخانا تازا قىزىۋاتاتتى ! (مەن تەخەللۇسىمنى قۇياش(ئۇيغۇر)  太阳 دەپ قوللاندىم )



   كىرىپ ئۇزۇن ئۇتمەي يۇلتۇز 星星 ئىسىملىك بىر قىزدىن ئۇچۇر كەلدى ؛
-- ياخشىمۇسىز قۇياش ! كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ! مەن چايغانىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئۇچۇرتىشىم ، ئەگەر ئالدىراش بولمىسىڭىز بىردەم پاراڭلىشىپ باققان بولساق ..
-- ياخشىمۇسىز يۇلتۇز ! سىزنىڭمۇ  كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ھەم سىز بىلەن بولغاي ، مىنىڭ چايغانىغا تۇنجى قىتىم كىرىشىم ، پەقەت سىزنىڭلا ۋاقتىڭىز بولسا سىز بىلەن پاراڭلىشىشقا ھەر ۋاقىت قولۇم كوڭسۇمدە ...
--رەھمەت ! تونۇشقانلىقىمدىن شۇنداقلا ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمدىن مەنمۇ ناھايتى خۇرسەنمەن ، ئەگەر ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز يۇرتىڭىزنى سورىسام بولارمۇ ؟ كەچۇرۇڭ !
-- كەچۇر - كەچۇرمىگۇدەك ھىچ قانداق ئىش يوق ! بولىدۇ ، مەن غۇلجىدىن . سىز؟ ............
-- نىمە ؟ ۋاھ ، مەنمۇ غۇلجىدىن ، قارىغاندا بۇگۇن يۇرۇكۇم تۇيۇپ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چەكتتىممۇ قانداق ! ئۇيغۇر يىگىتلىرى ناھايتىمۇ كىلىشكەن ، بەلكىم قىز دوستىڭىز باردۇ ؟
-- ياق ! مەن بۇ يىل 24 ياش ، تا بۇگۇنكىچە بىر قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقىمىغان ! كىچكىمدىن ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ كىتىپتىكەنمەن . مۇنداقچە ئيىتقاندا كىتاپپۇرۇش .....كىتاپ مىنىڭ مۇھەببىتىم .....كىتاپ مىنىڭ قىز دوستۇم !
--ھا ھا ..بەكمۇ قىزىق گەپ قىلدىكەنسىز ! مەن بۇ يىل 27 ياش ، مەنمۇ توي قىلمىدىم ، ھازىرقى ئوغۇل دوستۇمغا كوڭلۇم يوق ! بىراق ئويدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن بۇ يىل باھار بايرىمدا توي قىلماقچىمەن . ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .
--سىزگە بەخىت تىلەيمەن ! مەن بەك جۇرئەتسىز ، قىز بالىغا گەپ قىلالمايمەن . شۇڭا مۇشۇ چاققۇچە بويتاق مۇنداقچە ئيىتقاندا مەن تىخى ئوغۇل ..ھا ھا .
-- سىز بىلەن پاراڭلىشىپ خىلى كوڭلۇم ئىچىلىپ قالدى . گەپلىرىڭىز بەكمۇ قىزىق ،  ھازىرنىڭ ئۆزىدە يىقىن دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ھىس قىلۋاتىمەن .
-- سىزگە شۇنچە خوشاللىق ھىس قىلدۇرالىغان بولسام  ، بۇگۇنكى يامغۇلۇق كىچىدە ئۆزۇمنىڭ يىگانلىقىنى  ئۇنتۇپ مەنمۇ ناھايتى خوشال .
--  سىز يۇلتۇزلارنى ياخشى كورەمسىز ؟ كىچىسى چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قارامسىز ؟ ئەپسۇس بۇگۇن ئاسماندا يۇلتۇز يوق ، بولمىسا سىزگە چوقۇم چىقىپ كورۇپ كىلىڭ دىگەن بولاتتىم . بىلەمسىز يۇلتۇزلار نىمىگە چاقنايدۇ ؟
-- يۇلتۇزلار ...ئەگەر قۇياش بولمسا يۇلتۇز چاقنىمايدۇ ، يۇلتۇزلاردىكى چاقنىغان نۇر قۇياشتىن قايىتقان ئەكىس نۇر - ئۇنىڭغا بالىلارچە جاۋاپ بەردىم .

-- توغرا ! قۇياش بولمىسا ، يۇلتۇز چاقنىمايدۇ ، مەن بۇ قىسقا ھاياتىمدا ماڭا بەخىت بىرەلەيدىغان ، ماڭا ئىللىقلىق ۋە ماڭا شۇنداق چاقناپ تۇردىغۇدەك نۇر بىرەلەلەيدىغان قۇياشنى ئىزدەۋاتىمەن . بەلكىم كىچىككەندىمەن ...
-- بۇنداق گەپ قىلماڭ . بۇنداق دىسىڭىز مىنىڭمۇ كوڭلۇم يىرىم بولىدۇ  . ئەگەر مەن راستىنلا قۇياش بولالىغان بولسام سىزگە شۇ نۇرنى بىرەتتىم ، بىراق مەن قۇياش ئەمەس ، سىزگە ئىللىقلىق ، بەخىت ، نۇر بىرەلمەيمەن . ...
-- بەلكىم ئالدىمدا تۇرغان قۇياش مەن ئىزدەۋاتقان قۇياشتۇر .  يۇرۇكۇم بىر نىمىنى تۇيغاندەك ئاغىرۋاتىدۇ ...ئۇنى قويىۋەتمە دىگەندەك تىپىرلاۋاتىدۇ .. بىز كورۇشكە نىسىپ بولارمۇ ؟
-- يۇلتۇز ! مىنىڭ تور دۇنياسىدا كىزىۋاتقىنىمغا 4 يىل بولدى . بۇ چاققۇچە بىرەرسى بىلەن كورۇشۇپ باقمىدىم ،  نىمىشقىدۇر بىلمەيمەن داۋاملىق باشقىلارنىڭ تورداشلىرى بىلەن كورۇشكەنلىكى توغۇرلۇق ، تورداشلار يىغىلىپ تاڭسغانىغا ، دەريا بويلىرىغا بىرىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمدا مىنىڭمۇ بەكمۇ ئىچىم كويوپ كورۇشكۇم كىلىدۇ . بىراق ھەر بىر ئادەمنىڭ مىجەزى ئوخشىمايدۇ ،  مەندە جۇرئەت يوق . نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كورۇشۇش تەكلىپىنى رەت قىلدىم .
-- قارىغاندا سىز قىز بالىدىنمۇ تارتىنچاقمۇ نىمە ؟ ھا ھا ..كىركى يوق ! مەن قىز بالا سىزنى يەۋەتمەيمەن ! پەقەت كورۇشۇپ تونۇشۇپ سىرداش بولۇپ قالساق بولدى ...
---..............................
-- گەپ قىلمايسىزغۇ ! نىمە ؟ ئەگەر  سىزنى قىيناپ قويغان بولسام ، مىنى كەچۇرۇڭ !
-- ياق ئۇنداق ئەمەس . بولىدۇ ...بىز كورۇشەيلى !  
سىز نۇرغۇن سۆھبەتتىن كيىن ئۆز ئارا تىلغۇن نومۇرلىرىمىزنى  ۋە كورۇشىدىغان يەرلەرنى بىكىتكەندىن كيىن خوشلاشتۇق .



   7- ئاينىڭ 18-كۇنى پەيشەنبە ، خىزمەتتىن چۇشۇپلا دىيشىپ قويغان جايغا كەلدىم . ۋە تىلغۇن قىلدىم .
-- يۇلتۇز ! ياخشىمۇسىز ! مەن دىيشكەن جايغا كەلدىم . سىزنى ساقلاۋاتىمەن ...
-- مىنى كەچۇرۇڭ ، سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم . مەن ھازىرلا يىتىپ بارىمەن ..
ئۇزۇن ئوتمەي بىر قىز موتوسىكىلوت مىنىپ ئەتراپمىنى بىر قانچە ئايلانغاندىن كيىن ، مەندىن 30 مىتىر يىراق بولمىغان يەردە  توختاپ تىلغۇن قىلدى . جىددىلىشىپ پۇت - قوللىرىم تىتىرەشكە باشلىدى .  تورداش بىلەن كورۇشۇش ھەجەپ تەس بولدىكىنە .  مەن ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىم .. ئۇنى تۇنجى قىتىم كورگەن چىغىمدا ئۇنىڭ كوزلىرىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىنى  ھىس قىلغاندەك بولدۇم .   بىز ئۇچىراشقاندىن كيىن غىزالىنىش ئۇچۇن خىلۋەت بىر ئاشخانىنى ئىزدەپ ئايرىمخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق . ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئاستا - ئاستا خۇددى كىچىكىمىزدىن بىرگە چوڭ بولغان ئاچا - ئۇكىلاردەك بولۇپ كەتتۇق .
--  قۇياش ! سىز بەكمۇ سەمىمي ، يۇگاش بالىكەنسىز . مەن سىزدىن 3 ياش چوڭ . ئەگەر  سىزدىن كىچىك بولغان بولسام چوقۇم سىزنى كەلتۇرۋالغان بولاتتىم ... مەن بىلىمەن ....سىز مەندەك قىرى قىزنى ياقتۇرمايسىز..
-- ھا ھا . نىمىلەرنى دەيسىز. بۇگۇندىن باشلاپ مەن سىزنى ھەدە(ئاچا) قاتارىدا كورىمەن ، مەنمۇ سىزنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم . سىزنىڭ چىرايىڭىز ، قوش قاپاق يوغان كوزلىرىڭىز  ئۇيغۇر قىزلىرىغا تولىمۇ ئوخشايدىكەن .

--ئاتا - ئاناممۇ تىخى  بەزىدە مىنى ئۇيغۇرنىڭ بالىسى ، كىچىك چىغىمدا تىپىۋىلىپ بىقىۋالغان دەپ جىلە قىلىدۇ .
-- ئوغۇل دوستىڭىز سىزگە كويۇنەمدۇ ؟
-- شۇنداق ئۇ ماڭا بەكمۇ كويۇنىدۇ . بىراق مىنىڭ كوڭلۇم يوق ، ئويدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرغىنى ، ئامال يوق ، ئەگەر سىزگە تونۇشتۇرغان بولسا  ياق دىمىگەن بولاتتىم ..
--يۇلتۇز ! _  دىدىمدە ئۇنىڭ قوللىرىنى قانداق تۇتۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن . يۇرۇكۇمنىڭ سوقۇشى تىزلەشكە باشلىدى ..- مەن سىزنىڭ كوزلىڭىزدىن بىر نەرسىنى كورگەندەك بولدۇم ، بىراق ئۇ نىمە ؟ ھىچ تاپالمىدىم .

-- قۇياش ، ماڭا ئىشىنەمسىز - يوق بىلمەيمەن . چۇنكى بىز تىخى تۇنۇگۇن تونۇشىپ  بۇگۇن يۇز كورۇشتۇق ، بەلكىم تەغدىرنىڭ  ئورۇنلاشتۇرشى شۇنداق بولسا كىرەك . بايا سىز بىلەن تۇنجى قىتىم كورۇشكەن چىغىمدىلا سىزنىڭ كوزىڭىزدىن مەن ئىرىشمەكچى بولغان نۇرنى بايقىدىم ، بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئىغىر ئۇھسىردىم .
-- ئەمسە كوزىڭىزنى چىڭ يۇمۇڭ . مەن سىناپ باقاي .  سىز ئىللىقلىق  ھىس قىلالامسىز يوق ؟ ...
ئاستا- ئاستا ئۇنىڭغا يىقىنلاشتىم ، ئۇ كوزلىرىنى چىڭ يۇمغان ئىدى . مەنمۇ كوزۇمنى يۇمۇپ لەۋلىرىمنى ئۇنىڭ لەۋلىرىگە تەككۇزدۇم . بىلسەڭ ئۇ چاغدا  تىنىمدە پەيدا بولغان ھارارەت ، يۇرۇكۇم ھازىرلا قىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك داۋالغۇپ سوقۇشى ، كەلگىن ، باغرىمغا كەلگىن ..... سىنى باغرىمغا بىر باساي .... ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققىلى تۇردى ..
  غىزالىنىپ بولۇپ سىرىتقا چىقتۇق ،  تۇن قارايغان  .. ئايرىلىشىقا چىدىمايۋاتقاندەك بىر - بىرىمىزگە يەر تىگىدىن قارىشاتتۇق ..ئاغىرى مەن غەيرەتكە كىلىپ ..
-- ئەگەر خالىسڭىز ، مىنىڭ باشقىچە نىيىتىم يوق ، خاتا چۇشىنىپ قالماڭ ، بۇگۇن ياتاقتا كىچىنى ئوتكۇزەيلى ، ئەتە سەھەر شۇ يەردىن خىزمەتكە چىقايلى ..
-- بۇنداق قىلساق قانداق بولار ، مەن كىچىسى چوقۇم ئويدە يىتىشىم كىرەك ! بولمىسا ئويدىكىلەر ئەنسىرەيدۇ ، مۇنداق بولسۇن ، مەن سىزگە سائەت 12 كىچە ھەمرا بولاي ، ئاندىن مىنى سىز ئاپىرىپ قويۇڭ ... سىزنىڭچە ؟
-- بولىدۇ
ياتاق ئازادە ۋە جىمىت ئىدى . بىز بىر بىرىمىزگە تويماي قارىشاتتۇق، كۇلىشەتتۇق . ئۇزۇندىن - ئۇزۇن ئوتمۇش توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق . ئاندا - بۇندا ساراڭلىقىمىز تۇتقاندا قۇچاقلىشىپ سويۇشتۇق . ھەر سويگەن چىغىمدا ئۇنىڭ سىرلىق كوزلىرىگە قارايتىم ...شۇنچە قارىغانسىرى تۇنجى ئۇچىراشقاندا كورگەن نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تاپالمايتتىم ، ئەجەلىنەتتىم ...
  ئۇ قايتىماقچى بولغان چىغىدا،  كوزۇمنى چىڭ يۇمۇشىنى ئيىتتى .  كوزۇمنى يۇمدۇم .... ئۇنىڭ لەۋلىرى لەۋلىرىمگە نەم بولۇپ تەگدى ، ئۇ ئىغىزغا تەييارلاپ بولغان بىر يۇتۇم سۇنى ئىغىزىمغا يوتكىۋەتكەن ئىدى . سويۇشنى قوبۇل قىلساممۇ بىراق بۇنى قوبۇل قىلىش تەسكە توختىدىدە توكۇرۋەتمەكچى بولدۇم ....

--- قۇياش! توكۇرمەڭ . ئەگەر دوستلۇقىمىز مەڭگۇ داۋاملاشسۇن دىسىڭىز ئىچىۋىتىڭ . بۇ ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقىنىڭ گۇۋاھىچىسى . بىز مەڭگۇ دوسىت ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ ؟
     شۇنداق ۋاقىت ئوتتى ، كۇنلەرمۇ شۇنداق  ئوتۇشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ  بىلەن يۇشۇرۇن بىرىش - كىلىشىمىز شۇ كۇندىن باشلىدى . مەن قولايلىق بولۇش ئۇچۇن سىرىتتىن ئىجارىگە ئوي ئالدىم .خىزمەتتىن چۇشۇپلا ئۇنى ساقلايتتىم . ئۇمۇ ھەم خىزمەتتىن چۇشۇپلا باغرىمغا ئۇچۇپ كىلەتتى . ئارىدىن بىر ئاي ئوتتى . بىزدە سوھبەت ، سويۇش ۋە سويۇلۇشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش بولمىدى .دوستلۇقىمىز شۇنچە غۇبارسىز ،  پاك ، گۇزەل داۋالاشتى .

   8- ئاينىڭ 25- كۇنى بىز يەنە ئاۋالقىدەكلا خىزمەتتىن چۇشۇپ ئىجارە ئالغان ئويدە جەم بولدۇق . سويۇش ۋە سويۇلۇشلەر داۋالاشتى ، پاراڭلار ئۇزۇلمىدى .  ئۇنىڭ ئويدىن كەلگەن تىلفۇن بىلەن بىز تۇن يىرىم بولۇپ قالغانلىقنى ئاندىن ھىس قىلدۇق ..
-- يۇلتۇز ! بۇگۇن قايىتماڭ بولامدۇ ؟ بۇگۇن مەن سىزدىن ئايرىلىپ كىچىنى ئوتكۇزسەم بولمايدۇ . ماڭا ھەمرا بولۇپ كىچىنى ئوتكۇزۇڭ . بىز تۇن سەيلىسى قىلايلى . ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن سىزنى ئىزدەپ تاپاي ...
--ئەگەر سىزلا خالىسىڭىز ئەمسە مەن ھەمرا بولاي ...
-- بىز قۇچاقلىشىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن سويۇشتۇق . تىنىقلىرىمىز ئوتوشۇپ مىنى مەسىت قىلدى . مەن بۇگۇن تۇنجى قىتىم قاتتىق غەيرەتكە كىلىپ كوينەكلىرىمنى سىلىشقا باشلىدىم ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاغلاپ تۇك باسقان مەيدەمگە چىڭ باستىم . بەلكىم ئۇمۇ مىنىڭ تىنىقلىرىمدىن ، ھارارىتىمدىن مەسىت بولغان بولسا كىرەك ..ئۆزىنى باغرىمغا ئاتتى . مەن ئۇنىڭ كيىملىرىنى  بىر - بىرلەپ ..ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچسى قالغۇچە يەشتىم ... ھوشۇمنى ، كونتۇرۇللۇقىمنى يوقىتىپ مەنمۇ تىز سۇرئەتتە  ئانىدىن توغما ھالەتكە كەلدىم ، ئىككى تەن بىرلەشتى .. ( بۇ مىنىڭ تۇغۇلۇپ تۇنجى قىتىم قىز بالا بىلەن بىرگە بولۇشۇم ئىدى ، شۇنداقلا تەجىربىسىز ئىدىم )  
   ئۇ ئاستىمدا تىپىرلايتتى ، ئاھ ئۇراتتى .. كوز يىشى قىلاتتى ......
-- ۋايجان ! ئۇنىڭ تىپىرلاپ ئىڭىرغان ، ۋايسىغان  ئاۋازى ...مەن ئاچ چىل بورىدەك ئۇنىڭغا ......ئىشنى  تۇگىتىپ ئورنۇمدىن تۇرۇدۇم ، كارۋاتتىكى ئاق كىرلىك قىزلغا بويالغان ئىدى ....
-- سىز قىزما ؟
-- شۇنداق ! مەن ..........مەن ............قىز ..........
-- سىز نىمىشقا ماڭا بالدۇراق دىمەسىز ..نىمە ئۇچۇن ؟مەن سىزنىڭ قىزلىقىڭىزنى بىلگەن بولسام  بۇنداق ئىشنى قىلمىغان بولاتتىم ...سىز ...سىز  نىمىنداق ئاخماق ..ئەمسە يىگىتىڭىزگە قانداق يۇز كىلىسىز ..مەن ئەسكى ،  سىزگە يۇز كىلەلەمەيمەن، يىگىتڭىزگە يۇز كىلەلمەيمەن ..
-- ئۇنداق دىمەڭ ! تەغدىر مىنى سىزگە ئۇچىراشتۇردى . بىلىپ بىلمەي سىزنى سويدۇم ...مەن ئۆز قىزلىقىمنى ئۆزۇم سويگەن بىر يىگىتكە تاپشۇردۇم .. پۇشايمان قىلمايمەن ......مەن سىز بىلەن تۇنجى قىتىم كورۇشكەن چىغىمدىلا كوزىڭىزدىن مۇھەببەتنى كورگەن ..سويگۇنى كورگەن ...شۇ ئۇچىراشقان تۇنجى مىنۇتتا سىزنى سويگەنمەن  ....بىراق ....ئۆزۇمگە تەن بەرمىگەن ...كىيىنچە  ھەممىگە تەن بەردىم .....



     ئۇزۇن ئوتمەي ئۇ ئوغۇل دوستى بىلەن باھانە تىپىپ ئايرىلىپ كەتتى . ئائىلىدىكىسىلەر بىلەنمۇ ئاز بولمىغان ئازارلاشمىدى . بىز رومانتىك ئاشۇ چاغلارنى باشلىۋەتتۇق  ....
   بىلەمسەن يۇلتۇز ! سەن بىلەن تاڭسىغانىلاردا قۇچاقلىشىپ تاڭسا ئوينىغان چىغىمدا ، بۇ دۇنيادا پەقەت ئىككىمىزلا باردەك ھىس قىلاتتىم ..دەريا بويىدا  ئىككىمىزنى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە چومۇلگىنىمىز ..قارشى تەرەپتە پادا بىقىۋاتقان چارۋىچىلارنىڭ بىزگە قاراپ ئىسىقىرتىپ  ۋاقىراشلىرى ھىلىمۇ ئىسىڭىدىمۇ ؟ ... سىنىڭ سۇدا چومۇلگەن ئاشۇ ھالىتىڭ ھىلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ...مەڭگۇ چىقمايدۇ ....بەدەنلىرىڭىزدىكى دەريا سۇيى  تامچىلىرى سىنى  ھەقىقەتەن يۇلتۇزدەك چاقنىتاتتى . بەدەنلىرىڭدا يالتىرغان ئاشۇ  دەريا سۇ تامچىلىرىنى بىردىن- بىردىن لەۋلىرىم بىلەن  بىلەن سويۇپ ئىچكەنلىرىم .. سىنىڭمۇ ھەم ئىسىڭىدىمۇ ...مەيدەمدىكى تۇكلەردە تامچىلاپ تۇرغان ھەر يوغان سۇ تامچىلىرىنى لەۋلىرىڭ بىلەن سويەتتىڭ . ئىچەتتىڭ .... مەن بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىڭدا ھەممىنى ئۇنتۇيتىڭ . مەسىت بولاتتىڭ .....مىنىڭ بارلىق ..............بارلىق .......................... جان دىلىڭ بىلەن سويەتتىڭ .....



    رومانتىك ئاشۇ مىنۇتلار ، سائەتلەر ، كۇنلەر شۇنداق ئوتكىلى تۇردى . ھەر ۋاقىت ھەر مىنۇت سەن بىلەن بىرگە بولۇشنى ئۇمىد قىلاتتىم . سەندىن ئايىرىلىپ قىلىشتىن قورقاتتىم ..بەكمۇ قورقاتتىم ...
شۇنداق ، تارىختا ئوتكەن نۇرغۇن ئاشۇق - مەشۇقلار ۋىسالىغا يىتەلمىگەن ئىكەن . ئەگەر ئۇلار ۋىسالىغا يەتكەن بولسا ئەسىرلەر بويى تىللاردا داستان بولمىغانمۇ بولار ئىكەن ۋە ھىچىكىممۇ ئۇلارنى ئاشۇق - مەشۇقلار دەپ ئاتىمىغانمۇ بولار ئىدى ..
  بىزنىڭ بەخىتىلىك ئاشۇ كۇنلىرىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى ...قاباھەتلىك قورقۇنچىلىق بوران چاپقۇن بۇلۇتلار  مىنىڭ ھەر دائىم ساڭا بىرىدىغان  ئاشۇ نۇرلىرىمنى توسىۋالدى .... ساڭا يۇرۇقلۇق نۇر بىرەلمىدىم ...سەنمۇ چاقنىيالمىدىڭ ..... بىر - بىرىمىزنى كورۇشكە تەسكە توختىدى ...




