XOHTEKIN ياغدۇراي مەدھىيە ساڭا ئەي ئۇستاز، چۈنكى سەن دىللارغا نۇرلار چاچقۇچى. بىر ئۆمۈر ھارماستىن ئىشلەپ ئەل ئۈچۈن، مۈشكىلات توسقۇندىن يوللار ئاچقۇچى.
ئىجادنىڭ مەنبىئى-سېنىڭ ئەجرىڭدىن، ئۇچقۇندىن ئۇلغۇيۇپ ياندى، پارلىدى. پەن-بىلىم بابىدا تاپقاچ يۈكسىلىش، ئۈمۈدۋار دىللاردا شاتلىق يايرىدى.
مىھنىتىڭ بىباھا تۆھپەڭ بىھىساپ، ئىنساننىڭ روھىغا ئىنژىنېر ئۇستاز. جۇش ئۇرار قەلبىڭدە ئۇلۇغۋار ئىستەك، ۋۇجۇدىڭ گوياكى غۇبارسىز قۇياش.
مۇبارەك ئۆمرۈڭگە تىلەيمەن شاتلىق، ھۆرمىتىڭ شەنىگە يازاي كۈي-داستان. سەن خەلقىم ئۈمىدى ۋەتەننىڭ پەخرى، ئەۋلادلار مەشئىلى نىجادكار ئىنسان.
ئۇستازىم جاپايىڭ بەختىڭدۇر ئەبەد، ھىممىتىڭ تۈگىمەس زۇمرەت زەر بۇلاق. رىقابەت جار سالغان چەكسىز ئالەمدە، سەن بولغاچ ھاياتتا يولىمىز پارلاق.
2009-يىلى3-ئاينىڭ28-كۈنى (دىيارى كەلپىن) |