بۇنداق ئىشلار ئازمىتى !
كالا قويدەك مەرىدى ، ئات ئىشەكتەك ھاڭرىدى ،
يولۋاس چىقماي قەپەستىن ، مۈشۈك خوشال سايرىدى .
ئىتقا كۈندە لىق تائام ، تۈلكە تۆھپىكار موللام ،
بۈركۈتلەرگە ئورۇن يوق ، توشقان ئەركىن يايرىدى .
ھوقۇش ئۈنلەر چاقىرىپ ، باھارنىمۇ ئېپ كەلدى ،
قارلىغاچلار تۈنۈشۈپ ، زۇلمەتنىلا چىللىدى .
كاككۇك قونغان تال تىرەك ، كەتتى ئەمدى كىسىلىپ ،
زەينەپ كەتتى يىراققا ، نەق چىگرىدىن ئايرىدى .
مايمۇن تاققا پادىشاھ ، شىرلار قالدى قىسىلىپ ،
سان - ساناقسىز مىدوزا يەر - جاھانغا يامرىدى .
چۈجىلەر چاغ گىدىيىپ ، قاپلان تۇرار ھىجىيىپ ،
ئاغمىخانغا يەم - خەشەك ، چاشقان نانغا زارمىتى .
يىلپىز كەتتى ھاشاغا ، كالا ئىشلەر بىكاغا ،
كۆرۈپ كەتكىن جاھاننى بۇنداق ئىشلار ئازمىتى .
2005 . 9 . 25 - كۈنى < ئۈرۈمچى > ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
بولمىساممۇ گەر شائىر سۆزلەي مەن ئۆزۈم ،
كۆرۈپ تۇرۇپ جاھاننى چىدامدۇ كۆزۈم .
باسقىنىدا يۈرەكنى ئەلەم ۋە تۈزۈم ،
ھەق سۆزلەش تەس بولسا مانا ھەق سۆزۈم .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
بەزىلەر شاھ بولۇپ يۈرەركەن ئۇندا ،
بەزىلەر گادايلىقتىن ئىچىدۇ يۇندا .
تۈزۈم بار باراۋەرلىك قايسى مۇقامدا ،
تەڭسىزلىك بۇ جاھاندىن كەتمەي تۇرامدا .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
پۇلغا ئابروي سېتىۋېلىپ يۈرمەكتە ئىنسان ،
ئون جەننەت خىيالىنى سۈرمەكتە ئىنسان .
تۈتۈنگە ئەسىر بوپ ئۆلمەكتە ئىنسان ،
تەقدىرمۇ قاپاقنى تۈرمەكتە ئىنسان .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
تۇرمۇشتا ئەۋج ئالدى ھەرخىل ھەشەمەت ،
چېچىلىپ سۇرۇندا نازۇ ۋە نىمەت .
يوقسۇلغا باخشەندە قۇرۇق بىر سىۋەت ،
<بەش كېپىل> نامى بار تولىمۇ ھەيۋەت .
ياراتقانمۇ ئادەمنى يا تەڭرىم ئىككى رەت ،
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
كىچىچە دۇنيا چۈشەپ ھەم سەھەر تۇردۇق ،
ئېغىزدا ھەم سېپىل ھەم شەھەر قۇردۇق .
كىچىدىن بەزمىخانىدا ھەم چەپەر يۈردۇق ،
ھەم دېدۇق ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇق .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
تەخسىكەشلەر غادايغان بۈگۈننى كۆردۈم ،
ئىلىمدارنىڭ ھالى خاراپ قاپاقنى تۈردۈم .
ئۆلگەندىلا قەھرىمان بولغاننى كۆردۈم ،
ھەم مەرت ھەم نامەرتنىڭ يېنىدا يۈردۈم .
دېدىممەن يار تۈۋىگە كېلىپ قاپتۇق بىز .
خوشامەتچىلىك ئەۋج ئالدى ئىستەپ تامانى ،
كىچىك ئىشنى دېدى - تېرىپ قويدى بالانى .
