ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 373 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: «بۆرە»:چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1247
شۆھرەت: 10266 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3442 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 736(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 «بۆرە»:چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر

            چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر

                                 گاۋىن ھامبىلى(ئامېرىكا)

1. روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئالتۇن ئوردا ئەۋلادلىرى
روسىيە تېررىتورىيسىدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان دۆلەتلەردىن قازان خانلىقى، ئاستراخان خانلىقى ۋەقىرىم خانلىقىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1552-،1554-،ۋە 1783- يىللىرى بويسۇندۇرۇلۇپ روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. كېيىن سابىق ئاستىراخان خانلىقىدىكى خان ئەۋلادلىرى تۈركىستاندا يەنە بىر ئاستراخان خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ دۆلەت XVII ئەسىرىگە كەلگەندە بۇخاراغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بىراق بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاستراخان خاندانلىقىنىڭ خان ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ خانلىقنىڭ سابىق ئاستراخان خانلىقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ۋولكا دەرياسىنىڭ تۆۋەندىكى ئېقىمىدىكى رايونلارغىمۇ ئاندا- مۇندا مۇسۇلمانلار تارقالغان بولسىمۇ، ئۇلارمۇ تېزلا زاۋاللىققايۈز تۈتۈپ تىلغا ئالغۇچىلىكى قالمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆز تارىخىنىمۇ قالدۇرالمىدى. بىراق ئاستراخان شەھىرى مۇسۇلمانچە ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، 1905- يىلىدىن كېيىن ھەتتا ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم مەركىزى سۈپىتىدە قايتا گۈللەنگەندە. يەنە بىر ياقتىن، قازان ۋە قىرىمدىى تاتارلار روسىيە ئىستىلاسىدىن كېيىن بىر مەيدان ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ ئۆزگىرىش بولسا پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تارىخىغا تەسىر كۆرسەتتى.
A    روسىيە ھۆكۈمرانلىقى قازان تاتارلىرى
1552- يىل 10- ئاينىڭ 2- كۈنى قورقۇنچلۇق ئىۋاننىڭ قوشۇنى قازانغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. قازان خانلىقىنىڭ پايتەختى ۋە ئىلگىرىكى بۈيۈك بولغارپادىشاھلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مىراس يېرى ئىدى. ئەمدىلىكتە مۇڭغۇللارغا بېقىندى بولۇشتن قۇتۇلغان رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ سابىق خوجايىنلىرىنىڭ بۇ ئەۋلادلىرىدىن قەبىھلىك بىلەن قىساس ئېلىشقا باشلىدى. روسيىنىڭ شەرقىدىكى بۇ مۇسۇلمانلار بۇ «دىنسىز» ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ياشىدى.
قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن رۇسلار قەدەم باسقۇچلار بويىچە قازان خانلىقىنىڭ زېمىنى «قازان خانلىقى» دېگەن نام ئاستىدا رۇسلا تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. قازان رايونىدا رۇسلار ئەسلىدىكى قازان خانلىقىنى ئۈزۈل ‿كېسىل رۇسلاشتۇۋېلىش ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ توپىنى ئۆز جەمئىيىتىگە قوشۇۋېلىش مەقسىتىدە نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىنىدىكى رايونلاردا رۇسلار «تاتارسىزلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ 1- قەدىمىنى ئىجرا قىلىپ، تاتارلارنى بارلىق ئاساسىي