     9-ئاينىڭ 28- كۇنى ، مەن ياتاقتا يىگانە كىچىنى ئوتكۇزۋاتاتتىم ، تۇن يىرىم بولغاندا ئىشك چىكىلدى...
-- كــــىم  ؟
--مەن ! نىمە ؟ مەندەك كونا ساۋاقدىشىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ زاۋۇتتىن ھازىر يىرىم كىچىلىك سىمىنىدىن چۇشكەن ئىدىم . سىرىت بىر ئاز سوغۇق . شۇڭا ياتىقىڭغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتاي دىگەن ئىدىم ...
-- ھە ، ئايقىز دىگىن   ، مەن تىخى يىرىم كىچىدە جىن كەلگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
ئايقىز ئىشىكتىن كىرىپلا كارۋىتىمغا چىقىپ  ھىچىبىر رۇخسىتىمسىز يوتقىنىمغا كىرىپلا ياتتى  ..
-- مەن بەك مۇزلاپ كەتتىم . بىردەم ئىسىنۋىلىپلا كىتىمەن . خاتىرجەم  بولغىن....- دىمىسىمۇ شىمالي شىنجاڭ كۇز كەلسىلا كىچىسى سوغۇق بولاتتى .  يىرىم سائەتتەك  ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىسىنۋىلىشنى كۇتتۇم . ئۇ ھىچبىر ئورنىدىن تۇردىغاندەك ئەمەس . مەن مايكىچان بولغاچقا  مۇزلىغىلى تۇردىم ....
-- بولدىمۇ . مەن مۇزلەپ كەتتىم ...
-- مۇزلىغان بولساڭ ، يوتقاننىڭ بىر چىتىڭگە كىلىپ ياتمامسەن . مەن سىنى يىمىگەندىن كيىىن ..
مەنمۇ ئامالسىز كارۋاتقا چىقىپ يوتقاننىڭ بىر بۇرجىكىگە كىرىپ ياتتىم . ۋاقىت مىنۇتلاپ ئوتتى .ئۇ ھىچبىر ئورنىدىن تۇردىغاندەك ئەمەس ئىدى ..
-- بەك مۇزلاپ كەتكەن بولساڭ بولدى . مەن سىنى قۇچاقلاپ ئىستىپ قوياي .بالدۇراق كەتكىن . تۇن يىرىم بولۇپ كەتتى .دىدىمدە ئۇنى قۇچاقلىدىم ..ئۇمۇ پۇرسەتنى كۇتكەندەك باغرىمغا سۇغۇرلۇپ كىرىپ كەلدى ...
  مىنى شەيتان ئازدۇرغىلى تۇردى .. ياق ياق ...ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ ...... كاللامدا مىڭ بىر خىيال .....
-- تىخى ئىسسىمىدىڭىمۇ ؟
-- ياق ..
-- ئۇنداقتا كيمىڭنى يىشپلا يات ....مەن ئىستىپ قوياي .
-- ئەمسە ياخشىغۇ ....
بىردەمدىلا كيمىنى يىشىپ ئىچ كىيىم بىلەن ياتتى ..مەن يۇلتۇز بىلەن داۋاملىق بىرگە بولۇپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا بۇ كىچىنى ئوتكۇزۇش تەسكە توختىدى .. ئوزۇمنى مىڭ باسساممۇ ..ئەرلىكىم ماڭا يول قويمايتتى .شەيتان ئازدۇراتتى . مىڭ بىر سوئال -جاۋاپ . ئاخىرى  ئۇنىڭ ئۇستىگە چىقتىم ..
-- خالىساڭ ! ئىچ كيىمىڭنىمۇ يىشىۋەتكەن بولساڭ ... مەن بىلىمەن ...سەنمۇ چىدىماي قالدىڭ ...بىز بىر - بىرىمىزنى خوش قىلايلى ...
بىز ئىشنى باشلىۋەتتۇق ..ئۇ ھالسىز ئىڭىراتتى ...
-- سەن شۇنچە تىز ئۆزۇڭنى ماڭا تاپشۇردۇڭ ..پۇشايمان قىلمامسەن .
--ياق ! سويگەن يىگىتكە ئوزۇمنى تاپشۇردۇم ، ئەگەر ئەتە ماڭا قارىمىساڭمۇ مىنىڭ ئارمانىم يوق . مەن ساڭا ئۇزۇندىن بىرى كويۇپ كول بولۇپ كەلگەن ...بۇگۇن ۋەسلىڭگە شۇنچە تىز ئىرىشەلىدىم ...مىنىڭ پۇشايمىنىم يوق .
ئىشنى تۇگەتكەندىن كيىن بىرىپ چىراقنىڭ يىپىنى تارتتىم ، كىلىشمىگەندەك توك كەتكەن ئىدى . بۇنداق ئەھۋال ئاز كورۇلدىغان بولغاچقا ، ياتاقتا شام يوق ئىدى ...كيملىرىمنى كيىپ سىرىتقا چىقىپ شام سىتىۋىلىپ كەلدىم  .. ئۇ كارۋاتتا يالىڭاچ دۇمچىىپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى ...
-- نىمە بولدۇڭ ؟ يىغلىغىلى تۇرۇپسەنغۇ ؟
-- شامنى كارۋاتقا يىقىن ئەكىلىپ كورسەڭ بىلىسەن ..
مەن  شامنى كوتۇرۇپ  كارۋاتقا يىقىن كەلدىم . بىر مۇنچە قان يۇقى ئىدى ، ئاجايىپ ئىش، بايا ئىش تۇگىگەندە ھەجەپ قان يۇقى ھىس قىلمىغان ئىدىم ، مەن ھىچنىمىنى بىلمىگەن بولۇپ ساددىلارچە :

-- كىركى يوق . قان بولسا قان بوپتۇ . مەن ئەتە يۇيىۋەتسەملا بولدى ...
-- ياق ياق ! يۇيمىغىن ، ساقلاپ قويغىن . مەن ئەتە ساڭا يىڭى كارۋات كىرلىكى ئىلىپ بىرەي ، بۇ كىرلىكنى تاشلىماي ساقلاپ قويغىن .

  ئەتىسى چۇشتىلا ئايقىز مىنى ئىزدەپ كەلدى ..
-- قۇياش ! ئوزۇڭمۇ بىلىسەن . ئاخشام ھەقىقەتنى كوردۇڭ ..مەن قىز ...مىنى بۇندىن كيىن ئەمدى كىممۇ ئالىدۇ ،  بىز توي قىلايلى . مىنى ئالغىن  .بولمىسا بىر ئايدىن كيىن قورسىقىمدا بولۇپ قالسا ....كيىنچە  خىزمىتىڭگىمۇ  تەسىرى ياخشى بولمايدۇ ....
-- ئايقىز . بۇ نىمە دىگىنىڭىز ! ئاخشام تىخى ئەتە مىنى تاشلىۋەتسىڭىزمۇ پۇشايمىنىم ،  ئارمىنىم يوق دەۋەتاتتىڭىز ...ئەمدى ماڭا بۇنداق چاپلاشسىڭىز قانداق بولىدۇ . مىنىڭ سويگۇنىم بار ......مەن سىزنى سويمەيمەن ...
-- نىكاھ ئىللىق دەپتىكەن ..سىزنىڭ مىنى سويمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن . بەلكىم نىكاھتىن كيىن ئاستا - ئاستا ياخشى كورۇپ قالارسىز ... ماقۇل دەڭ ....بولمىسا مەن يۇزۇمنى قانداق كوتۇرۇپ يۇرۇيمەن ...
-- ئايقىز ، ئاڭلاڭ ...مىنى ھازىر توي قىلغۇدەك ئىقتىسادىممۇ يوق ! ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىجارە ئوي ..توي قىلمىغان ئاكىللىرىم بار ...ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن ئالدىراپ ئات چاپتۇرسام بولماس ..
-- بۇنى بىلىمەن . پەقەت سىز مىنى ئالسىڭىز . سىزگە ھىچقانداق توي سىلىقى ۋە ئىقتىساد قىينلىچىلىق  سالمايمەن ...مىنى ئىلىڭ ...



چۇشتىن كيىن يۇلتۇز خىزمەتتىن چۇشۇپلا  مىنى ئىزدەپ كەلدى . ئىشكتىن كىرىپلا ماڭا  ئىلسىپ  تەلۋىلەرچە سويگىلى تۇرىدى ...مەن ئۇنى قۇچاقلىيالمىدىم . سويەلمىدىم ... ئۇنىڭغا يۇز كىلەلمەيتىم ....
-- نىمە بولدى . بۇگۇن چىرايىڭ بولەكچىغۇ !
-- مەن ساڭا يۇز كىلەلمەيمەن يۇلتۇز ...مەن ئادەم ئەمەس ...مەن ھايۋان ...مىنى كەچۇرۇڭ ....
--قانداق ئىش بولسا ئالدىرماي دەڭ ! زادى نىمە ئىش بولدى ؟.
-- ئاخشام .................... مەن بولغان ۋەقەلەرنى سوزلەپ بەردىم ..
-- قۇياش ! سىز ....سىز ...مەن سىزگە قانچىلىك ئەقىدە باغلاپ سويگەن . قانچىلىك بەدەل تولىمىگەن ..سىز نىمىشقا ؟ بىر كۇن چىدىيالمىىڭىزمۇ ؟
--شەيتان مىنى ئازدۇردى ..
--قايسى شەيتان ئىكەن ئۇ ..شەيتان  ..شەيتان . .بۇ دۇنيادىكى  بارلىق  ئوغۇللارنىڭ ئۆز  قىلغان ئىشىدىن  قۇتۇلۇش ئۇچۇن تاپقان باھانىسى .
-- ئۇ  ..ئۇ ...مەن قىز ئىدىم دەيدۇ ...
-- ئەجىبا مەن قىز ئەمەسمۇ ؟ مەنمۇ قىز ئىدىمغۇ .....ئەمسە مىنى ئىلىڭ ... بىلىسىز بىز ئىككىنچى كۇنى سىزنىڭ گۇماندا بولۇپ قالماسلىقىڭىز ئۇچۇن دۇختۇرخانىغا بىرىپ  تەكشۇرۇتكەندە قىزلىق قان ئىسپاتنامىنى كورگەن . ئەمسە مەنچۇ- مەن؟   ئەجىبا ئۇ ئۇيغۇر ، مەن خەنزۇ بولغانلىقىم ئۇچۇن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلدە بولامسىز ..سىزنىڭ مىنى سويىمەن دىگەنلىرىڭىز نەگە كەتتى . ئۇ يىغلىغىنىچە ئوقتەك ئىتلىپ چىقىپ كەتتى ....

  مەن ئەتىسى  ئايقىزدىن بۇلغانغان ئاق كىرلىكىنى دۇختۇرغانىغا ئاپىرىپ تەكشۇرۇتتۇم ...نەتىجە بۇ قىزلىق بولماي بەلكى ئاي كورۇپ قالغان ۋاقتىدا كەلگەن قان يۇقى بولۇپ چىقتى .. ھازىرقى قىزلار نىمە دىگەن ئەقىللىق ھە ، تەجىربىسىز ئوغۇللارنى مۇشۇنداقمۇ ئالدىغان بولامدۇ ؟



    ئەتىسى يۇلتۇزنى ئىزدەپ باردىم ، ئۇ مەن بىلەن كورۇشكە ئۇنىمىدى . تىلغۇننىمۇ ئالمىدى ..كورۇشكەن چاغلاردا بولسا  تىللاپ كەتكۇزۋەتتى ..ئۇ مىنى مەڭگۇ كەچۇرمەيدىغانلىقنى ...ماڭا بىر ئومۇر لەنەت ئوقۇيدىغانلىقنى ئيتتى ..
شۇ كۇندىن باشلاپ ئايقىز ھەر كۇنى مىنى ئىزدەپ كىلىپ بىشىمنى ئاغىرىتقىلى تۇردى ...توي قىلايلى... توي ....
-- ئايقىز مىنى كەچۇرۇڭ . مەن دۇختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇردۇم  .كارۋات كىرلىكىدىكى قىزلىق ئەمەس ئىكەن ...سىز مىنى ئالداپسىز  !
-- نىمە ؟ سەن مىنى شۇنداق باھانە بىلەن تاشلىماقچىما ؟ ئەگەر بىر ئايدىن كيىن  قورسقىمدا بالا ئۇنۇپ قالدىغان بولسا ئۇ چاغدا مەندىن قۇتۇلۇشىڭ تىخىمۇ تەس ....شۇڭا چوقۇم  15 كۇن ئىچىدە تويىمىزنى قىلۋىتىشىمىز كىرەك .چوقۇم ....
10-ئاينىڭ 26- كۇنى رامىزانقا قوپىدىغان كۇن ئىدى ..... شۇڭا ئۇ رامىزاندىن بۇرۇن توينى قىلىشقا كۇندىن كۇنگە قىستىغىلى تۇردى ...
-- مەن سىنى ياخشى كورمىسەم قانداق بىرگە ئوتىمەن ..مىنى قينىمىغىن ...
-- سەن مىنى چوقۇم ياخشى كورۇپ قالىسەن ...ئالدى بىلەن بىز توي قىلايلى . ئەگەر چىقىشالمىساق مەن ئوزۇم تەكلىپ بىلەن ئاجىرشىمەن ..
ئۇنىڭ ياۋۇزلارچە تەكلىپى ....ئاخىرى ماقۇل بولدۇم ...

-- ھە ، راسىت ، ئۇنتۇپ قالغىلى ئاز قاپتىمەن . ھىلىقى قان يۇقى كارۋات كىرلىكىنى تاشلىۋەتمەي ساقلاپ قويغىن ، توي كۇنى ئەتىسى چوڭلارغا چۇشەندۇرۇشكە پايدىسى بار .

   پاھ ! نىمە دىگەن ئەقىللىق - ھە ! باشقىلار تاش سانىغۇچە قۇم سانايدىغان قىز ئىكەن بۇ .
   ۋاقىت ئىنتايىن قىس بولغاچقا بىز توي خىتى ئىلىشقىمۇ ئۇلگۇرمىدۇق... ئازابلىق ، ھەسىرەتلىك ..قۇتلۇق توينى 10-ئاينىڭ 21-كۇنى سەيشەنبىگە بىكىتتۇق ...باغاقلار يىزىلدى ۋە تارقىتىلىدى ...كۇنلەر يىقىنلاشقا باشلىدى ..كىچىسى مەن يىغلايتتىم ... يۇلتۇز سەن نەدە؟....سىنى سىغىندىم ....تۇن نىسپىدە سىرتقا چىقىپ ...چىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلار ئىچىدىن يۇلتۇز ئىككىمىز بەخىت يۇلتۇزى دەپ بىكىتكەن ئاشۇ يۇلتۇزنى ئىزدەيتىم .تاپالمايتىتم.. مەن راستىنلا يۇلتۇزنى يوقىتىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىممۇ ؟
  يۇلتۇز باغرىمدا، كوكسۇمگە بىشىڭىنى قويۇپ ياتقان ئاشۇ چاغدا سەندىن مىنى قانچىلىك سويىسەن ؟ دەپ سورىغان چىغىمدا " 天高، 海深 " دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭ ھىلىمۇ ئىسىڭىدىمۇ ؟   سىنىڭ ئاشۇ كۇلكە يىغىپ تۇرغان چىرايىڭ خىيال ئىكرانىمدا بىر - بىرلەپ ئوتۇپ مىنىڭ قانچىلىك يىغلاۋاتقىنىمنى بىلسەڭ ئىدى ...مەن مۇھەببەت جىڭىدە يىڭىلدىم .  مەن سىزنى سىغىندىم. بەكمۇ بەكمۇ سىغىندىم .



   20- چىسلا مەن يۇلتۇزغا تىلغۇن قىلدىم  ،  نەچچە ئون قىتىملىق تىلغۇندىن  كيىن ئۇ ئاخىرى ئالدى .
-- يۇلتۇز ! مەن ساڭا قەرىزدارمەن .. يۇز كىلەلمەيمەن ...ئەتە مىنىڭ تويۇم ...مەن سىنىڭ قاتنىشىشڭنى،مىنىڭ قىشىمدا ئولتۇرشىڭىنى ئۇمىد قىلىمەن ..ئەڭ ئاخىرقى تەلىپىم ...ماقۇل دىگىن ...كەلگىن .....- بىز تىلفۇندا ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلاشتۇق ...
-- مەن تويۇڭغا بارالمايمەن . بەخىتلىك بولغۇن .....قۇياش بەختىلىك بولغىن .....



ئەتىسى قۇتلۇق توي مەرىكىسىى باشلاندى ...
-- ئايقىز ! ئومۇرلۇك قۇياشنىڭ ۋاپادار رەپىقىسى بولۇشقا قوشۇلدىڭىزمۇ ؟
-- قوشۇلدۇم ..
قۇياش ! ئايقىزنى مەڭگۇلۇك ئەمرىڭىزگە ۋاپادار ئايال قىلىپ ئىلىشقا قوشۇلدىڭىزمۇ ؟
كوزۇمنى  چىڭ يۇمدۇم . يىقىلىپ كەتمەي دەپ ئوغۇل قولدۇشىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمدىدىم ...
-- قوشۇلدۇم

   نىكاھدىن كيىن  پىيالىگە تۇز سىلىنغان سۇغا چىلانغان نان پارچىسىنى ئەكىلىپ مىنىڭ يىيىشىمگە ، بۇ ناننىڭ پارچىسىنىڭ مىنىڭ ئايقىىز بىلەن مەڭگۇ بىرگە بولۇشۇمىنىڭ بىرنىمىسى  دەمدۇ ... نىكاھ سۇيى دەمدۇ .....ئەر - ئاياللار ئولتۇرسىغا مىھر سالدىغانلىقنى چۇشەندۇرۇپ يىيىشىمنى ئيىتى .

-- ياق ياق . مەن بۇنداق نەرسىلەرنى يىمەيمەن . بۇنىڭ ئۆزى شەرىئەتكە خىلاپ . بۇ بىر خوراپىلىق ...ئەر - ئاياللار ئولتۇرسىغا مىھىر سىلىش سالماسلىق ، ئۇلۇغ اللانىڭ قۇدرىتى  . مەن بۇنداق نەرسىلەرنى يەپ شەرىئەتكە شەك كەلتۇرسەم بولمايدۇ .....بۇنىڭغا ئىشىنىشنىڭ ئۆزى ھارام .

--  توپلىشۋالغان  بىر توپ ئايال " ۋاي اللا ماۋۇ بالىنىڭ دىگەن گەپلىرىنى ، بۇ نىكاھ سۇيى چوقۇم ئىچىشىڭىز كىرەك " مەن قورۇ سىرتىغا چىقىپ كەتتىم ، بىر نەچچە ئايال مىنى قوغلاپ يول ئولتۇرسىدا ئەتراپىمغا ئولاشتى  ۋە چوقۇم يىيىشىم كىرەكلىكىنى ... بىر توپ ئالۋاستىلارنىڭ ئارىسىدىن قۇتۇلۇشنى تەس كورۇپ كوزۇمنى يۇيۇم مىڭ بىر تەستە يىدىم ...



    توي مەرىكە زالى ..... رىستۇرانى ! قىزنى يوتكەپ رىستۇرانغا كىرىپ كەلگەن چىغىمىزدا زال ئىچى ئادەم دىڭىزغا ئايلانغان ئىدى . مەۋلان نىيازنىڭ شۇخ تۇيلار مۇبارەك  ئۇسسۇلۇق ناخشىسى بىلەن بىزنى ئىلىپ كەلگەن قىز ئوغۇللار ئالدى - كەينىمىزدە ئايقىز ئىككىمىزنى چۇرىدەپ ئۇسسۇل ئويناپ بىزنى مەرىكە  ئاق ساراي زالىغا باشلاپ ئولتۇرغۇزدى .
  مەن ئادەم دىڭىزى ئىچىدىن ئۇنى ئىزدەيتىم ، قايسى بىر ئۇستەلدىن ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان سىماينى كورۇشكە تەشنا  ئىدىم ...بىراق شۇنچە كۇزىتىپ چىقساممۇ ئۇنىڭ قارىسىنى كورەلمىدىم ..  ئۇ ماڭا " قۇياشسىز يۇلتۇز چاقىنىمايدۇ ، ئەگەر بىر كۇنى سەندىن ئايرىلىپ قالسام ، سەن مەڭگۇ كورەلمەيسەن . مەن قاراڭغۇلۇققا غەرىق بولىمەن " دىگەن ئىدى...
  مىھمانلار ناخشا - ئۇسسۇل ، ئىچىملىك - چىكىملىككە غەرىق بولۇپ كەتكەن .... مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئالدىمدا  پەيدا بولۇشىنى ئۇمىد قىلىپ ئولتۇراتتىم ..
-- قۇياش ! تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! كىچىكىپ كىلىپ قالدىم ...بۇ بىر قەدەھ پىۋىنى سىز بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئىچكۇم بار ...ئايالىڭىز چىرايلىق ئىكەن ...بەخىت سىلەرگە يار بولسۇن ....
ئۇنىڭ كوزلىرى ياشقا تولغان .. مەن نىمە دىگەن دىگەن بەخىتسىز - ھە !  بەختىم ئالدىمدا ،  يۇلتۇزۇم ئالدىمدا ...بىراق مەن باشقا بىرسى بىلەن توي شاتلىقى ئوتكۇزۋاتىمەن...
ئايقىز قولداشلىرى بىلەن ئالا كىملەر ئۇنداق كيىنپتۇ - بۇنداق كيىنىپتۇ  دەپ غەيۋەتكە چۇشۇپ كەتكەن ئىدى .

-- خالسىڭىز قىشىمغا كىلىپ ئولتۇرغان بولسىڭىز ...بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى ....
-- بولىدۇ ! بۇگۇن سىزنىڭ توي شاتلىقىڭىز ، سىزنىڭ دىگىنڭىز ھىساب، ياق دىيشكە ھەددىممۇ ؟
ئوڭ يىنىمدا ئايقىز . سول يىنىمدا يۇلتۇز ....... يۇلتۇز بىلەن چىڭ سىقىمدالغان قوللىرىمىز جوزىنىڭ ئاستىدا ...تىنىمسىز سىلىشاتتى ....كوزلىرىمىز  بىر بىرىمىزدىن ئۇزۇلمەي تىكىلىىشەتتى  ....ياشلىرىمىز  بىلىنىپ بىلىنمەي سىرىلاتتى ...........
ئارىدا ئايقىز باشقىلار بىلەن تاڭسىغا چۇشۇپ كەتتى ...مەن پۇرسەتىنى غەنىمەت بىلىپ ..
-- يۇلتۇز ، ماقۇل دەڭ . سىزگە دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار ..بىز سىرتقا چىقايلى ....
ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە  سىرتقا چىقىپ كەتتىم ....كوكتە سانسىز يۇلتۇزلار چىمىرلايتتى . مەن ئۇنى ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى  سىدە دەرىخى تۇۋىگە باشلاپ باردىمدە باغرىمغا باستىم ...ھەر ئىككىمىز ئوكسۇپ يىغلاپ كەتتۇق .....ئۇنى تەلۋىلەرچە سويدۇم ....قۇلاق ..كوز ....لەۋ ...بويىنلىرى .....
-- يۇلتۇز !مىنى كەچۇر ، مىنى سويەمسەن ؟

-- قۇياش ! شۇنداق ! مەن سىنى سويىمەن ، مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكەن بولساڭمۇ مەن سىنى سويىمەن . بەلكىم ھاياتلىقىمدا ئىككىنچى بىرسىنى سىزنى سويگەندەك سويەلمەسمەن .. مەن ساڭا بەخىت تىلەيمەن ....سىنى سويىمەن قۇياش...

