جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى
1998 – يىل 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ كۈنى ئېلان قىلىندى.
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دوختۇرلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 – ماددا بۇ قانۇن دوخۇترلۇق ياكى ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىپ ۋە رويىخەتكە ئالدۇرۇپ، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپارتلىرىدا دوختۇرلۇق قىلىدىغان كەسپىي خادىملارغا تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دوختۇرلار كەسپىي دوختۇرلار ۋە كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 – ماددا دوختۇرلا ياخشى كەسىپ ئەخلاقىي ۋە داۋالاش سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشى، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئۆلۈمىگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىم.
پۈتۈن جەمئىيەت دوختۇرلارنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم. دوختۇرلارنىڭ ئۆز بۇرچىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە دوختۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دوختۇرلار خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
6 – ماددا دوختۇرلارنىڭ تېببىي كەسىپ – تېخنىكا ئۇنۋانى ۋە تېببىي كەسىپ – تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش، ئۇلارنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
7 – ماددا دوختۇرلار قانۇن بويىچە دوختۇرلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرسا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشسا بولىدۇ.
2 – باب ئىمتىھان ۋە رويىخەتكە ئېلىش
8 – ماددا دۆلەت دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى كەسپىي دوختۇرلۇق ئىمتىھانى ۋە كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق ئىمتىھانىغا ئايرىلىدۇ.
دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىر تۇتاش ئىمتىھان چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ. دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەشكىللەيدۇ.
9 – ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەردىن بىرىنى ھازىرلىغانلار كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيە ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ:
(1) ئالىي مەكتەپنىڭ تېببىي كەسپىي بويىچە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا سىناپ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى بىر يىلغا توشقانلار؛
(2) كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىگىنىگە ئىككى يىل توشقانلار؛ تېخنىكوملارنىڭ تېببىي كەسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقانلار.
10 – ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ تېببىي مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ياكى تېخنىكوملارنىڭ تېببىي كەسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا سىناپ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى بىر يىلغا توشقانلار كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.
11 – ماددا ئەنئەنىۋى تېبابەتنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگىنىگە ئۈچ يىل توشقان ياكى كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئالاھىدە تېببىي ماھارەت يېتىلدۈرگەنلەردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك كەسپىي تەشكىلاتى ياكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق – ساقلاش ئاپپاراتلىرى سىناپ تەكشۈرگەندە لاياقەتلىك بولغان ھەمدە شۇلار كۆرسەتكەنلەر كەسپىي دوختۇرلۇق ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئىمتىھان مەزمۇنىنى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
12 – ماددا دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
13 – ماددا دۆلەت كەسپىي دوختۇرلارنى رويىخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئۆزىنى رويىخەتكە ئېلىشنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
بۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالى بارلاردىن باشقىلارنى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە رويىخەتكە ئېلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسى بېرىشى لازىم.
داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئۆز ئاپپاراتىدىكى دوختۇرلارنى كوللېكتىپ رويىخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ.
14 – ماددا دوختۇرلار رويىخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا رويىخەتكە ئالدۇرغان كەسىپ ئورنى، تۈرى، دائىرىسى بويىچە داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.
رويىخەتكە ئالدۇرمايلا كەسىپ گۇۋاھنامىسى ئېلىۋالغانلارنىڭ دوختۇرلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
15 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بارلار رويىخەتكە ئېلىنمايديۇ:
(1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغانلار؛
(2) جىنايى جازاغا تارتىلغانلاردىن جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە بولغان ۋاقتى ئىككى يىلغا توشمىغانلار؛
(3) دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلەردىن جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنگىچە بولغان ۋاقتى ئىككى يىلغا توشمىغانلار؛
(4) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇلانسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋالى بارلار.
ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەي رويىخەتكە ئالمىغانلارغا ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن باشقىچە پىكرى بارلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
16 – ماددا رويىخەتكە ئېلىنغان دوختۇرلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۇلارنى رويىخەتكە ئالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا 30 كۈن ئىچىدە مەلۇم قىلىشى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى رويىخەتتىن ئۆچۈرۈپ، دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم:
(1)ئۆلگەنلەر يوقاپ كەتكەنلىكى جاكارلارنغانلار؛
(2)جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛
(3) دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەنلەر؛
(4) بۇ قانۇننىڭ 31 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش مۇددىتى توشقاندا، قايتا سىناپ تەكشۈرۈشتە يەنىلا لاياقەتلىك بولالمىغانلار؛
(5)دوختۇرلۇق پائالىيىتى ئىككى يىل توختاپ قالغانلار؛
(6) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋالى بارلار.
رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلەردىن باشقىچە پىكرى بارلىرى رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
17 – ماددا دوختۇرلاردىن رويىخەتتىكى كەسىپ ئورنى، تۈرى دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى رويىخەتكە ئالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ، بۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم.
18 – ماددا دوختۇرلۇق پائالىيىتى توختاپ قالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان ھەم بۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال تۈگىگەنلەردىن قايتىدىن دوختۇرلۇق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى بۇ قانۇننىڭ 31 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتىنىڭ سىناپ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتىدىن رويىخەتكە ئېلىنىشى لازىم.
19 – ماددا كەسپىي دوختۇرلاردىن يەككە دوختۇرلۇق قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار رويىخەتكە ئالدۇرۇپ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىك ئاسراش ئاپپاراتلىرىدا بەش يىل ئىشلىگەن بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىشى شەرت؛ تەستىقلاتمىغانلارنىڭ دوختۇرلۇق قىلىشىغا يولغا قويۇلمايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، بۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بارلارنى ۋاقتىدا رويىخەتتىن ئۆچۈرۈپ، دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم.
20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى رويىخەتكە ئېلىنغان ۋە رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە ئۇنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى جەملەپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
3 – باب كەسىپ قائىدىسى
21 – ماددا دوختۇرلار كەسىپ پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:
(1) رويىخەتكە ئالدۇرغان كەسىپ دائىرىسىدە تېببىي دىئاگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش، مۇناسىپ ئىسپات بېرىش ھەمدە مۇۋاپىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش لايىھىسىنى تاللاش؛
(2) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە كەسىپ پائالىيتىىگە لايىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىي شارائىتىغا ئېرىشىش؛
(3) تېببىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، كەسپىي ئىلىم تەشكىلاتىغا قاتنىشىش؛
(4) كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش، داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىش؛
(5) كەسىپ پائالىيىتىدە كىشىلىك قەدىر – قىممىتى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىماسلىق؛
(6) ئىش ھەققى ۋە ياردەم پۇلى ئېلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش؛
(7) ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپپاراتنىڭ داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىش، ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپاراتنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىش.
22 – ماددا دوختۇرلار كەسىپ پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:
(1) قانۇن – نىزاملارغا، تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىش؛
(2) كەسىپنى قەدىرلەش روھىنى تىكلەپ، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، دوختۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش، بىمارلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇلازىملىق قىلىش؛
(3) بىمارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيىنىش، ھۆرمەت قىلىش، بىمارنىڭ سىرىنى ساقلاش؛
(4) كەسىپكە بېرىلىپ، بىلىمنى يېڭىلاپ، كەسىپ – تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛
(5) ساقلىق ساقلاش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بىمارغا ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىش.
23 – ماددا دوختۇرلار داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، مۇناسىۋەتلىك تېببىي ئىسپاتقا قول قويۇشتا ئۆزى دىئاگنوز قويۇشى، تەكشۈرۈشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە تېببىي ھۆججەتنى ۋاقتىدا يېزىشى شەرت. تېببىي ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوشۇرۇشقا، ياسىۋېلىشقا ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ.
دوختۇرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە مۇناسىۋەتسىز ياكى كەسىپ تۈرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تېببىي ئىسپات بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.
24 – ماددا دوختۇرلار كېسىلى جىددىي – خەتەرلىك بىمارنى جىددىي تەدبىر قولىنىپ داۋالىشى لازىم؛ جىددىي قۇتقۇزۇش – بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.