شەھەرلەردىن، بولۇپمۇ قازان شەھىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. بۇ ھازىرغا قەدەر شەھىرىنىڭ نۇپۇسىدا رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. رۇسلار يەنە چوڭ دەريا ياقىسىدىكى مۇنبەت يەرلەرنى يېڭىۋاشتىن رۇس ئاقسۇڭەكلىرى ۋە چىركاۋغا تەقسىم قىلىپ بەردى ھەمدە ئىستىراتېگىيلىك جايلارغا قۇرغان سېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە دېھقانلىرى ۋولكا دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايونلاراغا كەلكۈندەك يامىراپ كەلدى. بۇيەردىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە باشقا خەلقلەر ناھايتى تېزلا ئازسانلىق مىللەت بولۇپ قالدى. بۇ خىل يەر سىياسىتىنىڭ يۈگۈزۈلۈشىشى ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خىرىستيان دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاپ يولغا قويۇلىشى ئىدى. ئارقىدىنلا ئىشلام ئۆلىمالىرىنىڭ تۈرلۈك ئىمتىيازلىرى بىكا قىلىندى. ۋەخپە يەر تاتىۋېلىندى، مەسچىت ‿مەدرسلەر بۇزۇپ تاشلاندى ياكى تاتىۋېتىلدى. يەرلىك ئاھالىنى خىرىستىيان دىنىغا چۇقۇندۇرۇشنى 1555-يىلى قازاندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئېچىسكوپ گورى باشلاپ بەردى. يەرلىك ئاھالىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى روسيىدىكى پراۋىسلاۋىيە دىنى مۇرتلىرىغا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان تاتارلار ۋە تۈرك روھ ‿ئەرۋاھلارغا چۇقۇنىدىغان فىنلاندلانى يېڭى بىر مۇھىم تەركىب سۈپىتىدە ئېلىپ كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا رۇسلار ئۆز نەزىرىدە خەتەرلىك دەپ قارىغان تاتار فىنلاندالار قاتلىمىنى يوقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تاتار فىئودال ئاقسۈڭەكلىرى يا خىرىستىيان دىنىغا ئىتىقاد قىلىش، يا پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازدىن ئاپرىلىشتىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلدى.
تاتارلار ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ خىل قارشىلىق 1552- يىلى 11- ئايدىكى قانلىق قوزغىلاڭدىلا نامايەن بولدى. فىئودال ئاقسۈڭەكلەر رەھبەرلىك قىلغان بۇ قېتىمكى قوزغىلاڭ 1910 ‿ يىلىغا قەدەر داۋاملاشتى بۇ ۋاقىتتا قىرىم خانلىقى قۇدرەت تېپىۋالغان بولغاچقا تاتار ئاقسۇڭەكلىرى قېرىم خانلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسلىدىكى قازان خانلىقىنى قايتىن قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. مۇشۇ 50 يىل مابەينىدە بىز ئاز دېگەندە 10 قېتىملىق قوزغىلاڭنى ساناپ بېرەلەيمىز. بۇ قۇزغىلاڭلاردىن ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى 1552- يىلىدىكى خۇسەيىن سېيىت قوزغىلىڭى، 1556-، 1557- يىللاردىكى مامىش بېردى قوزغىلىڭى، قېرىم خانى دۆلەت گېرەيىنىڭ مۇسكۇۋاغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن بىرگە ئۆزى شەخسەن رەھبەرلىك قىلغان 1572- 1574- يىللاردىكى چوڭ قوزغىلىڭى، يەنە 1608- يىلىدىكى ۋە 1610- يىلىدىكى قوزغىلاڭلار بولدى. بۇ قۇزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ ۋەھشىيانە رەۋىشتە باستۇرۇۋېتىلىدى. مانا مۇشۇ جەرياندا تاتار ئاقسۈڭەكلەر قاتلىمى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىتىلدى.
XVII ئەسىرنىڭ باشلىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 1608- يىلىدىن تارتىپ ئارقا -‿ئارقىدىن دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ 1615- يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلار يېڭى- يېڭى چوڭ قىرغىنچلىقلارغا سەۋەپ بولدى. تاتارلار يەنە 1670- 1671 ‿يىللىرىدىكى سىتېفان رازىن باشچىلىقىدىكى كازاكلارنىڭ مۇسكۇۋا ھاكىمىيتىگە قارشى ئىچىكى ئۇرۇشىغا قاتناشتى.