--يۇلتۇز گىپىمگە قۇلاق سال .. مەنمۇ ھەم ساڭا ئوخشاش ھىسياتتا ، بۇ دۇنيالىقىمدا پەقەت سىنى سويدۇم ھەم سويىمەن ، مەنمۇ  ھاياتلىقىمدا سىنى سويگەندەك باشقا بىر قىزنى سويەلمەسلىكىم مۇمكىن . ..ماڭا ئىشەنگىن ..بىز يىراق ياقلارغا كىتەيلى ...سەن بىلەن بىر كۇننى خوشال ئوتكۇزسەم شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۇچۇن بەخىت ... مەن  سەدىقە  قىلىپ بولسىمۇ سىنى بەختىلىك قىلىمەن...بىز قاچايلى ...
-- قۇياش ! ياق ..سەن كىچىكتىڭ . بەكمۇ كىچىكتىڭ . .سەن بۇ گەپنى بىر ھەپتە بۇرۇن دىگەن بولساڭ ، ياكى تويۇڭنى بىر ھەپتە بۇرۇن توختاتقان بولساڭ بۇگۇنكىدەك بولمىغان بولاتتى...بىراق سەن ئازدىڭ .....سىلەر داۋاملىق دەيدىغان شەيتاننىڭ ئازدۇرشىغا ئازدۇرلۇپ كەتتىڭ ....ئەمدى ھەممە بارلىقى كىچىكتى ..ماقۇل  دىگىن ...بىر كىرىپ كىتەيلى ...ساڭا بەخىت تىلەيمەن ...سەن بەختىلىك بولالىساڭ مەن ئۇچۇن شۇنىڭ ئۆزى بەخىت ....ئەمەليەتتە ..مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زالغا كىرىپ تويۇڭنى بۇزالايىتتىم ...چۇنكى مەنمۇ ئۆز بەختىم ئۆز سويگەن يىگىتىم بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلايمەندە  . مۇھەببەت دىگەن شەخسىيەتچى كىلىدۇ ....مەن شۇنداق قىلالايتتىم ...بىراق مەن يەنىلا سەن ئۇچۇن ...سىنىڭ تەڭلىكتە قالماسلىقىڭىنى ئويلىدىم  ...بۇنىڭ ھەممىسى  سەن ئۇچۇن ...سىنى سويگىنىم ئۇچۇن ....بىلدىڭمۇ ؟
ئۇنىڭغا قايتا بىر قىتىم تىكىلىپ قارىدىم  ، ئۇنىڭ كوزلىرىگە قارىدىم . تۇن قاراڭغۇسى ...ئۇنىڭ ياش يۇقى كوزلىرى  شۇنچە نۇرلۇق ....ئاھ خۇدا !  مەن ئەمدى تاپتىم ...نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تاپالىمىغان ھىلىقى نەرسىنى تاپتىم . مەن نىمە دىگەن دوت - ھە ! شۇنچە ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتۇپ ، ئۇنىڭ كوزلىرىگە سانسىزلىغان تىكىلىپ قاراپمۇ تاپالمىغان ، مەن ئىزدەۋاتقان ھىلىقى نۇرنى كوردۇم ....ھىلىقى غايىبانە كۇچنى كوردۇم....... ئۇنىڭ كوزىدىن كورگىنىم باشقا نەرسە ئەمەس ، دەل  ئۆزۇم ئىدى ....دىمەك بۇ مۇھەببەت ئىدى ....



بىز زالغا قايتىپ كىردۇق  ۋە ئۇلاپلا تاڭسا ئوينىدۇق ! ئۇنىڭغا پىچىرلاپ ...
-- يۇلتۇز ! مەن سىزنى سويىمەن .. بۇ سويگۇنى تىخى ھىلىدىن ھىس قىلدىم ....سەندىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم .
--  ئاخمىقانە خىيال قىلما ساراڭ ! بۇگۇن سىنىڭ توي شاتلىقىڭ ! سەن بۇگۇن ئايقىزنىڭ ! سەن ئۇنىڭغا مەنسۇپ ، مەڭگۇ ئۇنىڭغا مەنسۇپ ! ئەمدى ئوتمۇشنى ئويلىغۇچى بولما ...ھەر ئىككىمىز ئۇنتۇپ كىتەيلى .........ئۇ بىر چۇش ...............



  تويدىن كىيىن ھەر كۇنى ئىشخانىدا يۇلتۇزغا تىلغۇن قىلاتتىم ! ئۇ بەزىدە ئالسا بەزىدە ئالمايتتى . ئالغان چاغلىرىدا مىنى تىللايتى ..ۋە مىنىڭ ئايقىزغا كوپرەك كوڭۇل بولۇشمىنى ...ئۇنىڭغا ئەرلىك مىھرىمنى بىرىشىمنى ئۇمىد قىلاتتى ....بىراق مەن ئۇنداق قىلالمىدىم....توينىڭ ئىككىنچى كۇندىن كيىن مەن قەدەمنى خاتا بىسىپ قالغىنىمنى ھىس قىلدىم ....مەن ھەر كۇنى ئىشىخانىدا ئىشىكىنى ئىتىپ قويۇپ يىغلايتتىم... ھاياتىمدا يۇلتۇز بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى  ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقمنى  ھىس قىلدىم ..



     ئايقىز باشقىچە ئادەمگە ئايلاندى .  مەن ئۇنىڭ تون ئىچىگە ئورالغان  ئالۋاستى ئىكەنلىكنى بىلمەپتىمەن .. توي شاتلىقى تۇگەپ ھەپتە بولماي ئولتۇرمىزدا جىدەل ماجىرا تۇگىمەسكە باشلىدى .. مەن خوتون ئالماي بىر غالجىر ئىت ئالغانلىقىمدىن بىخەۋەر ئىدىم . ئۇ  خۇددى مىنىڭ سايەمدەك مەندىن ئايرىلمايتى . ھەر كۇنى چۇش ۋە چۇشتىن كيىن  ئىدارنىڭ ئالدىدا جىندەك پەيدا بولاتتى ...
-- سەن ئالغىلى كەلمىسەڭمۇ مەن ئىزىپ قالماي ئوينى تاپالايتىم  ..بۇندىن كيىن ئىدارنىڭ ئالدىغا كەلمە  . خىزمەتداشلار نىمە دەپ قالىدۇ ....كىمنىڭ ئايالى ئىرىنى ئىلىپ كىتىدىكەن .
-- نىمە ! مەن كەلمىسەم ، ئىشتىن چۇشۇپ  قايسى ئاشناڭنىڭ قىشىغا باراي دىگەن ! سەن ئەمدى ئويى بار ئادەم . ئەر كىشىنى ئايال باشقۇرمىسا ئىشۋالدىغان گەپ ...

.........................................

--ئايقىز ، بۇگۇن بىر دوستۇمنىڭ مەسلىھەت چىيى  ئىكەن ، مەن بىرىپ قاتنىشىپ كىلەي ، بىزنىڭ تويىمىزدىمۇ كوپ كۇچ چىقارغان ئىدى .

-- نىمە ؟ سەن توي قىلىپ بولغان ئادەم ، ئەمدى ئۇ ماڭقىلار بىلەن ئارلىشىپ نىمە قىلاتتىڭ ! سەن بارساڭ مەنمۇ بارىمەن !

-- ئۇ ئوغۇللارنىڭ مەسلىھەت چىيى ، ساڭا  نىمە بار ؟

-- كارىم يوق ! مەن سىنى ئاپىرىپ قويىمەن ، مەسلىھەت چاي تۇگىگۇچە سىنى سىرىتتا ساقلايمەن .

................................................

-- ئايقىز ! ھەپتە بوپتۇ ، مەن بىرىپ ئاتا - ئانامنى كورۇپ كىلەي ! بولسا بىرىگە بىرىپ كىلەيلى

-- نىمە ؟ بىز توي قىلغاندا سىزنىڭ ئاتا - ئاناڭ ساڭا نىمە قىلىپ بەردى ،  ماۋۇ مىنىڭ ئوغلۇمكەن دىمەي  ئىككى قولىنى قۇرۇشتۇرۇپ تۇرمىدىمۇ ؟ ھەجەپ ئەمدى ئاتا - ئانا دەپ قاپسەنغۇ  ، ئۇلار ساڭا چىدىماي ئىسىتقۇ قىلۋەتتىمۇ نىمە ؟ بۇگۇن مىنىڭ ئاتا - ئانامنىڭ قىشىغا بارىمىز .

......................................................

-- ئايقىز ، بۇگۇن كونا ساۋاقداشلار يىغىلماقچى بولغان ئىدۇق  ، بەلكىم كىچىكپرەك قايتىمەن .

-- ياق ، بولمايدۇ ، سەن ھاراق - تاماكىدا يوق ! سىنىڭ ئۇ ئاغىنلىرىڭدىن ساڭا پايدا يوق ! ئۇلار سىنى بۇزىدۇ ! مەن سىنىڭ  ئۇلار بىلەن ئارلىشىشىڭا قوشۇلمايمەن ،

..................................................

--  قۇياش ، بۇگۇن  ئاڭلىسام  سىنى  ھىلىقى ئىداراڭلارغا يىڭىدىن بولۇنىپ كەلگەن قىز بىلەن سىرىتلاردا يۇرۇيدۇ دەيدۇ ....سەن ئۇنىڭغا ئىش پەش تارتىپ يۇرەمسەن ؟ ئۆزۇڭنى بىلىپ يۇر .

-- نىمىلەرنى دەيدىغانسەن ئايقىز . ئۇ دىگەن خىزمەتداش ، بىر ئىشخانىدىكى خىزمەتداش، خىزمەت دىگەننى بەزىدە يۇقىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرسى بىلەن بىرگە چىقىپ بىجىردىغان گەپ ، مەن ئەمدى ئايالىم بار دەپ خىزمەتنىمۇ تاشلىسام بولامدۇ ؟

--بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق ! بۇندىن كيىن ئۇ قىز بىلەن باردى قىلمايسەن ..

.........................................................

-- قۇياش ! بۇگۇن بەكمۇ ھاردۇقۇم يەتتى . سەنمۇ بۇگۇن دەم ئالدىڭ ، بولسا كيملىرىمنى يۇيۇۋەتكەن بولساڭ . مەن ساڭا بالا تۇغۇپ بىردىغان بولغاندىن كيىن .

-- مۇشۇمۇ گەپمۇ ؟ بالا تۇغساڭ يالغۇز مىنىڭ بولامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە سەن ئالدىدا بىرنى تۇغ ....تۇغۇتلۇق بولۇپ ياتقان چىغىڭدا يۇيۇپ بەرسەم يۇيۇپ بىرەي ...قۇرساق كوتۇرمەي تۇرۇپ ......

-- ئەمسە بۇگۇن سەن تاماق ئەتكىن .

..............................................................

--قۇياش ! مەن ئاتا - ئانامنىڭ ئويىگە بىرىپ كىلەي ! سەن ئويدىن چىقماي ئولتۇرغىن .. سەن بۇ دۇنيادىكى بىردىن - بىر ئىرىم ، ئەڭ ياخشىسى ئىشكنىڭ سىرتىدىن قولۇپ سىلىپ قويۇپ كىتەي .

.........................................................

--بۇگۇن دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم . قورساق كوتۇرۇپتىمەن .سەن دادا بولدىغان بولدۇڭ .. ماڭا نىمە ئىلىپ بىرىسەن ..ئالتۇن زەنجىر ...بىلەيزۇك ... ھالقا ....قانچە گىراملىقىنى  .....

.....................................................

---قۇياش ، مىنىڭ زاۋۇتتىكى بىر يىڭى توي قىلغان خىزمەتدىشىمنىڭ ئيتىشچە ئۇ ئىككسى ھەر كۇنى چەتئەلنىڭ سىرىق فىلىملىرىنى قويۇپ ، شۇ فىلىمگە قاراپ ئەر ئاياللىق مۇناسىتى قىلدىكەن .  مەن ئۇ فىلىمنى خىزمەتدىشىمغا دەپ ئەكەلدۇردۇم ، ماقۇل دىسەڭ ھازىر قوياي ..بىزمۇ شۇ فىلىمگە قاراپ ........

...............................................

-- ئايقىز !  جۇمە ۋاقتى بولۇپ قالاي دەپتۇ ..جۇمەگە بىرىپ كىلەي ...

--ۋايجان ، بىر قىتىم جۇمەگە بارمىغاندا نىمە بولاتتى ...



بەلكىم  بۇگۇنكىدەك كۇنگە قىلىشىم يۇلتۇزنىڭ كوز يىشى بولسا كىرەك !  ئۇنسىز يىغلايتتىم ..ئۇنىڭ تويدىن كيىنكى قىلىقلىرى مىنى كۇندىن - كۇنگە يىرگەندۇرگىلى تۇردى .. بىر كۇنى كىچىسى ئايقىز قىشىمدا نىمىلەرنىدۇ غىڭشىپ ناخشا ئيتىپ ياتاتتى . مەن ئۇزۇندىن - ئۇزۇن تولغۇنۇپ ئاخىرى ....

-- ئايقىز ! سەن مىنى سويەمسەن ؟

--شۇنداق ! بۇنى نىمىشقا سوراپ قالدىڭ ؟ مەن سەندىن ئايرىلىپ قالسام ياششىم مۇمكىن ئەمەس . مەن سىنى بىر مىنۇت كورمىسەم چىدىمايمەن .

--گىپڭىمگە قۇلاق سالغىن ! مۇھەببەت دىگەن نىمە ؟

-- بىر - بىرىنى سويۇش ، بىر بىرگە بەخىت تىلەش ۋە بەخىت بىرىش .

--ئەمسە ئاڭلىغىن . مەن ئۇزۇن بولدى ، تولغاندىم ، قينالدىم ، يىغلىدىم  ، ئاخىرى بۇ يەكۇنگە كەلدىم . مىنى كەچۇر ! بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى ! سەن بىلەن توي قىلىپ مەن بىر كۇنمۇ خوشال - خورام ئوتكەن ئەمەسمەن . ئەگەر سەن بايا ئيتىپ ئۆتكەندەك  سويۇش ۋە مۇھەببەت بىر بىرىگە بەخىت تىلەش ۋە بەخىت بىرىش بولسا ، ئەمسە سەن ماڭا بەخىت تىلە .مىنى ھەقىقي سويگەن بولساڭ  ماڭا ئەركىنلىك بەرگىن ..مەن سەندىن ئايرىلغاندا ئاندىن كۇنلىرىم خوشال ئوتۇشى مۇمكىن ..بىلەمسەن ، سەن بىلەن توي قىلىپ يىرىم يىلدەك بولدى ، بىر كۇننى ئەركىن ئازادە ئوتكۇزگەن ئەمەسمەن .  ئەر كىشى كۇنلۇسە ئوي تۇزىلىدۇ . ئايال كىشى كۇنلۇسە ئوي بۇزۇلىدۇ دەپ ...مىنى گۇناھسىز  سايەمدىن  كۇنلەپ  بىر كۇنمۇ ئاراملىق بەرمىدىڭ ...توي قىلىشتىن بۇرۇن سەن  نىمىلەرنى دەپ ۋەدە قىلمىغان ...توي تۇگەپلا نىمىگە ئۆزگەردىڭ ....ئۇنىڭ ئۇسىتگە مەن تۇغۇلۇپ تا ھازىرغۇچە بىتاب بولۇپ باققان بالا ئەمەس ...بىجىرىم تەن ....بىراق سەن بىلەن توي قىلغان كۇنى كىچىسىدىن باشلاپ ...ماڭا جىن چاپلاشقاندەك ...ھەر كۇنى كىچە بولدىمۇ بىر قارا  كولەڭكە ماڭا ئاراملىق بەرمەيدۇ ....ھەر كۇنى دىگۇدەك مىنىڭ تىنىقلىرىمنى بۇغۇدۇ ..بۇنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ سەن ناھايتىمۇ ياخشى بىلىسەن ....ھازىر سالامەتلىكىم كۇندىن - كۇنگە ناچارلىشىپ بىتاپ ھالەتكە بىرىپ يەتتىم ...ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋەرسە..... بۇندىن باشقا يەنە  سەن ئاتا - ئانامغا كىلىن بولۇپ كىرىپ  بىرەر دەم ئىلىش كۇنى بىرىپ ئۇلارغا بىر قازان سۇيۇق تاماق ئيىتىپ بەرگەن يىرىڭ بارمۇ ؟ ئاتامنىڭ شاپاق دوپپىسىنى ، ئانامنىڭ باش ياغلىقىنى يۇيۇپ باققان كىلىنمۇ ؟ سىنى ئەيىپلىگىنىم ئەمەس .....سەن ياخشىراق ئويلاپ باققىن ....سەن ئۇلارنى ئاتا - ئانا ئورنىدا كوردۇڭمۇ ؟ ئۇلار بولمىسا مەن نەدە ؟ ساڭا نەدە؟  مەن كوپ ئويلاندىم ..  سەندىن ئايرىلغاندا ئاندىن سالامەتلىكىم ئەسلىگە كىلىشىم مۇمكىن . خوشاللىق، بەخىتىمنى تاپالىشىم مۇمكىن . مەن تويدىن بۇرۇن ۋە كيىن سىنى سويىمەن دەپ باققانمۇ ؟ بۇنىسى  ساڭا ئايان ..... مۇھەببەت سويگۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق بىر مەقسەتتە بىرگە بولۇشى .....بىراق مەن سىنى سويمەيمەن ....بىز قاچانغۇچە مۇشۇنداق داۋالىشىمىز ... ھازىر بىزدە بالا يوق ...بۇ ياخشى پۇرسەت...  يەنە كىلىپ بىزدە تىخى توي خىتىمۇ يوق ....ئاجىراشساق ھىچقانداق تەسكە چۇشمەيدۇ ....پەقەت سەنلا ئۇنىساڭ ......بارلىق مال بىسات ، ئوي ، بارلىقى بارلىقى سىنڭكى . مەن پەقەت ئۇچامدىكى بىر چاپان بىلەنلا چىقىپ كەتسەم بولدى ...ماڭا باشقا ھىچقانداق نەرسە كىرەك ئەمەس ....

-- ياق ياق! ئاجىراشمايمەن . ئەگەر ئاجىرشىمەن دىسەڭ ئولۇپ بىرىمەن .مىنى كەچۇر . مەن بۇندىن كيىن تۇزۇتەي . سەن نىمە دىسەڭ شۇ .....

-- ياق ! سىنىڭ بۇ خۇيۇڭ  سۇت بىلەن كىرگەن جان بىلەن چىقىدۇ ..مەن سىنىڭ ئىرىڭ .سىنى چۇشىنىپ يەتتىم ..سەن بىر ئومۇر ئۆزگىرەلمەيسەن ...سەن پەقەت ئولگەندە ئاندىن ....

ئۇزۇنغا سوزۇلغان دە-تالاش  ...ئۇنسىز يىغلاش .....قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ...تۇن يىرىمىدە ...

-- قۇياش ! ئورنۇڭدىن تۇرغىن ...سەن مەندىن راستىنلا ئاجىرشامسەن ؟...

--شۇنداق ...شۇنداق نىيەتكە كەلدىم .

-- يىرىم يىل ئەر- ئايال بولۇپتۇق ...بوپتۇ ..مەنمۇ قوشۇلاي...بىراق بىر تەكلىپىم بار ....ماقۇل دىگەن ..بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قىتىمى ..

--نىمە تەكلىپ ؟

-- ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بىرگە ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋىتى ئوتكۇزەيلى .مىنى رازى قىلغىن .بەلكىم بۇندىن كيىن سىغىنساڭمۇ ساڭا بىرەلمەيمەن ...

-- يۇلتۇز ! مەن ئادەم . سەندە كوڭلۇم قالدى ،  يەنە قانداقسىگە  ! ھاردىم ، ماڭا تىنىچلىق ،  ئەركىنلىك بەرگىن ...بولدى قىلغىن ...دىدىمدە قايتا ئۇيقۇغا كەتتىم ...سەھەر سائەتنىڭ جىرىڭشىغان ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇنۇپ قىشىمغا قارىسام ئايقىز يوق .. ئۇنى ھاجەتخانىغا چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك دىدىم - دە ..كيملىرىمنى كيىپلا خىزمەتكە ماڭماڭچى بولۇپ  تۇرغىنىمدا ئۇستەك ئۇستىدە تۇرغان بىر پارچە ۋاراقچىغا كوزۇم چۇشتى ..." سويۇملۇك ئىرىم قۇياش ...." خىزمەت ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا ئاخىرىنى ئوقۇماي يانچۇقۇمغا سىلىپلا خىزمەتكە چىقتىم ...سەھەر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بولۇپ كىتىپ ھىلىقى ۋاراقچىنى ئوقۇشنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن .... ئارىدىن ئىككى سائەتچە ئوتكەندە ئىدارە ھاجەتخانىسىغا بارغىنىمدا ئاندىن ھىلىقى ۋاراقچە ئىسىمگە كەلدى ...

   " سويۇملۇك ئىرىم قۇياش ، بەلكىم سەن بۇ ۋاراقچىنى ئوقۇۋاتقان چىغىڭدا مەن ئاللا قاچان بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقان بولۇرمەن . بىلسەڭ سىنى كۇنلۇگىنىم  سىنى سويگۇنىم ...سىنى قوغلىشىدىغان قىزلارنىڭ كوپلۇكى كوڭلۇمگە ئايان ...سەندىن بىر كۇنلەردە ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقىمەن ...مەن بىلىمەن ...تويدىن كيىن ساڭا قىلغانلىرىم ئايال كىشىنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەمەس ...بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ سىنى ئەسەبىي سويگۇنۇم ....ئاخشام سەن غەرىق ئۇيغۇغا كەتتىڭ ...مەن ئىرىشەلمىگەنگە باشقىلارغىمۇ ئىرىشتۇرمەيمەن دىگەن مەقسەتتە سىنى بۇغۇزلىۋىتىپ ئاندىن ئولۇۋىلىش خىيالىغىمۇ كەلدىم ..بىراق جۇرئەت قىلالمىدىم ...ئاخىرى ئۆزۇم يالغۇز بۇ دۇنيادىن كىتىش مەقسىتگە كەلدىم ....چۇنكى سەندىن ئاجىراشقاندىن مىنىڭ ئولۇۋالغىنىم  ئاسانغا چۇشىدۇ .. ئاخشام دىمەكچى ئىدىم ، سەن قەتئي نىيەتكە كەلگەندىن كيىن دىيىشنىڭ ئورنى يوق دەپ بىلدىم .دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرۇتكەن ئىدىم  قورسىقىمدا 40 كۇنلۇك بولۇپتۇ . .ئەمدى ھەممىسى كىچىكتى خەيرى ..

خەيرى سويۇملۇك ئىرىم قۇياش ..
  

قوللىرىم تىتىرەشكە باشلىدى . بەلبىغىمنى ئەتتىممۇ يوق بىلمەيمەن. يۇگۇرگەن پىتىچە چوڭ يولغا چىقتىم . ئەتراپقا چاچىراپ قارايتىم . بىشىم قايدى . قەدەملىرىم ئاستىلاشتى .  بىر تۇپ قارياغاچ دەرەخكە يولىنىشكە ئاران ئۇلگۇردۇم . ئۆزۇمنى بىسىۋالغاندىن كيىن غايىپتىن " تىزدىن ئويگە قايىت " دىگەندەك ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى . يۇگۇرگەن پىتىچە ئويگە يىتىپ كەلدىم .ئىشىك قولۇپلانمىغان. ئويگە كىرمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئىتتەردىم . ئىچىدىن ئىتىۋىلىغان ئىدى ....

-- ئايقىز ...ئايقىز ...ئىشىكىنى ئاچقىن ... قانداق ئىش بولسا قايتا سوزلىشەيلى ...ئازمىغىن ...ئايقىز ئىشىكىنى ئاچقىن ....سەن ئويدە بارمۇ ؟

ئوي ئىچىدە سادا يوق ...ئىشكىنى كۇچەپ بىر نەچچە قىتىم تەپتىمدە بوسۇپ كىردىم  .ئۇ كارۋاتتا ھوشىسز ياتاتتى . ئىغىز بۇرنى ئاققا بويالغان .   ئاھ خۇدا ، بۇ ماڭا نىمە كەلگۇلۇك.....يۇگۇرۇپ ھويلىغا چىقتىمدە ...كۇچۇمنىڭ بىرىشچە ...

-- ئادەم بارمـــــــــۇ ؟ ....

  قازاق قوشنا ئايال ھاسىرغان پىتىچە يۇگۇرۇپ كىردى ....ئۇنىڭ بىلەن ھەش - پەش دىگۇچە كوتۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق ...

--ئايالىڭىزغا نىمە بولدى - دەپ سورىدى دوختۇر .

-- چاچقان دورىسى يەۋاپتۇ ...تىزراق قۇتۇلدۇرغان بولساڭلار ..

-- قانچلىك ۋاقىت بولدى ؟  چاچقان دورىسى ئىكەنلىكىگە جەزىملەشتۇرەلەمسىز .

--..شۇنداق تەخنىمەن ئىككى سائەتچە بولدى .. يەرگە تاشلانغان بولاقچە قەغەز چاچقان دورىسنىڭ بولاقچىسى ...

بىردەمدىلا نەدىن ئاڭلىدىكىن ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى دوختۇرخانىغا ئۇياندىن- بۇياندىن كىلىپ مىنى چۇرىدەشتى ...دوختۇرلار ئايقىزنىڭ ئاشقازىنىنى تازلاۋاتاتتى ...

