ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 33 - كۆرۈرمىنى
saldat999
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 31142
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 540
شۆھرەت: 1283 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 249 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 592(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 ئوت مۇداپىئە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوت مۇداپىئە قانۇنى


1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 4 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددابۇ قانۇن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتى زىيىنىنى ئازايتىش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، جامائەت مال - مۈلكى ۋە پۇقرالار مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 - ماددائوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، مەخسۇس ئورگان بىلەن ئاممىنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
3 - ماددائوت مۇداپىئە خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن رەھبەرلىك قىلىدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
4 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى يولغا قويىدۇ. ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ، كان قۇدۇقى يەر ئاستى قىسمىنىڭ ۋە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ئۇنىڭغا مەسئۇل ئورۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتى توغرىسىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
5 - مادداھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ھەممە ئورۇننىڭ ۋە قۇرامىغا يەتكەن ھەممە پۇقرانىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە تەشكىللىك قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.
6 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە تەشۋىق - تەربىيىسىنى دائىم ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئوت مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
مائارىپ، ئەمگەك تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئوت مۇداپىئە ساۋاتلىرىنى ئوقۇتۇش، تەربىيىلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى لازىم.
ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ھەققىدە تەشۋىق - تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.
7 - ماددائوت مۇداپىئە خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياكى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

