چاۋشيەن چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن ئىككى ئامېرىكىلىق مۇخبىرنى ئەيىبلىمەكچى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پيۇڭياڭ، 31 – مارت تېلېگراممىسى. چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 31 – دېكابىر چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ ھازىر چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن ئىككى ئامېرىكىلىق مۇخبىرنى ئەيىبلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى تەكشۈرۈش، ئىسپات توپلاش ئارقىلىق، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى مۇخبىرنىڭ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ۋە دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېنىقلىدى، دېيىلدى.
سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 30 – مارت تېلېگراممىسى. سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت ئىتالىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فراتىنى 30 – مارت رىمدا: ھازىرقى ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىغا بولغان مۆلچەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، شۇڭا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى ماسلىشىش ۋە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.
ماداغاسقار زۇڭتۇڭى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تانانارىۋ، 30 – مارت تېلېگراممىسى. ماداغاسقار ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى زۇڭتۇڭى راجولىنا 30 – مارت كەچتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا ئاساسىي قانۇن يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. راجولىنا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى سابىق زۇڭتۇڭ راۋالومانانانىڭ قوللىغۇچىلىرى شەھەر مەركىزى باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، راۋالومانانانىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ب د ت كرىزىس سەۋەبىدىن نوپۇس مەسىلىسىگە بولغان سېلىنمىنى ئازايتىۋەتمەسلىكنى ئېيتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 30 – مارت تېلېگراممىسى. ب د ت نوپۇس فوندىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئوبىد 30 – مارت بۇ يەردە مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر نۇرغۇن دۆلەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پۇل مۇئامىلە كرىزىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇنى سەۋەب قىلىپ، نوپۇس مەسىلىسىدىكى سېلىنمىنى كېمەيتسە بولمايدۇ، ئەكسىچە ئالاقىدار سېلىنمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان ئاشۇ ئاجىز كۈچلەرنى قوغدىشى كېرەك.
ئامېرىكا – مېكسىكا ئەمەلدارلىرى قورال ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 30 – مارت تېلېگراممىسى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 30 – مارت ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى خولدېر بىلەن ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ناپولىتانونىڭ 2 – ، 3 – ئاپرېل مېكسىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، مېكسىكا تەرەپ بىلەن ئامېرىكا قورال – ياراغلىرىنىڭ مېكسىكىغا قانۇنسىز كىرىشىنى قانداق توسۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى _ شىنجاڭ گېزىتى «2009- 04- 01»