رومانۇپ خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت سورىشى ۋولكا ۋادىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 1731- يىلى قازان ئېپىسكوپى لۇكاكوناشېۋىچ يېڭىباشتىن مەجبۇرىي خاراكتېردىكى دىنىي ئىتقادىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىنى قوزغىدى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئىلگىرىكى چاغلاردىكى ھەرقانداق بىرىدىن قاتتىق بولدى. تاتار دېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئۇلارنى يېڭىدىن قۇزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ قېتىمقى قۇزغىلاڭدا داغدۇسى ئەڭ چوڭ بولغىنى باتۇر شاھنىڭ 1775- يىلىدىكى «دىنسىزلارغا قارشى «غازات» بايراق قىلىنغان قوزغىلىڭى بولسا ئەڭ ئاساسلىقى 1773- 1774- يىللاردىكى پۇگاچىف رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ بولدى. پۇگاچېفنىڭ قۇزغىلاڭچى قوشۇنىدا تاتارلار، باشقىرتلار، ۋولگا بويىدىكى فېنلاندلار ۋە قازاقلار قاتارلىق زور تۈركۈمىدىكى يات مىللەتلەر بار ئىدى. تاتارلارنىڭ ئۈمىدسىز قارشىلىقىنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىيىدە تاتار مىللىتىمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائى قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى. شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاقسۇڭەكلەر ۋە قول ھۆنەرۋەنلەر يېزا ‿ قىشلاقلارغا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرى يېڭى بىر سودا قاتلىمى بولۇپ شەكىللەندى بۇ قاتلام پۇختا قەدەملەر بىلەن شەرققە سىلجىپ، ھەرقايسى جايلادا ئاۋات سودا نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. تاتارلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مۇھىم ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ تەدرىجى يۇسۇندا يېڭى سودا ئوتتۇرا قاتلىمىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەرگەردان قەۋم بولۇپ قالدى.
يېكاتېرىناII نىڭ تەختىگە چىقشى بىلەن روسيىنىڭ تاتارلاغا قاراتقان سىياستىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. يېكاتېرىنا بىر تەرەپتىن پۇ گاچېف قوزغىلىڭىغا ئوخشاش ئاۋارچىلىقنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا تىرشقانىدى، يەنە كېلىپ ئۇ تاتار سودىگەرلەر توپىنىڭ روسىيە چېگىرسىدىكى پايدىلىق ئورنىنى تولۇق تۇنۇپ يەتكەنىدى شۇڭا بۇ ئايال پادىشاھ تاتارلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئورۇنبۇرگتا «دىنىي ئۇيۇشما» تەسىس قىلدى. يېكاتېرىناII يەنە قالدۇق تاتار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە روسىيە ئاقسۇڭەكلىرىگە باراۋەر ئىمتىياز بېرىپ، تاتار سودىگەرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېگە، ئۇلارنىڭ تىزىدىن راۋاجلىنىۋاتقان روسىيە سانائىتى بىلەن تۇركىستان بازىرى ئوتتۇرسىدىكى سودىغا ۋاستىچى بولۇپ بېرىشىگە ئىجازەت بەردى(بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان بازىرى مۇسۇلمان بولمىغانلار ئۈچۈن يەنىلا تاقاق ئىدى). مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا قاتلام تاتار تەبىقىسى ھېچقاچان كۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋەزىيىتىگە قەدەم قويدى ھەمدە بو ھالەت بىر ئەسىردىن ئۇزاقراق داۋاملاشتى. تاتارلار چاروسىيە ئىمپېرىيسى سىياسىتىنىڭ «ھەمكارلاشقۇچىلىرى» بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى يەنىلا ئىسلامغا چىڭ باغلانغانىدى. ئۇلار ئاڭلىق رەۋىشتە ئۆز مىللەتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. پاكىتلار شۇنى ئىسلاپلىدىكى، بۇ سودىگەرلەر بىر تەرەپلىمە ھالدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئىشىنى ئاللىقاياقلاغا چۆرۈۋەتكەنىدى. ئەگەر ئاشۇ سودىگەرلەر بولمىغان بولسا ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە XIX ئەسىردىكى «تاتار ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ ئويغىنىش دەۋرى» يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
روسىيە قوشۇنلىرى 1806- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۈلۈك ئىستىلا قىلىشى بىلەن روسىيە ۋە تاتار كاپىتالىزمى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقمۇ ئاخىرقى پەللىگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. روسىيە سانائىتىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا تاتارلارنىڭ ۋاستىچىلىرىمۇ ئاخىرلاشتى. ئالىكىساندىرII ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە روسىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېغىر بېسىمنى ئەسلىگە كەلتۈردى. يېكاتېرىناII ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان خېرىستىيانىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ چىۋەرلىك بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئىستاتسىتىكىلق مەلۇماتلارغا قارىغاندا XIX ئەسىردە 200مىڭغا يېقىن تاتار خىرىستيان بولۇپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇرال، قازاق يايلىقى ۋە تۈركىستاندىكى تاتارلارغا ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تاتارلارنىڭ كۆونتۇرۇللىقى ئاستىدا تۇراتتى. تاتارلارنىڭ بۇ خىل رولىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ناھايتى قاتتىق قانۇن تۇرغۇزۇش ۋاستىلىرىنى قوللاندى.
