ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 362 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: پاكىزلىق ۋە ياسىنىش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

SALMAK
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34457
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 732
شۆھرەت: 753 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8415 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 930(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 پاكىزلىق ۋە ياسىنىش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن

         ئىسلام دىنى ھىچقانداق بىر دىن ياكى ھىچقانداق بىر پەلسەپە كۆڭۈل بۆلۆپ باقمىغان دەرىجىدە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەردى.ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى ئىبادەت تۇزۇمىگە كىرگۈزدى، شۇڭا پاكىزلىق مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
      ئىسلام دىنىنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان . بەش ۋاقىت ناماز ھەر كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنۇپ تۇرىدىغان روھى مۇنچىنىڭ ئورنىدىكى ئىبادەت بولۇپ، مۇسۇلمان بۇ نامازلىرى ئارقىلىق خاتالىقلىرى ۋە يامان ئىشلىرىدىن پاكلىنىدۇ ۋە قول يىغىدۇ.  
      ئىسلامدىكى ناماز باشقا دىنلاردىكى نامازلاردىن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە. بۇ ئارتۇقچىلىقلارنىڭ  بىرى تاھارەت ئىلىش ئارقىلىق پاكلىنىشنىڭ شەرت قىلىنغانلىقىدۇر . ناماز جەننەتنىڭ ئاچقۇچى بولسا، تاھارەت ئېلىش نامازنىڭ ئاچقۇچى، رەسۇلۇللاھ <<تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ>> دىگەنىدى.(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).  
        تاھارەت ۋە پاكلىق:  نىجىس(مەينەت)نەرسىلەردىن پاكلىنىش ۋە تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىش دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
        نىجىس نەرسىلەردىن پاكلىنىشتىن مەقسەت:  ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنى،كىيىم-كىچەكلىرى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇننىڭ قان يۇقى، چوشقا ، ئىنسان ۋە ھايۋاننىڭ تەرەتلىرىگە ئوخشاش قايسى بىر نىجىس ياكى مەينەت نەرسىلەردىن پاكىز بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ.  
       يەنە بىر تۈرلۈك تاھارەت ھسسىي مەينەتچىلىكتىن پاكىزلىنىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ھۆكمىي نەرسىدىن پاكىزلىنىشنى كۆزدە تۇتىدۇ . شەرىئەت تاھارەتنى شەرت قىلدى، يەنى توپا،چاڭ-توزاڭ ۋە كىرلىشىشكە ئۇچرايدىغان مۇئەييەن ئەزالارنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.    
    غۇسلى قىلىش(يەنى ئاياللار ھەيز دىن ساقايغاندا ، ئەر - ئاياللار قىنسى تۇرمۇشتىن بىكار بولغاندا ، تۇي قىلمىغانلار ئىھتىمان بولوپ قالغاندا ،ئەگەر ھىچقانداق ئاھۋال بولمىغان ئەھۋالدا ھاپتىدە بىر قىتىم يۇيۇنىشنى كۆزدە تۇتىدۇ ،) نى شەرت قىلدى. كىچىك ۋە چوڭ پاكلىقنى كۆپ تەكرارلىنىدىغان سەۋەبلەرگە باغلىدى، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئۇ سەۋەبلەرگە تاھارەت بىلەن تاقابىل تۇرۇشى لازىم.  
    ئۇنىڭدىن سىرت ئىسلام دىنى مۇسۇلماننىڭ بەدەن ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى سۈننەت ۋە مۇستەھەپ(يەنى ساۋابلىق ئىش)دەپ قارايدۇ ، بولۇپمۇ جامائەت بىرگە ناماز ئوقۇش جەريانىدا قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا پاكىزلىنىشنى تىخىمۇ مۇستەھەپ دەپ تەكىتلەيدۇ.  