2 – باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

8 - مادداشەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى، ئوت ئۆچۈرۈش سۇ تەمىناتى، ئوت ئۆچۈرۈش خەۋەرلىشىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىل يولى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئاممىۋى ئۆت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، جابدۇقلىرى يېتەرلىك بولمىسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمىسە، كۆپەيتىشى، ئۆزگەرتىشى، تەقلىشى ياكى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە پەن تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە ئىلغار تېخنىكىسى ۋە جابدۇقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش لازىم.
9 - ماددائاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان زاۋۇت، ئىسكىلات ۋە مەخسۇس بېكەت - ۋوگزال، پرېستانلارنى شەھەرنىڭ چېتىگە ياكى ئايرىمراق بىخەتەر جايغا سېلىش شەرت. ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان گاز ۋە سۇيۇقلۇق قاچىلاش، تەمىنلەش، بېسىمنى تەڭشەش پونكىتلىرىنى مۇۋاپىق جايغا سېلىش، ئوتتىن، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن قىلىش كېرەك.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان ۋە قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان زاۋۇت، ئىسكىلات ۋە مەخسۇس بېكەت - ۋوگزال، پرېستانلار، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان گاز ۋە سۇيۇقلۇق قاچىلاش، تەمىنلەش ۋە بېسىمنى تەڭشەش پونكىتلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا، ئالاقىدار ئورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ، مۇددەت بەلگىلەپ ھەل قىلىشى كېرەك.
10 - ماددادۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھىسى ئىشلىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەيدىغان ئورۇن دۆلەتنىڭ بىناكارلىق ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلىشى كېرەك، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھە چېرتيوژىنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىگە قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى بەرسە بولمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەكشۈرۈپ بېكىتكەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئوت مۇداپىئە لايىھىسى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەنگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى شەرت؛ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
11 - مادداقۇرۇلۇش بۆلەكلىرى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئوتقا چىداملىقلىقى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ئىچىنى بېزەش - زىننەتلەشتە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆيمەيدىغان، ئاسان كۆيمەيدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، زۆرۈر بولغانلىرىدا، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك دەپ قارىغان ماتېرىياللارنى تاللاپ ئىشلىتىش شەرت.
12 - مادداتانسىخانا، كىنو - تىياتىرخانا، مېھمانخانا، رېستوران، سودا سارىيى، سودا بازىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى ئىشلىتىش ياكى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشكە ياكى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ.
13 - مادداچوڭ يىغىلىش، ساليوت كېچىلىكى، پانۇس كېچىلىكى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە ئوت ئاپىتى خەۋپى بولسا، پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى پائالىيەت سورۇنىنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك دەپ قارىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
14 - ماددائورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تۆۋەندىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تۈزۈمى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈش؛
(2)ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئۆز ئورنى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق ھەرقايسى تارماق، ئىش ئورنىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار خادىمنى بەلگىلەش؛
(3) ئۆز ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئوت مۇداپىئە تەشۋىق - تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش؛
(4) ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛
(5) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە سايمانلىرىنى تەقلەش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىسىنى ئورنىتىش ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە رېمونت قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە سايمانلىرىنىڭ بېجىرىم، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛
(6)تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەرلىك ئىشىكنىڭ راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش بەلگىسىنى ئورنىتىش.
ئاھالە تۇرالغۇ رايونىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئالدىنقى تارماقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
15 - مادداسېخ ياكى ئىسكىلات بار بىنالارغا ئىشچى - خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
سېخ ياكى ئىسكىلات بار بىنالارغا ئىشچى - خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، مۇددەت بەلگىلەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقى بارلار زۆرۈر بولغان ئوت مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىشلىتىپ تۇرسا بولىدۇ.
16 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالى چوڭراق بولغان ھەمدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسىلا زور تالاپەت ياكى ئېغىر مال - مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلار بۇ قانۇننىڭ 14 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغاندىن باشقا، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنىمۇ ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارخىپى تۇرغۇزۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى بەلگىلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بەلگىسىنى ئورنىتىش، قاتتىق باشقۇرۇش؛
(2) ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈندىلىك چارلاش ھەمدە چارلاش خاتىرىسى تۇتۇش؛
(3) ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيىلەش؛
(4) ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈش، ئوت ئۆچۈرۈش مانىۋېرىنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇش.
17 - ماددائاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، ساتىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان، كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى شەرت.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇنلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتىغا يېنىش نۇقتىسى، چاقناش نۇقتىسى، پارتلاش چېكىگە دائىر سانلىق مەلۇمات چۈشەندۈرمىسىنى قوشۇپ قويۇشى ھەمدە ئوتتىن، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئىزاھلىشى كېرەك. ئايرىم ئورالغان - قاچىلانغان ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارغا خەتەرلىك بۇيۇم بەلگىسىنى چاپلىشى كېرەك.
ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملار ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان، ساقلىنىدىغان سورۇنلارغا كىرىشتە، دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دائىر بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت. ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملار ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان، ساقلىنىدىغان سورۇنلارغا ئوت مەنبەسىنى ئېلىپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ھالدا جامائەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ كىرىش ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ.
يېنىشچان ماددىي ئەشيا ساقلىنىدىغان ئىسكىلاتنى باشقۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت.
18 - ماددائوت ئاپىتى، پارتلاش خەۋپى بولغان سورۇنلاردا ئوت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا ئوت ئىشلىتىپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە ئالدىن تەستىقلىتىش كېرەك. مەشغۇلاتچىلار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە مۇناسىپ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.
توك كەپشەر ۋە گاز كەپشەرگە ئوخشاش ئوت ئاپىتى خەۋپى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئاپتوماتىك ئوت مۇداپىئە سىستېمىسىنى باشقۇرغۇچىلار كىنىشكە بىلەن ئىشقا چىقىشى ھەمدە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت.
19 - ماددائوت ئۆچۈرۈش مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ئوت ئۆچۈرۈش مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان زاپچاس ياكى ئوت ئۆچۈرۈش دورىسىنى ئىشلىتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلارغا ئوت ئۆچۈرۈش مەھسۇلاتىنى ساتقۇچى ئورۇن ۋە مەھسۇلات ماركىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
20 - ماددائېلېكتر سايمانلىرى، يېقىلغۇ گاز ئەسۋابلىرىنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. ئېلېكتر سايمانلىرى، يېقىلغۇ گاز ئەسۋابلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە توك يولى، تۇرۇبا يولىنى لايىھىلەش، ئورنىتىش دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تېخنىكىسىغا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.
21 - مادداھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى، سايمانلىرىنى بۇزۇۋېتىشىگە ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋېلىشىغا، چۇۋۇۋېتىشىگە، توختىتىپ قويۇشىغا، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمەكلىرىنى كۆمۈۋېتىشىگە، ئىگىلىۋېلىشىغا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئوت مۇداپىئە يولىنى توسۇپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
جامائەت ئىشلىرى ئورۇنلىرى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار يول ياسىغان ۋە توك، سۇنى توختاتقان، خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئۈزۈپ قويغاندا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش ئىشىغا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇشى شەرت.
22 - ماددادېھقانچىلىق، يىغىم مەزگىلى، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش مەزگىلى، چوڭ - چوڭ بايرام كۈنلىرى ۋە ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىللەردە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت مۇداپىئە تەشۋىق - تەربىيىسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
23 - مادداكەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تۈزۈشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. يېزىلىق - بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەرلەردىكى مەھەللە باشقارمىلىرى ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.
24 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپاراتلىرى ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇن، نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارنى قەرەللىك ھالدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى لازىم.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
25 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتلىرى ئوت ئاپىتى خەۋپىنى سەزگەندە، ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەرگە خەۋپنى تەدبىر قوللىنىپ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۈگىتىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