تاتار مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بېرىدىغان تەھدىت تاتارلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. بۇ ئىنكاسنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى تاتارلاردىكى ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى بولدى. مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قالاق مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلام دىنى بىەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشقا ئىنتىلدى. مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى بىر تۈركۈم تالانتلىق دىنىي مۇتەپككۇرلار ئورۇنلىدى. بۇلار ئەبۇ ناسىر كۇساۋى (1783- 1814)، شىھابىددىن مارجانى(1818- 1889)زىرائىدىن پەخىرىددىن(1959- 1936) ۋا مۇسا جارۇللابەگ (1875-؟19) قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ قەيسەر كىشىلىرى ئىدى. تاتارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قالاق مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشمۇ ناھايتى زۆرۈر ئىدى. شۇڭا مائارىپ تۈزۈمى مەسىلىسىگە ئەڭ دەسلەپ تىل ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقەييۇم ناسىرى ئۇل سالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زور بىر تۈكۈم يازغۇچىلار مۇشۇ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولدى. كىشىلەر ھېلىھەم ئۇلارنى XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى «تاتار ئەدەبىيات ‿سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگۈچىلەر دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسمائىل بەي گاسپىرىنىسى («روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى قىرىم» دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ) نىڭ بەزى مۇخلىسلىرىمۇ يېڭىچە مائارىپنى تاتارلار ئارىسىغا ئېلىپ كېلىپ تونۇشتۇردى. XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازان ۋا باشقا تاتار شەھەرلىرى (ئورېنبۇرگ، ترويىسكى، ئاستراخان قاتارلىقلار) مەدرسە نەشىر بويۇملىرى ۋە تاتار تىلىدىكى نەشىر بويۇملىرى ئارقىلىق بۇ شەھەرلەرنىڭ پارلاق مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇشتەك ئورنىنى قايتىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ شەھەرلەرنىڭ داڭقى تاتارلار رايونىدا ئەمەس، ھەتتا روسىيە چېگرىسىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى.
بىراق تاتارلار باشقا بىر ئەۋزەللىككە تايىنىپ روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىدى. ئۇ بولسىمۇ تاتارلارنىڭ روسىيە تەۋەلىكىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان تىل جەھەتتىكى تۇغقانلدارچىلىق مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا تاتارلا ئۆز تەسىرىنى ھەر تەرەپكە كېڭەيتىپ، پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامزىملىق ئىدىيىلەرنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقىنى ئۈچۈن مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تاتارلار روسلار بىلەن بىۋاستە تىركىشىدىغان ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە روسىيىدىكى بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىشتىراك قىلغانىدى.
بىرىنچى قېتىملىق روسىيە ئىبقىلابى تاتار مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق پۇرسەت بولدى. ئۇلار 1905- ۋە 1906- يىللىرى ئاستىن نوۋىگورود ۋە سانكىت پېتىربورگدا ئۈچ قېتىم ئىسلام قوورۇلتىيى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى ئاشكارا جاكارلىدى. ئەمما بو كىشىلەرنىڭ تەلىپى ناھايىتى چەكلىمىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىك قاتارلىقلارنىلا تەلەپ قىلغان بولۇپ، ھەتتا مۇستەقىللىق تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىغانىدى.
