ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 486 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئاياللارنىڭ كەمچىلىكى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

UYGHURAAA
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 62532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1094
شۆھرەت: 1624 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10104 سوم
تۆھپە: 17 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 521(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئاياللارنىڭ كەمچىلىكى


  
ئىككى ئايال بىرگە بولغاندا سۆز تىمىسى ئىختىيارسىزلا ئۆزئەرلىرىنىڭ غەيۋىتى ئۈستىگە كىتىدۇ،ئۇ بولسىمۇ بىرى دىيىشى مۇمكىن:"مۇشۇ مىنىڭ يولدىشىمنىڭ سىرتتا گىپى بەك كۆپ،ئۆيگە  كىرسىلا خۇددى گاچىدەك گىپى ئازلاپ قالىدۇ."
يەنە بىرى بولسا چوقۇملا:"شۇنداق ئەمەسمۇ، مىنىڭ يولدىشىمنىڭ ئاغزى ئۆيدە دانالاردەك سۆزلەيدۇ،ئۇنى گەپ قىلدۇرۇش پادىشاھنى گەپ قىلدۇرۇشتىنمۇ تەس." شۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئاسانلا "ھەممە ئەرلەر ئوخشاش ئۆيگە كىرسە ئاغزى يۇمۇلۇپ ئېغىر بولۇپ قالىدۇ."دىيىشىدۇ.

   ئەسلىدە مۇنداق يەكۈن چىقىرىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ مۇڭ-ھالىنى ئېيتىپ بەرسە،تىڭشايدىغان  ياخشى ئايال ھەمراسىنىڭ بولۇشىنى ئويلايدۇ،ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا  ئاياللار مۇنداق پۇرسەتلەرنى بىرەلمەيدۇ،ئاياللار ئادەتتە كۆپرەك سۆزلەشكە ئامراق،ئەمما سۆزىگە ئازراقلا دىققەت قىلمىسىلا،ئاۋارىچىلىق كىلىپ چىقىدۇ،ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولىدۇ،ھەتتا يولدىشىنىڭمۇ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ،قىسمەن ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپلا ھىچنىمىگە قارىماي،شۇ كۈنلۈك سىرتتا كۆرگەن-ئاڭلىغان ئىشلىرىنى سۆزلەپلا كىتىدۇ،ئەسلىدىلا ھارغان يولدىشىنىڭ قۇلقىغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ،زىرىكىشلىك  بىلىنىدۇ.مەسلەن: مائاش-مۇكاپات، ئىدارە، خىزمەت، كۆكتات، ئاپتۇۋۇزدا بولغان،بالىنىڭ ئەھۋالى(بۇمۇ مۇھىم،لىكىن مۇۋاپىق ۋاقتى بولىشى كېرەك).........ۋاھاكازالار.

   ئايالنىڭ سۆزى تۈگەپ سىزنىڭ گىپىڭىز"ئەتىكى ئىشلار خەۋىرى" گە كەلگەندە،ئاياللار تاماق ئىتىش، كىيىم يۇيۇش ،ئۆي رەتلەش ،بالىغا قاراش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ ھارغاندا،ئەر-ئاياللار ئورتاقلىشىش پۇرسىتى قالمايدۇ،ئىككى جىنىسنىڭ مۇھەببىتىگە تەسىر يىتىپ،جىدەل-ماجرانىڭ تۇرمۇشتىكى "بىخلىرى" چىقىدۇ،ئايالىنىڭ كاللىسىغا "ياتايلى"ھاردىم كىلىدۇ،ئەرنىڭ كاللىسىدىكى پىلانلار كەچلىك ئۇيقۇ ئالدىدىكى يالغۇز"مۇھاكىمە" بولۇپ قالىدۇ. بارچە سۆزلەرنى ئاياللار ئۆزى قىلىپ بولۇپ ئەرلەرگە ئىمكان قالدۇرمايدۇ،ئاندىن ئەرلەر ھىچ ئىش بىلەن كارى يوق،ئۆيدە كالىدەك بولۇپ، مۆرەپمۇ قويمايدۇ،دەپ ئاغرىنىدۇ.

     ھەر كىم ئۆز نۆۋىتىدە "ئورتاقلىق" ئىزدىشى مۇمكىن ؟ئورتاقلىق دىگەن نىمە؟قانداق كىلىدۇ؟ كۆپلىگەن كىشىلەر پاراڭ بىريەردىن چىقسلا، قىزىقىش ئوخشاش بولسىلا ئورتاقلىق بولىدۇ_ دەپ قارايدۇ. ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس.ئەرياكى ئايال بولسۇن پاراڭ قىلىش پۇرسىتىنى كۆپرەك مۇھەببەت-نىكاھ توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ،كەلگۈسى توغرىسىدا، ئۆز ئوي-تۇيغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتىش ئاساس قىلغان ئورتاقلىق بولۇشنى خالايدۇ.

  ئاياللار ئۆزىنى خۇددى ئارتىس،يولدىشىنى كۆرۈرمەنگە ئوخشىتىپ،ئەرلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن سادىق تاماشىبىن بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ.ئەسلىدە نىكاھ-ئائىلە سەھنىدىكى" رىژىسورلار"غا  ئوخشاش ماسلىشىشنى بەك تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىرى كۆپرەك ،سۆزلەپ قويسا يەنەبىرى چوقۇم ماسلىشىش كېرەك،ئەمما ئۇنتۇلۇپ قالماڭ يەنە بىرىنىڭمۇ خاسلىققا ئىگە قارىشى بولىدۇ،"رىژىسور" ھامان ئىككى ئادەمنىڭ.تۇرمۇشمۇ ئىككى، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولىدۇ،ئەلۋەتتە شۇنداق.  قېنى تورداشلار ئەمىسە مۇشۇنداق "رىژىسورلۇق"نى قانداق قىلىش كېرەك؟

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-01, 04:04

 

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 11:21 |
شەبنەم تور رادىئوسى
baxlam505
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 81903
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

شۇنداق ،مەن بۇ تېمىغا قوشۇلىمەن !!!!!  

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 13:07 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نىكاھ-ئائىلە
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:26, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