ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 95 - كۆرۈرمىنى
saldat999
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 31142
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 540
شۆھرەت: 1283 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 249 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 592(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 قان تەقدىم قىلىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قان تەقدىم قىلىش قانۇنى


1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 93 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1 - ماددابۇ قانۇن داۋالاش كلىنىكىسىدا قان ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، قان تەقدىم قىلغۇچىلار ۋە قان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
      2 - ماددا دۆلەت ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دۆلەت 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ساغلام پۇقرالارنىڭ ئىختىيارىي قان تەقدىم قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
     3 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ.
      4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىگە قانۇن بويىچە قاتنىشىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.
5 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، قان تەقدىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدۇ، قان تەقدىم قىلىشقا دائىر پەننىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قان ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەربىيىنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قان تەقدىم قىلىشنىڭ جامائەتكە پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشى لازىم.
      6 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ھەربىي قىسىملار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆز ئورنى ياكى ئۆز تۇرالغۇ رايونىدىكى قان تەقدىم قىلىش يېشىدىكى پۇقرالارنى قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشى لازىم.
رەسمىي ھەربىيلەرنى قان تەقدىم قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش چارىسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىشلىگەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار مۇۋاپىق ياردەم پۇل بەرسە بولىدۇ.
7 - ماددا دۆلەت دۆلەت خادىملىرى، رەسمىي ھەربىيلەر ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشلامچىلىق بىلەن قان تەقدىم قىلىپ، ئىجتىمائىي يېڭى كەيپىيات يارىتىشتا ئۈلگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
8 - ماددا قان پونكىتى كلىنىكىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قان ئالىدىغان، قان تەمىنلەيدىغان ئاپپارات بولۇپ، پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتىدۇر. قان پونكىتى قۇرۇپ پۇقرالاردىن قان ئېلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. قان پونكىتلىرى قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا بىخەتەر، پاكىز ۋە قۇلايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. قان پونكىتىنى قۇرۇش شەرتلىرى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
9 - ماددا قان پونكىتلىرى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى لايىقىدا ھەقسىز تەكشۈرۈشى شەرت؛ سالامەتلىكى قان تەقدىم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارغا قان پونكىتى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، ئۇلاردىن قان ئېلىشقا بولمايدۇ. قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىق شەرتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
قان پونكىتلىرى قان تەقدىم قىلغۇچىلاردىن ھەر قېتىم ئالىدىغان قان ئومۇمەن 200 مىللىلېتىر بولىدۇ؛ كۆپ بولغاندىمۇ 400 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ 2 قېتىملىق قان ئېلىشنىڭ ئارىلىقى 6 ئايدىن كەم بولمايدۇ.
قان پونكىتلىرىنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قان تەقدىم قىلغۇچىلاردىن ئارتۇق ۋە ئارقا - ئارقىدىن قان ئېلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
      10 - ماددا قان پونكىتلىرى قان ئېلىشتا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات قائىدىسى ۋە تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، قاننى قان ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە تېببىي خادىملار ئېلىشى، بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان قان ئېلىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىپ، قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.
قان پونكىتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە، قان سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
قان پونكىتلىرى ئېلىنغان قاننى تەكشۈرۈشى شەرت؛ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان قاننى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.
11 - ماددا ھەقسىز تەقدىم قىلىنغان قان كلىنىكىدا ئىشلىتىلىشى شەرت، ئۇنى ئېلىپ سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ. قان پونكىتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەقسىز تەقدىم قىلىنغان قاننى قان شىرنىسى ئېلىش پونكىتىغا ياكى قان مەھسۇلاتى ئىشلەش ئورۇنلىرىغا ساتسا بولمايدۇ.
      12 - ماددا كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى قاچىلاش، ساقلاش ۋە توشۇش دۆلەت بەلگىلىگەن تازىلىق ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
13 - ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى تەكشۈرۈشى شەرت، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان قاننى كلىنىكىدا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
14 - ماددا كلىنىكىدا قان ئىشلەتكەن پۇقرالار قان ئېلىش، ساقلاش، ئايرىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا كەتكەن خىراجەتنىلا تاپشۇرىدۇ؛ كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلار كلىنىكىدا قان ئىشلەتسە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىراجەتنى تاپشۇرمايدۇ؛ ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ جورىسى ۋە بىۋاسىتە تۇغقىنى كلىنىكىدا قان ئىشلەتسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىراجەتنى تاپشۇرمىسا ياكى ئاز تاپشۇرسا بولىدۇ.
15 - ماددا پۇقرالارنىڭ كلىنىكىلىق جىددىي قۇتقۇزۇشتا قان ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت پەيت تاللاپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغان بىمارلارنىڭ ئۆز قېنىنى زاپاس ساقلىشىنى ھەمدە ئائىلىسىدىكىلىرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى، ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە جەمئىيەتنى قان تەقدىم قىلىپ ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
جىددىي قان ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋاقىتلىق قان ئالسا بولىدۇ، لېكىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، قان ئېلىش - ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
16 - ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى كلىنىكىدا قان ئىشلىتىشتە، قان ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى، مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى لازىم، قاننى ئىسراپ قىلىشقا ۋە قالايمىقان ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ قان تەركىبى بويىچە قان سېلىشنى پائال يولغا قويۇشى كېرەك، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
دۆلەت كلىنىكىدا قان ئىشلىتىشنىڭ يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.
17 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قان تەقدىم قىلىشقا ئاكتىپ قاتناشقان ۋە قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
     18 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
(1) قاننى قانۇنسىز ئالغانلار؛
(2) ھەقسىز تەقدىم قىلغان قاننى ساتقان قان پونكىتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى؛
(3) باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز تەشكىللىگەنلەر.
19 - ماددا قان پونكىتلىرى مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات قائىدىسى ۋە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ قان ئالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
20 - ماددا كلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى قاچىلاش، ساقلاش ۋە توشۇش دۆلەت بەلگىلىگەن تازىلىق ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
      21 - ماددا قان پونكىتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتىغا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان قاننى بەرگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، قان ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەلنىڭ تارقىلىشى ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تەرتىپكە سېلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
22 - ماددا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تېببىي خادىملىرىدىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە توشمايدىغان قاننى بىمارلارغا ئىشلەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
      23 - ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قان تەقدىم قىلىش ۋە قان ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
24 - ماددا بۇ قانۇن 1998 - يىل  10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 12:39

 

مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 20:32 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

قانۇن جەھەتتە ئىزدىنگىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن

./read.php?tid-62328.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » قانۇندىن ساۋات
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