ئەمدىلىكتە ھېچقانداق كۈچ رۇسلارنىڭ تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشىنى توسۇپ قالالمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان رايونى، خىۋا، قوقان قاتارىق ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىچكى ئۇرۇش ۋە چارۋىچىلار قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە ھالىدىن كەتكەنىدى. تېخىمۇ يامىنى تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ قالاقلىقى ۋە زامانىۋى قوشۇننىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن رۇسلارنىڭ ئىستىلاسىغا قارشى تەشكىللىك قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولماي قالدى. ئەمما، قىرىم ئۇرۇشى، قازان قەبىلىلىرىنىڭ ئىسيانى ۋە كاۋكاز ئۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىدىن،رۇسلارنىڭ بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى جىق سۇزۇلۇپ كەتتى. تاكى ئىمام شامىل قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇب قىلىپ، داغىستاندىكى قوشۇنلارنىڭ قولى بىكا ر قالغاندىن كېيىنلا رۇسلارنىڭ تۈركىستاننى يوتۇۋېلىشى قەدەم باشقۇچلۇق ھالدا داۋاملاشتى. 1864- يىلى گېنېرال چېرنيايېف قومانلىقىدىكى قوشۇن ۋېرنىدىن يولغان چىقىپ، تۈركىستان شەھەرلىرىدىن يەسىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى، ئاندىن چىمكەنتنى ئىشغال قىلدى. 1865- يىلى قوقان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتنى ئىگىلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن رۇسلار بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. 1868- يىلى 5- ئايدا سەمەرقەنتنى ئالدى. شۇ يىلى 6- ئايدا زېرابۇلاقتىكى جەڭدە بۇخارا قوشۇنلىرى يېڭىلدى. 1868- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى بۇخارا ئەمىرى رۇسلا بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، رۇسلار ھامىيلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 8- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى بىر شەرتنامە بىلەن خىۋا خانلىقىنىڭ مۇستەقىلىق ئورنىغا خاتىمە بېرىلدى.
1875- يىلى رۇسلار ئاخىرى قوقان خاندانلىقىغا بېسىپ كىرى، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى پايتەخت قولدىن كەتتى. 1876- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى رۇسلار ئۆزلىرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك رەقىبى بولغان قوقان خانلىقىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا قوقان تۈركىستان گوبىناتورلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1873- 1874- يىللىرى رۇسلار تۈركمەنىستاننى ئىگىلەپ تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى ئاخىرلاشتۇردى. گېنېرال سىكوبېلېفنىڭ كۆكتۆپە ۋادىسىنى ئىشغال قىلدى (1879-يىلى) ۋە 1884- يىلى تۈكمەنىستاننى بويسۇندۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى.
بۇخارا ۋە خىۋادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھامىيلىقتىكى دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسلار تۈركسىتاننى ھەربىي ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە تۈركىستان گوبىرناتورىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. گوبىناتور بولسا قورۇقلۇق ئارمىيە شىتابىغا بويسۇناتتى. رۇسلار مۇسۇلمانلارغا مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى. رۇسلار ئىستىلا قىلغان باشقا مۇسۇلمانلار رايونغا سېلىشتۇرغاندا، رۇسلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان تەدبىر- سىياسەتلىرى سەل باشقىچە بولدى: ئۇلار تۈركىستان يەرلىك ئاھالىسىنىڭ روسلىشىشى ياكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى قەتئىي خالىمىدى. تۈركىستان خەلقى روسىيە ئىمپېرىيسىنىڭ پۇقراسى دەپ قارالمىدى. شۇنداقلا ھەربىي مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىمىدى. تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرنىڭ ئىسلام شەرئىتى ئاساسىدىكى قانۇن- تۈزۈمىنى ساقلاپ قالدى، يەنە ئإزلىرىنىڭ يەرلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالدى. روسىيە دائىرىلىرى تۈركىستاندا ئەنئەنە ئەڭ كۈچلۈك ساقلىنىپ قالغان، بىر جەمئىيەت چىققان ئىسلام مۇتەئەسسىپلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، بولۇپمۇ بۇ يەرلىك ھۆكۈمرانلار ۋولگا دەريا ۋادىسىدىكى تۈركىستان خەلقى بىلەن ئورتاق ئېتقادقا ئېگە، شۇنداقلا يۈكسەك مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تۈركىستان خەلقى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا قارشى تۇراتتى. ئۇلار يەنە تاتارلارنىڭ ئورېنبۇرگدىكى ئىسلام ئۇيۇشمىسىنىڭ تەسىرىنى تۈركىستانغا كېڭەيتىش تەلەپلىرىگىمۇ قارشى ئىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى روسىيىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن جىق ئاستا بولدى.
