رۇبائىيلار ئابدىكىرەم قىرچىن
ئەربولساڭ ئەل ئۈچۈن سايە بوپ ياشا،
ئەر بولساڭ يار ئۈچۈن گۈلخان بوپ ياشا.
ئاتا ھەم ئاناڭغا ئۇستازلىرىڭغا،
ھۆرمەتتە باش ئېگىپ ئېگىلىپ ياشا.
* * * * * * چىرايىڭ ئاي بولسا بەختىڭدۇر سېنىڭ،
چىراي ھەرگىزمۇ ئەمەس تەلىيىڭ.
دىلىڭدا مۇھەببەت ئېتىقاد بولسا،
دۇنيادا بولالماس ھېچكىم تەڭدىشىڭ.
* * * * * * سۆيىمەن ۋەتىنىم دىلىمدىن سېنى،
سۆيگەندەك جاناننى مىھرىمدىن سېنى.
ۋەتەندە تىنچلىق گۈزەللىك ئاشسا،
چاقنايدۇ دىلىمدا ئىشەنچ پەخرى.
* * * * * * يامان ئىشلارغا قاينىسا ۋىجدان،
ھەممە ئىشىققا يېقىلسا گۈلخان،
ئىناقلىق گۈللىرى پۇراپ ھەريانە،
ئەزىزلىك سۆيگۈدە بولاتتۇق پىنھان،
* * * * * * شاماللار ئۇلغۇيۇپ بولىدۇ بوران؛
ئېقىنلار يىغىلىپ بولىدۇ دېڭىز؛
ھەممىسى بىرلىكتە بۇلار ئۆم ئىناق؛
ئادەملەر بارغانچە كېتەر بوپ يىراق؛
* * * * * * ئىت خىرىس قىلسا قىردۇق ھەممىنى
ئۇنتۇپ ئۇنىڭكى ھويلا باققىنىنى.
زومىگەر بىرەسى ئۇرسا ناۋادا؛
كۆردۇققۇ ئۇنىڭغا ئۆزنى ئاتقىنى.
* * * * * * داداڭغا بەرمەيسەن بېرىپ دوستۇڭغا،
ئاناڭغا بەرمەيسەن بېرىپ ئاشناڭغا.
ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى كۆردۈڭمۇ دوستۇم،
يىمەيدۇ ئېغىزىغا بېرىدۇ ساڭا.
* * * * * * سېغىنىپ يارىمغا يازدىم سالام خەت،
ۋە لېكىن قايتقىنى ماڭا قۇرۇق بەت.
چۈشىنىش تەس كەلدى ماڭا بۇ ئىشنى،
گاھى بار گاھى يوق شۇنداقمۇ قىسمەت.
* * * * * * پۇل ھوقۇق مەنسەپ ئارا ھېچبىر كۇلايىم يوق مېنىڭ،
بىلىمەن ياخشى ياماننى ئۆزگە ساپايىم يوق مېنىڭ.
ئاق كۆڭۈللۈك ھەم پاكلىق ئېتىقاد ياردۇر ماڭا،
ئاتا ئانامغا بوپ خىزمەت ئۆزگە خۇشالىم يوق مېىنىڭ.
[ بۇ يازما volqan تەرپىدىن2009-04-01 21:09دە قايتا ت ]