-- سىز ئايقىزنى نىمە قىلدىڭىز ؟ ئۇنى ئۇردىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭغا نىمە بولدى ؟ ...... مىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى ...

-- ياق ياق ! مەن ھىچنىمە قىلىمىدىم ، ئۇرمىدىم . ئىسلامدا ئايال كىشىنى خارلاش ، ئۇرۇش گۇناھ ...مەن ئۇنىڭغا يىرىم  يىل ئەر بولۇپ قول تەككۇزۇپ باققان ئەر ئەمەسمەن ... ئۇ ...ئۇ ..مەن ئاخشام ئۇنىڭغا ئاجىرشىش تەكىلپى قويغان .چۇنكى سىلەر بىلمەيسىلەر ..مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كيىن ساقسىز بولۇپ قالدىم ...ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنى ئەزەلدىن ياخشى كورگەن ئەمەسمەن ...سىلەر ئۇنىڭ ماڭا يىرىم يىلدىن بۇيان قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىلمەيسىلەر ..مەن سىلەرگە دەپ بىرەي..--- مەن باشتىن - ئاخىرى ئۇلارغا تويدىن كيىن  بولغان بارلىق ۋەقەلىكلەرنى بىرمۇ - بىر سوزلەپ بەردىم .... --دەپ بىقىڭلار قانداق ئەر كىشى چىدايدۇ

     جىددى تازىلاشتىن كيىن  ئايقىزنى دوختۇرخانىدا ياتاققا ئالدۇرۇپ ياتقۇزدى ......بۇ بىر كۇننى قانداق ئوتكۇزگىنىمنى بىلمەيمەن .


ئاخىرى تەستىقلانغاندىن كيىن يوللىندۇ ..
[ بۇ يازما kuyax701 تەرپىدىن2009-04-08 20:21دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-08, 05:59

 

http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-08 12:45 |
ئىزنا سودا بازىسى
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

خىزمەت ئورنۇم  ھوكۇمەت ئورۇن بولغاچقا دوختۇرخانا باشلىقلىرى ۋە دوختۇرلىرى بىلەن داۋاملىق يىغىنلارغا قاتنىشاتتۇق ، بىرگە ئۇگىنىش قىلاتتۇق ، شۇڭا دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مىنى ياخشى بىلەتتى .

  ئەتىسى دوختۇرخانىدىن بىر ئايال دوختۇر مىنى تىلغۇن قىلىپ چاقىرىتتى ..

-- مىنى چاقىرتىپ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتتى ؟

-- شۇنداق ! سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر گەپ بار ، بىراق بۇنى پەقەت  ئىككىمىزلا بىلىشىمىز كىرەك ! چۇنكى بۇ دۇختۇرخانىنىڭ مەخپىيەتلىكى ، مەن ئەزەلدىن سىزنى ئۇكام ئورنىدا كورۇپ كەلگەن ، سىزنىڭ ساددا ، ئاق كوڭۇل ياخشى بالا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن . سىزگە ئۇگال بولغانلىقىنىمۇ بىلىمەن . شۇڭا بۇ ئىشنى سىزدىن يۇشۇرۇشنى ۋىجدانىمغا خىلاپ دەپ بىلدىم ...مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ تونۇگۇن دورا ئىچىۋالغانلىقىغا ئائىت مەخپىيەتلىك . كوڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، سىزنىڭ ئايالىڭىز ناھايتىمۇ كاززاپ ئايال ئىكەن . ئۇ سىزنى ئالدىغان بىلەن بىز دوختۇرلارنى ئالدىيالمايدۇ ..تونۇگۇن بىز تەكشۇرۇش جەريانىدا  ئۇنىڭ ھىچقانداق دورا يەۋالمىغانلىقنى بىلدۇق ۋە ھەيران قالدۇق .. بىراق سىلەرگە ئيتىشنى ئەپسىز كوردۇق ...ئايالىڭىز چاشقان دورىسىنى ئىغىز بۇرنىغا سۇرتۇپلا يالغان ھوشسىز بولۇپ يىتىۋالغان . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنى راستىنلا يەۋالدىمۇ دىسەك ،  ئادەتتە چاشقان دورىسى يەۋالغىلى ئىككى سائەت بولغان ئادەمنىڭ يىرىم سائەتتە ھوشىغا كىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس . ئۇ سىزگە ئۇگال قىلدى . سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن .

-- نىمە ~ مىنى قورقۇتۇش ....ئاجىراشماسلىقنى قىلتىقى  ئۇچۇن ماڭا مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامدۇ ؟



   ئىشخانىغا قايتىپ كىلىپ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم ، يۇلتۇز سەن نەدە ؟ بۇ سىنىڭ ماڭا بەرگەن جازايىڭىمۇ ؟ دەپ پىچىرلايتىم  ....ئاستا ئۇستەك تارىتمامنى ئاچىتم ، ئاۋالقىدەكلا ئالدىن تەييارلاپ قويغان رەڭلىق بىر پارچە قەغەزنى ئىلىپ  چىرايلىق قاتلاپ يۇلتۇز شەكلى ياساشقا باشلىدىم .... -  ئالدىمدا ئولتۇرغان خىزمەتدىشىم ..

-- قۇياش ! سىز قولىڭىزغا بۇ رەڭلىق قەغەزنى قايتا ئالدىڭىزغۇ ، تويىڭىزدىن بۇرۇن سىزنىڭ داۋاملىق يۇلتۇز ياساۋاتقانلىقىڭىزنى كورۇپ ، بۇ بالا مۇھەببەتكە غەرىق بولۇپتۇ دە گۇمان قىلغان ئىدىم .. كيىنچە توي قىلدىڭىز ....تويدىن كىيىن بولدى قىلامدىكىن  دىسەم يەنە توختىماي ياساۋاتىسىز ... بۇ قانداق گەپ !

-- كەچۇرۇڭ ! بۇ قولۇمدىكى يۇلتۇز مىنىڭ سويگۇنۇمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەن بۇنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئاشۇ كۇنىدىن باشلاپ ھەر كۇنى بىرنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ياساپ كەلدىم . ئويۇمگە بىرىپ قارايدىغان بولسىڭىز ، تورۇسقا ئىسىغلىق تۇرغان نۇرغۇن رەڭلىق يۇلتۇزلارنى كورەلەيسىز . ھەر كۇنى كىچىسى ئۇنىڭغا قاراپ ياتىمەن .

-- نىمە ~ سىز توي قىلغان  ئەر كىشى تۇرۇپ يەنە تورۇسقا قاراپ ياتىمەن ، يۇلتۇزغا قاراپ ياتىمەن دىگىنىڭىز نىمىسى ، ئەجىبا بۇ يۇلتۇزلار سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئاتاپ ياسالغان ئەمەسمۇ ؟

--ياق ياق  ئەگەر ئايقىزغا ئاتاپ ياسىغان بولسام ، گۇمبەز ياسىغان بولاتتىم ...ئۇ مىنى ۋەيران قىلدى ...مەن ئۇنى سويگەن ئەمەسمەن ..

-- بۇ قانداق گەپ  .  سويمەي تۇرۇپ توي قىلدىم دىگەنمۇ گەپمۇ ؟  

ئۇنىڭ بىر كۇن بۇرۇن دورا يەۋالغانلىق خەۋىرى پۇتۇن ئىدارىغا تارقىلىپ كەتكەن ئىدى . بۇ خەۋەرنىڭ ئۇنىڭ ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس  ..بەلكىم چوقۇم خەۋەر تاپىتى .....يەنە يۇشۇرۇشنىڭ نىمە ئورنى بار ..

--ئاڭلاڭ ! سىز بىلەن خىزمەتداش بولغىلى خىلى ۋاقىت بولدى . بىلىمەن سىز ياخشى قىز . بىراق تۇرمۇشلۇق بولغىنىم ئۇچۇن  سىز بىلەن بىرەر قىتىم مۇڭدىشىپ باققان ئەمەسمەن . بۇنىڭ سەۋەبىمۇ سىزنىڭ كىلەچىڭىزنى ئويلىغىنىم ...سىرىتلاردا يالغان ياۋىداق گەپلەرنىڭ تارقىلىپ سىزگە تەسىرى بولماسلىقى ....سىز توي قىلمىدىڭىز ....شۇڭا مەن داۋاملىق سىزدىن ئۆزۇمنى تارتىپ كەلدىم ... بۇگۇن كوڭلۇم بەكمۇ يىرىم ....بارلىق ھەسرىتىمنى يىقىن ئادىمىمگە توكۇپ بەرگۇم .تازا يىغلىغۇم بار .....بىراق كىمگە ئيتىشنى بىلمىدىم ...بىز  خىزمەتداش ، بىر ئىشخانىدا ...مەن سىزگە ئىيتاي ، ئىچ قارنىمنى بوشىتۋالاي .... --- مەن ئۇنىڭغا تويدىن بۇرۇن ۋە كيىن بولۇپ ئوتكەن ئىشلارنى بىرمۇ - بىر سوزلەپ بەردىم ...-- شۇڭا تونۇگۇن ئۇنىڭغا ئاجىرشىش تەكلىپى بەرسەم ئۇ دورا ئىچىۋاپتۇ ...بەلكىم بۇنى سىزمۇ ئاڭلاپ بولغانسىز  ..قانداق قىلىشمنى بىلمىدىم .

-- سىز راستىنلا شۇنچە يىنىكلىك بىلەن ئاجىراشماقچىمۇ ؟ بۇ دىگەن تۇرمۇش مەسىلىسى . خىزمىتىڭىزگىمۇ  تەسىرى ياخشى  بولمايدۇ ...ياخشىراق ئويلىنىڭ ...بەلكىم ئايقىز كىچىكلىك قىلغاندۇ . ئۇ ياخشى قىز ...ئىشىنىمەنكى ئۇ تۇزۇلۇپ كىتىدۇ ..ۋاقىت مەسىلىسى ...سىلەر يەنە ئازراق چۇشىنىشىڭىلار ...بۇنداق بالىلارچە يەكۇن چىقارماڭ ....بىر قىتىم توي قىلغان دىگەن ئاتاق ياخشى ئاتاقمۇ ؟ سىزنى ئاكامدەك كورۇپ كەلگەن شۇڭا سىزگە مۇشۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ...ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇشىڭىزنى تۇتۇپ قىلىڭ .

-- بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ..مەن قەتئي نىيەتكە كەلدىم ...تۇرمۇشىمىز ئەمدى داۋاملىشالمايدۇ. مەن چوقۇم ئاجىرشىمەن .

--قۇياش ! ئەگەر سىز قەتئي نىيەتكە كەلسىڭىز ، مەن سىزنى ئاكا ئورنىدا تۇرۇپ بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى سىزگە دىمىسەم بولمايدۇ .  ئەسلى بۇ ئىشلارنى تويدىن بۇرۇن سىزگە دەي دىگەن ..بىراق مەن توي قىلمىغان قىز ، سىز تويغا تەييارلىق قىلغاندا مەن بۇ گەپلەرنى دەپ ئولتۇرسام سىلەرگە دۇشمەنلىك قىلغانلىق بولۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئىچىمگە سىلىپ كەلدىم ...ئەمدى ۋاقتى كەلگەن ئوخشايدۇ ..مەن بۇ ئىشلارنى سىزگە سوزلەپ بىرەي . سىزگە ئۇگال بولدى ..سىز زىيانكەشلىككە ئۇچىردىڭىز ..سىزگە ھىسداشلىقىم قوزغىلىدۇ ...مىنىڭمۇ كىلەر ئايدا تويۇم بولىدۇ . بۇ گەپلەرنى  ئەمدى دىيشىنىڭ زورۇريىتى تىپىلدى دەپ ئويلايمەن ...سىز ئايقىڭىزنىڭ ئىچكىرگە بارغانلىقىدىن خەۋەردارمۇسىز ؟..ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ، ئۇ چاغلاردا سىز ئالي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپلا باشقا يەرگە خىزمەتكە تەقسىملەندىڭىز ، بۇ يەرگە يوتكىلىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى . نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەرسىزسىز . سىزنىڭ شۇنچە تىز توي قىلدىغانلىقىڭىزنى مەنمۇ بىلمىدىم .سىز مۇھەببەتلەشمەيلا ، چۇشىنىشمەيلا توي قىلدىڭىزغۇ دەيمەن . مەنمۇ توي باغىقىنى قولۇمغا ئالغاندا ھەيران قالغان ئىدىم .بىراق ئۇ ئىشلارنى سوزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىنى دۇشمەنلىك دەپ بىلدىم .شۇڭا تا ھازىرغىچە سىر قىلىپ كەلدىم .شۇنداق سىزنىڭ ئايالىڭىز ئىچكىرگە بارغان ، ئۇ چاغلاردا ئەمدى 16 ياش ۋاقىتلىرى، يۇرتىمىزغا سىچىۋەندىن بىر خەنزۇ يىگىت ئىشلەمچى بولۇپ كەلدى . ئۇ بۇ يەردە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كيىن تۇيۇقسىز ئايقىز بىلەن بىرگە يوقاپ كەتتى . بىر نەچچە كۇن بولمايلا ھەممىسى ئاشكارلاندى . ئايقىز خەنزۇ يىگىت بىلەن ئىچكىرگە قىچىپ كەتكەن ئىدى . بىراق بىر نەچچە ئاي بولماي قايتىپ كەلدى . ئاڭلىساق ئۇ يىگىت  ئىچكىرگە ئاپىرىپ بىر نەچچە ئاي ئۆزىگە خوتۇنلۇق قىلىپ  تاشلاپ قىچىپتۇ . كىلىشكە ئامالسىز قىلپ  ئۇ يەردە سەرگەندار بولۇپ يۇرگەندە ئاتا - ئانىسى بىرىپ ئەكىلۋالغان .. سىزنىڭ توي ئىشىڭىزدىنمۇ ئازراق بولسىمۇ خەۋەردارمەن ، ئاڭلىسام  ئايقىزنىڭ ئوي ئىچى سىزنى بەكمۇ ئالدىرتىپ ، تونۇشۇپلا 20 كۇن بولماي تۇرۇپ شۇنچە تىز تويىنى قىلىپ  سىلەرنى چىتىپ قويىشىمۇ  سىزنىڭ مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرگەنلىك . شۇڭا ..ئۇلار بەكمۇ تىز سىزنى قىلتاققا ئىلىندۇردى ..بۇلاردىن سىز خەۋەرسىز ..ئۇنىڭ ئۇستگە تويدىن بۇرۇن ئايقىزنىڭ بىرىش كىلىش قىلدىغان ئوغۇللارنىڭ كوپلىكى بۇلارنى دەپ ئولتۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوق ...سىز بىلىپلا قالسىڭىز بولدى .



   چۇشلۇك دەم ئىلىشتا تاماققىمۇ بارمىدىم ، ئىشخانىدا يالغۇز يىگانە ئۇزۇندىن ئۇزۇن چەكسىز تىگى يوق خىياللار . ئايقىزنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ، يۇلتۇزنىڭ گۇزەل سىمايى ، كوز ئالدىمدا بىر - بىرلەپ ئوتۇشكە باشلىدى . ئۇلارنى سىلىشتۇراتتىم . ئىشىكىنىڭ چىكىلگەن ئاۋازى بىلەن ئىسىمگە كەلدىم - دە بىرىپ ئىشىكىنى ئاچتىم .

-- ياخشىمۇسىز قۇياش ! ھەنىم بولسا ئىشىخانىدا بار ئىكەنسز. سىزگە تىلغۇن قىلاي دىسەم ، تىلغۇن نومۇرىڭىزنى بىلمەيمەن . شۇڭا چۇشلۇك دەم ئىلش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئىشىخانىغا ئۇدۇللا كەلدىم ... -- ئايقىزنىڭ ھاممىسى قىزغىن سالام سائەتتىن كيىن كىرىپ كەلدى -- نىمە ، سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ ؟ چىرايىڭىز بولەكچىغۇ  ؟ بولمىسا دوختۇرخانىغا بىرىپ باقامسىز ...

-- ياق بولدى .رەھمەت ! ھىچ ۋەقەسى يوق .كوڭلۇم بىر ئاز خاتىرجەمسىز ، توغرا ، مىنى ئىزدەپ بىرەر ئىىشڭىز بارمىتتى ؟ ئەگەر ئايقىز توغۇرلۇق سالالىققا  كەلگەن بولسىڭىز بولدى دىمەيلا قويۇڭ ، مىنىڭ ئاڭلىغۇم يوق !

-- ئاچچىغىڭىز نىمىنداق يامان . مەن گەپنى باشلىماي تۇرۇپلا ،  ئاۋال ئاڭلاڭ ..ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن قانداق گەپ بولسا دەڭ ....ئايقىزنىڭ ھاممىسى يۇمشاق ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردىدە گەپنى باشلىدى.. ئەسلى ئىش مۇنداق !  بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن ئايقىز ئىككىڭلارنىڭ تويىغا قاتناشقان ، قوللىغان ھەر بىرىمىز يۇز كىلەلمەيمىز . مەن شۇلار نامىدىن كەچۇرۇم سورايمەن . بىز سىزگە زىيانكەشلىك قىلدۇق .ھازىر دىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ .مەن بىلىمەن سىز ياخشى بالا .يۇرتىمىزدا چوڭ - كىچىكىنىڭ ھورمىتىگە ئىرىشكەن ئاق كوڭۇل ھورمەتكە سازاۋەر بالىسىز . سىزنى مەن ئەزەلدىن ئۆز ئۇكامدەك كورۇپ كەلگەن . بىراق ئايقىز بىلەن قانداش مۇناسىۋىتم بولغاچقا مەن شەخسىيەتلىك قىلدىم ... ئەمدى ئىش بۇ دەرىجىگە بارغاندا مەن بۇلارنى سىزگە دىمىسەم  ئۆزۇمنى بىر ئۆمۇر گۇناھكار ھىس قىلىشىم مۇمكىن ...مەن سىزنى ئايقىزدىنمۇ يىقىن بىلىمەن ، خۇددى ئۆز ئۇكامدەك . ئاڭلىسام تويدىن كيىن ساقسىز بولۇپ قاپسىز . بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ خاتالىقى . گەپنى باشقا ياققا ئەگىتىپ  كەتتىم . ئەمدى باشلاي . سىزنىڭ تويدىن بۇرۇن ۋە كيىن يىگەن - ئىچكىنىڭىزنىڭ ھەممىسىدە مەسچىن ئىمامىنىڭ ئوقۇپ بەرگەن ئىسىتقۇ دىمىدە سۇيى بار . ھىلىمۇ ئىسڭىزدىمۇ ؟ تويدىن بۇرۇن سىز ئايقىزنىڭ بىر قانچە ئەكەلگەن ئالمىسىنى يىگەن . ئۇ ئالما ھەممىسى ئىمامنىڭ  ئالدىدىن ئوتكەن . ئويلاپ بىقىڭ . سىز ئايقىزنىڭ قىلچىمۇ ياخشى كورمەيسىز يۇ يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىڭىز  . بۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرسى ..تويدىن كيىن ئايقىزنىڭ سىزگە ئىتىپ بەرگەن تاماقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىسىتقۇ سۇيى بار .  سىز ھازىر ئويگە قايتىپ ياخىشىراق ئاقتۇرۇپ بىقىڭ . كانسىرۋا قۇتىسغا ناۋات سۇيىگە ئوقۇتۇلغان ..بۇلارنىڭ ھەممىسنى شۇنچە ئايان بىلىپ تۇرساممۇ قانداشلىق مۇناسىۋىتى كۇچلۇك كىلىپ تا بۇگۇنكىچە سىزنى ئىزدەپ دىيشكە ئامالسىز قينلىپ يۇردۇم ..سىز ەسچىت ئىمامىنى  ئىزدەپ شۇنىڭدىن سوراڭ ..بۇ ئىشلارغا شۇمۇ سەۋەپى .مىنى كەچۇرۇڭ .يەنە بىر گەپ شۇكى بۇ بىز ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئىچىدىكى مەخپىيەتلىك ئىدى . ئەگەر سىز ئايقىز بىلەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسىڭىز سىز بۇ بىر ئومۇر دادا بولالمايسىز ، چۇنكى ئايقىز ئانا بولۇشتىن مەھرۇم قالغان .

-- نىمە ؟ ئۇ تىخى ماڭا قورسىقىمدا 40 كۇن بولدى دەۋاتاتتىغۇ ...

-- بۇنىڭ ھەممىسى سىز بىلەن تۇرمۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇش . ۋاقىتنى ئۇزارتىش . سىزنى بالىنى دەپ بولسىمۇ نىيتىدىن يىنىپ قالسا ..شۇ پۇرسەتتىن  پايدىلىنىپ سىزگە تىخىمۇ كۇچلۇك ئىسىتقۇ دىمىدىلەرنى قىلىش . تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش..

-- توۋا ! نىكاھ مىھرىنى اللا ئۆزى سالىدۇ دەپ .ئۇ ماڭا شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسىمۇ مەن ئۇنى ياخشى كورگەن سويگەن ئەمەسمەن ...ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بىر قىتتىممۇ سىزنى ياخشى كورىمەن دەپ باققان ئەر ئەمەسمەن .. ئۇ بولسا مىنىڭ ئاشۇ بىر ئىغىز گىپىمگە تەشنا .ئەمدى چۇشەندىم .مەن ئۇنى ياخشى كورمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغىنىم ...مەن ئەزەلدىن داخان موللاملارنىڭ ئۇنداق  نەرسىلىرىگە ئىشنىپ باققان ئەمەس ...ئۇنىڭغا ئىشىنىش اللاغا شەك كەلتۇرگەنلىك ... ئىشىنىش ھارام . .بىراق نىمىلا بولمىسۇن ئۇ ئاللانىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئوقۇلغان ... بەلكىم راستىلام دىمىدە سۇينىڭ رولى باردۇ ياكى يوقتۇ ....ماڭا نىمە ئۇچۇن بۇنداق زىيانكەشلىك قىلىدۇ .يەنە بىر سورايدىغىنىم ،  ئۇ نىمىشقا قورساق كوتۇرەلمەيدۇ ؟...

-- سەۋەبىنى سىزگە ئيتىش ئەپسىز . سىز دوختۇرخانىغا بىرىپ سۇرۇشتۇرۇپ بىقىڭ . شۇلار سىزگە دەپ بەرسۇن . مەن ھاممىسى بولۇش ئورنى بىلەن سىزگە بۇ گەپلەرنى دىسەم بولمايدۇ  .سىزگە پەقەت شۇ ئۇچۇرنى بىرەي . بولىدۇ ئەمسە مەن قايتاي . ئۆزىڭىزگە كوپ دىققەت قىلارسىز .

خىزمەتتىن چۇشۇپلا ئويگە كەلدىم ، ئوينىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنى ئىزەشكە باشلىدىم .توۋا ..ئايقىزنىڭ ھاممىسى دىگەندەك راستىنلا يۇمشاق ئورۇندۇقنىڭ ئۇستىگە قويۇلغان رامكىنىڭ ئارقىسىدىن بىر كۇنسىرۋا  سۇ تىپىلدى ، ئىلىپ تاشلىۋىتەي دەپ تۇرۇشىمغا ئايقىز كىرىپ كەلدى ..

-- سىز بۇنى نەدىن تاپتىڭىز ؟ ئەكىلىڭ .

-- بۇ نىمە ؟

-- بۇ دورا .يىقىندىن بىرى سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ، شۇڭا مۇشۇنى ئىچىۋاتىمەن ...

ئۇنىڭ قانداق جاۋاپ بىرشى مەن ئۇچۇن مۇھىم ئەمەس ئىدى . مەن ئەمدى موللامنىڭ ئويىگە بىرىپ بۇ ئىشلارنىڭ راسىت - يالغانلىقىنى بىلىپ بىقىشىم كىرەك ئىدى ..سىرىتقا  قاراپ يول ئالدىم .ئىتتىك قەدەملەر بىلەن موللامنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم دە ئاستا دەرۋازىنى چەكتىم ....

-- كەچ بولغاندۇ كىمدۇ بۇ ئەمدى -...دەپ ھويلا ئىچىدىن بوش ئاۋازدى بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ...--كىمۇ ؟

-- مەن ! مەن قۇياش ! مەن موللامنى ئىزدەيدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى....بارمىدۇ ؟

ئىشىكنى بىر چوڭ ئانا ئاشتى ..