تۈركىستان بوستانلىق رايونلارغا تەۋە بولۇپ، قازاق يايلىقى ۋە قىزغىز دالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيتتى، ئەقەللىسى بۇ يەردىكى دېھقانچىلىق قىلىغىلى بولىدىغان تېرىلغۇ يەرلەر تولىمۇ ئاز ئىدى، ھەتتا ئاشۇ ئازغىنە ئولتۇراق ئاھالىنىڭ كىرىپ كېلىشىمۇ ئاللىقاچان رۇسلار بىلەن تۈركىستان دېھقانلىرى ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشقا سەۋەپ بولالايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە ئىشچىلىرى تۈركىستانغا كېلىپ تۆمۈر يول ۋە توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى قورۇلۇشقا ياردەملەشتى. كېيىنچە، تۈركىستان مۇستەملىكە شەھەرلىرى ناھايىتى تېزلا مۇستەملىكە شەھەرلەرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدى. يەركەنلىكلەرنىڭ كونا شەھەرلىرىگە يانداشتۇرۇلۇپ، «ياۋرۇپاچە» ئولتۇراق رايونلار ئارقا - ئارقىدىن قورۇلدى.
روسىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى كۈرەش XIX ئەسىرىنىڭ 80- يىللىرى دىنىي ئالاھىدىلىك ئاساسىدا كۆتۈرۈلدى. «كاپىرلارغا قارشى بۇ خىل«غازات»ئۇرۇشى سابىق قوقان خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ قوماندانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك دىنىي ساھەدىكىلەر بولۇپ، دېھقانلار ۋە شەھەر قول- ھۆنەرۋەنلىرى ئۇلارنى قوللاپ- قۇۋەتلىدى. بۇ كۈرەشلەر ئىستىخىيلىك ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە بولغانلىقى، يەنە كېلىپ تاشقى دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئوڭايلا باستۇرۇلۇپ كېتەتتى.
ئەڭ دەسلەپكى قوزغىلاڭ 1885- يىلى پەرغانىدىكى سوپىلارنىڭ داھىسى خانتۆرە باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا 1891- يىلى نەمەنگان رايونىدا ۋە 1892- يىلى تاشكەنت ۋە قوقان رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. 1898- يىلى كۈنسىرى ئۇلغىيىۋاتقان نارازىلىق ئارقىسىدا نەقشىبەندىيە تەرقىپتىكى سوپىلار ئىشان مەدەلىخان باشچىلىقىدا تېخىمۇ زور كۆلەملىك قوزغىلاڭنى تەشكىللىدى. مەدەلىخان 2000دىن ئارتۇق كىشىنى توپلاپ، غازاتقا ئاتلانغانلىقىنى جاكارلىدى. قوزغىلاڭچىلار ئەنجاندىكى رۇس قوشۇنىغا ھوجۇم قىلىپ ئانچە- مۇنچە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا مەغلۇب بولدى ۋە ئېچىنىشلىق تۈردە باستۇرۇپ تاشلاندى.
XX ئەسىرنىڭ باشلىرى روسىيە دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشتىن قاتتىق ساقلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش پەقەت جەددىچىلىك نامى ئاستىدىلا ئېلىپ بېرىلدى.
