ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 92 - كۆرۈرمىنى
volqan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 77641
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 10 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-01

 يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇردانىلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى شېئىرىيەت گۈلزارى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-04-01)
                            يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇردانىلىرى
                                

-ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئادىمى بولۇش كېرەك. كىشىلەر ئادەمگەرچىلىك ئۇلىنى شۇنداق قۇرۇپ چىققان.
-كىشى پەزىلىتى بىلەن قولىنى ئۇزاتسا، ئېگىز تاغنى باش ئەگدۈرۈپ، يەرگە  ئېڭىشتۈرىدۇ.
-ئىنسان توغرا بولسا، كۈنى ياخشى ئۆتىدۇ. كۈنى ياخشى ئۆتسە بەختى ۋاقتى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
-كىشىلەردىن يامانلىما، ئۇششاق سۆزلىمە، توغرا سۆزلىگىن، بار سۆزنى يوشۇرما.
-دىققەت قىلساڭ ئىنسان قانچىلىك مۇڭلۇق ھە!-- شادلىقى ئاز، پۈتۈن ۋۇقۇدى قايغۇ ماكانىدۇر. ھەممە تىلىكىگە ئىرىشسەشادلىق كۈلدۈرىدۇ. ئەگەرقايغۇ كەلسە ھەسرىتى يىغلىتىدۇ، سۆيگىنىگە ئېرىشسە سۆيۈنۈپ كۈلىدۇ، ئەگەر جۇدا بولسا قايغۇدا قالىدۇ، بەزىدە ۋىسال شادلىقى مەپتۇن قىلسا، بەزىدە پىراق ئەلىمى يىغلىتىدۇ.
-كىشىگە مال دۇنيا كېرەك ئەمەس، ياخشى خۇي پېئىل كېرەك. شۇنداق كىشى زۆرۈر بولغاندا ھەممە نەرسىگە ئىرىشەلەيدۇ.
-ئىنسان ئۆزى غەپلەتتە ياشىغان بولسا، ئۆزىگە ئۆكۈنسۇن، ئۆزىنى ئەيىبلىسۇن.
-مېڭىپ يۈرگەن ئىنسان ناھايىتى كۆپتۇر. ئەمما توغرا، چىن ۋە ھەق ئادەم مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئەزىزدۇر.
-كىشى قەدىرلىك ئەمەس، بەلكى كىشىلىك قەدىرلىكتۇر. ئەقىل-ئىدراك، توغرا ۋە چىن كىشىلەرنىلا ماختايدۇ.
-چىن ۋە توغرا ئەر قانداق بولىدۇ؟ چىن ۋە توغرا ئەرنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولىدۇ، ئىچى تېشىدەك،تېشى ئىچىدەك بولىدۇ، چى ۋە توغرا ئەر يۈرىكىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئىنسانلار ئالدىدا ئۇيالماستىن يۈرەلەيدىغان بولسۇن.
-ئادەم ئىككى نەرسە بىلەن قېرىمايدۇ. بىرى ياخشى ھەرىكەت؛ بىرى ياخشى سۆزدۇر.
-كۆڭۈلنى كەمتەر تۇتسا كىشى بەختكە ئېرىشىدۇ. كۈلگن چىراي،شىرىن سۆز ھەممە كىشىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلايدۇ.
-پاراسەتلىك ئۇتالايدۇ، بىلىملىك بىلەلەيدۇ، بىلىملىك پاراسەتىلىكلەر تىگىگە يېتەلەيدۇ.
-ھەر بىر ئىشنى ئىدراك بىلەن چۈشۈنۈپ، بىلىم بىلەن بىل ،كۈنۈڭ قۇتلۇق، پۇللىرىڭنىڭ سائادەتلىرى بولىدۇ.
-ئىدراك ئىشقا سېلىنسا، بىلىم باشچىلىق قىلسا، كىشى قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
-ئەقىلنىڭ پايدىسى تولىمۇ كۆپتۇر، كۆپ ياخشىلىقلاردا ئەقىلنىڭ ئۈلۈشى باردۇر.
-قايسى ئىشتا ئىدراكنى باشقا قويسا، شۇ ئىش روياتقا چىقىدۇ.
-بىلىملىك كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ.
-ئىدراكلىق، بىلىملىك بولۇش ناھايىتى ياخشى نەرسىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىرىشسەن ئۇنى ئىشلەت.
-بىلىملىك كىشى بىلىمنى تىلى بىلەن بايان قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلىمى يىللاپ ياتسىمۇ ئەتراپىنى يورۇتالمايدۇ.