-- شۇنداق موللام ھاجىم ئويدە خۇپتەن ئوقۇۋاتىدۇ ...سىز كىرىپ بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ..

خۇپتەن نامىزىدىن كيىن موللام ھاجى مەن ئولتۇرغان ئويگە قىزغىن سالام بىلەن كىرىپ كەلدى .

-- قۇياش  ، كىلپ قاپسىز ...بىرەر ھاجىتىڭىز بارمىتتى ؟

-- شۇنداق موللام ھاجى . مەن بىلمەن ، سىز تىخى ھازىر جەينامازدىن چۇشتىڭىز ، تەرىتىڭىز بار . ئىشىنىمەنكى سىز بىر موللام بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن يالغان گەپ قىلمايسىز . يالغان گەپ سىز ئۇچۇن ھارام . مەن ئۆزۇمنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوق ..مىنى ياخشى تونۇيسىز  ...مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنىم مىنىڭ نىكاھ ئىشىم ....مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئايقىز ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى سىزنى ئىزدەپ كەلگەن شۇنداقمۇ ؟

-- نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنىمۇ چۇشەندىم ، دىيىشتىن بۇرۇن سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن .شۇنداق تويىڭىزدىن بۇرۇن ئايقىز ۋە ئۇنىڭ ئاچىسى مىنى ئۇلارغا ئىسىتقۇ قىلىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلپ كەپتۇ .مەن ئۇلار بىلەن ھەم يىقىن مەھەللە قوشنا ھەم بىر كۇچارلىق يۇرىتتاشلاردىن بولىمىز ، مۇناسىۋىتىمىز ناھايتى ياخشى بولغاچقا مەن ئۇلارغا ئىسىتقۇ  قىلىپ بەرگەن ، بىراق ماڭا ئىشنىڭ مەن ئۇ دىمىدىنىڭ سىزگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلىمىگەن، ئەگەر بىلگەن بولسام  ئوقۇپ بەرمىگەن بولاتتىم . ئارىدىن نەچچە كۇن بولا - بولماي سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى ئاڭلىغان چىغىمدا ئىغىزىمنى تۇتۇپلا قالدىم . نەچچە كۇن  پۇشايمان قىلىپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۇردۇم . مەن ئۇلارنىڭ سىزگە زىيانكەشلىك قىلدىغانلىقنى ھەرگىز بىلمەپتىمەن ...مىنى كەچۇرۇڭ

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:22 |
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

كوڭلۇم پەرىشان . تىگى يوق خىياللار . سىرىتتا ياتاق ئىچىپ كىچىنى ئوتكۇزدۇم . يىگانە ، يالغۇز ...كوز ئالدىمدا يۇلتۇز ..ئۇ كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى مەن ئۇنى ئىزدەپ تىپىشىم كىرەك ..سىنى سىغىندىم ..يۇرەكلىرىپ پۇچۇلۇنىپ كويۇپ كول بولدى . مىنى كەچۇر يۇلتۇز ..سەن ھازىر نەدە ؟ نىمىلەرنى قىلۋاتىسەن .؟ سەنمۇ مىنى ئويلاۋاتامسەن ؟

تاڭ ئىتىشى بىلەن  دوختۇرخانىغا باردىم ۋە ئاياللار بولىمىدىكى تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلانى ئىزدىدىم ..

-- ياخشىمۇسىز دوختۇر ، مەن سىزدىن  ئەھۋال ئۇقۇشاي دىگەن ئىدىم . ئايالىم نەچچە قىتىم كىلىپ تەكشۇرۇتكەن ئىدى .نەتىجىسىنى بىلىپ باقسام بولامدۇ ؟

-- كەچۇرۇڭ ، بۇنى دىىيشكە بولمايدۇ . چوقۇم ئىككىڭلار بىرگە كىلىشىڭلار كىرەك . بۇ دوختۇرخانىنىڭ تۇزىمى  . بىز بىمارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قالايمىقان دەپ بىرەلمەيمىز .

--ئەمسە بولىدۇ  مەن ھازىرلا سىلەرنىڭ دوختۇرخانا باشلىقىڭلارغا تىلغۇن قىلاي .....---مىنىڭ دوخـتۇرخانا باشلىقى بىلەن كوڭلۇم يىقىن ئىدى -- ياخشىمۇسىز دوختۇرخانا باشلىقى ....مۇنداق ئىشى ئىدى ..مەن ئاياللار تۇغۇت بولىمىدە ...ئايالىمنىڭ تەكشۇرۇش ئەھۋالىنى بىلمەكچى ئىدىم ...ئۇلار ماڭا دەپ بىرىشنى رەت كوردى ...ئەگەر ئاۋارچىلىق كورمىسىڭىز ...ئۇلارغا ئىككى ئىغىز گەپ قىلغان بولسىڭىز ..

  ئاياللار بولىمىگە ئائىت دوختۇر باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ماڭا تەپسلي ئەھۋالنى ئيتىپ بەردى ..

-- ئىش مۇنداق ! ئايالىڭىزنىڭ قورساق كوتۇرشى تەس . ئۇنىڭ بالياتقۇسى قوزغىلىپ كەتكەن  . ئۇنى داۋالاش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ . سىلەر چوقۇم چوڭ ھەربي دوختۇرخانىلارغا بىرىپ بالياتقۇ ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرساڭلار بولىدۇ . ئەگەر ئوپىراتسىيە غەلبىلىك بولسا بەلكىم 4-5 يىلدىن كيىن قورساق كوتۇرشى مۇمكىن  بولمىسا بىر ئومۇر ...

--  بالياتقۇ قۇرۇلۇپ قىلىش ، قوزغىلىش دىگەن دىگەن قانداق كىسەل ؟ نىمە ئۇچۇن ؟

-- سىزنىڭ ئايالىڭىز بىلەن تويدىن بۇرۇن ۋە كيىن قانداق ئوتكەنلىڭىلارنى بىلمەيمەن .بىراق شۇنى سىزگە كىسىپ ئيتىمەنكى ..ئايالىڭىز بالىدىن ساقلىنىش دورىسىنى كوپ ئىستىمال قىلىۋەتكەن .شۇڭا دورا ئۇنىڭ بالياتقۇسىغا بىۋەستە تەسىر يەتكۇزۇپ ، بالياتقۇر قورۇلۇپ قىلىش يەنى قوزغىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ..

--ئۇ مىنىڭدىن شۇنچە بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدا ،  قانداقسىگىمۇ ساقلىنىش دورىسى يىسۇن..بىز تۇرمۇش قۇرۇپ يىرىم يىل ئىچىدە ئۇنىڭ بىردىن - بىر ئارزۇسى مىنى دادا قىلىش ..ئانا بولۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى تۇرسا ...

-- مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنىم ، تويدىن كيىن ئەمەس بەلكى تويدىن بۇرۇن ...بۇ دورىنى ئىستىمال قىلغان ۋاقتى  ۋە كىسەل تارىخىمۇ ئۇزۇن...نەچچە يىل  بولغان ....شۇڭا .....ئاخىرى بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان ...

تويدىن بۇرۇن ..  كىسەل تارىخى ئۇزۇن دىگەنلىك ئۇ نەچچە يىل بۇرۇنلا بۇ دورىنى ئىستىمال قىلغىلى تۇرغان ..ئۇ مىنى مەن قىز دەپ ئالدىغان ...دىمەك ئۇ ئەسلى تىگىدىن بۇزۇق ... نۇرغۇن يىگىتلەر بىلەن بىرىش كىلىشى بار ...نۇرغۇن......دىمەك ....ئۇ ئۇلار بىلەن داۋاملىق .....شۇڭا داۋاملىق ساقلىق دورا ئىستىمال قىلىپ كەلگەن ....ئاھ ! خۇدا ......



چۇشتىن كيىن ئايقىزنىڭ بىر قانچە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تىلغۇن قىلىپ چاقىرتىپ ئويگە جەم قىلدىم ۋە گەپنى باشلىدىم

-- يىرىم يىلدىن ئارتۇق سىلەرگە كىيئوغۇل بولدۇم ...مەندىن كەتكەن يەرلىرى بولسا كەچۇرۇڭلار ..ئايقىزمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ ..سىلەرگە شۇنى ئيىتماقچىمەن ...مەن ئەمدى ئايقىز بىلەن ئوي تۇتالمايمەن...ئۇنى سىلەرگە تاپشۇردۇم  . ئۇ ھازىردىن باشلاپ ئولىمەن دەپ تەھدىت سىلىپ  ماڭا بۇنداق قىلغىلى تۇرسا....مەن قانداقمۇ ئوي تۇتىمەن ...مەن ئۇنىڭ ھاياتىغا كىپىللىك قىلالمايمەن ...شۇڭا سىلەرگە ئۇنى تىرىك تاپشۇرۇپ بەرمەكچىمەن ..بۇندىن كيىنكى ئولۇك تىرىكلىكىگە مەن ئىگە ئەمەس ...

-- سىز بۇنداق يەكۇن چىقارماڭ  ...ئىغىر بىسىقلىق بىلەن ئويلىنىڭ ...بۇ دىگەن نىكاھ ئىشى...ئومۇرلۇك ئىش ...ئايقىز ئەمدى ئۇنداق قىلمايدۇ ..

-- ئۇنداق قىلمايدۇ دەمسىز ..گىپىمگە ئىشەنمىسىڭىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇڭ ..ئۇ دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كيىن يانغۇچىدىن تىغ ئايرىمىدى يەنىلا ئەگەر مەندىن يەنە ئاجىرشىمەن دىسەڭ تومۇرىمنى كىسپ ئولىۋالمەن دەپ ماڭا تەھدىت سالغىلى تۇردى ....سىلەر مىنى ئۇنىڭدىن 365 كۇن ئايرىلما دىمەكچىما ....مەن ئادەم ....مەن ھويلا ئارام باقىدىغان ئىتتەك ئۇنىڭغا قارىيالمايمەن  ....ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزدە تويلۇق قىزىل خەت يوق . پەقەت مۇشۇ ئۇچامدىكى بىر قۇر كيىم بىلەن چىقىپ كىتىمەن ...قالغىلى اللاغا ئۇندىن قالسا سىلەرگە قالدى ....مەن ئەمدى بۇ تۇرمۇشقا بەرداشلىق بىرەلمىدىم ..

-- بۇنداق بۇلسۇن ئۇكام سىز بىزگە پەقەت 15 كۇنلا ۋاقىت بىرىڭ ..سىز ياق دىمەي ئۇنىڭ بىلەن پەقەت 15 كۇن ئوي تۇتۇڭ . ئەگەر 15 كۇنگىچە سىز يەنە ئۇنىڭغا كوڭۇل بىرەلمىسىڭىز ...بولدى ..ئاجىراشساڭلارمۇ ئاجىرشىڭلار ...تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ ....

-- شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۇنىڭغا كوڭۇل بىرەلمىدىم ...ئولتۇرمىزدا نۇرغۇن كوڭۇلسىز ئىشلار يۇز بەردى ...مەن ئەمدى قايسى كوڭۇلنى ئۇنىڭغا بىرەلەيمەن ...كوڭلۇم سۇندى ...مىنى 15 كۇن ئوي تۇتقىن دەپ ...بۇ كۇن ئىچىدە يەنە قايسى موللام داخاننى ئىزدىمەكچى .يەنە قانداق قىلتاق سۇيقەسىتلەرنى قۇرماقچى....سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارمۇ ئەمدى بولدى ...بەس...ئايقىز بىلەن قالغان تۇرمۇشنى سىلەر ئاستا - ئاستا ئوتكۇزۋىلىڭلار ...مەن كەتتىم ...اللاغا ئامانەت ...

-- قۇياش ......قۇياش ...........مىنى تاشلاپ كەتمە ...... ئايقىزنىڭ ئىسدەپ يىغلىغان ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىناتتى .......



ئارىدىن بىر قانچە كۇن ئوتۇپ ، خىزمەتتىن چۇشۇپ چوڭ ئەگىلمە يولدىن ئوتۇشمگە ئايقىز مىنى دوخمۇشتا ساقلاپ تۇراتتى .. مەن ئۇنى كورمەسكە سىلىپ تىز قەدەملەر بىلەن ئوتۇپ كەتمەكچى بولدۇم

-- توختا قۇياش ...توختا ..ساڭا دەيدىغان مۇھىم گەپ بار ...

--يەنە قانداق گەپ بار ...بىزنىڭ ئولتۇرمىزدا يەنە دىيشىدىغان يەنە نىمە بار ...مىنى ئارامىمدا قوي . مىنى ئەمدى ئىزىگۇچى بولما ....

--بىز ئەپلىشىپ قالايلى ..نەچچە كۇن بولدى ....مەن ئويلاندىم ...مىنىڭ خاتا ....ھەممە گۇناھ مەندە ...

--گۇناھنى تونۇش ياخشى ...بىراق كوڭۇل باشقا باشقا ئىش ....مىنى ئۆزۇڭگە تاڭغىنىڭ بىلەن بىكار ....سەنمۇ چىرايلىق ...ئىشىنىمەنكى سەن ئۇزۇنغا قالماي  ئۆز بەختىنىڭنى تاپالايسەن ...سويمىگەنكە سۇركەلمە ....بۇ ئالەم بەكمۇ قىسقا ..بىر كۇن بولسىمۇ ئەركىن خوشال ئوتەيلى ...سەنمۇ ئۆز يولىڭغا ماڭ ...مەنمۇ ئۆز يولۇمغا .......... ئوتمۇشنى ئۇنتۇ ..

-- سەن مەندىن شۇنچە ئاسان قۇتۇلىمەن دەمسەن ...بۇ مۇمكىن ئەمەس ...مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ....سىنىڭچە تويلۇق خىتى يوق بولسىلا ئىش شۇنچە ئاسان توختايدۇ دەپ ئويلامسەن ....سەندە توي خىتى بولمىغىنى بىلەن مەندە بار ......مەندە بولىدىكەن ...مەن ئاجىرشىقا بىر ئومۇر قوشۇلمايمەن ....مەڭگۇ تۇل ئوتسەم رازىكى مەن ئىرىشەلمىگەننى  باشقىلارغىمۇ ئىرىشتۇرمەيمەن ...دىمەك سەنمۇ مەڭگۇ بويتاق ئوتىسەن .....

--قايسى توي خىتى دەيسەن ...سەن بىلەن قاچان توي خەت رەسىمىگە چۇشتىم ..قاچانلاردا خەلىق ئىشلارغا باردىم ...سەن ماڭا تەھدىت سىلىۋاتامسەن ...ئەمدى بەس ..

-- بولىدۇ ..ئىشەنمىسەڭ ...سەن ئۆز يولىڭغا ماڭ ...بولسا ئەتىلا باشقا قىزنى باشلاپ توي خىتى ئالغىلى بارغىن ....قىنى ...ساڭا كىممۇ توي خىتى كىسىپ بىرىدىكىن ...



شەھەر كورگەن ئىتتىن قورىق دەپ ..بۇ ئىچكىرمۇ ئىچكىر يۇرگەن بۇزۇقنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوق ئىدى .يەنە قانداق سۇيقەستلەرنى پىلانلاۋاتقاندۇ  ...مەيلى ئۇنىڭ دىگىنى راسىت - ياكى يالغان بولسۇن ..مەن خەلىق ئىشلارغا بىرىپ ئارخىپ ئاقتۇرۇپ بىقىشىم كىرەك ....

چۇشتىن كيىن خەلىق ئىشلار مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدىم ..

-- ياخشىمۇسىز مۇدىر باشلىقى ...سىزدىن بەزى بىر ئەھۋاللارنى ئۇقۇشماقچى بولۇپ كەلگەن ئىدىم ...مۇمكىن بولسا ماڭا تەپسىلي چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ... ئىش مۇنداق ئىدى ...سىلەر ئادەتتە توي خىتىنى ئەر - ئايال بىرگە كەلسە كىسەمسىلەر ياكى  بىر تەرەرپ كەلمىسىمۇ  كىسىۋىرەمسىلەر ؟

-- مەيلى كىم بولسۇن چوقۇم ئىككى تەرەپ بىرگە كىلىشى  كىرەك ...ھەر ئىككى تەرەپ ئارخىپ تۇلدۇرۇپ ..ئىمزا ۋە بارماق ئىزى قالدۇرۇپ ،  ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلغانلىق رازىلىقىنى ئالغاندىن  كيىن  توي خىتى كىسىلىدۇ ...بىر تەرەپ مەيداندا بولمىسا توي خىتى كىسىلمەيدۇ ....نىمە بۇلارنى سوراپ قاپسىزغۇ ؟

--دىگىنىڭىز ناھايتى ئورۇنلۇق ...ئەگەر سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك چوقۇم ئىككى تەرەپ  بىرگە كىلىشى شەرىت  بولسا ئاۋارچىلىق دەپ كورمىسىڭىز ، بىزنىڭ رايوندىكى توي خىتى كىسىم ئارخپىڭلارنى كورۇپ بىقىشىمغا رۇخسەت قىلامسلەر ؟

-- سىز كىمۇ ؟

-- مەن ***** ئىدارىدىن قۇياش بولىمەن ..

--بولىدۇ ...سىز قايسى ئايلىق ئارخپىنى كورمەكچى ئىدىڭىز ....

-- مۇشۇ ئاينىڭ ....ۋە ياكى مۇشۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ...

-- قىنى كورۇڭ ...بۇلار سىلەرنىڭ رايونغا تەۋە توي خىتى كىسىم ئارخىپلىرى ..

تەپسىلي بىر بىرلەپ ئۇيان- بۇيان ئورۇپ  بۇ ئايلىق ...ئالدىنقى ئايلىق ....يوق بولۇپ چىقتى ...داۋاملىق ئالدىنقى بىر نەچچە ئايلىق توي خىتى كىسىم ئارخىپلىرغىمۇ كوز يۇگۇرۇتتۇم ....تۇيۇقسىز  قارا دىگەندەك قىلدى . مەن ۋە ئايقىزنىڭ توي خەت رەسىمىگە كوزۇم چىلىقتى ...ئاھ...توۋا خۇدايىم ...بۇ قانداق كارامەت ..مەن قايسى چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن توي خەت رەسىمىگە  چۇشكەن  ....تەپسىلي كۇزىتىشىم بىلەن بۇ رەسىم كومپىيوتىردا  ئۇستىلىق بىلەن كىرىشتۇرمە رەسىم بولۇپ چىقتى ...ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر ئىككى نۇسقىغا ئايقىز ئۆزى قول قويغان ئىدى ....

-- مۇدىر باشلىقى مەن تاپتىم ...مانا مەن ئىزدىمەكچى بولغان ئارخىپ ...سىز قايتا باشتىن بىر قىتىم كۇزتۇپ چىققان بولسىڭىز ...

مۇدىر بىر قۇر كۇزەتكەندىن كيىن .

-- ھىچقانداق مەسىلە يوققۇ ؟ ھەممە رەسىميەت تولۇققۇ ؟

-- سىزگە باشقا گەپنى دەپ ئولتۇرشىمنىڭ ئورنى يوق ...ماڭا جاۋاپ بىرىڭ ...ئايقىز سىزگە قانچلىك پارا بەردى ...سىز ئازغىنە پۇل ئۇچۇن خىزمىتىڭزىنى سىتىۋەتتىڭىز شۇنداقمۇ ؟ ئەمسە ئاڭلاڭ ..سىزگە چۇشەنچە بىرىپ ئولتۇرشىمنىڭ ھاجىتى يوق ...ئۇ سىزگە پارا بەرگەن بولسا مەن سىزگە سوت ئارقىلىق جازا بىرىمەن ...ئاشۇ ئازغىنە پارا ئۇچۇن ...سىزنىڭ قانچلىك بەدەل تولەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ ....

--توختاڭ ...بۇ قانداق ئىش ....مەن نىمە گۇناھ قىلدىم ...

--  ئەگەر چۇشەنمىگەن بولسىڭىز ، مەن مۇنداقچە چۇشەندۇرەي .مەن ئەتە ئۆزۇم خالىغان گۇزەل بىر قىزنىڭ رەسىمىنى ۋە ئۇنىڭ رەسىميەتلىنى ئوغۇرلاپ ئەكىلەي ..سىز ماڭا توي خەت كىسىپ بىرەمسىز ؟

--ياق ...بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىش ...چوقۇم ئىككى تەرەپ كىلىشى كىرەك ..

-- ئەمسە سىز مىنى كورۇپ باققانمۇ ؟ قولىڭىزدىكى توي ئارخپىغا قايتا بىر تەپسلي قاراپ چىقىڭ ...رەسىم كومپىيۇتىردا كىرىشتۇرمە رەسىم ....مەن ئۆز رازىلىقىم بىلەن چۇشكەن ئەمەس ...ئارخپىتىكى مىنىڭ كىملىك نومۇرىم ، كوپەيتمە نۇسقىسى ئوغۇرلانغان...... ياخشىراق ئويلاپ بىقىڭ ..مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ھىچ قاچان توي خىتى ئالغىلى كەلگەن ئادەم ئەمەسمەن ....يەنە بىر قىتىم تەپسلي قاراڭ ...ھەر ئىككى توي خىتى ئارخىپ كاتاكچىسە بىر ئادەمنىڭ ئىمزايى ۋە بارماق ئىزى ....ياخشىراق قاراڭ .....دىمەك ئۇ ئايقىزنىڭ بارماق ئىزى ۋە ئىمزايى ....ئىشەنمسىڭىز سىزگە خەت نۇسقامنى كورسىتىپ قوياي ......غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا بىر قانچە ھەرىپ يىزىپ بەردىم ....

--توۋا ، ئەمدى ئىسىمگە كەلدى . بۇندىن بىر قانچە ئاي ئىلگىلىرى ئايقىز سىزنىڭ كىملىك كىناشكىڭىزنى ۋە بۇ رەسىمنى كوتۇرۇپ كىلىپ  ئىككىڭلارنىڭ ئەر ئايال ئىكەنلىڭلارنى ..سىنىڭ بييجىڭغا ئۇگىنشكە كەتكەنىكىڭىزنى ھازىر قورسىقىدا بىر نەچچە ئايلىق بولۇپ قالغانلىقىنى . توغۇت بولىمىدىن سان ئالغىلى بارسا ..ئۇ يەردىكىلەر توي خىتى بولمىسا سان بەرمەيدىغانلىقىنى ...سىزنىڭ يىرىم يىلدىن كيىن ئاندىن قايتىپ كىلدىغانلىقىڭىزنى ئيتىپ ...سىنىڭ كىملىك كىناشكىڭىزنى پۇچتا ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بىرىپ توي رەسىميەتلىرىنى ئۆزى پۇتتۇرشى كىرەكلىكىنى تاپشۇرغانلىقىنى ئيىتقان ئىدى .....ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە ....مەن بۇ ئورۇندا 10 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ نەچچە ئون مىڭ ئادەمنى ئاجىراشتۇرۇپ نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ توي خىتىنى كسىپ بۇنداق ئەھۋالنى تۇنجى قىتىم ئۇچىرتىشىم ......بۇ قىز نىمىنداق ئەقىللىق ....سىز ئۇنىڭ ئىرىما ....

-- شۇنداق ....

-- ئەمسە نىكاھ ئوقۇتقاندا توي خىتى ھەل قىلمىغانما ....

-- بەك تىز بولۇپ كەتكەچكە  ئۇلگۇرمىگەن ، ئىدارىدىن پەقەت كىچىكىپ توي خىتى ھەل قىلىش ئىسپاتنامىسىنى ئالغان ..مۇللام ھاجىملارمۇ شۇ ئىسپاتنامىغا قاراپلا نىكاھنى ئوقۇۋەتكەن .....

-- دىمەك سىز مەيلى بۇ توي خىتىگە قوشۇلۇڭ ..قوشۇلماڭ ...سىز ھامان توي خىتى بىجىرسىز دىگەن گەپ ....بۇنىڭ نىمىسى يامان

-- مەن ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ بولدۇم ...دىمەك توي خىتىنىڭ كىركى يوق .... ئەگەر سىز بۇ ئىشنى ھەل قىلمسىڭىز مەن ئۆزۇم ھەل قىلاي ..