3 – باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

26 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتىنى قۇرۇشى، ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
27 - مادداشەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى قۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك.
بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، خالىسانە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرسا بولىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن تاشقىرى، باشقا ئاپەت ياكى ھادىسىلەردە خەۋپنى تۈگىتىش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگىمۇ قاتنىشىشى كېرەك.
28 - مادداتۆۋەندىكى ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك:
(1) يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى، چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى، پۇقرالار ئايرودرومى، چوڭ پورتلار؛
(2) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان چوڭ كارخانىلار؛
(3) يېنىشچان مۇھىم ماددىي ئەشيا ساقلىنىدىغان چوڭ ئىسكىلات، بازىلار؛
(4) 1-، 2 -، 3 - تارماقلاردا بەلگىلەنگەنلەردىن باشقا، ئوت ئاپىتى خەۋپى چوڭراق، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن يىراقراق بولغان باشقا چوڭ كارخانىلار؛
(5) شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن يىراقراق بولغان، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى قوغداش ئورنى قىلىنغان قەدىمكى ئۆي - ئىمارەتلەرنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار.
29 - ماددامەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يوللىنىشى لازىم.
30 - ماددائورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە يېزا، كەنتلەر ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياكى كەنت ئاھالىسىدىن تەشكىللەنگەن خالىسانە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرسا بولىدۇ.
31 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتلىرى مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىگە، خالىسانە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىگە كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش، ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىش ھوقۇقى بار.

