ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قەھرىتان قىش ئۆتۈپ كەتتى .نۇرغۇن ئادەملەر باھارنىڭ تىزراق كىلىشىنى تۆت كۆز بولۇپ كۈتىدۇ .ئويۇنغا ئامراق ياشلار باھار كەلسە قىزلارنى قولتۇقلاپ باھار سەيلىسى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ .قىزلارمۇ ھاۋا ئىسسىسا ئېغىر كىيىملەرنى تاشلاپ نىپىز كيىنىپ چاچلىرىنى زامانىۋى ياسىتىپ گۆزەللىكىنى نامايان قىلىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ .قىسقىسى باھار بارلىق جاندارلارنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئۇيغاتقاندەك
تەسەۋۇر ۋە ھىيساتقا باي ئىنسانلارنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئەڭ بالدۇر ئۇيغۇتىدۇ .
ئەتراپقا قارىسام ئەتىياز كىلىشى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئولتۇرۇش ،ئويۇنلار ئاۋاپ كىتىۋاتقاندەك كۆرىنىۋاتىدۇ .قاچانلا قارىساق رېستۇرانلار ئايرىم خانىلىرى توشۇق تۇرغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك تېنچمىدۇ دەپ قالىسىز بەزىدە .
ئەتتىگەنلىك چېنىقىش ئۈچۈن سىرتقا چىقسام ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بىزنىڭ بىنادىكى بىر قوشنىنىڭ قىزى خۇددى ئوغۇرلۇقتىن قاچقاندەك ئاتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ ئۆيىگە كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ،چىرايىغا قارىسام ئەمدىلا 19نىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ سىڭلىمنىڭ چىرايىدا قان دىدارى يوق،كۆزلىرى ئۇيقۇدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن . ھەي دەپ ئۆتۈپ كەتتىم .مۇشۇنداق ياشلىق باھارىنىڭ ئالتۇن چاغلىرىنى خازاڭ قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز قانچىلىقتۇ ؟ئۇنىڭ يىگىتى پاك يىگىتمىدۇ ياكى بۇرۇندىن جىنىس بىلەن ھەپىلىشىدىغان چىرايلىق قىزلارنى كۆرسە كەلتۈرۈپ ئويناپ كۆنۈپ قالغان خۇدا ئۇرغانلاردىنمىدۇ ؟ئاڭلىسام ھازىر ئۆزىنى ئاشكارىلىغان ئەيدىس بىمارلىرىدىن يوشۇرۇن ھەتتا ئۆزىنىمۇ بىلمەيدىغان ئەيدىز بىمارلىرى 5 ھەسسە كۆپمىش .ئەيدىسنىڭ قاندىن باشقا يەنە شۆلگەيدىنمۇ يۇقىدىغانلىقى ئېنىقلانماقتا .جەمىيەتكە شۇنداق نەزەر تاشلىساق زىناخور كىشىلەرنى ھامان ئاللاھ پۇشايمان يىگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز .
زىنوخورغا بىرىلىدىغان بۇ دۇنيادىكى جازالارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلىقى ئەيدىز .
ئەيدىز ھازىر ئاق تاماكىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ تاغ بولۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ بېشىنى بېسىپ تۇرماقتا .
ئەگەر زىناغا مۇشۇنداق خالىغانچە يول قويىدىغان بولساق كەلگۈسىدە ھۆر ھۆر يىغلاپ كىتىدىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ .
لېكىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك زىناخورلۇق باھار كىلىشى بىلەن بۇرۇنقىدىنمۇ ئەۋىج ئېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا جەمىيەت پاراڭلىرى كۆپەيمەكتە .شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئىسلامدىن ئازغان ئىنسانلارغا ئەڭ كۆچلۈك تىگىدۇ .ئادەتتىمۇ جادۇ قىلىش ياكى سىھىر پال سېلىش، ئىتىقاتى ئاجىز كىشىلەرگە پەكرەك ئۆتىدۇ .قارىغاندا ئىبادەتنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ مۈرىسىگە شەيتان مەككەم يېپىشىۋېلىپ باش كۆتەرتمەيدىغان ئوخشايدۇ .
ئىھ ئاللاھ ئۇيغۇرىمىزنى قۇتقازغىن ،يىگىتلىرىمىزگە پاكلىقنى قوغلىشىدىغان ،جەسۇرلۇق ۋە غۇرۇرنى ئەتىۋالايدىغان ،ئىلىم مەرىپەتنى ئىجتىھاتنى ھەمرا قىلىدىغان ھالال ياشاشنى پەرىز قىلغانلاردىن قىلىپ بەرگىن ،قىزلىرىمىزنى پاك يىگىتلەرنى ئۆزىگە جۆرە قىلىشنى ئىستەيدىغان،شەرمى ھايالىق ،ئىلىم ئىخلاسلىق ،جەسۇر ۋە غۇرۇرلۇق قىلىپ بەرگىز .ئىھ ئاللاھ ئۇيغۇرۇمنى ئىتىپاقلىق ئىچىدە تەڭ ئىلگىرلەيدىغان قىلىپ بەرگىن .ئامىن .
مەنبە :مەن
[ بۇ يازما ilim تەرپىدىن2009-04-01 13:05دە قايتا تەھ ]