25 – ماددا دوختۇرلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى تەستىقلىغان دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى ئىشلىتىشى لازىم.
ئورۇنلۇق دىئاگنوز، داۋالاش ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناركوز دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، نېرۋا دورىلىرى ۋە رادىئوئاكتىپ دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
26 – ماددا دوختۇرلار بىمارغا ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كېسەل ئەھۋالىنى ئەينەن تونۇشتۇرۇشى، لېكىن بىمارغا زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرمەسلىككە دىققەت قىلىشى لازىم.
دوختۇرلار كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىپ داۋالاشنى دوختۇرخانىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە بىمارنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم.
27 – ماددا دوختۇرلارنى ۋەزىپىسدىىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، بىماردىن پۇل – مال سورىشىغا، قانۇنسىز ھالدا پۇل – مال ئېلىشىغا ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەت ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
28 – ماددا تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنى ھاياتىي – ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان باشقا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، دوختۇرلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.
29 – ماددا دوختۇرلار داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالى سېزىلگەندە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپاراتقا ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم.
دوختۇرلار بىمارنىڭ زەخىملەندۈرۈلگەنلىكىنى ياكى نورمالسىز ئۆلگەنلىكىنى سەزگەندە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماققا دوكلات قىلىشى لازىم.
30 – ماددا كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلار كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا كەسىپ تۈرى ئىشلىشى لازىم.
يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلەيدىغان كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلار دىئاگنوز قويۇش – داۋالاش ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئادەتتىكى كەسىپ پائالىيىتى بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللانسا بولىدۇ.
4 – باب سىناپ تەكشۈرۈش ۋە تەربىيىلەش
31 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ئاپپارات ياكى تەشكىلات دوختۇرلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە كەسىپ ئەخلاقىنى كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە قەرەللىك سىناپ تەكشۈرۈشى لازىم.
سىناپ تەكشۈرگۈچى ئاپپارات دوختۇرلارنىڭ سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى رويىخەتكە ئالغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان دوختۇرلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش پائالىيىتىنى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە توختىتىپ تۇرۇشقا ھەمدە تەربىيىلىنىشكە ۋە داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ. كەسىپ پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش مۇددىتى توشۇپ، قايتا سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار داۋاملىق ئىشلەۋەرسە بولىدۇ؛ لاياقەتلىك بولالمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى رويىخەتتىن ئۆچۈرۈپ، دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
32 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دوختۇرلارنى سىناپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
33 - ماددا دوختۇرلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ:
(1)كەسىپ پائالىيىتىدە ئالىيجاناب تېببىي ئەخلاقى، گەۋدىلىك ئىش – پائالىيىتى بولغانلار؛
(2) تېببىي كەسىپ – تېخنىكا جەھەتتە زور بۆسۈش قىلىپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار؛
(3) تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنىڭ ھاياتى – ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛
(4) چەت – ياقا نامرات جايلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى شارائىتى جاپالىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئۇزاققىچە تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر؛
(5) گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش كېرەك دەپ بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋال بارلار.
34 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دوختۇرلارنى تەربىيىلەش پىلانىنى تۈزۈپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن تەربىيىلىشى، ئۇلارغا داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى لازىم.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردا ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا دۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېببىي خادىملارنى تەربىيىلىشى لازىم.