-- ياق ياق .سىز ئالدىرماڭ ...-- مۇدىر باشلىقى مىنىڭ سوتقا بىرىشىمدىن ئەنسىرگەن چىغى . چىرايى تاتىرىپ تۇرۇپ ....-- ماڭا ئايقىزنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ...مەن ئۇنىڭغا تىلغۇن قىلىپ ئۇنى چاقىرتاي ..

- ۋەي ! ئايقىزما ! مەن خەلىق ئىشلاردىن مۇدىر باشلىقى ....مۇنداق ئىش ..سىزنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇن ھىلىقى بىجىرگەن توي خىتىڭىزنىڭ ئىشى ....بىز ھازىر توي خىتى كىناشكىسنى يىڭىدىن يەڭگۇشلەۋاتقان ...شۇڭا ئالماشتۇۋالارسىز ..

-- ھا ھا ...--- تىلغۇندا ئۇنىڭ سەت قاقاقلاپ كۇلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ..ئۇ كۇلۇپ بولۇپلا -- مۇدىر باشلىقى سىز مىنى ئاخماق كورۇپ قالغانما  ، ئۇنداق ئىشنى ئائىلىمۇ ئائىلە تىلغۇن قىلىپ ئۇقتۇرمايدۇ ...تىلفۇرۇزدا ئىلان قىلىدۇ ياكى ھەر قايسى يەرلىك ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش چاپلايدۇ ..دىمەك قۇياش سىزنى ئىزدەپ بىرپتۇ -دە ! خاتىرجەم بولۇڭ ...بۇ توي خەت كۇچكە ئىگە ...مەن ئاسانلىقچە ئۇنداق قايتۇرۇپ بەرمەيمەن .

-- بولىدۇ ..ئەمسە ..بىزنىڭ توي خىتى بىرىش ، كىسىش ۋە كۇچىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىمىز بار ....سەن ئۇ توي خىتىنى قۇچاغلاپ ياتقىن ..بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنى كۇچىدىن قالدۇرىمىز ....قۇياش قاچانلا توي قىلماقچى بولۇپ كەلسە ...بىز ئۇنىڭغا توي خىتى كىسىپ بىرىۋىرىمىز ...ئۇ توي خىتى  قۇياش ئۇچۇن كۇچكە ئىگە ئەمەس ..

-- قارىغاندا قۇياش سىلەرگە خىلى پارا بىرىپتۇدە ...قىنى سىلەر قانداق قىلساڭلار قىلىڭلار .....سىلەر ئالدى بىلەن كۇچىدىن قالدۇرۇڭلار ....مەنمۇ سوتقا بىرىپ سىلەرنى پارا ئىلىپ توي خىتى بىكار قىلغان دەپ ئەرزى قىلىمەن  ..دەپلا تىلغۇننى قويىۋەتتى ....

-- مۇدىر باشلىقى  ..سىز ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ ئەتە ئىدارىغا چاقىرىڭ ...مەن سوتقا بىرىپ خىزمىتىڭلار ئۇستىدىن ئەرىز قىلىپ يۇرسەم بولمايدۇ ...مەنمۇ خىزمەتتكى ئادەم .... ....ئۇستەلدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئاسان ئەمەس ...خىزمىتىڭىزگىمۇ تەسىرى ياخشى ئەمەس ....سىزنى تەڭلىكتە قالدۇرسام بولمايدۇ ...مەن بۇگۇنچە قايتىپ تۇراي....



ئەتىسى مەن يەنە خەلىق ئىشلار ئىشخانىسغا باردىم ...ئىشىكتىن كىرشىمگە ئىىشخانىدا ئايقىز ۋە مۇدىر باشلىقى پاراڭلىشۋاتاتتى .. مەن كىرىپ ئولتۇرغاندىن كيىن مۇدىر باشلىقى ماڭا خىزمەت ئىشلىگىلى تۇردى ..

-- قۇياش ، ئايالىڭىز بىر چىرايلىق ئىكەن .....سىز قايتا بىر قىتىم ئويلىشىپ بىقىپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قىلىڭ

بۇ خەلىق ئىشلارنىڭ داۋاملىق خىزمىتى بولغاچقا ئىنكاس قايتۇرمىدىم ..ۋە تويدىن بۇرۇن ۋە كيىنكى ئىشلارنى مۇدىر باشلىقىغا قىسغىنە قىلىپ سوزلەپ بىرىپ تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقمنى ئيىتىم .....

-- مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭ ...ئايقىز سىز نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز ....ئەگەر ئىش بۇ دەرىجىگە بارغان بولسا بىر - بىرىڭلارنى قوشۇپ باغلاپ قويغان بىلەنمۇ بىكار ..  سىز شۇنچە چىرايلىق قىز . ھازىرنىڭ ئۆزىدە چوڭ يولغا چىقسىڭىز نۇرغۇن يىگىتلەر قوغلاشقۇدەك تۇرقىڭىز بار .....سىز ئەمدى بولدى قىلىڭ ....قۇياشنىڭ نەرىگە شۇنچە چاپلىشىىسز .....قۇياشسىز ئەرسىز قالامتىڭىز ...شۇنداق قىلغىنىڭغا مانا دەپ ئەتىلا بىرنى تىپىپ توي قىلىڭ .......

--مۇدىر باشلىقى ..مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ ....مەن ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن ..

ئۇ يەنە يادقا ئىلىۋالغان ھىلىقى گەپلىرىنى تەكرارلاشقا باشلىدى ...

--قۇياش ئەپەندى ..سىز قەتئي نيەتكە كەلدىڭىزمۇ ؟

--شۇنداق - دەپ بىشىمنى لىڭشىتىپ جاۋاپ بەردىم ..

--ئايقىز ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟ ئەمدى زورلىغان بىلەن بىكار ...قىنى سىز دەپ بىقىڭ ..سىز ئاجىرىشقا قۇشۇلۇش ئۇچۇن قانداق تەلەپ شەرتىڭىز بار ...ئاڭلاپ باقايلى ..

--ئەگەر ئۇ قەتئي ئاجىرشىمەن دەپ تۇرىۋالىدىكەن .ئەمسە مەنمۇ شەرتىمنى ئولتۇرغا قوياي ...ئۇ ماڭا 20 مىڭ يۋەن بىرىشى كىرەك ...چۇنكى يىرىم يىلدىن ئارتۇق ئۇنىڭغا خوتۇن بولدۇم .

-- ئىرىڭىزنى ئىيتىشچە ئۇ بىر قۇر كيمى بىلەن بارلىقنى سىزگە تاشلاپ چىقىپ كىتىپتۇ ..بۇنىڭ ئۆزى سىزگە كۇپايە قىلمامدۇ . ئىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ..ئەگەر سىز باشقا بىر ئەر كىشىگە شۇنداق ئەسكىلىك قىلغان بولسىڭىز چىقىپ كىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ...ئۇچىڭىزدىكى كيىمنى سالدۇرۇپ سىزنى يالىڭاچ قوغلاپ چىقارغان بولاتتى...سىز شۇكرى قىلىڭ ...

-- ياق ..شەرتىمگە قوشۇلسا ئاجىرشىشقا قوشۇلىمەن ..بولمىسا مەڭگۇ.....ئۆزگەرمەيمەن ...ئاجىراشمىغىنىم ئاجىراشمىغان...

--  مۇدىر باشلىقى بولدى .ئۇنىڭغا ئىدىيە خىزمەت قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ..ئۇ مۇشۇنداق ئادەم ..ئەگەر ئۇنىڭدا  ۋىجدان، مىھىر مۇھەببەتتىن زەرىچە بولغان بولسا بىزنىڭ تۇرمۇشىىمىز بۇگۇنكىدەك بولمىغان بولاتتى ....ئۇ دىگىنىنى قىلدىغان ئادەم ...بولىدۇ ..20 مىڭ يۇەن بىلەن مەن باش ئاغىرىقتىن قۇتۇلدىغان بولسام ...مەن بىرەي ....بىراق ھازىرقى ئەھۋالىمدا مەندە 20مىڭ يۇەن تۇرماق 200يۋەنمۇ چىقمايدۇ ...شۇڭا مەن سىزنى گۇۋاھچى قىلىپ ۋە قانۇن بولۇمدىكىلەرنى گۇۋاھچى قىلىپ ئۇنىڭغا ھەر ئايلىق مائاشىمدا 500 يۋەن تا 20 مىڭ يۋەن تۇگىگىچە بىرىشكە ۋاكالەتنامە يىزىپ بىرەي ....بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ ...بىلمەيمەن .

-- بولىدۇ ..بۇمۇ بولىدىغان ئىش ....قىنى ئەمسە يازغىن ...

مەن قولۇمغا قەلەم ئالدىم ....

  مەنكى قۇياش ................. يىزىپ تۇگەتتىم ۋە بارماق ئىزىمنى بىسىپ ئايقىزغا بەردىم .

-- ئوقۇپ چىققىن ، يەنە نىمىلەر چۇشۇپ قالدى . ياخشىراق ئوقۇغىن ....ئەگەر  باشقىچە مەسىلە بولمىسا  ئاجىرشىشقا ھازىر قول قويغىن ....باش ئاغىرىقتىن مىنى بالدۇراق خاتىرجەم قىلغىن ...

-- ئۇ بىر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كيىن كوزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ ......

-- سەن راستىنلا قەتئي نىيەتكە كەلدىڭمۇ ؟

-- شۇنداق ..مەن سەندىن ئاجىراشساملا ...ھەر قانداق بەدەل تولەشكە رازى ....

-- قۇياش ئاڭلىغىن ...سەن پەقەت مەندىن ئولگەندە ئاندىن ئازات بولىسەن ...سىنىڭ ھازىر ئىقتىساددا قينچىلىق بارلىقىڭنى بىلىمەن ..شۇڭا مەن 20 مىڭ يۋەن بىلەن سىنى بۇ نيىتىڭدىن ياندۇرالايمەن دەپ ئويلىغان ...بىراق سەن مىنىڭ بۇ پىلانىمنىمۇ بەربات قىلدىڭ ...ساڭا ھىچنىمە كار قىلمايدىغان ئوخشايدۇ .....ماڭا سەن كىرەك  پۇل كىرەك ئەمەس ......مەندىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلىمىغىن ..

--  ئەمسە ياخشى ..ساڭا مەنمۇ يوق ، 2 پۇڭمۇ يوق ...كوزۇمدىن يوقال ...ئەكەل ماۋۇ قەغەزنى ، مىنى ئەمدى ئىزدىگۇچى بولما ...ساڭا مىڭ لەنەت ..-- قولىدىن يۇلۇپ ئالدىمدە پارچە پارچە يىرتىپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم ...

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:23 |
bikarqi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12722
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 444
شۆھرەت: 464 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3693 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1777(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

بەللى ياشاڭ.ئىسلام سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئويۇنچۇقكەندە.خالىسىڭىز  زىناخورلۇق قىلالايدىكەنسىز.يەنە خالىسىڭىز  باشقىلارغا شەرىئەتتىن دەرس بېرەلەيدىكەنسىز.سىزگە قول قويدۇم.راستىنلا شەيتاننىڭ ياراملىق شاگىرتى بولۇشقا مۇناسىپكەنسىز.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:23 |
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

قايتىپ ئىدارىغا كەلسەم ، پارتىكوم سىكىرتارى مىنى ئىشخانىغا چاقىردى ..

-- قۇياش ! داۋاملىق سىزنى كۇزتىپ كىلىۋاتىمەن .خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيسىز. مەيلى ھوكۇمەت ئورۇن بولسۇن مەيلى سىرىتلاردا بولسۇن داۋاملىق باشقىلاردىن سىزنىڭ ياخشى گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن ...مۇشۇ چاققۇچە بىر ئىغىز يامان گىپڭىزنى ئاڭلىمىغان ...بىراق بۇگۇن بىر تىلغۇن تاپشۇرۇپ ئىلىپ كوڭلۇم بەكمۇ يىرىم بولدى ...شۇڭا سىز توغۇرلۇق سوزلشىپ باقاي دىگەن ئىدىم ...بۇگۇن تىلغۇننى بىر قىز ئۇرۇپتۇ..ئۇنىڭ ئيتىشچە سىزنىڭ ئايالىڭىز دەيدۇ ...ئۇ ماڭا سىزنىڭ توي قىلغاندىن تا ھازىرغىچە ئۇنى داۋاملىق  ئۇرۇپ ، دەپسەندە قىلىپ بىر كۇنمۇ ئاراملىق بەرمىگەنلىڭىزنى ھەتتا قورساقتىكى بالىنىمۇ ئۇرۇپ چۇشۇرۋەتكەنلىڭىزنى ئيتىپ بىر ھازا يىغلىدى ..ئۇ يەنە سىلەر ئاجىرشىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ سىزنىڭ يەنە ئۇنى ئىزدەپ بىرىپ ئۇرغانلىقىڭىز توغۇرلۇق گەپلەرنى قىلدى ...بۇ زادى قانداق ئىش...سىز شۇنداق ئادەمما ....مەن ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان چىغىمدا قۇلىقىمغا ئىشەنمىدىم ...كوز ئالدىمغا سىزنىڭ يۇگاش تۇرقىڭىز كىلىۋالدى....قارشى زىددىيەتتىكى گەپلەر مىنى سىز بىلەن ئۇچۇرشىشقا مەجبۇر قىلىدى ...ئايالىڭىز يەنە سىزدەك بىر كادىرنى يىتىشتۇرۇپ چىققان مەندەك بىر پارتكوم شۇجىسىنىڭ ئۆز قول ئاستىكى  خىزمەتچىلىرىنىمۇ باشقۇرالمايدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ماڭىمۇ ھاقارەت گەپلەرنى قىلدى ....ۋە مىنىڭ سىزنى خىزمەتتىن بوشىتىشىمنى ، مىنىڭ ھوكۇمەتكە لايىق ئەمەسلىكىمنى دەپ يىغلاپ كەتتى .....

-- ئەگەر سىز ئۇنىڭ گىپىنى راسىت دەپ بىلگەن بولسىڭىز ئەمسە راسىت دەپ چۇشىنىڭ ..ئەگەر قول ئاستىڭىزدىكى مەندەك بىز خىزمەتچىڭىزگە ئىشەنگەن بولسىڭىز ئەمسە ئۇنىڭكىنى يالغان دەپ بىلىڭ . مەن بۇ چاققۇچە ھوكۇمەتكە ، ئۆزۇمگە ، ئايالىمغا يۇز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىغىنم يوق ... بۇنىڭ ئۆزى بىر ئويدۇرما .....--- دەپ گەپنى باشلىدىمدە بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سوزلەپ بەردىم .

-- ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە ..مەنمۇ ئۇ قىزنىڭ تىلغۇندا دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كيىن . سىزنىڭ ئۇنداق ئادەم ئىكەنلىڭىزگە ئىشەنمىدىم...ئەمسە قانداق قىلاي دەۋاتىسىز ...

-- باشلىق ! يىقىندىن بۇيان تۇرمۇشىمدا نۇرغۇن ئىشلار يۇز بىرىپ ئوتتى ، ئەگەر ماقۇل كورسىڭىز ماڭا بىر ئاي رۇخسەت بەرسىڭىز ، مىنىڭ ھازىرقى ھالىتىمدە خىزمەتنىمۇ كوڭۇل بىرىپ ئىشلەپ كىتشىم ناتايىن . مەن بىر ئاي سىرىتلارغا چىقىپ مۇھىت ئالماشتۇرۇپ ئاندىن قايتىپ كىلىپ خىزمەتكە چۇشكەن بولسام .....

-- بولىدۇ ...ئەمسە شۇنداق بولسۇن . سىزگە بىر ئايلىق رۇخسەت بىرەي  دەم ئىلىڭ ..

--  رەھمەت سىزگە ..



بۇگۇن يەكشەنبە بازار . ئۇزۇندىن بىرى ئاتا - ئانامنىڭ ئويىگە بىرىشكە يۇزىم چىدىماي سىرىتلار يىتىپ يۇرگەن ئىدىم ..بىرىش نىيتىدە يول ئالدىم ...دەرۋازا يوغان ئىچىغلىق ئىدى ...

-- دادا ........ئانا ........سىلەر بارمۇ ؟ ھويلا ئارام .جىمىت......بىرەر سادا يوق ....

كارۋاتتا ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغىلى 8-9 يىل بولغان ئاغىرىقچان ئاكام بولۇپ ،  ئۇ ياتقان كىچىك ئويگە كىرىپ كەلدىم .

-- ئويدىكلەر نەگە كەتتى ئاكا .ھىچكىم كورۇنمەيدىغۇ ...

--بۇگۇن يەكشەنبە بازار ...ئاتام بازارغا نەرسە كىرەك سىتىۋالغىلى كەتكەن ، ئانامنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن . ھە راسىت ، بىر سائەت بۇرۇن ئايقىز كەپتىكەن .. ئۇ سىلەرنى ئاجىرشىپ كەتتۇق دەيدۇ ...ۋە ئىچكىرى ساراي ئويدىكى 5 پارچە گىلەمنى سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا چۇشكەن گىلەم ئالغىلى كەلدىم دەپ ھەمىمىنى ئىلىپ كەتتى ....سىلەرنىڭ تويۇڭلاردا مەن يوق ...شۇڭا مەن ئەھۋالنى بىلمەيمەن ....

ئاھ ! خۇدا ! بىزنىڭ تويغا چۇشكەن گىلەم ئاتا - ئانامنىڭ ئويىدە نىمە قىلسۇن ! بۇ بۇزۇق پاسكىنا مەندىن ئالدىغاننىڭ ھەممىنى ئىلىپ بولۇپ ئەمدى ئاتا - ئانامنىڭ ئويىنى بوشاتقىلى كەپتۇدە ....قاتتىق غەزەپ نەپرەت .....مەن پەقەت چىدىمىدىم ....دەرھال تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئايقىزنىڭ ئويىگە كەلدىم ...ۋە دەرغەزەپ ئىشىكىنى تىپىپ كىردىم ...توۋا ....ئانام بۇ يەردە ئولتۇراتتى ....

ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى . ئايقىز ئاتامنىڭ ھەر يەكشەنبە كۇنى سىرتقا چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ، ئانامنىڭ ئويدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ ، ئۇلار ئاتا - بالا بىرلىشىپ ، ئانامنى بىزنىڭ تۇرمۇش ئىشىمىز تۇغۇرلۇق قايتا مەسلىھەتلىشەيلى دەپ ئالداپ ئويگە باشلاپ كەلگەن ئىكەن .... شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئايقىز ئاتا - ئانامنىڭ ئوينىمۇ قۇرۇقداپ قويغان ئىدى ...

-- قۇياش ئوغلۇم ..سەن نىمە دەپ كەلدىڭ .--ئانام ئەنسىز مەندىن سورىدى .

-- ئانا سەن بۇ يەردە بۇلارغا ئالدىنىپ ئولتۇرۇپسەن ..بۇلار سىنى ئالداپ ئەكىلىپ  ئويدە ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇقداپ قويۇپتۇ. ...قىنى ئايقىز ....ماڭا ئايقىزنى تىپىپ بىرىڭلار ....

ھايال ئوتمەي ئايقىز چوڭ ھەدىسى ۋە يەزنىسى بىلەن ھويلىدا پەيدا بولدى ..ئۇلار بىر ئائىلە كىشلىرى ئەتراپىمدا ئاچ قالغان بورىدەك ئولاشتى ....

-- سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار يەتمىدىما ، ئەمدى ئاتا - ئانامنىڭ 40-50 يىلدىن بۇيان تاپقان تەرگىنىنى ، ئۇلارنىڭ بىساتىنى قۇرۇغداپ قوياي دىدىڭلارمۇ . مىنىڭ ئىشىم بىلەن چوڭ ئوينىڭ نىمە مۇناسىۋىتى . قانداق ئىش بولسا مىنى ئىزدىسەڭلار بولمىدىمۇ ؟

-- قۇياش ، مەن ساڭا دىگەن . سەن مەندىن ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايسەن دەپ ...بىزنىڭ تويىمىزدا ئاتا - ئاناڭ بىزگە ھىچنەرسە قىلىپ بىرەلمىگەن ، ئۇ گىلەملەر بىزنىڭ تويىمىغا قىلغىنى بولۇپ قالىدۇ ....دىمەك بۇ ئۇلارنىڭ بىزگە قەرىزى ...مەن بۇلارنىمۇ ھىساپ قىلىشىم كىرەك ...--ئايقىز سەت ئوڭۇپ گەپ باشلىدى .

ئانام ھەسىرەتلىك يىغلاتتى ...ئانامنىڭ كوز ياشلىرىغا قاراپ چىدىمىدىم .

-- ئانا بولدى قىلغىن.ئۇلار مۇشۇ 5 گىلەم بىلەن باي بولۇپ كىتىدىغان بولسا ..ئەمسە بىز نامراتلاردىن سەدىقە بولۇپ قالسۇن ....بىز كىتەيلى ...ماڭا ئىشەنگىن ئانا ...مەن ساڭا ۋەدە قىلاي . ھەر ئايدا بىر گىلەم ئىلىپ ئوينىڭ بوش ئورۇننى مەن توشقۇزۇپ بىرەي ...بۇلاردىن ھىچنەرسە تەلەپ قىلمايلى ....ھەممىگە چىدىدىم ...بولدى  ...بۇنىڭغىمۇ چىدايلى .....ماڭغىن ئانا بىز قايتايلى ....



مەن سىرىتتىن ئىككى ئىغىز ئوي ئىجارە ئىلىپ ئۆزۇم يالغۇز تۇرىۋاتاتتىم .. جەنۇپقا بىرىپ دەم ئىلىش ئۇچۇن ئويدە كىر قات يۇيۇپ تەييارلىق قىلىۋاتاتسام تۇيۇقسىز دەرۋازا قىقىلىپ ئايقىزنىڭ ئىككى ھەدىسى ( ئاچا) كىرىپ كەلدى ..ئۇلار كارۋات ئۇستىدىكى چاماندان بىر قانچە رەتلىك قاتلانغان كيىم - كىچەكنى كورۇپ ..

-- سەپەرگە چىقاي دەۋاتامسىز . بىز سىز توغۇرلۇق يەنە شۇ ئايقىزنىڭ ئىشى ئۇچۇن كەلگەن ...يىقىندىن بۇيان بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز خاتا ...بىز ھەممە نەرسىنى قايتۇرۇپ بىرەيلى ...سىلەر ئوي تۇتۇپ قىلىڭلار ....

-- شۇنداق ..مەن يىراقلارغا كەتمەكچى ...بۇ يۇرىتقا ئەمدى ئىككىنچىلەپ دەسسىمەيمەن .. ئايقىزغا ھەممىنى تاشلاپ كىتەي ..ئۇنىڭ ئۇستىگە سىلەر مىنى خاتا چۇشنىپ قالغان ئوخشايسىلەر ....سەدىقە دىگەننى بىرىدۇ ئالمايدۇ ....مەن ئۇ نەرسىلەرنى سىلەرگە سەدىقە قىلۋەتكەن ...ئۇنى قايتۇرۇپ ئىلىش ...يەرگە تۇكۇرۇپ بولۇپ قايتا يالاپ ئىغىزىمغا ئالغان بىلەن بارارەر ..ئەجىبا سىلەر تۇكۇرۇكنى قايتا ئىغىزىڭلارغا ئالامسىلەر ؟ ئادەم ھايات بولسىلا مال دۇنيا ئاستا - ئاستا تىپىلىدۇ ...مەن مال  دۇنيا  ئۇچۇن تۇغۇلمىغان . ...بىر كۇننى خوشال خۇرام بەخىتلىك ئۆتكۇزسەم شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۇچۇن بەخىت ... مەن سىلەردىن ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيا خوشال بولۇپ قالاي . مىنى ئەمدى ئاۋارە قىلماڭلار ...

--خىزمەتنىمۇ تاشلاپ كەتمەكچىمۇ ؟

--مەن بىر كۇننى خوشال ئوتكۇزەلىسەم  خىزمەتنىڭمۇ كىركى يوق ..! بىلەمسلەر ...ھايات ئادەمگە بىر قىتىملا كىلىدۇ ...مۇشۇنداق ئەرزىمەس ئىشلار ئۇچۇن جەڭ جىدەل . بەخىتسىز تۇرمۇش ....سىلەر ئەجىبا مۇشۇلارنى چۇشەنمەسىلەر .....

