<<نامراتلار مەھەللىسىدىن كەلگەن مىليونىر >> (Slumdog Millionaire)
بۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇرۇش فىلىمى ئەمەس ، بەلكى ھېندىستاندا ئىشلەنگەن نامىراتلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ، تەسىرلىك فىلىم
<<نامراتلار مەھەللىسىدىن كەلگەن مىليونىر >> (Slumdog Millionaire)ناملىق بۇ فىلىم 2009-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاش مۇراسىمىدا <ئەڭ ياخشى سىنارىيە مۇكاپاتى>،<ئەڭ ياخشى سۈرەت مۇكاپاتى>،<ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى> قاتارلىق ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ فىلىمدە ھىندىستاننىڭ تۇرمۇشى ئاساسى كۆرۈنۈش قىلىنغان، ئەنگىلىيە ۋە ئامرېكىدا ئىشلەنگەن.بۇ فىلىمدە نامراتلار رايونىدىن چىققان بىر ياش زېھىن سىناش ئويۇنىغا قاتنىشىپ مىليون پىسو مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇ سۇئاللارنىڭ ھېچقايسىنىڭ جاۋابىنى كىتابلاردىن كۆرگەن ئەمەس، ھەم ھېچقانداق ئالى مائارىپ تەربىيسىمۇ كۆرگەن ئەمەس. ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز تۇرمۇشىدا باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارغا تايىنىپلا جاۋاب بېرىدۇ.
فىلىمدىكى باش قەھىرمان جامال ھېندىستاندە چوڭ بولغان مۇسۇلمان، ئۇ كىچىكىدىن نامىراتچىلىقتا چوڭ بولغان ، كىچىڭ چىغىدىلا ئاپىسى بىر قىتىملىق دىنى توقۇنۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ، ئۇ كىيىن يىتىملىك ، نامىراتچىلىق ئىچىدە چوڭ بولىدۇ ، كىچىك تۇرۇپلا ئىسىق سوغوق ئىشلارنى بىشىدىن كەچۈردۇ ،كىيىن بىر قىتىملىق زىھنى سىناش مۇسۇبىقىدە بىرقلا ئەڭ چوڭ مۇكاپات مىليون مۇكاپاتقا ئىرشىدۇ ، ئۇ سورالغان سۇئالارغا ئىنتايىن توغرا جاۋاپ بىردۇ ، ئۇ بىر ئالى مەكتەپ سەۋىيسى كۆرمىگەن ، ھىچقانداق تۈزۈك ساۋادى يوق ، بىراق ئۇ بۇ سورالغان سۇئالارنىڭ ھەمىسى بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ، ئۇ غەلبە قازانغاندىن كىيىن ئۇنى ساقچىلار تۇتۇپ سوراق قىلدۇ ، ئۇنى ساختىلىق قىلدى دەپ گۇمانلىندۇ ، كىيىن ئۇ ھەمىنى بىشدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەمىسىنى سۆزلەپ بىردۇ ،،
نامىراتلىقتا ، يىتىمچىلىكتە ساۋاتسىزلىقتا چوڭ بولغان بالار نىمىش قىلدۇ ، قانداق قىلىپ يامان يولغا كىرىپ كىتىدۇ ، بۇ فىلىم ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويدۇ
http://user.qzone.qq.com/86388503/blog/1238587203 بۇ ئۇلانمىدن كۆرۈڭ