35 – ماددا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىك ئاسراش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە ۋە پىلان بويىچە ئۆز ئاپپاراتىدىكى دوختۇرلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ۋە داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دوختۇرلارنى سىناپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى دوختۇرلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە داۋاملىق تېببىي تەلىم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
36 – ماددا دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى ناتوغرا ۋاسىتە بىلەن ئېلىۋالغانلارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
37 – ماددا كەسىپ پائالىيىتىدە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان دوختۇرلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى كەسىپ پائالىيىتىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن ماختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) سەھىيە مەمۇرىي قائىدە – تۈزۈملىرىگە ياكى تېخنىكىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(2) كېسىلى جىددىي – خەتەرلىك بىمارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ كېچىكتۈرۈپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(3) داۋالاش مەسئۇلىيەت ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار؛
(4) ئۆزى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويماي، دىئاگنوز، داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمىگە دائىر ياكى تۇغۇلغانلىق، ئۆلگەنلىككە دائىر ئىسپات - ھۆججەتلەرگە قول قويغانلار؛
(5) تېببىي ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوشۇرغانلىق، ياسىۋالغان ياكى خالىغانچە كۆيدۈرۈۋەتكەنلەر؛
(6) تەستىقلانمىغان دورا، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛
(7) ناركوز دورىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا، نېرۋا دورىلىرى ۋە رادىئوئاكتىپ دورىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلەر؛
(8) بىمار ياكى ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، بىمارنى كلىنىكىدا تەجرىبە قىلىپ داۋالىغانلار؛
(9) بىمارنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(10) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، بىماردىن پۇل – مال سورىغان قانۇنسىز ھالدا پۇل – مال ئالغان ياكى باشقا ناتوغرا مەنپەئەت ئالغانلار؛
(11) تەبىئىي ئاپەت بولغان، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان، زور تالاپەت ھادىسىسى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي – ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالىدىغان باشقا جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار؛
(12) داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى يۇقۇملۇق كېسەل ئەھۋالىنى، بىمارنىڭ زەخىملەندۈرۈلگەنلىكىنى ياكى نورمالسىز ئۆلگەنلىكىنى سەزگەندە، بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلار.
38 – ماددا دوختۇرلاردىن داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش خىزمىتىدە ھادىسە پەيدا قىلغانلىرى قانۇن بويىچە ياكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
39 – ماددا تەستىقلاتماي، ئۆز مەيلىچە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغان ياكى دوختۇر ياكى دوختۇر ئەمەس تۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغان ياكى دوختۇر ياكى دوختۇر ئەمەس تۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە دورا، سايمانلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ دوختۇرنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىمارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
40 – ماددا دوختۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە دوختۇرلۇق قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، دوختۇرلارغا ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت قىلغان، تەھدىت سالغان، دوختۇرلارنى ئۇرغان ياكى دوختۇرلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلغان، نورمال ئىشلىشىگە، تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
41 – ماددا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە شۇ ئاپپاراتنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
42 – ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ خادىملىرى ياكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىدىن بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
43 – ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تېببىي كەسىپ – تېخنىكا ئۇنۋانىغا ۋە تېببىي كەسىپ – تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئېرىشكەنلەر ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپاراتنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىلتىماس سۇنۇشى بىلەن مۇناسىپ دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، سالامەتلىك ئسراش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېببىي خادىملارنى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئاپپارات مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر بويىچە تەكشۈرۈپ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا كوللېكتىپ يوللايدۇ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى رويىخەتكە ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ كادىرلار مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.
44 – ماددا بۇ قانۇن پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكىلىق مۇلازىملىق ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇرلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.
45 – ماددا يېزا – كەنتلەرنىڭ داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا كەنت ئاھالىسىگە ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش ۋە ئادەتتىكى داۋالاش مۇلازىملىقى قىلىدىغان يېزا – كەنت دوختۇرلىرىدىن بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى كەسپىي دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشسە بولىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسپىي دوختۇرلۇق ياكى كەسپىي ياردەمچى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.
46 – ماددا ئارمىيىدىكى دوختۇرلارنىڭ بۇ قاۇننى ئىجرا قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپ بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ.
47 – ماددا چېگرا سىرتىدىكىلەر جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە دوختۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش، رويىخەتكە ئالدۇرۇش، دوختۇرلۇق قىلىش ياكى كلىنىكىدا ئۆگىنىش، كلىنىكىلىق تەتقىق قىلىش ۋە باشقا پائالىيەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
48 – ماددا بۇ قانۇن 1999 - يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
[ بۇ يازما saldat999 تەرپىدىن2009-04-01 23:32دە قايت ]