-- بىزدە توي خىتى بار ..سىز بىزدىن شۇنچە ئاسان قۇتىلىمەن دەپ ئويلامسىز ؟ سىز ئايقىزنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلدىڭىز . بۇنىڭغا بەدەل تولەيسىز ...بۇنداق ئاسان تۇگىمەمدىكىن .

-- نىمە ؟ كىم كىمنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلدى ..بىرىپ ئايقىزىدىن ...ئۆزۇڭلاردىن سوراپ بىقىڭلار ... سىلەر بىر ئائىلە بورىلەر بۇنىڭ سورىقىنى تارتىشىڭلار كىرەك ...چوقۇم.... مەن سىلەرگە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي . ئەگەر ئايقىزنىڭ چىكىسىگە مەڭگۇلۇك يامان ئاتاقنى چاپلاپ قويماي دىسەڭلار بولدى بەس ......نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزۇمنى بىسىپ  كەلدىم .  ئەسكى يامان بولسۇن يىرىم يىلدىن ئارتۇق ئايالىم بولدى . بىر ياستۇقتا ھەمرا بولدى ...شۇڭا ئۇ ماڭا قانچلىك ئەسلىكىلىك قىلغان بولسىمۇ ...مەن چىداپ كەلدىم ...مەن ئۇنىڭغا بەخىت بىرەلمىدىم. سويگۇ بىرەلمىدىم....بۇندىن كيىن ئۆز بەختىنى تىپىۋىلىشى ئۇچۇن ئۆزۇمنى بەكمۇ ئىغىر بىسىقلىق بىلەن بىسىۋالدىم ..ئەگەر سىلەر ماڭا يەنە مۇشۇنداق چاپلىشۋالساڭلار...مەن ئامالسىزمەن ..مىنى ئامالسىز " ئۇچ تالاق " دىيىشكە مەجبۇر قىلسىلەر ....سىلەر مىنىڭ شۇ گەپنى قىلىشمنى كۇتۇۋاتامسىلەر ..ئەگەر ئايقىزنىڭ بۇندىن كيىن بەخىتىسز بولۇپ قالماسلىقنى ئويلساڭلار ....ئەمدى بولدى قىلىڭلار ..



چۇشتىن كيىن ئىدارىغا بىر ئايلىق خىزمەتنى باشقىلارغا ئوتونۇپ بىرىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپشۇرۇپ بەرگىلى باردىم .. ئىشنى پۇتتۇرۇپ بولۇپ ھوكۇمەت دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە دەرۋازا ئالدىدا غايىپتىن پەيدا بولغاندەك ئايقىز ، ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى  يىغىلغان  ئىدى . مەن بۇلارنى كورمەسكە سىلىپ ئوتۇپ كەتمەكچى بولدۇم...ئۇلار ھۇرپىيىپ ئالدىمنى توستى ...ۋە مىنىڭ بۇگۇن قەتئي نىيەتكە كىلىشمنى .....ئايقىز بىلەن چوقۇم ئوي تۇتۇشىم كىرەكلىكى تۇغۇرلۇق  جار سىلىپ ۋاقىرغىلى تۇردى ...ئاھ خۇدا ...نىمە دىگەن سەتچىلىك....ئۇزۇن ئوتمەي ...ھوكۇمەت دەرۋازا ئالدى ئادەم دىڭىزغا ئايلاندى ...يولدا كىتىپ بارغان ماشىنىلار  توختاپ  ...ماگىزىن ، ئاشخانا ۋە يىقىن ئەتراپىكى دۇكانلارنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ ھەممىسى دۇكانلىرىنى تاشلاپ يۇگۇرۇپ كىلىشتى .. ھوكۇمەت بىناسدىكى خىزمەتچىلەرمۇ يۇگۇرۇپ چىقىشتى ...بۇ كورنۇش ئۇلار ئۇچۇن ھەقسىز كىنۇ ئىدى .....ئاھ ...نىمە دىگەن سەتچقلىك ..ئاسمان ئىگىز ، يەر قاتتىق ...ئولمىدىم ئۇنىڭ بىرى بولدۇم .....

--كوپچىلىك ، ئاڭلاڭلار !!..ماۋۇ  ئەبلەخ ئايقىزنى يىرىم يىل خوتۇن قىلىپ تاشلىۋەتتى .....بىزنىڭ قىزىمىز گۇل ئىدى ....بىز بۇنىڭغا بۇنداق قاراپ تۇرمايمىز ...چوقۇم بەدەل تولىشى كىرەك......سەن بۇ كوپچىلىكنىڭ ئالدىدا جاۋاب بەرگىن ...بۇگۇن سەن بۇگۇن چوقۇم ئايقىزنى ئىلىپ كىتىشىڭ كىرەك ...ئۇنىڭ بىلەن ئوي تۇتقىنىڭ تۇتقان ....--ئۇنىڭ ئانسىى ، ھەدىىسى قولىنى ئىگىز كوتۇرۇپ كوپچىلككنى چاقىراتتى ...بىر نىمىلەرنى دەيتى....-- قىنى كوپچىلىك باشقىلارنىڭ قىزىنى مۇشۇنداق ئاخماق قىلسا بولامدۇ ؟  جاۋاب بەرمەيسەنغۇ قۇياش ...

ئاھ ! بۇ خەقنىڭ يۇزى نىمە دىگەن قىلىن - ھە ! ئۆز قىزىنىمۇ شۇنچە كوپ خەقنىڭ ئالدىدا باشقىلارغا چاتامدۇ ؟

مەن ئاخىرى زۇۋانغا كەلدىم...

-- سىلەر راستىنلا مىنىڭ جاۋابىمنى كۇتىۋاتامسىلەر؟ ئەمسە  قانائەتلەندۇرگىدەك جاۋاپ بىرەي ..1.سىلەر ساقلىق دورىسى كوپ يەپ تۇغماسلىق كىسلىگە گىرىپتار بولغان ئايقىزنى ماڭا چاتماي بۇندىن 7-8 يىل بۇرۇن خوتۇن قىلىپ تاشلاپ كەتكەن سىچىۋەنلىك خەنزۇنى تىپىپ شۇنىڭغا چىتىۋىلىڭلار ..2.  بۇ گەپنى دىمىسەم ياخشى بولاتتى ،مەجبۇر قىلدىڭلار ....اللا گۇۋاھ بولسۇن ...ئۇندىن قالسا بۇ يەردىكى نەچچە يۇز ئامما گۇۋاھ بولسۇن . بۇگۇندىن باشلاپ ئايقىز " ئۇچ تالاق .ئۇچ مىڭ تالاق " مىنىڭ بۇنداق ئايالىم يوق ...

بارلىق ئامما چۇقۇرشۇپ كەتتى ....ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلەتتى . ....ئارىدا ئۇنىڭ چوڭ ھەدىسى گەپ قىستۇرۇپ..

--" ئۇچ تالاق " ھا ھا  --- ئۇ كۇلگىنىچە  -- سەن بىر ھوكۇمەت كادىرى تۇرۇپ بۇنداق گەپنى قىلساڭ ئاقامدۇ ...سىنىڭ بۇ گىپىڭ قانۇندا ماڭمايدۇ .....بۇ بىر خوراپىيلىق ... دىمەك ئىسلامدىكى بۇ خوراپيىلىق قانۇندا ئاقمايدۇ ...سەن ھىلىمۇ ئۇنىڭ ئىرى ...

-- قانۇنىڭ ئىشى قانۇننىڭ ئىشى ....بۇنىڭغا سىزنىڭ باش قاتتۇرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ...ئەجىبا سىز يۇزىڭىزنى توگىنىڭ تاپىنىدەك قىلىپ ئىسلامدىكى خوراپيلىق دىدىڭىزيۇ......كىچىسى ئۇخلىماي موللامنىڭ قىشىغا كىرىپ ئىسىتقۇ دىمە قىلغىنىڭىز خوراپيلىق ئەمەسمۇ ؟ مىنىڭ دىگەن گىپىم مەيلى قانۇندا ئاقسۇن - ئاقمىسۇن ئايقىز ئىسلام شەرىتى بويىچە ئيىتقاندا بۇگۇن مىنىڭ ئەمىرىمدىن ئاجىردى .نىكاھ بۇزۇلدى ، ئەگەر سىلەر مىنى قايتا ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇت دىسەڭلار ئايقىزنى 3-7-ئەرگە ياتلىق قىلىپ ئاجىراشتۇرۇپ مىنى ئىزدەڭلار .....مەن ساقلايمەن ....

مەن گەپنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا كەينىمگە بورۇلۇپ كىرىپ كەتتىم ....ئۇلار بولسا قىقىپ قويغان مىختەك بىر جايىدا تۇرۇپ قالغان ئىدى ..

ئەتراپتىكلەر پاراققىدە كۇلدى ....بەزىلەر يارايسەن دىسە ...بەزىلەر بولغان ئىشلارغا ئەجەپىلىنىپ ئىغىزنى تۇتاتتى....چۇشەنمىگەنلەر كۇلىشەتتى .....



مەن ھازىر خۇددى ئۇستۇمدىكى ئىغىر تاشنى چورۇپ  تاشلىغاندەك خىلى يەڭگىلەپ قالغان ئىدىم . قەپەستىن چىققان قۇشتەك ناھايتىمۇ ئەركىن  ... جەنۇپقا بولغان تەييارلىقنى قىلىپ بولۇپ يۇلتۇزنى ئىزدىمەكچى بولدۇم...ئۇنىڭغا ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىم توغۇرلۇق خوش خەۋەرنى ئيتىماقچى بولۇپ تىلغۇن قىلدىم ...

-- يۇلتۇز ! ياخشىمۇسىز ~ بىر نەچچە ئاي بولدى...سىزنى يوقلاپ بارالمىدىم . تۇرمۇشىمدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلار بولدى ..مىنى كەچۇرگىن ...مەن ئەمدى ئازات بولدۇم......مەن ئاجىراشتىم....مەن ئەمدى سەندىن ئايرىلمايمەن ...مەڭگۇ ...مەڭگۇ ...سەن بىلەن بىرگە ئوتىمەن... سەن ھازىر نەدە ...مەن بىر ئايلىق دەم ئىلش ئالدىم...مەن بىلەن جەنۇپقا بىرىپ كەلگىن . بىز ئۇ يەردە بىر ئاي شىرىن ئاي ئوتكۇزەيلى ....دۇنيا بىز ئىككىمىزنىڭ بولسۇن .....

-- قۇياش ! ..- تىلغۇندىن ئۇنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ..- مىنى ياد ئىتىپ تۇرغانلىقىڭغا رەھمەت ...مەنمۇ ھەم سىنى سويىمەن ..مەڭگۇ شۇنداق بولىدۇ....سەن توي قىلغان ئاشۇ كۇنى ئاخشىمى مەن مەڭگۇ تۇل ئوتۇشكە قەسەم قىلىۋەتكەن ....سىنىڭ ھامان كىلىپ مىنى باغرىڭغا باسىدىغانلىقىڭنى ...مەندىن كەچۇرۇم سورايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم.....بىراق تەغرىرنىڭ چاقچىقى بەكمۇ ئىغىر كەلدى...بۇ چاقچاققا مەن بەرداشلىق بىرەلمىدىم....بەلكىم سەنمۇ بىلگەن چىغىڭدا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىڭ مۇمكىن.....مەن ھازىر غۇلجىدا ئەمەس ...مەن خىزمەت بىلەن ئىچكىرگە كاماندۇرۇپكىغا كەلدىم ...يىقىندىن بۇيان ئالاقىمىز ئۇزلۇپ قالغان بولسىمۇ ، مەن داۋاملىق سىنىڭ ئەھۋاللىرىڭنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇردۇم ...كوڭلۇم غەش بولدى ، ئازابلاندىم، تولغاندىم، يىغلىدىم ، يۇرۇكۇم مۇشۇ تاپتىمۇ قاتتىق مۇجۇپ ئاغىرۋاتىدۇ .....بىلىمەن...يىقىندىن بۇيان ئاز بولمىغان ئازار چەكمىدىڭ ..سەن يالغۇز جەنۇپقا بىرىپ كەلگىن....ساڭا ئاق يول تىلەيمەن ..سىنى ساقلايمەن ....بەلكىم ئۇ دۇنيادا ............---- ئۇ يىغلاپ كەتتى ....

-- ماڭا ئەمدى چاقچاق قىلما ..ئۇ دۇنيا دىگىنىڭ نىمەڭ ...بىز تۇرمۇشىمىزنى ئەمدى باشلايمىز...سەنمۇ مىنى ساقلا يۇلتۇز ...مەن سىنى  سويىمەن .....ساڭا جەنۇپتىن كەلگەندە جەنۇپنىڭ نۇرغۇن مىلليچە كيىم ۋە ياخشى يىمەكلىرىنى سىتىۋىلىپ كىلىمەن ....مەن كەلگۇچە سەنمۇ ئىچكىردە باشىقىلارنى تىپۋالما ...مىنى ساقلا سويۇملۇك يۇلتۇزۇم.....بىز ئەمدى كوكتە چاقنايمىز ..



مەن ئاتا - ئانامنىڭ سەپەر رازىلىقىنى ئالغاندىن كيىن ئەتىسى سەپەرگە چىقتىم ... كورلا تەرەپ بىلەن ماڭغاچقا ئالدى بىلەن كورلىغا ئاندىن ئاقسۇ ....قەشقەر ....خوتەن .......بىر ئاي ئىچىدە جاھان كەزدىم ...مەھمۇت قەشقىرى . يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، ئاپپاق خوجا ...ئامانىساخان ..سۇلتان سۇتۇق مەقپەرىسى ..ھىيتكاھ ..خوتەن جاماسى ..500 يىللىق ئەنجۇر ..ياڭاق دەرىخى .....قارقاش سۇ ئىلىش بىشى ....تۇپا بىسىپ تۇرغان جەنۇپنىڭ يىزا - كەنتلىرى ....پاھ پاھ  ...جەنۇپ ..نىمە دىگەن گۇزەل ئىدى - ھە ! ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى ، ئورۇپ ئادىتى ساقلانغان .....ۋاقىتنىڭ قانداق ئوتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەيمەن ..ھەش پەش دىگۇچە بىر ئاي ۋاقىت توشۇپ كەتتى ... گۇزەل جەنۇبى شىنجاڭغا خاتىمە بىرىپ قايتماقچى بولدۇم ....ۋە ئاتا ئانامغا بىر قۇر سوغان ئالغاندىن باشقا يۇلتۇزغا چىمەن دۇپپا ، بىر قۇر ئەتلەس كوينەك  ۋە ئۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئانار .......مەن سەپەرنى ئاياقلاشتۇرۇدۇم . يۇلتۇزغا نەچچە قىتىم تىلغۇن قىلسام تىلفۇنى ئۇلانمىدى .....ئۇنى شۇنچە كورگۇم كەلدى ...قانىتىم بولسا ئۇچۇپ بىرىپ باغرىمغا باسقان بولسام -ھە !



ئويگە قايتىپ كىلىپلا ئاتا - ئانام ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن كورۇشۇپ بولغاندىن كيىن ، ئىدارىغا ساق - سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىم توغۇرلۇق تىلغۇن قىلۋەتكەندىن كيىن  يۇلتۇزغا  يەنە تىلغۇن قىلدىم ....ئۇنىڭ تىلغۇنى ئىلىنمايتتى. ئۇنى ئويىگە ئۇدۇللا ئىزدەپ بىرىشنى ئەپسىز كورۇدم ...بىر كۇن ...ئىككى كۇن ...بىر ھەپتە .... ساقلا ...ساقلا ....خەۋەر يوق .. كۇنلىرىم بۇرۇقتۇرمىچىلىك ئىچىدە ئوتەتتى ...ئۇنىڭغا زادى نىمە بولدى ؟

كىچىسى چۇش كوردۇم ....چۇشۇمدە ئۇ تىگى يوق يار  باغرىغا ئىسىلىپ قالغان ئىدى .  مىنىڭ تارتىۋىلىشىمنى .....قۇياش ...دەپ ۋاقىراتتى ..

--يۇلتۇز ...مەن كەلدىم ...مانا مانا مەن كەلدىم.....ئۇنىڭغا قولۇمنى سۇنۇشىمغا  ...ئۇ تىگى يوق يارغا مىنىڭ تارتىۋىلىشمغا ئۇلگۇرمەي چۇشۇپ كەتتى ....چۇچۇپ ئويغاندىم ...پۇتۇن تىنىم چىلىق تەرگە چومگەن .....

  --مىنى قار بىسىپتۇدە ...يۇلتۇز ....ئۇنىڭغا بىر نىمە بولمىغاندۇ ؟ يۇرۇكۇم ئەنسىز سوققىلى تۇردى ...سىرتقا چىقتىم ...كوكتە سانسىز يۇلتۇزلار چاقنايتتى....مەن يۇلتۇزلار ئىچىدىن ئۇنى ئىزدىدىم تاپالمىدىم .....كىرىپ كىتەي دەپ تۇرشىمغا چاقنىغا بىر يۇرۇقلۇق پەيدا بولدىدا ....بىر يۇلتۇز ئىقىپ چۇشتى ..

قايتىپ كىرىپ كىچىنى كىرپىك قاقماي ئوتكۇزدۇم ...تاڭنىڭ ئىتىشىنى ساقلايتتىم ....تاڭ ئاتسىلا ئۇنىڭ ئويدىكىلىرى نىمە دىسىمۇ ئىزدەپ بىرىش قارارىغا كەلدىم ...مانا مەن كۇتكەن ۋاقىت يىتىپ كەلدى ...شەرىقتىن قىزىل شەپەق ئاندىن ئاستا ئاستا قۇياش كوتۇرۇلدى ....جاھان ئاقاردى ...

  مەن ئاۋالقىدەكلا خىزمەتكە چىقىتمدە  يوقلىمىغا  ئالدۇرۇپ قويغاندىن كيىن ئۇنىڭ ئويىگە قاراپ يول ئالدىم ...يۇرەكلىرىم ئەنسىز سوقاتتى ...مەن ئاخىرى دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم دە بوش ئاۋازدا چەكتىم ..

--كىمۇ ؟

-- مەن ....مەن  يۇلتۇزنىڭ خىزمەتدىشى ...ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم ....

دۇمچەيگەن بىر ئانا دەرۋازىنى ئاچتى ...ئۇ ماڭا بىر قۇر سەپ سالغاندىن كيىن ....

--ئەگەر مەن خاتا پەرەز قىلمىسام ، سىز قۇياشقۇ دەيمەن ..

--شۇنداق ! مەن قۇياش ، سىز قانداق بىلدىڭىز ؟ ئويدە يۇلتۇز بارمۇ ؟

--يۇلتۇز ئويدە يوق ! ئۇ يىراققا كەتتى .  كىتەر چىغىدا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ ، بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلسە ،بىرىشىمنى تاپىلاپ بىر پارچە خەت بىرىپ كەتكەن . ھازىر قارىسام سىز  ئۇيغۇر ئىكەنسز ...شۇڭا سىز  قۇياشمۇ دەپ جەزىملەشتۇرگىنىم ...سىز  سەل تەخىر قىلىڭ مەن كىرىپ خەتنى ئىلىپ چىقاي ....

ھايال ئوتمەي يۇلتۇزنىڭ ئانىسى خەتنى ئىلىپ چىقىپ بەردى ...

-- خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كيىن بىرەر ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ .. .. مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ...يۇلتۇزنى كورمەكچى بولسسڭىز مەن سىزنى ئۇنىڭ  قىشىغا باشلاپ ئاپىراي ، ئۇ سىزنى  ساقلاۋاتىدۇ ....بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتى ..

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:25 |
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

"  سويۇملۇك قۇياش مەن سىنى بەك كوپ ساقلاپ كەتتىم ...سەن ئاخىرى كەلدىڭ..ئەپسۇس سەن كەلگەن چىغىڭدا مەن سەندىن بەكمۇ - بەكمۇ يىراقلاپ كەتتىم ..سىنى قايتا بىر قىتىم كورۇشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم ....سىنىڭ توي ئاخشىمى مەن قايتىپ كىلىپ كىچىنى يىغا بىلەن ئوتكۇزۇدۇم ..بىر كىچىنى ئەمەس ھەر كۇنى كىچىسى يىغا ماڭا ھەمرا بولدى ...مەن باغرىڭدا ياتقان چاغلىرىمدا ساڭا نۇرغۇن قىتىم تەكرارلاپ ئوتكەن...مەن پەقەت قۇياش بىلەنلا چاقنىيالايمەن ...قۇياش بولمىسا يۇلتۇز نەدىمۇ چاقىيالىسۇن ..دىمەك مەن سەندىن ئايرىلىپ قالدىم ... ساپ مۇھەببىتىم بىلەن سىنى سويدۇم ...ساڭا سويۇلدۇم ....ئاشۇ مىنۇتلار نە قەدەر بەخىتلىك ئىدى - ھە ! ئۇزۇن ئوتمەي سەن توي قىلدىڭ ! بۇ مەن ئۇچۇن قاتتىق زەربە بولدى .. نەچچە كۇنلەپ گىلىمدىن تاماق ئوتمەي ئاچسىز يۇرگىنىمنى بىلەمسەن ..نەچچە قىتىم بىنانىڭ ئۇسىتگە چىقىىپ يىنىپ چىۇشكىنىمنى بىلەمسەن ...نەچچە قىتىم بىز چومۇلگەن ئاشۇ دەريا بويىغا بىرىپ سۇغا غەرىق بولۇشنى  ئويلىغىنىمنى بىلەمسەن ؟ ...ياق ...ياق ...ئىغىزدا ئيتىش شۇنچە ئاسان بولغىنى بىلەن بىراق ئەمەليەتتە ئولىۋىلىش بەكمۇ تەس ئىكەن ...جان تالىقكەن....سىنى سويىمەن قۇياش ....ئاخىرى بارلىق ھەسرىتىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ چىداپ كەلدىم .. سنىڭ تويۇڭ مەن ئۇچۇن قاتتىق ئەلەم بولدى ...سەندىن مەڭگۇلۇك ئايرىلىغىنىمنى بىلگەن چىىغىمدا .....ھەسرەت ئىچىمگە ئوتۇپ كەتتى ....مەن يىقىلدىم ...ساقسىز بولدۇم ... بىمار كارۋىتىدا ياتقان چىغىمىدىمۇ سەن خىيالىمدىن چىققان ئەمەسسەن .....  قۇياش مىنىڭ نىمىلەرنى خيال قىلغىنىمنى بىلىشنى خالامسەن ....ئەگەر سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلسە سەن بىلەن قايتا تۇرمۇشنى باشلىسام .....مۇھەببەتتە دىن ، مىللەت چەكلىسمىسى يوق دەپتىكەن ...مۇھەببىتىمىز ئۇچۇن ئىسلامغا كىرسەم ...سەن بىلەن توي قىلسام .....ئايقىز كيىگەن ئاشۇ ئەتلەس توي كوينىكىنى مەنمۇ كيسەم ....بىشىمغا  ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ  چىمەن دوپپىسىنى كيسەم ... ئاندىن ساڭا ئوماققىنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرسەم ....مەن شىرىن خىياللارغا غەرىق بولۇپ ئۆزۇمنى ئۆزۇم خوش قىلاتتىم ....ئەپسۇس .........رەھىمسىز تەغدىر .......مىنى ئۇ خىيالىرىمغا يەتكۇزمىدى ...بىز ۋەدىمىز بويىچە كيىن شىرىن ئايلىرىمىزنى شاڭخەي ، گۇاڭجۇ ..شىنجىن...بيجىڭ ..قاتارلىق جايلاردا ئوتكۇزمەكچى بولغانلىقىمىز ھىلىمۇ ئىسىڭدىمۇ ...بۇرۇن دەريادا چومۇلگەن بولساق ، كىين دىڭىز قىرغىقىدا چومۇلمەكچى بولۇپ ۋەدىلەرنى قىلىشقان ..سەن بىلەن دىڭىز قىرغىقىدا كۇننىڭ چىقىشىنى ساقلىماقچى بولغان ...ئەپسۇس ......ھەممىسى شىرىن خىياللارغا ئايلاندى ....مۇمكىن بولسا سەن بولسىمۇ شۇ يەرلەرگە بىرىپ كورۇپ كەلگىن..خۇددى مەن سىنىڭ قىشىڭدا باردەك .....قۇياش  مەن بىلىمەن سەن جەنۇپتىن ماڭا ئۇيغۇرچە كيىم ، دوپپا ستىۋىلىپ ئەكەلدىڭ ...تولىمۇ ئەپسۇس مىنىڭ ئۇنى كيىشكە بىر قىتىم پۇرستىم بولمىدى ...سەن جەنۇپقا مىڭىش ئالدىدا ماڭا تىلغۇن قىلغاندا ...مىنىڭ بىر قانچە كۇنىملا قالغان ئىدى ....سەن نىكاھ ئىشىڭدا  ئاز بولمىغان كىلىشمەسلىكلارنى ئاران تۇگىتىپ ، مىنى ئىزدەپ كەلگەن چىغىڭدا مىنىڭ بۇ ئەھۋالمىنى كورۇپ سىنىڭمۇ يىقىلىپ قىلىشىڭدىن ئەنسىردىم ....مىنىڭ تىلغۇندا ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساقلايمەن دىگەن گىپىم ئەمدى يادىڭغا كەلدىمۇ ؟.....مەن چاقچاق قىلمىغان ئىدىم ...مەن سىنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىڭىدىن ئەنسىرەپ ئۆزۇمنى ئىچكىردە كاماندۇرۇپكىدا دەپ ساڭا يالغان گەپ قىلدىم ...سىنىڭ بىر ئاي دەم ئىلىپ ، روھلىنىپ قايتىپ كەلگەن چىغىىڭدا مىنىڭ بۇ ئىشىمنى بىلسەڭمۇ ساڭا ئانچە ئىغىر توختىمايدۇ .... شۇ چاغداتۇرمۇشتىن قايتا - قايتا ئۇچىرغان زەربە ....مەن سەندىن بەكمۇ ئەنسىردىم ....شۇڭا مەن سىنى ئالدىدىم ....بۇنىڭ ئۆزىمۇ سەن ئۇچۇن ....مىنى كەچۇر ...مەن سىنى سويىمەن قۇياش ....مەڭگۇ ...ئىككى ئالەم سويىمەن ....بۇ دۇنيادا بىرگە بولالمىدۇق ....ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ مەن سىنى ساقلايمەن ..مۇمكىن بولسا ئىسلامچە دەپنە قىلىنغان بولسام ياخشى بولار ئىدى ..قەلبىمدە ئىسلامنىڭ نۇرى چاقنىغاندەك قىلغىنى بىلەن ..بىراق مەن تىخى ساڭا تەئەللۇق بولمىغاچقا قائىدە بويىچە ئۆز  ئورۇپ ئادىتىمىز بويىچە دەپنە قىلىنىشىم ماڭا ئايان ...ئەڭ ئاخىردا سەندىن بىرلا تەلىپىم  شۇكى قۇياش بىلەن يۇلتۇز شەكلىنى ئويدۇرۇپ  قەبرە تىشىمنى سەن قاتتۇرغان بولساڭ ..مەن بۇنى ئويدىكىلەرگە ۋەسىيەت قىلىپ كەتتىم ...مۇشۇنداق بولغاندا مەن ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم ياتقان بولار ئىدىم .......

