ئەسسالام، مۇنبەرداشلار! تولىمۇ جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشۇڭلارنىڭ رېتىملىرى بىرئاز بولسىمۇ ئىزىغا چۈشۈپ، مەنىۋىيىتىڭلارنى بىيىتىش مەقسىتىدە مۇنبىرىمىزگە كىرگەن مىنۇتلاردىكى كۆڭۈل ئارامىڭلارغا ئازراق بولسىمۇ زوق بېغىشلار ، دېگەن ئۈمىدتە سىلەرگە بىر قانچە ھەزىل سوئاللارنى قالدۇردۇم. قېنى، ئويناق تەپەككۇرلىرىڭلارنى قاناتلاندۇرۇپ، ئىلمىي، ئەمما قىزىقارلىق ھەزىل جاۋابلارنى بەس-بەستە بېرىپ، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ كەچلىك بەزمىسىنى باشلىمايلىمۇ!
1.مېنىڭ بۇرنۇم ئۇزۇنراق بولغاچقا، تۆۋەنگە قارىساملا دائىم دېگۈدەك بۇرنۇمنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىمەن. شۇڭىمىكىن، تونۇشلىرىم مېنى:‹‹بۇرنىنىڭلا ئۇچىنى كۆرىدۇ›› دەيدۇ. ئەمما بۇرنى قىسقا، ھەتتا بۇرنى پاناقلارنىمۇ بەزىلەر يەنە شۇنداق‹‹بۇرنىنىڭلا ئۇچىنى كۆرىدۇ››غانلار دەپ ئاتىشىۋاپتۇ. ئەمدى بۇ ئۇلارنىڭ نېمە قىلغىنىدۇ؟
شۇ پاناق بۇرۇنلارنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش بۇرنىنىڭ ئۇچچۇنى كۆرۈشنى ھەۋەس قىپ قالغان گەپ.
2. بىزدە: ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق›› دەيدىغان گەپ بار ئىدى. ئەمما مېنىڭ ئەنە شۇنداق بىر ئىنىكىم يېقىندا تۇغىۋىدى، قارىسام چالا قۇيرۇق موزاي تۇغمىدى؟ بۇنى قانداق چۈشەنسەم بولار؟
بەلكىم بەكرەك بېقىۋەتكەن بۇلىشىڭىز مۇمكىن.
3.مېنىڭ كۇسا بىر بۇرادىرىم بار ئىدى. گەپ قىلساملا ئۇ ماڭا چالۋاقاپ:‹‹ تولا بۇرۇتۇمغا چالما تىزما!›› دەيدۇ. ئۇ ساقال-بۇرۇتسىز تۇرسىمۇ يەنە نېمىشقا شۇنداق دەيدىغاندۇ؟
4.بەزىلەر مېنى:‹‹قىزىل پاچاق›› دەپ ئاتىۋاپتۇ. ئەمما پاچىقىمغا قارىسام، ھېچ قىزىل ئەمەس.
بەلكىم ئۇلار خاتا كۆرىۋالغانمىدۇ ياكى مەن خاتا كۆرىۋالغاندىمەنمۇ؟ سىز قىزىل رەڭ قارغۇسى، شۇڭا پۇتىڭىزنىڭ قىزىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنسىز.
5.ھەزىل سوئاللارغا چوقۇم ھەزىل جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. قارىغاندا، بۇ-‹‹گۈل گۈلى بىلەن، خىل خىلى بىلەن›› دېگەن گەپ شۇ ئوخشىمامدۇ؟
ياق، ئەمەس.6 .مەن خېلى ھۆرمەتلەيدىغان بىرسىنىڭ ئاغزىدىن:‹‹ ئاناڭنى داداڭغا پەردەزسىز كۆرسەتمە››دېگەن گېپىنى ئاڭلىدىم. ئۇنداقتا، ئانامنىڭ گىرىمنى ئۆزۈم قىلىپ قويۇشۇمغا توغرا كېلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
سەت كۆرنۈپ قالمىسۇن ، دىگىنىدەك قىلىڭ. دادىڭىز ئاپىڭىزنى سەتلەپ قۇيۋەتسە يىتىمەك بوپ قالىسىز. 7.بەزىلەر:‹‹ئاتا دېگەن تاغ، ئانا دېگەن باغ›› دەيدىكەن. ئاتا-ئانام راستىنلا مېنىڭ تاغ ھەم باغلىرىممىدۇ؟
ئاتا دىگەن تاغنى ئانىڭىز پەرۋىشلەپ باغ قىلىغان ئوخشايدۇ. شۇ گەپ.
8.‹‹ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن›› دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلسام، ئاتنىڭغۇ ئۆزۈم بىلىدىغان بىرەرسىنىلا ئېلىۋېرەرمەن. ئەمما يىراقتىكى قايسى خوتۇننى ئالارمەن؟ يا مەن ئۇنى تونۇمىسام!
ئەلۋەتتە يىراقىتىكى ئەڭ سەتنى ئالىسىزدە.
9.‹‹ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك››دەيدىكەن كۆپ كىشىلەر ئادەتتە. لېكىن مەن سانىسام، ئەللىكتىن كۆپ چىقىپ قالدىغۇ؟
كۆزىڭىز بىرقۇلاقنى يۈز كۆردىەن.10. بەزىلەر خۇرسىنغان ھالدا:‹‹چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولمايدۇ›› دەيدىكەن. ئەگەر راستىنلا چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولىدىغان بولسا، شۇنداقلا، پىيالە ئېلىپ يۈرمەيلا چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچەرمىدى؟
ھەئە.11.‹‹داداڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر›› دەيدىغان گەپ باركەن. ئەگەر دادامنى ئۆلتۈرگەنگە ئانامنى بەرسەم، ئانامنىمۇ ئۆلتۈرۈپ قويارمۇ؟
ياق، چۈنىكى ئانىڭىزنى دەپ ئۆلتۈرگەن تۇرسا.12.مەن بىرەيلەندىن:‹‹ ئۇ دېگەن شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالالايدۇ›› دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ھەيران قالدىم: قارىغاندا، شەيتان ئۇسسۇلچى ئوخشىمامدۇ؟
13.ئايالىم مېنى:‹‹ قۇرسىڭىزغا جىن كىرىۋالدىمۇ نېمە؟›› دەيدۇ. ئۇنداقتا جىن دېگەن قۇرساقتۇ تۇرىدىغان مەخلۇق ئوخشىمامدۇ؟
سىزنىڭ قۇرسىقىڭىز ئەخلەتخانا بولغاچقا جىن ئۇۋلاپتۇ.14. بىر دوستۇم مەلۇم بىر ئىشىنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىۋېتىپ: بۇ ئىشىم ئەمدى ئاسما قۇزۇققا ئېسىلىپ قالدى››دەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ دېگەن بۇ ئاسما قۇزۇقى نەدىدۇ؟
ئاسماندىكى ئايدا.
15. بىر بۇرادىرىم ئۆزىنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشلارنى تولىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە پەخىرلىنىپ سۆزلەپ تۇرۇپ:‹‹ مەن دېگەن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، بۇرنىدىن چىقالايمەن›› دەيدۇ. ئۇنىڭ گېپىچە بولغاندا، ئۇ دوستۇم بىرەر خىل يېمەكلىكمىدۇ ياكى بۇرۇن سۇيۇقلىقىمىدۇ؟
ئ
ۇ دوستىڭىز چۇقۇم تاماكا. [ بۇ يازما ئىسمەت تەرپىدىن2009-04-03 03:07دە قايتا ت ]