ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 415 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيقۇنىڭ ئاز بولۇشى سەمىرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

zilala131
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 70387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 152
شۆھرەت: 152 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1520 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 ئۇيقۇنىڭ ئاز بولۇشى سەمىرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ


سېمىزلىك كېسەل پەيدا قىلىش بىلەنلا قالماي، كىشىلەرنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ. بەزىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن خىلمۇخىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتتىن ھازىر ئورۇق ۋە زىلۋا بولۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى بايقالدى، جاپالىق چېنىقىشنىڭ ئورنىغا ھەر كۈنى كۆپرەك ئۇخلاش ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدىكەن.
كۆپرەك ئۇخلاش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى. ھازىر فرانسىيە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە تېببىي تەتقىقات ئورنى (INSERM)دىكى مۇتەخەسسىس كارنىنا شىپگېر قاتارلىق كىشىلەر ئىلگىرى ھەرىكەت شەكلى بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە بولغان نەچچە ئون خىل تەتقىقاتنى ھەرجەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، كۆپرەك ئۇخلاش ئارقىلىقمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، كۆپرەك ئۇخلاشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە زىلۋا بولۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ھەم كىشىلەرگە بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.
ئۇنداق بولسا، ئاز ئۇخلاشنىڭ بەدەننىڭ زىيادە ئېغىرلاپ كېتىشىگە ياكى سەمرىپ كېتىشىكە سەۋەب بولۇشىنىڭ قانداق ئىلمىي ئاساسى بار؟ ئۇيقۇ ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئاجرىلىشىنى تەڭشەش رولىنى ئويناپ، ئىشتىھانى كېمەيتىدۇ، كېچىدە ھاسىل بولىدىغان ئىككى خىل ھورمۇن ئىشتىھانى تەڭشەپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى، ئىشتىھا ئېچىش ھورمۇنى (Grehlin) بولۇپ، ئۇ ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ماددا ئالمىشىشنى ئاستىلىتىدۇ ھەم ئورگانىزمنىڭ ياغنى ئېرىتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ؛ يەنە بىرى، ياغ توقۇلمىسىدا پەيدا بولىدىغان ئورۇقلىتىش ھورمۇنى (Ieptin) بولۇپ، ئۇ بەدەندە ياغنىڭ يىغىلىشىنى تەڭشەيدۇ.

ئادەم ئۇدا ئىككى كېچە تۆت سائەتتىن ئاز ئۇخلىسا، ئىشتىھا چەكلەش ھورمۇنى %18 ئازىيىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشتىھا ئېچىش ھورمۇنى %28 كۆپىيىدىكەن. بۇنداق ئازىيىش، كۆپىيىش سەمرىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىكەن. كىشىدە توقلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان ھورمۇن ياغ توقۇلمىسىدا قۇۋۋەت يىغىلىش ئەھۋالىدىن مەركىزىي نېرۋىغا ئۇچۇر يەتكۈزىدىكەن، مەركىزىي نېرۋا ئىشتىھانى تىزگىنلەپ، بەدەندىكى قۇۋۋەتنىڭ سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننى يېنىكلىتىدىكەن ۋە ياغنى ئازايتىدىكەن.

كېچىدە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئىشتىھا چەكلەش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئىشتىھانى تىزگىنلىيەلمەيدىكەن ھەم ئورگانىزىمغا بەدەندىكى ياغنى سەرپ قىلدۇرالماي، ئادەم سەمرىپ كېتىدىكەن. ئۇيقا يېتەرلىك بولمىسا يەنە ئىشتىھا ئېچىش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدىكەن، بۇ ھورمۇن ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئىشتىھانى ئاچىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن كىشى بولۇشىغا يەيدىغان، ئىچىدىغانئەھۋالغا چۈشۈپ، نەتىجىدە سەمرىپ كېتىدىكەن.