      شۇنىڭ ئۇچۇن  جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى غۇسلى قىلىش يەنى يۇيۇنۇشنى مۇستەھەپ دەپ بەلگىلىدى . رەسۇلۇللاھ << ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاز دىگەندە ھەپتىدە بىر كۈن يۇيۇنۇشى لازىم>> دېگەن.(ئىمام ئەھمەد،نەسەئى ھاكىم رىۋايەت قىلغان).  
     سۈننەت (يەنى ھەدىس شەرىف يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمە ۋە يوليورۇقلىرى) ئىغىز،  قولتۇق ، ئەۋرەت ۋە چاچ..دېگەندەك مۇئەييەن ئەزالارنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈإل بۆلدى .  رەسۇلۇللاھ <<كىمنىڭ چىچى بولسا(يەنى كىم چاچ قويغان بولسا)چىچىنى ھۆرمەتلىسۇن>>(يەنى چىچىنى تاراپ ۋە يۇيۇپ تۇرسۇن) دىگەن. (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى مەسجدتە ئىدى، شۇ چاغدا چاچلىرى ۋە ساقاللىرى چۇۋالچاق بىر ئادەم كىرىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمگە-خۇددى چىچىڭنى ئوڭشىۋال دىگەن تەرىقىدە ئىشارەت قىلغان ئىدى، ئۇ ئادەم چىچىنى ئوڭشاپ رەسۇلۇللاھنىڭ قىشىغا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: <<چىچىڭ چۇۋالچاق كەلگىنىڭدىن،چىچىڭنى ئوڭشاپ كەلگىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟>>دىگەن.(مالىك رىۋايەت قىلغان).  
    دىمەك،رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيەتكە كۆڭۆل بۆلگەندەك، كۆرنۈإشكىمۇ كۆڭۆل بۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا يوليۇرۇق بەرگەن. شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ بىر ئادەم ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا، قولىنى يۇيماي تۇرۇپ، يەپ-ئىچىدىغان نەرسىلەرگە قولىنى سىلىشتىن توسقان. تاماق يەپ بولغاندىن بولۇپمۇ گۆش يىگەندىن كىيىن قولىنى يۇيۇشقا بۇيرۇغان ۋە گۆش يەپ قولىنى يۇيماي كېسەل بولۇپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان . رەسۇلۇللاھ <<كىم گۆشنىڭ يۇقىنى قولىدىن يۇيۇۋەتمەي ئۇخلاپ قىلىپ، كىسەل بولۇپ قالسا، ئۆزىدىن باشقىسىنى ئەپىيلىمىسۇن>>"،(ئەبۇداۇۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).  
      رەسۇلۇللاھنىڭ   كۆرسەتمىلىرى ھويلا ئارام  ،كوچا ۋە يوللارنىڭ پاكىزلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. رەسۇلۇللاھ: <<ھويلا ئاراملارنى پاكىز تۇتۇڭلار، يەھۇدىلارغا ئوخشاش مەينەت بولماڭلار">> دىگەن،(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
    كوچا ۋە يوللارنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۆل بۆلۆشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كوچا ۋە يوللاردىن كىشىلەرگە زىيانلىق بولغان ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئىلىۋىتىشنى ياكى تازىلىۋىتىشنى سەدىقە قىلغانلىق بولىدۇ دەپ كۆرسەتمە بەرگەن . شۇنداقلا كوچا، يول ياكى كىشلەر سايىدايدىغان ۋە ئارام ئالىدىغان ھەر قانداق بىر ئورۇنغا چوڭ كىچىك تەرەت قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق چەكلىگەن .بۇ توغرىدا:رەسۇلۇللاھ <<سۇ بويى، يولنىڭ دوقمۇشى ۋە سايىدايدىغان ئورۇنغا تەرەت قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا لەنەتكە قالىسىلەر">>دىگەن.
     دىمەك،ئىسلامنىڭ بۇ كۆرسەتمىلىرى پاكىزلىق ۋە مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى قوغداشتا ھەر قانداق بىر نەزەرىيەدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.  

