ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 250 - كۆرۈرمىنى
بأره
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 63757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1247
شۆھرەت: 10266 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3442 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 736(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 «بۆرە»: ئاتۇ  پاجصئةسص

                                ئاتۇ» پاجصئةسص
              
                                   قاسىم خوجا

       1918-يىلى ماي ئېيىدا، يېڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتىنى ئىگىلىگەن قىزىل گۋاردىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق قىرغىن قىلىش قانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ پاجىئە تارىختا قازاقچە «ئاتۇ» پاجىئەسى دەپ ئاتالغان. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن 20مىڭچە ئادەم قىرغىن قىلىنىپ، مال-مۈلكى تالان- تاراج قىلىنغان. ئايرىم يامان ئادەملەرنىڭ مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئۇيغۇرلىرىنى ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرگە يەتتسىۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرگە دۇچار قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز چوڭقۇر يارا قالدۇرغان.
    نېمە ئۈچۈن يېڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋېت ھاكىمىيتىنىڭ قوشۇنلىرى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىدۇ؟
     1917- يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي-جايلارغا بېرىپ تەتۈر تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋېت ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقان. ئاقلارنىڭ ئاز سانلىق ئوفىتسېرلىرى ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ «بولشېۋىكلار خەلقنى جازالايدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قويىدۇ، ئۆلتۈرۈپ قىرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى يوقىتىش كېرەك» دىگەنگە ئوخشاش ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئېزىقتۇرۇپ، يامان يولغا باشلاشقا ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق تەشۋىقاتلار يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى چېلەك قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان تەۋەسىدىكى چېلەك قاتارلىق جايلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدمۇ ئېلىپ بېرىلغان. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت ھاكىمىيتىگە قارشى بىر ئوچۇم يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئالداپ ۋە زورلاپ تەشكىللىشى بىلەن سوۋېت ھاكىمىيتىگە قارشى بەزى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. مەسىلەن، 1918-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم يەرلىك ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلار قارىسۇ بولۇسلۇقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى كەتمەن-گۈرجەك، ئارا-ئورغاققا ئوخشىغان ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سوۋېت ھاكىمىيتىنىڭ قىزىل گۋاردىيىسى ئىگىلىگەن ئالمۇتا سېپىلىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. سېپىل ئىچىدىكى ياخشى قوراللانغان قىزىل گۋاردىيە قىسىملىرى قاتتىق قايتۇرما زەربە بېرىپ، 2-مارت كۈنىگە قەدەر ئىسيانچىلارنى ۋە تارانچىلارنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىغان. سېپىلغا ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن نۇرغۇن ئادەم قىرىلغان. 150 ئاتلىق تارانچىدىن ئاران 5-6 سى ساق قالغان.
     سېپىل ئىچىدىكى قىزىل گۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇق، مۇرايېفلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىئىينەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، 1918- يىلى ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا يۈرۈشى قوزغىغان. مۇرايېف قوشۇنلىرى ئالمۇتىدىن غالجاتقىچە يولغا چېلەك، كېيكۋاي، ئىنچىكىبۇلاق، قورام، لاۋار، مالىۋاي، قارىتۇرۇق، بايسېت، قارا يوتا، غەيرەت، ئاۋات، دولاتا، تۈگمەن دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر يېزا- قىشلاقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئالمۇتا سېپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان 7 ياشتىن 70ياشقىچە بولغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇقلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان.
     «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 93-يىل 5-ئىيۇندا ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئاتۇ پاجىئەسى ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان. مۇرايېف قوشۇنلىرى بۇ جايدا 200 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئوتتۇرا كوچا بىلەن ھەيدەپ كېلىپ سادىر ئىمان دېگەن كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئارقا تەرەپتىن پىلىموتقا تۇتقان. ئۆلمەي مىدىرلىغانلارنى نەيزە بىلەن سانجىپ، تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كوچىمۇ-كوچا، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر «بىزگە ئېيتىلىدىغان بىرەر ياخشىلىق بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. چىلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار، ئىنچىكىبۇلاق دېگەن يېزىلىرىدىمۇ مۇرايېف قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تۈردە قىرغىن قىلغان. لاۋارنىڭ ئۆستەڭ سۇلىرى قىزىل قانغا بويالغان. تۈگمەن يېزىسى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان.
     نەچچە 10 كۈن داۋام قىلغان ئاتۇ قىرغىنچىلىقى جەريانىدىكى دەسلەپكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۈرۈلگەن. «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 93- يىل 18-ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا مەلۇم قىلىنىشىچە، پەقەت چىلەك ناھيىسىنىڭ قورام يېزىسىدىلا 3000 غا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانغان.
ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالىق دەردىنى تارتقان، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خارلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۈركۈپ كەتكەن سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ-تەرەپلەرگە پېتراپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بەزىلەر تاغ- ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنغان، بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھېرىپ چارچاپ، ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن، يۈزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تېنى ئاجىز قېرىلار ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەت ئەللەرگە قېچىپ كەتكەن. قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قالغان مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنغان. قىسقىسى قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى سەرسانىلىقتىن، سەرگەردانلىق ۋە ئىغىر تۇرمۇش تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلىپ، پۈتكۈل يەتتىسۇ تەۋەسىدىككى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئېسىگە كېلەلمەي قالغان...
     يەتتىسۇ ئوبلاستىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، 1918-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئالمۇتا ئۇيېزدىلىق دېھقانلار قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان، قۇرۇلتايدا ئاتۇ پاجىئەسى قاتتىق ئەيىپلىنىپ، ناھەق قىرىپ تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى ئاقلاش، يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، ئىۋان مامۇنتۇا ۋە مۇرايېفغا ئوخشاش جاللاتلارنى جازالاش ھەققىدە قارار چىقىرىلغان.
     كېيىنچە، يەرلىك سوۋېت ھاكىمىيتى ئورگانلىرىنىڭ غەمخۇرلىقىدا، سىرتلارغا قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمە ماددىي ياردەملەر بېرىلگەن، ئۆي-ماكانسىز قالغانلارغا قېچىپ كەتكەن ئەكسىيەتچى بايلارنىڭ ئۆيلىرى تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.
مەخسۇس كومىسسىيە تەشكىللىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىلى رايونىغا ئەۋەتىلىپ، بۇ جايغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇنچىسى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەن. ئىلى رايونىغا ئەۋەتىلگەن كومىسسىيە تەركىبىدە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق ئىنقىلابچى ۋە سىياسىي رەھبەر ئابدۇللا روزىباقىيفىمۇ بولغان. يەتتىسۇ سوۋېت ئىنىقىلابى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئا. روزىباقىيېف زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاھالىسىغا غەمغۇرلۇق قىلىپ، ئاتۇ پاجىئەسىنى ئەيىپلەپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ئاكتىپ تەشكىللىگەن.
     1993-يىلى 5-ئايدا ئالمۇتا، ياركەنت، چېلەك قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئاتۇ پاجىئەسىنىڭ 75يىللىقىنى خاتىرىلەپ يىغىلىشلار ۋە نەزىر-چىراقلارنى ئۆتكۈزگەن، قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلغان، قۇربانلارغا خاتىرە مۇنارلىرىنى تىكلىگەن.
(«ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1993-يىللىق2-1-قوشما سانىدىن ئېلىندى).