خەيرى : سىنى سويۇپ بەخىت يۇلتۇزىدىن

شىنجاڭ تور مەكتىپى
http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:27 |
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

ئاھ ! خۇدا ...رەھىمسىز تەغدىر ..ماڭا نىمىشقا بۇنداق ئىغىر چاقچاق قىلىدىغاندۇ ...مىنىڭ نىمە قىلىغىنىم ئۇچۇن..مەن ئەمدى ساڭا ئىرىشىغان بولدۇم دەپ شىرىن خىياللاردا بولمىغانمىدىم ..

--چوڭ ئانا ..مىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇپراق بىشىغا ئاپىرىڭ ..مەن ئۇنىڭ بىلەن كورىشىمەن...ماقۇل دەڭ ....سىز مىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىراشتۇرمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ ؟  ...

ئۇزۇن ئوتمەي بىز تۇپراق بىشىغا كەلدۇق ..يىڭى قەبرىلەر خىلى كوپ ئىدى...يۇلتۇزنىڭ ئانىسى مىنى دەپنە قىلىنغىلى ئۇزۇن بولمىغان  ، تىخى قەبرە تىشى قاتتۇرۇلمىغان ...قۇرۇپ قاقشال بولغان دەرەخ شىغى سانجىلغان يىڭى قەبرە بىشىغا باشلاپ كەلدى ....

  قەبرىنى كورۇپلا ئۆزۇمنى ئاتتىم  ، چىڭ قۇچاغلاپ يىغلايتتىم . تۇپلىرىنى سىلايتىم ..ئالقانلىرىمغا ئالاتتىم ...نە ئامال ..يۇلتۇز قايتىپ كەلمەيدۇ - دە !

-- يۇلتۇز ! ئالدىڭدا مەن گۇناھكار ...مەن كەلدىم ...شۇنداق مەن بەكمۇ ئۇزاقتا كەلدىم ...مىنى بەكمۇ كوپ ساقلاپ كەتتىڭ ...ئۆزۇڭ يالغۇز قورىقتىڭمۇ ؟ مەن ساڭا ھەمرا بولالمىدىم ..مەن گۇناھكار ...مەن سەۋەپچى ...مەن ساڭا بىر ئومۇر قەرىزدار ..مىنى كەچۇر يۇلتۇز  ....

-- قۇياش ! بولدى بىز قايتايلى ! سەن يىغلىساڭ يۇلتۇزمۇ جايىدا خاتىرجەم ياتالمايدۇ ....سەن ئۇنى خاتىرجەم ياتسۇن دىسەڭ يىغلىما ...ئۇ سىنىڭ يىغلىشىڭنى خالىمايدۇ ....ماڭغىن قايتايلى ..



قايتىپ كىلىپ نەچچە كۇننى ئاش ئوتكۇزدىم ...ھىچقانداق نەرسىگە كوڭلۇم تارتمايتى ....ئۇنىڭ ۋەسىيتى بويىچە قەبرە تىشى قاتتۇرۇش ئۇچۇن ئالاقىلىىشپمۇ قويدۇم ....بىر نەچچە كۇن بولمايلا  ئۇستىگە كۇن  ۋە يۇلتۇزنىڭ سۇرىتى چۇشۇرۇلگەن قەبرە تىشىمۇ پۇتۇپ بولدى ....مەن يۇلتۇزنىڭ ئويىگە بىرىپ ئۇلارنىڭ ئوي ئىچىدىكىلەرنىڭ مەن بىلەن بىرگە تۇپراق بىشىغا چىقىشىمنى ئيتتىم ...ئۇلارمۇ رازى بولۇپ چىقماقچى بولدى ...بىراق نىمىشقىدۇر بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇراتتىم ... ئۇ زادى نىمە  ؟  مىڭ بىر خىيالار ئىچىدە ئاخىرى يادىمغا كەلدى ..ئۇ بولسىمۇ مىنىڭ يۇلتۇز ئۇچۇن ھەر كۇنى ئاتاپ ياسىغان قەغەز يالتۇراق يۇلتۇز ئىدى .. قانداق قىلىش كىرەك ..ئۇنىڭ ھەممىسى مەن ئوينى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن چىغىمدا تورۇستا ئىسىغىلىق قالغان ئىدى ...ئۇنى ئىلىش ئۇچۇن ئويگە قايتىشىم كىرەك ...ياق ..مىنىڭ ئايقىزنى كورەر كوزۇم يوق ......بىراق ....يەنىلا بىر ئامال قىلىشىم كىرەكتە...

مەن ئايقىز بىلەن بىرگە تۇتقان ئوينىڭ ئەتراپىغا كەلدىم . ..باشقىلارنىڭ مىنى " ئايقىزغا چىدىماي كەپتۇ " دەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدى - كەينىمگە پات - پات قارايتىم.....

-- قۇياش ! بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۇرۇيسىز ...سىزنى سىرتقا كەتتى دەپ ئاڭلىغان ئىدىمغۇ ..قاچان كەلدىڭىز .. ..--قوشىنىمىزنىڭ ئايالى ئەخلەت توككىلى چىققان ئىدى .

-- شۇنداق ...قايتىپ كەلدىم ....سىزدىن سوراي دىگەن ئىدىم .خاتا چۇشىنىپ قالماڭ ...ئايقىز ئويدە بارمۇ ؟

-- يوق ! سىز بىلەن ئاجىراشقاندىن كيىن ئۇ بارلىق بىساتنى كۆچۇرۇپ ئاتسىنىڭ ئويىگە كەتكەن ..بۇ قورۇدا ھازىر ھىچكىم يوق ...ئاڭلىسام ئىجارىگە بىرەرمىش ..

مەندە ئوينىڭ بىر دانا ئاچقۇچى بار ئىدى...ھەنىم بولسا تىخى تاشلىۋەتمەپتىكەنمەن..ئاستا ئىشىكىنى ئىچىپ كىردىم ..

ئوي ئىچىدە پەقەت توت تاملا قالغان . قۇرۇغدالغان ....دەرىزىلىرىگە تور باسقان.. يەردە بىر قانچە چاشقاننىڭ ئولۇكى ....بىر خىل قاڭسىق پۇراق كىلىپ تۇراتتى ....تورۇسقا قارىدىم....ئاھ ....يۇلتۇز.......! بۇ كىچىككىنە ئىككى ئىغىز ئويدە پەقەت  تور بىسىپ كەتكەن ئىسىغلىق تۇرغان يۇلتۇزدىن باشقا ھىچنەرسە قالمىغان ئىدى...مەن ئاۋايلاپ بىر - بىرلەپ  يىشپ ئالدىم ۋە ئاۋايلاپ قەغەز ساندۇققا سىلىپ چىقىپ كەتتىم ... ئۇ يەردىن چىقىپلا ئويگە بىرىپ چىمەن دوپپىنى ئىلىشقىمۇ ئۇلگۇردۇم ....

  بىز قەبرە بىشىغا يىتىپ كەلدۇق ...ئۇزۇن ۋاقىت ھەپىلەشكەندىن كيىن ئاخىرى قەبرە تىشىنىمۇ قاتتۇرۇپ بولدۇق ..يۇلتۇزنىڭ بىر قانچە ئۇرۇق تۇققانلىرنىڭ ھەممىسى جەم بولغان ئىدى...بەزىلىرى يىغلىشاتتى ...مەن يىڭىدىن قاتتۇرۇلغان قەبرە تىشى ئالدىغا كەلدىم ...ئۇنىڭ ئۇچۇن ئاتاپ ئالغان چىمەن دوپپىنى ئاۋايلاپ قويدۇم .. ئارقىدىن قەغەز ساندۇقتىكى سانسىزلىغان قەغەز يۇلتۇزلارنى ئۇنىڭ قەبرە ئۇسىتگە ، قەبرە تاش ئالدىغا ئاۋايلاپ چاشتىىم ....

-- يۇلتۇز ! مەن ۋەسىيتىڭنى بۇگۇن ئورۇنلاپ بولدۇم ...كوڭلۇم ئەمىن تاپتى ...سەنمۇ خاتىرجەم ياتقىن...ساڭا ئاتاپ ئالغان بۇ چىمەن دۇپپىنىمۇ قەبرە بىشىڭغا قالدۇرۇپ قويدۇم ...ئەگەر بىر  قىتىم كيگىنىڭنى كورگەم بولسام ...نە قەدەر ياخشى بولار ئىدى - ھە  ! ئەپسۇس .....مانا بۇگۇن قەبرە ئالدىڭدا  مەن سىنىڭ ئۇرۇق تۇققان ، ئاتا - ئانىلىرىڭ بىلەن بىرگە ...سەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقا اللا بۇيرۇمىغان بولسىمۇ سىنىڭ ئاتا - ئاناڭنى  بۇندىن كيىن ئوخشاشلا ئاتا - ئانا دەپ چاقىرىمەن ....مەن ساڭا يۇز كىلەلمەيمەن ...بىراق ھازىر دىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ ...ماڭا ئىشەنگىن ..مەن قەبرە ئالدىدا ساڭا شۇنداق قەسەم ئىچىمەن ...مىنىڭ  سويگۇ مۇھەببىتىمنى ئەمدى ئىككىنىچى بىر ئايال زاتى ئىگەللىيەلمەيدۇ ...مەن بۇ ھاياتلىقىمدا مەڭگۇ توي قىلماي يىگانە ئوتىمەن ..... مىنى ساقلىغىن ....مەن چوقۇم ئۇ دۇنيادا سەن بىلەن بىرگە ..مەڭگۇلۇك بىرگە ئوتىمەن....مىنى ساقلىغىن يۇلتۇز ............گىپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن..........

ئۆزۇمنى باسالماي ئوكسۇپ يىغلاپ كەتتىم ...

http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:30 |
kuyax701
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 23850
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 34
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 380 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

خاتىمە


تۇيۇقسىز چىقىلغان چاقماق ئاۋازىدىن چوچۇپ ئىسىمگە كەلدىم ! يۇز - كوزلىرىم ياش يۇقى ئىدى ..مەن تىخىچە دەرىزىدىن بىشىمنى سىرىتقا چىقىرىپ تۇراتتىم ... تەڭشەلمىگەن دۇنيا ...مەن دەرىزىنى يىپىپ خىزمەت ئۇستىلىگە كەلدىم ۋە  كۇندىلىك تۇرمۇش ئادىتىم بويىچە كومپىيوتۇرنى ئىچىپ كۇندىلىك خاتىرە يىزىش كونا ئادىتى بويىچە كۇنۇپكا تاختىسىنى رەتسىز بىىشقا باشلىدىم ...
  

" يۇلتۇز ! مەن سىنى بەكمۇ سىغىندىم ، بۇگۇن مەن يەنە بىر يۇلتۇزنىڭ ئىقىپ چۇشكەنلىكىنى كوردۇم ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە  يۇرۇكۇم قاتتىق مۇجىۋاتىدۇ ...مەن ھازىر سەندىن بەكمۇ - بەكمۇ يىراقتا...... ماڭا قالدۇرغان خىتىڭدە مىنىڭ بولسىمۇ ئىككىمىزنىڭ پىلانىدىكى ئاشۇ چوڭ شەھەر ،  دىڭىز ياقىلىرىنى كورۇپ كىلىشىمنى تاپىلغىنىڭ ....شۇنداق ... مەن سىنىڭ قەبرە تىشىڭنى قاتتۇرۇپ بولغاندىن خىزمەتكە چىقتىم ...بىراق ئۇزۇن ئوتمەي ئايقىزنىڭ ئويدىكىلىرى داۋاملىق ماڭا ئەسكىلىك قىلىشقا باشلىدى ...ئۇلار ماڭا بىر كۇنمۇ ئاراملىق بەرمەيتتى ....ئاتا - ئانام تۇغۇپ چوڭ قىلغان يۇرىتنى ھارام دىيشكە ۋىجدانىم بارمىىسىمۇ بىراق ئۇ يۇرىتتا مىنىڭ تۇرمۇش كەچۇرشىم ھارام بولدى ...سەن بىلەن گۇزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان شۇ يۇرىتنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم ...ۋىجدانىمغا خىلاپ ھالدا ...خىزمىتىمنى تاشلاپ ..ئاتا - ئانامنى تاشلاپ سىرىتقا مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتىم ...ئۇنداق بولمىغاندا مىنىڭمۇ ئۇزۇن قالماي يىقىلىپ ھاياتتىن ئۇمىد ئۇزىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار ئىدى ...ھەر بىر قەدىمىمدە سىنى ئويلايتتىم .....مەن يۇرىتتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن بارلىق باش ئاغىرىق ...ئازاب - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدىغاندەك ھىس قىلدىم ....مىنى كەچۇر يۇلتۇز ......سىنىڭ قەبرەڭگە داۋاملىق بىرىپ يۇقلاپ تۇرالمىدىم....بىراق ۋەدەم ئۆزگەرگىنى يوق ...مەن ئۇ دۇنيادا چوقۇم سەن بىلەن مەڭگۇلۇك بىرگە بولىمەن ....

   يۇرىتتىن ئايرىلىپ ئالدى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن بىيجىڭ ...شاڭخەي . چىڭداۋ دىڭىز قىرغاقلىرى  ..گۇاڭجۇ ...ئاندىن شىنجىن دىڭىز قىرغاقلارغىچە ........دىڭىز ياقىلىرىغا بىرىپ قوم دوۋىسىدە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن شاۋقۇن ئۇرۇن تۇرغان دىڭىز دولقۇنلىرىغا قاراپ ..كوز يىشى قىلدىم ....قىىشمدا بولساڭ ..سەن بىلەن ئاشۇ دىڭىز دولقۇنلىرىدا چومۇلگەن بولساق .....ئاشۇ دىڭىز دولقۇنلىرىغا غەرىق بولغان بولساق.....ھىچقاچان يالغۇزلۇق ھىس قىلمىدىم ...مەيلى نەدە بولاي سەن خۇددى قىشىمدەك گەپ قىلاتتىم ...ۋە يەنە ئۆزۇم جاۋاپ بىرەتتىم .....مەندىن ئەنسىرمىگىن ...

سىرىتلاردا بىر مەزگىل مۇساپىر بولغاندىن كىيىن بىيجىڭغا بىرىپ بىر يىل *** كەسىپتىن ئۇگىنىشكە قاتناشتىم ....كيىن *** شەھەرنىڭ *** شىركىتىدە بىر كىشىلىك خىزمەت تاپتىم  ... بەزىدە جاپالىق، بەزىدە بەكمۇ كوڭۇللۇك ، ئوتمۇشنى ئۇنتۇدۇم ..بىراق بىلگىن ...سىنى ئۇنتۇيالمايمەن....بىلەمسەن ؟ئىچكىردە بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇلارنىڭ خىزمەت تىپىشى بەكمۇ بەكمۇ تەس....مەن ئاز بولمىغان جاپالارنى چەكمىدىم ....شىنجاڭلىق دىسە چىل بورىنى كورگەندەك قاچىدۇ . بىراق خاتىرجەم بولغىن ...ئۇلار مىنى بىر كورۇپلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ . ماڭا سەمىمي ...تىخى ئۇلار " شىنجاڭلىقنى بەكمۇ يامان دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق ..سەن ئۇنداق ئەمەسكەنسەن ...سەن شىنجاڭلىق ئەمەسما " دەپ چاقچاق قىلىشىدۇ ...نىمىلا دىمىگەن بىلەن ھازىرقى كۇنلىرىمگە اللاغا شۇكرى ...يۇرىتنى سىغىندىم ...ئاتا - ئانامنى سىغىندىم ...سىنى سىغىندىم .....بىراق يىرىم يىلدەك بولدى سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ...پەقەت دورا بىلەن تىك تۇرىمەن...مىنىڭمۇ ھاياتىمنىڭ قانچلىك ئۇزۇنغا باردىغانلىقىنى بىلمەيمەن ....بەلكىم سەن بىلەن بىرگە بولۇشىمغا ئاز ۋاقتىم قالغاندۇ ...مىنى ساقلغىن ..مەن بەلكىم پات ئارىدا قىشىڭغا بىرىىشم مۇمكىن ..بىز بۇ دۇنيادا يىتەلمىگەن ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزغا ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ يىتىمىز ...قوللىرىم تىتىرەۋاتىدۇ ..يۇرىكىم ئاغىرۋاتىدۇ ....سىنى بەك سىغىندىم ....  


                                                                             تۇگىدى

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

   
   ئىزاھات : سويۇملۇك ئوقۇرمەن ! ئاپتۇر  ھىكايىنى  قول يازمىسىز كومپىيۇتىر  بىۋەستىلا يازدى . شۇڭا نۇرغۇن ئىملا ۋە گىراماتىكىلىق خاتالىقلار بەلكىم نۇرغۇن  يەردە ئۇچىرشى مۇمكىن ..ئۇنىڭ ئۇسىتگە ئاپتۇرنىڭ ئەدەبي تىل قابىليتى يوق ! ئىچكىردە ئۇيغۇرچە كىتاپلار بولمىغاچقا ئاتالمىش كىتاپپۇرۇش ئاپتۇر كىتاپ ئوقۇشتىن نەچچە يىل مەھرۇم قالدى ..شۇڭا ئۇيغۇر يىزىقچىلىقىدىكى ئەدەبي ۋە گۇزەل تىللار ئاپتۇردىن بەكمۇ يىراقلاپ كەتكەچكە ئەسەر ئاددى تىل بىلەنلا يىزىپ چىقتى ..كوپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى  ۋە  ئەسەردىكى خاتالىقلار توغۇرلۇق پىكىر تەلەپلەرنى ئولتۇرغا قويشىنى ئۇمىد قىلىمەن .

شۇنچە ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىققىنىڭلارغا سەمىمي چوڭقۇر رەھمىتىمنى ئيتىمەن

  بەخىت ۋە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىڭلارغا خوشاللىق تىلەيمەن

شىنجاڭ تور مەكتىپى
http://sarhil.biz/bbsيانغۇن مۇكاپات سىزنى كۇتمەكتە.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:32 |
wijdan0997
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22664
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 119
شۆھرەت: 120 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 680(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

نىمە  دىگەن  تەسىرلىك  ھىكايە  ھە؟    نادىر لاپ   قويسا  بۇلامدۇ  نىمە

چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 14:54 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6821
شۆھرەت: 7048 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 281 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1535(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-11

 

بۇ قانداق مۇھەببەت ئەمدى

شىنجاڭ تور مەكتىپى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 15:23 |
0991sumruh
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2141
شۆھرەت: 2143 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1300 سوم
تۆھپە: 54 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1935(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

« ئاكىجان ! قورسىقىم بەكلا ئىچىپ كەتتى» دېگەن  ھىكايىنى ئوقىغان چېغىمدىلا ئىلگىرى باشقا مۇنبەردە ئوقىغان مۇشۇ ئەسەر يادىمدىم كەچكەن ئىدى،ئەھۋال ئويلىغىنىمدەك چىقتى ! ھەي نىمە دېسەم بولار        
بولدىلا، يەنىلا سۈكۈت قىلاي! قېنى ،باشقىلار نېمە دەيدىكى ؟تورداشلارنىڭ ئىنكاسى داۋاملىق دىققىتىمدە بولىدۇ.........................

./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 15:30 |
DILRUS0996
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3123
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 323
شۆھرەت: 339 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1998 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 662(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

ھەي  كەچمىشلەرنى،ئويغۇتىدىغان،يۈرەكتىكى زېدىلەرنى تاتلايدىغان،خىياللار لەشكىرىنى باشلايدىغان ئەسەر! بۇ ئىككى مىللەت قىزىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىق ۋە يۈكسەكلىكنى،ساداقەت ۋە سادىقلىقنى،روھى جەھەتتىكى پاكلىق ۋە بۇلغانغانلىقنى يورۇتۇپسىز ،لېكىن زادى قايسى مىللەتنىڭ قىزىنىڭ <ھەقىقى سۈيۈشكە> مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم~؟؟؟؟؟؟
[ بۇ يازما DILRUS0996 تەرپىدىن2009-04-12 15:19دە قاي ]

نىمىلەرنى يوقاتتۇق؟نىمىلەرنى ئىزدەۋاتىمىز؟نىمىلەرگەئېرىشتۇق؟ئۆزلۈك نەلەردە تېڭىرقاپ يۇرۇيدۇ؟
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 15:55 |
konqikizi
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 63440
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 830
شۆھرەت: 831 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 946(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك ھىكايىكەن .
              

ئادىمىيلىك يوقالسا دىلدىن،
ئالىملىقمۇ بولۇر بىر تىيىن.
ئىككى پۇتلاپ ياشىماق ئاسان،
ئادەم بولۇپ ياشىماق قىيىن.
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 16:40 |
duttarim
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 69822
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17

 

            

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 16:49 |
پادىشاھ
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 65665
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 225
شۆھرەت: 340 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18

 

ئىنكاس يىزىپ ساقلىۋالاي.......       ۋاقتىم توشاي دەپ قالدى .    

ئالتۇن سىرىق بولسىمۇ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قاراقىلالايدۇ !
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-08 16:57 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-19 01:11, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