                      ئىسلام دىنى پاكىزلىققا نىمە ئۇچۇن مۇنچىۋالا كۆڭۆل بۆلىدۇ؟

      ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بىرىشى بىر قانچە ئىتىبارلار ئۇچۇن  بولغان.  
1.پاكىزلىق ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان خىسلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ:"<<اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.(ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن)پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ">>(بەقەرە سإرىسى، 222-ئايەت).  
شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىق ئىماننىڭ يىرىمى ھىسابلاندى:"رەسۇلۇللاھ <<پاكىزلىق ئىماننىڭ يىرىمىدۇر>>"(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).  
      بۇ يەردىكى پاكلىق ياكى پاكىزلىق مەنىۋى پاكىزلىقنى يەنى شىرىك، مۇناپىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن پاك بولۇشنى ، شۇنداقلا ھ سسىي پاكىزلىق يەنى ئومۇمى ۋە خۇسۇسي پاكىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   2.پاكىزلىق سالامەتلىك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يولى، ئىسلام دىنى بەدەننىڭ ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇشىغا كۆڭۆل بۆلىدۇ ، سالامەت بولۇش يەككە ئادەمنىڭ تەييارلىقى بولسا،كوللىكتىپ ئۈچۈن  زاپاس بايلىقتۇر ، كۈچلۈك مۆئمىن ئاجىز مۆئمىندىن ئەۋزەلدۇر . بەدەن مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئامانەت ، شۇڭا بەدەن مەسىلىسىدە سۇسلۇق قىلىش ۋە بەدەننى كىسەلگە تاشلاپ بىرىش توغرا بولمايدۇ . رەسۇلۇللاھ:<<بەدىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار">> دىگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).  
     3.پاكىزلىق ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان گۈزەللىك كۆرنىشى بىلەن ياسىنىش ئۈچۈن شەرتتۇر، رەسۇلۇللاھ:<<"ئاللاھ گإۈزەلدۇر، ئۇ گإۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ">>دىگەن.   چىرايلىق كىيىم-كىچەكلەر بىلەن ياسىنىش ۋە ئىسراپ قىلماستىن ياخشى نازۇ - نئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش ۋە بەھرىمەن بولۇشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:<<ئى ئادەم بالىلىرى!ھەر ناماز ۋاقتىدا(ياكى تاۋاپ ۋاقتىدائەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان)كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار،اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ. ئىيتقىنكى ، «اﷲ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان كىيىم-كىچەكلەرنى، شىرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»"(ئەئراف سإرىسى،31،32-ئايەت).
    4.پاكىزلىق ۋە چىرايلىق كۆرنۈش كىشلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كإۈچەيتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىسىدۇر ، چۈنكى قەلبى رۇس ئىنسان مەينەت ۋە پاسكىنا ئىشلاردىن سەسكىنىدۇ  ۋە شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلاردىن نىرى تۇرىدۇ .  مانا بۇ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بىرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ سىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇ مەسچىتكە بارماقچى بولغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ پىيازنىڭ پۇراقلىرىدىن يىقىمسىزلىق ھىس قىلماسلىقى ئۈچۈن سامساق ۋە پىيازنى خام يىيىشتىن چەكلەشنىڭ سىرىدۇر . رەسۇلۇللاھ:<<كىم سامساق ياكى پىياز يىگەن بولسا،مەسچىتكە كەلمىسۇن ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن">>دىگەن.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).  
      دىمەك،بۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھەدىسلەر سامساق ۋە پىيازغا ئوخشاش يىقىمسىز پۇرىقى بار نەرسىلەرنى خام يىيىشتىن چەكلەيدۇ ۋە ئۇ ئادەمنىڭ شۇ ۋاقتىدا مەسچىتكە يىقىنلىشىشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.
         ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تاماكا چىكىپ،كىشىلەرگە ئازار بىرىدىغان كىشلەر ئەلۋەتتە مەسجدنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ.سامساق ۋە پىياز ھالال نەرسە، تاماكا دىگەن ھارام نەرسە:<<"ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ،ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ">>،(ئەئراف سإرىسى،157-ئايەت).   ساغلام مىجەز،ئەقىل ۋە تەجرىبە تاماكىنىڭ ھەر ھالدا ياخشى نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.  
      دىمەك؛ پاكىزلىق،كىيىم-كىچەكنى چىرايلىق ۋە يارىشىملىق كىيىش، مۇھىت ۋە بەدەن تازىلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۆل بۆلۆش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ئىسلام دىنى بۇ قىممەت قاراشلىرىنى 14 ئەسىر بۇرۇن بۇيرۇغان،تەشەببۇس قىلغان ۋە رىغبەتلەندۈإرگەن.  
    مەنبە-ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى.
مەنبە:http://bbs.nidaislam.com.cn/read.php?tid=1130

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 04:02

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 12:00 |
شەبنەم تور رادىئوسى
SALMAK
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34457
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 732
شۆھرەت: 753 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8415 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 930(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 Re:پاكىزلىق ۋە ياسىنىش ئىسلامنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن .

ئىككى تىما يوللىسام بىر تەستىقلاپ يەنە بىر سىنى تەستىقلىماپسىلەرغو ؟
./read.php?tid=104392
يا ئۇنىڭدا باشقا نەرسىلەر بولمىسا ؟

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 12:07 |
شەبنەم تور رادىئوسى
زۈھەل
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 80473
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 

بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن،  اﷲ رەخمەت قىلسۇن!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
ئىتقاد- ھايات!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 13:32 |
agbar
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 81884
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

سىزگە كۆپ رەخمەت ! ناھايتى ياخشى مەزمۇن ئىكەن،اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 15:53 |
lopunurdiyari
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 61225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1067
شۆھرەت: 1069 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10690 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 484(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

رەخمەت جاپا چېكىپسىز ئەزىز.

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 01:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:26, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