-دۇنيادا بىلىمدىن ئەزىز نىمە بولسۇن؟ »بىلىمسىزلىك« ئەر ئۈچۈن ھاقارەتتۇر.
-بىلىملىك بىلىمى بىلەن دوزاختىن يىراقلىشىدۇ.
-بىلىم كۆڭۈلنىڭ چاڭ-توزاڭلىرىنى تازلىغۇچىدۇر.
-كىشى ئىشنىڭ بىشىنى بىلىم بىلەن باشلاپ، ئىدراك بىلەن قىلىپ، چۈشەنسە ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
-بىلىمسىزنىڭ كۆڭلى قۇمدەك بولىدۇ، دەريا كىرسىمۇ تولمايدۇ،ئوت-چۆپمۇ ئۈنمەيدۇ.
-كىشى ئۈچۈن ئەقىل-ئىدراك نىمە دىگەن ياخشى، ئەقىل-پاراسىتى بولغاندىلا ئاندىن «دانا» دەپ ئاتاش كېرەك.
-ئادەم خۇددى تۈندىكى قاراڭغۇ ئۆي بولسا، ئىدراك ئۇنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر.
-ئىدراكسىز ئۆلۈك، ئىدراكلىق تىرىكتۇر.
-كىشى بىلىمى بىلەنلا ھايۋندىن پەرقلىنىدۇ. بىلىمدىنمۇ يۈكسەكرەك يەنە نىمە بار.
-ئىدراكلىق ئادەملەر يامان ئادەملەرگە ئارلاشمايدۇ، بىلىملىكنىڭ قىلغان ئىشى توغرا ۋە ئىشەنچىلىك بولىدۇ.
ئىدراكلىق كىشىلەر ياخشى نام تىلەيدۇ.بىلىملىك كىشىلەر ئىشەنچىلىك بولىدۇ.
-بارلىق ياخشىلىقلار ئىدراكتىن كىلىدۇ.ئەر بىلىم بىلەن يۈكسىلىپ مەشھۇر بولىدۇ.بۇ ئىككىشى بىلەن ئىنسان ئۇلۇغ بولىدۇ. بۇ ئىككىسى ئادالەت يولىنى تاپىدۇ.
-بىلىملىكنىڭ قىممىتىنى بىلىملىك بىلىدۇ.
-ئىنسان بىلىمى بىلەن ھەممىگە قول ئۇزىتالايدۇ.
-كىشىلەرنىڭ قەلبى گويا چەكسىز دېڭىزغا ئوخشايدۇ. بىلىم بولسا ئۇنىڭ تىگىدە ياتقان ئۇيقىدۇر.كىشى دېڭىزدىن ئۈنچىنى چىقارمىسا، ئۇ ئۈنچەنىڭ سايە تېشىدىن پەرقسىز بولىدۇ.
-نادانغا يېقىنلاشما، ئەي ئاقكۆڭۈل دوستۇم.
-ئەقىلسىز كىشى مىۋىسىز دەرەختۇر. ئاچ ئادەم مىۋىسىز دەرەخنى نىمە قىلسۇن.
-ئەگەر ئاچچىقىڭ كەلسە ئۆزۈڭنى تۇت. سەۋىرلىك بول، سەۋرلىك كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولغۇسى.
-ھەر قانداق ئىشنى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك،چېكىدىن ئېشىپ كەتسە ئۇ ئىش سەندىن قاچىدۇ.
-سەۋر قىلغان كىشى بۇزۇلغان ئىشنى تۈزىدۇ.
-ھەر قانداق ئىشتا ئالدىرىما،سەۋر قىل ئۆزۈڭنى تۇت، سەۋرچان كىشىلەر ئارزۇيىغا يىتىدۇ.
-ھەر نەرسىنىڭ بەلگىلىك ۋاختى ۋە پەيتى بولىدۇ. پەيتى كەلگەندە بولسا بۇنى ئىككى كۆز كۆرىدۇ.
- بەخت يۈزلەنسە ھەممىگە يارىشىدۇ، ئەمما ئەقىللىق كىشىگە بەكمۇ يارىشىدۇ.
-بەخت ئەسلى تىگى تەگتىدىن ئالغاندا كۆچمەننىڭ ئېتىدەك نەرسە، ئۇنى تۇتۇپ تۇرغۇچى كەمتەرلىكتۇر.
-بىراۋغا خۇشاللىق بولسا سەنمۇ خۇشال بول، قايغۇ ئەلەمگە يولۇقسا سەنمۇ قايغۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ ياخشى نامىڭ چىقىدۇ. سىنى ياخشى كۆرىشىدۇ. ھەممە كىشى سەن بىلەن ئارلىشىشقا ئالدىرايدۇ.
-تىرىشىپ ياخشىلىق قىلغىن،ياخشى نام ئىزدە، ياخشى نامىڭ بىلەن مەڭگۈ تىرىك قال.
-ياخشىلىق نەچچە يىللار ياتسىمۇ ئۆلمەيدۇ، يامانلىقنى قانچە پەرۋىش قىلشىمۇ تۈزەلمەيدۇ.
-چىن كىشىنىڭ بەلگىسى ئادەمگەرچىلىك قىلىشتۇر،كىشىگە ئادەمگەرچىلىك قىلىپ ھەقىيقى ئادەم بول. ئۆزۇڭگە ئادىمى دىگەن ماختاشلىق نامىنى ئال.
-ھەممە كىشىگە قولۇڭدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىل، ساڭىمۇ ياخشىلىق كىلىدۇ، شۈبھىلەنمە.
-ۋەدە قىلىپ بەرمەيدىغان نەرسىگە ۋەدە قىلمىغۇلۇق، ۋەدە قىلغان بولساڭ ئۇنى تۇتۇپ قالمىغۇلۇق.      
-قەيەردە ئىناقلىق، يېقىنلىق بولسا شۇ يەردە مەنپەئەت بولىدۇ. بۇنىڭغا كۆڭۈل قوي.
-ساداقەت ئادەمگەرچىلىكنىڭ بېشىدۇر، ساداقاتلىك كىشىلا ھەقىيقى ئادەم بولۇشقا لايىقتۇر.
