ئەمگەكتىن كەلگەن پۇل_سىزنى بەختلىك،خاتىرجەم قىلىدۇ. مۇكاپات پۇلى_سىزنى ھەسسىلەپ ئەمەلىي ئىشلەتكۈزىدۇ. ياردەم قىلىنغان پۇل_سىزگە مېھرىبانلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. توپلاپ ئامانەت قۇيۇلغان پۇل_سىزنى ئىقتىسادچىل،ئاددىي-ساددا قىلىدۇ. جۇغلانما پۇل_سىزنى كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە قىلىدۇ. تېجەلگەن پۇل_پەزىلىتىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ. تېپىۋالغان پۇل_سىزنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. ئوغرىلىغان پۇل_يۈرىكىڭىزنى پوكۇلدىتىدۇ. ئالداپ تاپقان پۇل_يۈرىكىڭىزنى قاپتەك قىلىدۇ. پارا ئالغان پۇل_ئىدىيىڭىزنى چىرىتىدۇ. باشقا ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن پۇل_سىزنى<< ئېلىشتا ھەشقاللا،بېرىشتەئەستاغپۇرۇللا>> دېگەندەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇزۇپ-چېچىۋىتىلگەن پۇل_سىزنى بەتخەج قىلىپ قۇيىدۇ. تەبرىك پۇلى_سىزنى ھەسسىلەپ قايتۇرغۇزىدۇ. بۇلاپ ئالغان پۇل_سىزنى ئاچ كۆز قىلىدۇ. |