مەنبە:http://www.basbas.cn/mediniyet/showContent.php?YWlkPTMwMCYxOTA=

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 11:23

 

ئۆتمۈشىنى بلمىگەن مىللەت كەلگۈسىگمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 19:12 |
شەبنەم تور رادىئوسى
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 848
شۆھرەت: 879 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8425 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1405(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

تارىخىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك !!!!!!!!!

زىمىن ئانا مىھرىگە مەڭڭۈ مۇھتاج . ئانىلار پەرىشتە سۈپەتلىك ئىنساندۇر .
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 20:02 |
شەبنەم تور رادىئوسى
mazlum
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 74207
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 157(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 Re:«بۆرە»: ئاتۇ  پاجصئةسص

ئاتۇ پاجىئەسى يىقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى يەنە بىر قىتملىق قانىلىق پاجىئەلەرنىڭ بىرىدۇر،ئەجىدادلىرىمىزنىڭ بىگۇناھ قىنى ھەرگىز بىكارغا ئاقمايدۇ،رۇس چوشقىلىرنىڭ ياخشى كۇنلىرى ئاز قالدى،تارىخ ھامان بىر كۇنى ئادىل ھۇكۇمنى پۇتۇن دۇنياغا جاكارلايدۇ .

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 20:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:28, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