قاتتىق تەقىب مەۋجۇت بولسىمۇ، جەدىتىزم ۋە پانتۈركىزملىق ئىدىيىلەر XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە يەنىلا تۈركىستانغا كىرىپ كەلدى. دەسلەپ ئىسمائىل بەي گاسپىرالى ۋە ئۇنىڭ قىرمىدىكى شاگىرىتلىرى بۇ ئىدىيىلەرنى كۈچەپ تەغىپ قىلىشتى. 1905- يىلىدىن كېيىن تازا جانلىنىشقا باشلىدى. 1908- يىلىدىن كېيىن بولسا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى «ياش تۈركچىلەر» پارتىيىسىنىڭ تەسىر ئاستىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. ياپونىيىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشى رۇسلار بىلەن تۈركىستان خەلقلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. . رۇسلارنىڭ يېڭىلمەسلىك ھەققىدىكى ئەپسانە مەۋجۇتلىقىدىن قالدى. تۈركىسىتاندىكى كۈرەش بولسا تەدرىجىي سىياسىي تەلەپ قويۇش يۆلۈنىشىگە قاراپ يۈزلەندى. تۈركىستاندا مەخپىي ياكى يېرىم ئاشكارا جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، مىللەتچىلىك مەزمۇنىغا ياتىدىغان ئەسەرلەر نەشىرى قىلىپ تارقىتىلىدى. «ياشا بۇخارا» پارتىيىسى ۋە «ۋە ياش خىۋا» پارتىيسى قاتارلىق بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار بولسا ئاشكارا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاتلاندى.
1917- يىلىدىكى فىۋرال ئىنقىلابى تۈركىستان خەلقىگە ئۆز تەلەپلەرىنى ئاشكارا بايان قىلىش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى. 1917- يىلى 5- ئايدا ئۇلار تۈركىستاندا ئىسلام قورۇلتىيى چاقىرىپ، تۇنجى قارارلىق مىللىي ھۆكۈمەت- مىللىي ھەيئىتىنى تەسس قىلىپ چىقتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان مەزگىلدە مىللىي ھەيئەت ھاكىمىيىتى ئىگىلەش ئۈچۈن قۇقاندا تۈركىستان مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىتىنى قوردى. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمىرى بەكمۇ كالتە بولۇپ قالدى. قوقان ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆدىسىدىن چىقالمىغۇدەك بىر غول مەمۇرىي ئەمەلدارلار قاتلىمى ياكى قوقان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ قالالايدىغان قوشۇنى يوق ئىدى. 1918- يىلى 1- ئايدا تاشكەنتىكى روسىيە سوۋېتى روسىيە ئىشچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى قوقانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. 2- ئاينىڭ 19- كۈنى قوقان شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، قاتتىق بولاڭ ‿ تالاڭ قىلىندى.
تۈركىستاندا تاشكەنتتىكى سوۋېت كوممۇنىسىتلىرى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا مەھكەم دەسسىۋاتقان بولۇپ، كونتۇرۇللۇق ھوقۇقى تامامەن ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ بولسا سوۋېت ھاكىمىيتىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلدىكى بىر ئالاھىدىلىك ئىدى. بوۋاقىتتا «ئاقلار ئارمىيىسى» تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغانلىقتىن ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارىتا سوۋېت ھۆكۈمىتى قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئەمما، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى يالغۇز ئەكسىلئىنقىلابچىلار بىەن كۈرەش قىلىشلا ئەمەس ئىدى. خۇددى تاشكەنت سوۋېتىنىڭ بىر رەھبىرى ئېيقاندەك: «ئىنقىلابنى رۇسلار قوزغىغانىكەن، ئىنقىلابدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلارمۇ شۇلار» بۇلاتتى. 1919- يىلنىڭ ئاخىرى ۋولگا ۋادىسىدىن كەلگەن بىر تارماق قىزىل ئارمىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كېلىپ، خىۋا خانلىقى (1919-يىلى 11-ئاي) ۋە بۇخارا خانلىقى (1920- يىلى 2-ئاي) نى يوقىتىشقا كىرشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى خانلىق خارەزىم ۋە بۇخارا جومھۇرىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
سوۋېت ھاكىمىيىتى غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردىن كېلىۋاتقان قوش بېسىملىق تەھدىتىدە، تۈركىستان سوۋىت ھاكىمىيتىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق بولۇۋاتاتتى. بىر تەرەپدىن ئۇلار سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە شەرقىي بۇخارا تاغلىق رايونى (ھازىرقى تاجىكىستان) نى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان «باسمىچىلار قوماندانىدىكى مۇسۇلمان پارتىزانلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ دېھقانلار قوزغىغان ۋە ئۇمۇمىيلىق خاراكتىرىنى ئالغان، روسلارغا ۋە كوممۇنىزىمغا ئوخشاشلا قارشى تۇرىدىغان كۈرەشنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. 