كۈندە تۆت سائەتتىن ئاز ئۇخلىغاندا، باشقىچە سان – مىقدار مۇناسىۋىتى كېلىپ چىقىدىكەن، يەنى ئادەمنىڭ ئاچلىق تۇيغۇسى %24 ~ %23 ئېشىپ، كۈندە 500 ~ 350 كىلوكالورىيە قۇۋۋەتنى كۆپ سەرپ قىلىدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ سەمرىپ كېتىشىگە، ئاساسەن مۇشۇ سەۋەب بولىدىكەن.
بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىشىگىمۇ، ئاساسەن، ئۇيقۇ سەۋەب بولىدىكەن. ئۇيقۇسى ئاز بالىنىڭ سەمرىپ كېتىش خەۋپى ئۇيقۇسى كۆپ بالىنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن. ئامېرىكا جوھاننىس خوپكىنىس بلومبېگ گىگېنا ئىنستىتۇتىدىكىلەرنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىگە قارىغاندا، بىر سائەت ئاز ئۇخلىغان بالىنىڭ سەمرىپ كېتىش خەۋپى %9 كۈچىيىدىكەن، ئەڭ ئاز ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىش نىسبىتى يېتەرلىك ئۇخلايدىغان بالىلاردىن %92 يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇنداق كۆرسەتتى: بەش ياشتىن كېچىكلەر كۈنىگە 11 سائەت ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ، 10 ~ 5 ياشقىچە بولغانلار 10 سائەت ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ، 10 ياشتىن چوڭلىرى ئاز دېگەندە توققۇز سائەت ئۇخلىسا بولىدىكەن.

ئۇيقۇ كۆپ بولۇشنىڭ ئورۇقلىتىش رولىنى ئوينىشىنىڭ سەۋەبى بۇلا ئەمەس، ئۇيقۇ كۆپ بولسا ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇزۇقلىنىش پۇرسەتلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇيقۇ ئاز بولسا تەبىئىي ھالدا ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ھەم ئوزۇقلىنىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىدۇ – دە، ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 12:40

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 20:17 |
شەبنەم تور رادىئوسى
xohlakizil
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 75621
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

مۇشۇ پىكىرگە دەھشەت قوشۇلىمەن جۇما!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!           

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 21:29 |
شەبنەم تور رادىئوسى
باياۋان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 944
شۆھرەت: 1002 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 9385 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 863(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

سەمرىشكە ئۆچ بۇلۇپ قالدىم .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:22 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

كۈندىلىك تۇرمۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى بىكە يۇقىرى تېمىكەن

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:24 |
qayan1001
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 62997
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 239
شۆھرەت: 2060 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 592(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

ۋوي شۇنداما مەن نىمىشقا سېمىز دىسەم كەچكىچە كومپىيوتىر ئالدىدىن كەتمەي ئۇخلىماي 23سائەت 38سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتمەن،ھەي ...............
ماقا ئۇخلىغلىلى كەتتم ئەمسە      داۋاي.............

سۆھبەتكە ئەرزىمەس ھەربىر قارادىل
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:50 |
咖啡公主
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 38279
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

مۇشۇ پىكىرىـڭىزىگە رەخمەت.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 00:43 |
korlakizi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 60216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 332
شۆھرەت: 333 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3270 سوم
تۆھپە: 7 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

ئېسىمدە قېلىشچە مەن بۇرۇن كۆرۈپ بولغاندەك قىىلىمەن  بۇ تېمىنى

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 15:46 |
BAOAN
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 56380
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 560
شۆھرەت: 561 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 322(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

مەن  ئىشەنمەيمەن  ھەممىنى  ئەمىلى  پاكىت  ئۇزى  ئىسپاتلايدۇ

شۇنداقلا  كوپ  ئۇخلىغانلار  تىز  سەمىرىپ  كىتىدىغانىغا  ئىشىنمەن

بىكا  يېتىپ  سەمىرىپ  كەتتۇق  قىلدىغان  ئىش  يوق  دىگەن  گەپكە  جاۋاپ  تاپسىڭىز  بولغۇدەك

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 16:12 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ساغلاملىق بىلىملىرى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:29, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