-بىلىم بىل، ئەقىل ئۆگەن، بىكار يۈرمىگىن .گىزى كەلگەندە ئۇ ساڭا ياخشىلىق كەلتۈرىدۇ.
بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن.
-كىشىدە بىلىم، پەزىلەت، ياخشى خۇلۇق بولسا،ئاندىن يۈرۈش تۇرۇشى تۈزىلىدۇ.
-ئىدراك بولمىسا ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، بىلىم بولمىسا ئادەم ئىشنى يۈرگۈزەلمەيدۇ.
-ئىچىڭنى بىزە، تېشىڭنى بۇياپ پارقىراتما، ھەممە نەرسىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ئىچىدىن بولىدۇ. ئىچى ياخشى بولمىسا، سىرتى ھېچنىمىگە يارىمايدۇ.
-ھاياسىز كىشىدىن يىراق تۇرغىن،ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىن.
-ھايا بىلەن ئىنسان ئابرويلۇق بولىدۇ. ھايا بولغاندىلا كىشىنىڭ يۈزى يورۇق بولىدۇ.
-ھايا بولمىسا ئادەم قوپال بولىدۇ، كىشىلەر ھايا بىلەن ئىشەنچىلىك ھەركەت قىلالايدۇ.
-كىشى پاراسەت بىلەن ئۆرلەپ بىلىم بىلەن يۈكسىلىدۇ، بۇ ئىككىسى بىلەن قەدىر قىممەت تاپالايدۇ.
-دۇنيانىڭ بارلىق زىننىتى --زىرەكلىكتىن كىلىدۇ.
-ھەر قانداق ئىشتا بولمىسۇن ماھارەت ئىشلەت، ماھارەت ئىشلەتسەڭ بەخت ساڭا يۈزلىنىدۇ.
-ئەي خۇش پىئىل كىشى ئىككى جاھاندا پايدىلىق نەرسە شۇكى بىرىنچىسى يىخشى ھەركەتتۇر. ئىككىسى ئۇيات. ئۈچۈنچىسى توغرىلىق بۇ ئۈچ نەرسە بىلەن كىشى قۇتلۇق كۈنىگە ئىرىشىدۇ.
-دىلىڭ ۋە تىلىڭ توغرا ھەركىتىڭ ئىشەنچىلىك بولسا قەيەرنى خالىساڭ شۇ يەردە بەختلىك ياشايسەن. كىشىلەرسىز ياشىما،كىشىلەرگە ئارلاشقىن، باشقىنىڭ ئەيىبىنى كۆرمە، ئۆزۇڭنىڭكىگە قارا.
-كىشىلەر ئىچىدە قابىل ئەركەك كىم؟ مىجەزى توغرا بولسا ئۇنى توغرا ئەر دىسە بولىدۇ.
-توغرىلىق ۋە چىنلىقنى ئۆزۇڭگە ھەمراھ قىل، ھەر قاداق ئىشنى ئادەمگەرچىلىك بىلەن قىل.
-ھەر قانداق ئىشتا ئالدىرىما،تاقەت قىل، ئۆزۇڭنى تۇت. ئىشقىمۇ ئالدىراپ كىرىشمە. سەۋر قىلىپ كۈت، ئالدىراپ قىلىنغان ئىشلار كىيىن پۇشايمانلىق بولىدۇ. بىرسىگە ھاجىتىڭ چۈشسىمۇ سەۋر بىلەن قىل.
-قانقاقلىقى ئىشقا ئالدىرىساڭ، شۇ ئىش ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ،كېچىكىدۇ. ئالدىراپ قىلىنغان ئىشلار ئۆكۈنۈشلغك بولىدۇ.ئەي دانا، ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتىدا بولىدۇ. ئىشنىڭ ۋاقتىنى كۈتۈش ئالدىرىماسلىق لازىم.
-ياماننىڭ يېشى قىسقا ئۇ پۇشايمان بىلەن قېرىيدۇ. ياخشىلىقنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، ئۇ پۇشايمانسىز يۈرۈيدۇ.
-ئالدىراقسانلىق ھەممىگە يامانلىق ئېلىپ كىلىدۇ.
-قۇرۇق سۆز قىلما،كىشىگە كىشىنى چاقما، ئۇششاق سۆز تاراتما ۋە ئاداۋەت قىلما.
-خۇشال ھاياتقا ئېرىشەي دىسەڭ كىشىگە ھەۋەس قىلماسلىققا غەيرەت قىلغىن.
-تەكەببۇرلۇق بىلەن كۆككە ئۆرلىگىلى بولمايدۇ، ئەگەر كەمتەر بولمىساڭ ئىش بۇزۇلمايدۇ. تەكەببۇرلۇق پايدىسىز كۆڭۈكنى سوۋۇتىدۇ. كەمتەرلىك كىشىنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىدۇ.
-ئۆزىنى چوڭ تۇتقان كىشى بىخۇدلۇق قىلىدۇ. بىخۇت كىشى نابۇت بولىدۇ ياكى بۇرۇن ئۆلىدۇ.
-كەمتەر كىشى ئۇزۇن مۇددەت ئېتىبارلىق بولىدۇ.تەكەببۇر كىشى بۇ كۈنگە ئىرىشەلمەيدۇ.
-دىلى كەمتەر بولسا كىشىنىڭ سۆيگۈسىگە باراۋەر بولىدۇ، سۆيگۈگە سازاۋەر بولغان كىشى دوستلىرىنى خۇشال قىلىدۇ. دىلى كەمتەر كىشى ئۈچۈن نىمە دىگەن ياخشى ھە!!!!
-مۇلايىم كىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەيدۇ. تىلى قوپال، قەھرىلىك كىشى ئادەمنى يىراقلاشتۇرىدۇ.

