ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 413 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئوتتۇرا شەرقتىكى كرىزىستا تۇرۇۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4100
شۆھرەت: 1150436 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 42737463 سوم
تۆھپە: 183 نۇمۇر
ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 ئوتتۇرا شەرقتىكى كرىزىستا تۇرۇۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر


ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدا تۇرۇۋاتقان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر


     بۇلتۇر 9 – ئايدا خەلقئارادا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئېلىپ كەلگەن تەھدىتنى كۈنسېرى ھېس قىلدى. پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا تەدرىجىي سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا شەرق دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېفىتقا بولغان  ئېھتىياج تۆۋەنلەش ۋە نېفىت باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى.

     ئەرەب چەتكە نېفىت چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى OAPEC نىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسى بىر دوللار چۈشسە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يىللىق نېفىت كىرىمى 4 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك كېمىيىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، نېفىت مەھسۇلاتى مىقدارى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ھازىر، نېفىت ئېكسپورت كىرىمى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %88 ىنى ئىگىلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى خام چوت كىرىمىنىڭ %87 ىنى ئىگىلەيدۇ. خەلقئارادا نېفىت باھاسى بۇلتۇر 7 – ئايدىكى ھەربىر تۇڭى تەخمىنەن 147 دوللاردىن ھازىرقى تەخمىنەن 50 دوللارغا چۈشۈپ قالغانلىقتىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2009 – يىلىدىكى ھۆكۈمەت مالىيىسىدە خېلى زور كۆلەمدە قىزىل رەقەم كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى.

     نېفىت كىرىمىنىڭ ئازىيىشى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت كەسپىدە ئۇل ئەسلىھەلەرگە يېتەرلىك مەبلەغ سېلىنماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، نېفىت كەسپىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

     پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نېفىت كىرىمى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆپ ئازلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2009 – يىلى بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت مالىيىسىدە قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2008 – يىلىدىكى%7.5 تىن %3.1 كە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە پۇل مۇئامىلە بازارلىرى كەڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكتىن، كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش تەسكە توختىغان. ھازىر پاي باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

     كۇۋەيت نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن بۇيان، كۇۋەيتتە پاي بازىرىنىڭ بازار قىممىتى زور ھەجىمدە تۆۋەنلىگەنلىكتىن، ئوتتۇرا، كىچىك پايچىلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. كۇۋەيتتىكى 2 – چوڭ سودا بانكىسى – پارس قولتۇقى بانكىسى چەت ئەلدىكى پۇل مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلات سودىسىدا ئېغىر زىيان تارتقانلىقتىن، بۇ بانكىنىڭ تور نۇقتىلىرىدا پۇل ئامانەت قويغۇچىلار قىستا – قىستاڭچىلىقتا پۇل تېگىشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇلتۇر 3 – ئايدىن يىل ئاخىرىغىچە، كۇۋەيتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى سەۋەبىدىن 31 مىليارد دوللار زىيان تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارادا نېفىت باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، كۇۋەيتنىڭ مالىيە كىرىمى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى.

     ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەتلەر ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، مالىيىنى جانلاندۇرۇش ئاكتىپ سىياسەتلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەسىس قىلغان 2009 – يىلىدىكى مالىيە خام چوتى 126 مىليارد 700 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن%16 كۆپەيدى، ھۆكۈمەت يەنە شەخسىيلەر ۋە چەت ئەلنىڭ مەبلەغ سېلىشى يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، كەلگۈسى بەش يىلدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 – ئاينىڭ بېشىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 2009 – يىلى مۇددىتى توشىدىغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇشى ئۈچۈن، دۇبەيگە 10 مىليارد دوللار قەرز بەردى.

     بۇنىڭدىن سىرت، كۇۋەيت بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇردى ھەم دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش لايىھىسى تۈزدى.

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى _ شىنجاڭ گېزىتى «2009- 04- 01»

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 21:18 |
شەبنەم تور رادىئوسى
marisadimi
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41796
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 266
شۆھرەت: 267 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2650 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 934(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

   ئەرەب چەتكە نېفىت چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى OAPEC نىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسى بىر دوللار چۈشسە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يىللىق نېفىت كىرىمى 4 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك كېمىيىدىكەن
OAPEC  تەشكىلاتىغا قاتنىشقان دۆلەتلەر ئىچىدە  ۋىنسوئىلا....قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تۇرسا نۇقۇپ ھالدا ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ دىسەك بولماس ئەپەندى.

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 21:56 |
شەبنەم تور رادىئوسى
باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 944
شۆھرەت: 1002 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9385 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 863(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

ئىرانچۇ ؟ ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ تازنىڭ نىمىسى بار ، تۆمۈر تارغىقى دىگەندەك نېفىتكىلا تايىنىۋالماي ، راھەتپەرەسلىكنى بوشراق قوغلىشىپ گىرمانىيىگە ئوخشاش  ، ئۇللۇق تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە ئىگەللەپ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا ئاساس سالمىقى زۆرۈر ، ۋاقتانىۋاق كېلىپ نېفىتى تۈگەپ كەتسە ھازىرقىدەك قويۇنلىرىنى پومپايتىپ يۈرەلىشى تەسرەك بۇلارمىكىن دەيمەن .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 22:03 |
kemi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77726
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 

بىزنىڭ ئەھۋالىمىزچۇ؟مەنچە بىز ھەريىلى ئشلەپ چىقىرىۋاتقان نىغىت ئۇنچە ئاز ئەمەس~~ئۆزىمىزگىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەيلى!!!تىمىڭىزغا رەخمەت!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 22:04 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

بەك يېڭى خەۋەركەن رەسىمى بىلەن يوللاپسىز

./read.php?tid-62328.html
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 22:21 |
midalyok
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 22449
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 56
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 

نەدىكى`````مەنمۇ بىر نىفىت خىزمەتچىسى````ئىش يوق````ئولتۇردۇق مانا``````قازمايسەن دىدى```قازمىدۇق``````

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 00:32 |
hamas799
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17664
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 170
شۆھرەت: 171 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

ھېلىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇ يەرلەردە نىفىت چىقىدىكەن، بولمىسا قانداقمۇ قىلار بولغىيتى بۇلار

ئالدىراڭلار نامازغا ۋاقتى ئۆتمەستىن بۇرۇن،
ئالدىراڭلار تۆۋبىگە ئۆلۈم كەلمەستىن بۇرۇن.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 00:57 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » جاھاندىكى ئىشلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:30, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