4 – باب ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش

32 - مادداھەرقانداق ئادەم ئوت ئاپىتىنى بايقىغاندا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىشقا ھەقسىز قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك. ئوت ۋەقەسىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شۇ سورۇندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاممىنى تارقىلىشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى بار.
ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئورۇن دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشى شەرت. قوشنا ئورۇنلار ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ۋەقىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئوت كەتكەن جايغا دەرھال بېرىپ، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشى، خەتەرنى تۈگىتىشى، ئوتنى ئۆچۈرۈشى شەرت.
33 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدا ئوت ئۆچۈرۈشكە بىر تۇتاش تەشكىللىگەندە ۋە قوماندانلىق قىلغاندا، نەق مەيدان باش قوماندانى ئوت ئۆچۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1) سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش؛
(2) توك، يېنىشچان گاز ۋە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش، ئوت ۋە توك ئىشلىتىشنى چەكلەش؛
(3) ئېھتىيات رايونىنى بەلگىلەش، قىسمەن دائىرىدە قاتناشنى تىزگىنلەش؛
(4) يېقىن ئىمارەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش؛
(5) ئوت ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوت كەتكەن جايغا يېقىن ئىمارەت ۋە قۇرۇلمىلارنى چېقىۋېتىش ياكى بۇزۇۋېتىش؛
)6( سۇ تەمىنلەش، توك تەمىنلەش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، قاتناش  - ترانسپورت قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئوت ئۆچۈرۈشكە ھەمكارلاشتۇرۇش.
پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ، ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى توپلاپ، ئوت ئۆچۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك.
34 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئوت ئاپىتىدىن باشقا ئاپەت ياكى ھادىسىلەردە خەۋپنى تۈگىتىش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقاندا، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا بولىدۇ.
35 - ماددائوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرى ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىپىسى ياكى باشقا ئاپەت ۋە ھادىسىلەردە خەۋپنى تۈگىتىش - قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا كېتىۋاتقاندا، سۈرئەت، لىنىيە، يۆنىلىش ۋە قوماندانلىق سىگنالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، باشقا ئاپتوموبىل، پاراخوت قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەر يول بېرىشى، قىسىلىۋالماسلىقى، ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىقى شەرت. قاتناش باشقۇرغۇچىلار ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرىنىڭ تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
36 - ماددائوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرىنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى، جابدۇقلىرى، ئەسلىھەلىرىنى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە خەۋپنى تۈگىتىش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
37 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرگەندە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخستىن ھەرقانداق ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
باشقا ئورۇننىڭ ئوت ئۆچۈرۈشىگە قاتناشقان مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، خالىسانە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى سەرپ قىلغان يېقىلغۇ، ئوت ئۆچۈرۈش دورىسى ۋە سايمانلىرى، جابدۇقلىرى قاتارلىقلارغا بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.
38 - ماددائوت ئۆچۈرۈشكە قاتنىشىپ يارىلانغان، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلگەنلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالىتىلىدۇ ۋە ئۇلارغا نەپىقە بېرىلىدۇ.
39 - ماددائوت ئۆچۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاينى ئېھتىياجىغا قاراپ قامال قىلىش، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش، ئوت ئاپىتى زىيىنىنى ھېسابلاش ۋە ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىقلاشقا ھوقۇقلۇق.
گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر تاپقاندا پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللىسە بولىدۇ.
ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئوت كەتكەن ئورۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە نەق مەيداننى قوغدىشى، ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئوت ئاپىتىگە دائىر ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