1925- يىلغا كەلگەندە خىل قوراللانغان سوۋىت قىزىل ئارمىيسىنىڭ قول تىقىشى بىلەن بۇ كۈرەش تىنجىتىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما يەككە ‿ يىگانە قالغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بەزى توپلىرى تاغلىق رايونلاردا 1936- يىلىغىچە تىركەشتى. يەنە بىر ياقتىن كېلىۋاتقىنى جەددىچىلەرنىڭ خەتىرى بولدى. 1920- يىلىدىن كېيىن ئەسلىدىكى جەدىتچىلەرنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزا بولدى. بۇ كىشىلەر كوممۇنىزمچى بولغىنى بىلەن يەنىلا مىللەتچى ۋە پانتۈركىست ئىدى. بۇ كىشىلەر تۈركىستاننىڭ سىياسىي ھاياتىدا بىر مەھەل رول ئوينىدى. ئۇلار رۇسلارغا قارشى بولۇپ، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كوممۇنىزمنى ۋە تۈركىستان، قازاقىستان، قىزغىستان، باشقىرتىيە، تاتارىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور تۈركلەر دۆلىتىنى قۇرۇش كويىدا ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇران دۆلىتى قۇرلۇش نىشانىغا يېقىنلاپ قالدى. بۇ نىشاننى شۇ ۋاقىتتىكى قازان تاتارلىرىدىن سۇلتان غەلىيېف كۆڭۈل قويۇپ لاھىيىلەپ چىققانىدى.
1921 - يىلىدىن كېيىن رۇسلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھىم ئۇرۇنلاردىكى يەرلىك كوممۇنىستلارنى يوقىتىشقا كىرىشتى. بۇ ئىش گەرچە يەرلىك كوممۇنىستلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇرچىغان بولسىمۇ، 1924- يىلى تۈركىستان يەنىلا ئۆزبېكىستان تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق بىر نەچچە مىللىي جومھۇرىيەتكە ئايرىۋېتىلىدى. بۇ بىر نەچچە مىللىي جومھۇرىيەتنىڭ قورۇلۇشى بىرلىككە كەلگەن تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇش شېرىن چۈشىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 1930- يىلىدىن تارتىپ ئاخىرى چوڭ تازىلاش باشلاندى. بۇ قېتىمقى تازىلاش 1938- يىلىغىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا يەرلىك زىيالىيلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىتىلىدى، بۇ كىشىلەر بولسا 1919- يىلىدىن كېيىن كوممۇنىزىم ھاكىمىيتىگە شىلتىڭ ئېتىپ كەلگەنلەر ئىدى.
ھالبۇكى، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بىت ‿ چىپ قىلىپ تاشلانغان، تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلانغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيلىك قۇرۇلما مۇناسىۋېتى تۈپەيلىدىن (چۆللۈكلەر ۋە بوستانلىقلار) روسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەملىكىسى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، ئۆزبىكىستان ۋە تاجىكىستاندىكى غەيرى مۇسۇلمانلار سانى 1959- يىلى %15 تىن تۆۋەن بولغان، تۈركمەنىستاندىكى غەيرى مۇسۇلمانلار بولسا %20 تىن تۆۋەن بولغان. بىر مەھەل مۇڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسىمى بولغان تۈركىستان كەلگۈسىدە يەنىلا تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ قالسا كېرەك.
مەنبە:http://www.basbas.cn/mediniyet/showContent.php?YWlkPTM2MSYxOTA=

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 11:23

 

ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 19:20 |
شەبنەم تور رادىئوسى
palta
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 807
شۆھرەت: 808 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7599 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 764(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم ھارمىغايسىز تېخىمۇ ئىزدەنگەيسىز

52522
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 20:31 |
شەبنەم تور رادىئوسى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

بەك يېڭى خەۋەركەن رەسىمى بىلەن يوللاپسىز

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 22:23 |
aynare
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59792
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 309
شۆھرەت: 320 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3010 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 837(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 

ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالاي .كۆپ تەشەككۈر !

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 01:03 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 02:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