  
  
[ بۇ يازما volqan تەرپىدىن2009-04-01 21:22دە قايتا ت ]

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 13:57

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شەبنەم پۇلى:+10(matimatika)
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 21:13 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6406
    شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 0 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    ساقلىۋالغىدەك ئىسىل تېمىكەن، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:21 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    saba109
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34718
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 639
    شۆھرەت: 650 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4037 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 860(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    ./read.php?tid-104211.html
    بۇ تېمىدىكىلەر نىمىشقا بۇ يەردە يوق....   چۈشەندىم....
    ھەقىقەتەن ساقلىۋېلىشقا لايىق ماتىرىيالكەن... رەخمەت!!!!

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    يوقىلىدۇبەلكى تىچ ئوكيان،
    يوقالمايدۇئۇيغۇرنىڭ نەسلى.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 00:33 |
    matimatika
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 11327
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2050
    شۆھرەت: 8390 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 14340 سوم
    تۆھپە: 300 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1393(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    -كىشىدە بىلىم، پەزىلەت، ياخشى خۇلۇق بولسا،ئاندىن يۈرۈش تۇرۇشى تۈزىلىدۇ.
    -ئىدراك بولمىسا ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، بىلىم بولمىسا ئادەم ئىشنى يۈرگۈزەلمەيدۇ.
    -ئىچىڭنى بىزە، تېشىڭنى بۇياپ پارقىراتما، ھەممە نەرسىنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ئىچىدىن بولىدۇ. ئىچى ياخشى بولمىسا، سىرتى ھېچنىمىگە يارىمايدۇ.
    -ھاياسىز كىشىدىن يىراق تۇرغىن،ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىن.

    ............

    تېمىڭىزغا تەشەككۇر !

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    دۇنيانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇچۇن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنەيلى
    بلوگىمغا مەرھەممەت قىلىڭ:http://matimatik.blogbus.com
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 10:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    XabnamBBS » تەرمىلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:04-03 03:30, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