5 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

40 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە تۈزەتمىگەنلەر قۇرۇلۇش قىلىشنى، ئىشلىتىشنى توختىتىشقا ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەكشۈرتمەي ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش باشلىغانلار؛
(2)قانۇن بويىچە ئوت مۇداپىئە لايىھىسى ئىشلىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندە، ئوت مۇداپىئە جەھەتتىن تەكشۈرتمەي ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر؛
(3) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن جامائەت سورۇنىنى ئۆز بېشىملىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر ياكى تىجارەتكە كىرىشتۈرگەنلەر.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
41 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپى بار چوڭ يىغىلىش، ساليوت كېچىلىكى، پانۇس كېچىلىكى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ دەرھال تۈزىتەلمىسە، پائالىيەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
42 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىنى خالىغانچە تۆۋەنلىتىپ قۇرۇلۇش قىلغان، ئوتقا چىداملىقلىقى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە توشمايدىغان قۇرۇلۇش بۆلەكلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى ياكى لاياقەتسىز بېزەش - زىننەتلەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلۇش قىلغانلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە تۈزەتمىگەنلەر قۇرۇلۇش توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
43 - ماددائورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە تۈزەتمىسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.
تىجارەت سورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگەتمىگەنلەر؛
(2) ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە سايمانلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقلىمىگەنلەر؛
(3) تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەرلىك ئىشىكىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلمىغانلار.
سېخ ياكى ئىسكىلات بار بىناغا ئىشچى - خىزمەتچىلەر كوللېكتىپ ياتىقى ئورۇنلاشتۇرغانلارغا 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
44 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلگەن تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن ئوت ئۆچۈرۈش مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقارغان، ساتقانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، مەھسۇلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازالىنىدۇ.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە سايمانلىرىنى رېمونت قىلىدىغان، ئۆلچەيدىغان ئورۇن رېمونت قىلىش، ئۆلچەش ئىشىنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تېخنىكىسىغا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىلغان بولسا، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
45 - ماددائېلېكتر سايمانلىرى، يېقىلغۇ گاز ئەسۋابلىرىنى قۇراشتۇرۇشى ياكى توك يولى، تۇرۇبا يولىنى ئورنىتىشى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تېخنىكىسىغا ئائىت بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە تۈزەتمىگەنلەر ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ.
46 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، توشۇغان، ساتقان ياكى ئىشلەتكەن، كۆيدۈرگەنلەر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە ياكى جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
47 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش ياكى 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان سورۇنغا كىرگەنلەر؛
(2) قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوت ئىشلىتىپ مەشغۇلات قىلغان ياكى ئوت كېتىش، پارتلاش خەۋپى بار سورۇندا بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ تاماكا چەككەن، ئوت ئىشلەتكەنلەر؛
(3) ئوت ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى ئوت ۋەقەسىنى يالغان مەلۇم قىلغانلار؛
(4) ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش كاتېرىنىڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايغا بېرىشىغا قەستەن توسقۇنلۇق قىلغان ياكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاينىڭ تەرتىپىنى بۇزغانلار؛
(5) ئوت كەتكەن جايدىكى قومانداننىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنماي، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
(6) سەۋەنلىك بىلەن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلمىغانلار.
48 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) باشقىلارنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلار؛
(2) ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىنى كۆمۈۋەتكەن، ئىگىلىۋالغان ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقىنى ئىگىلىۋالغان، ئوت مۇداپىئە يولىنى توسۇپ قويغانلار ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، سايمانلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ۋە ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىۋالغان، چۇۋۇۋەتكەن، ئىشلىتىشنى توختىتىۋەتكەنلەر؛
(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئېغىر ئوت ئاپىتى خەۋپى بارلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، سۈرۈك توشقۇچە تۈزەتمىگەنلەر.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
1 - تارماقنىڭ 2 - تارماقچىسىدە كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلار يەنە سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك توشقۇچە ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلەر مەجبۇرىي چۇۋۇتقۇزۇلىدۇ ياكى تازىلاتقۇزۇلىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
49 - ماددائاممىۋى سورۇندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شۇ سورۇندىكى خىزمەتچىلەر ئاممىنى تارقىلىشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، تالاپەت پەيدا قىلغان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، ئۇلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
50 - ماددائوت ئۆچۈرۈۋېلىنغاندىن كېيىن، ئوت كېتىش سەۋەبىنى يوشۇرۇغان، پەردازلىغان، جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئۈچۈن نەق مەيداننى قەستەن بۇزۇۋەتكەن ياكى نەق مەيدان ياسىۋالغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
51 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازانى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ. توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇغاندا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭراق تەسىر كۆرسەتسە، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ، قارارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئىجرا قىلىدۇ.
52 - مادداجامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى خادىملىرى ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:
(1) دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغانلار؛
(2) قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىغان، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى قەستەن ئارقىغا سۆرەپ تەكشۈرۈپ بېكىتمىگەن، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالمىغانلار؛
(3) ئوت ئاپىتى خەۋپىنى بايقىغاندا ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسكە تۈزىتىشنى ۋاقتىدائۇقتۇرمىغانلار؛
(4) ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلارغا ئوت ئۆچۈرۈش مەھسۇلاتىنى ساتىدىغان ئورۇننى، مەھسۇلات ماركىسىنى ياكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتقۇچى ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرگەنلەر؛
(5) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.
53 - ماددابۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

54 - ماددابۇ قانۇن 1998 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىدا تەستىقلانغان، 1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 12:39

 

مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 20:27 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

قانۇن جەھەتتە ئىزدىنگىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن

./read.php?tid-62328.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » قانۇندىن ساۋات
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