راست سۆزلىسەم جىم ياتمىغان ئاۋۇ پالانى ،
قاراڭ باشلىق ئەمەس ھازىر بۇنىڭ زامانى .
مېنىڭ باشقا يېقىنىم يوق سىزدىن ھامانى ،
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
خوجامنىڭ غېمى يوق قورسىقى توقتۇر ،
دىھقانلىرىم ئەلەمدە ھىچنىمە يوقتۇر .
ھەق سۆزلەپ يۈرگەننىڭ يىگىنى پوقتۇر ،
ئۆتمەس ھەم داۋايىڭ يانچۇقۇڭ بوشتۇر .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
قارىسام ھەممىنىڭ كۆزىدە ھەسرەت ،
سېلىنغاچ تۇرمۇشقا رەندەل رەتمۇ -رەت .
بىر ئۆمۈر تىرىشىپ قىلساڭمۇ ھىممەت ،
بوپ قالدى سېقىڭدىن ئۆلىگىڭ قىممەت .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
كۆرگىنىم ھەممىسى زار ئىكەن ئاشقا ،
ئايلىنىپ دۇنيانىڭ يۈرىگى داشقا .
نىمە دەي خوجامنىڭ خىيالى باشقا ،
ئۇرماقمۇ تەس ئىكەن بۇ باشنى تاشقا .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
ئايرىماق تەس بولدى جۇگان بىلەن قىز ،
قىزلىقتىن جۇگانغا ئۆزگەرمەك بەك تىز .
ئوقۇماسمۇ لەنەت بىزگە ھەم ئەۋلادىمىز ،
ئيت قېنى قايسى ئەجداد قالدۇرغان بۇ ئىز .
يۇمۇلسۇن خاتىرجەم بىزنىڭ كۆزىمىز ،
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
بىلمىدىم كىملەردىن قالغان بۇ ھەۋەس ،
ۋىجداننى قۇل قىلىپ ، غورۇردىن پەخەس .
شۇ سەۋەپ ئاۋامنى بېسىپ كەتتى نەس ،
ياشاشنىڭ ھىكمىتى ھەرگىز بۇ ئەمەس .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز !
يوقاتمىساق ئىللەتنى تۈزەلمەس مىللەت ،
تېپىلماسمۇ بىزلەرگە ئىنسانى خىسلەت .
مىراس قىلساق ئەۋلادقا ئېسىل بىر ئادەت ،
قوشۇلماسمۇ ئۇلارغا روھى كۈچ - قۇۋۋەت .
شۇندىلا يۈكسىلەر بىزنىڭ مەدىنىيەت ،
دەي شۇندا بەختتىن ياڭرار كۈلكىمىز !
2004 . 8. 18 -كۈنى < ئىتالىيە > ئوغۇلبالىمەن
ئېتىم باردۇر يۇرتتا- بەزمىدە ، ياكى شېئىر - قوشاق نەزمىدە ،
سېپى مەھكەم مىدىرمايدىغان ، قېلىچ كەبى ئوغۇلبالىمەن .
مەن ئۆزۈمنى يۇقۇرغا ئاتقان ، خوشامەتكە بوينۇمچە پاتقان ،
شۇڭا ئۇلۇم مۇستەھكەم قاتقان ، يولۇم ئوچۇق ئوغۇلبالىمەن .
قىزلىرىم ئۇز كۆپتۇر سەرخىلى ، تاللاپ تۇرار ھەمدە ھەرخىلى ،
ئاياپ تۇرماي ھەتتا نەرخىنى ، ئاجايپ مەرت ئوغۇلبالىمەن .
كەلتۈرۈشتە قىزنى ئېپىم بار ، قىزسىز دۇنيا ماڭا بەكمۇ تار ،
سىز ئۈچۈنلا ياشاي گۈزەل يار ، قەسىمىم كۆپ ئوغۇلبالىمەن .
ۋاپا بىلمەي ئۆتمەكتە ھايات ، ۋاپاسىزنى سۆيەر پەرىزات ،
ئوتى يامان دەيدۇ ياماننىڭ ، ئوتتا پىشقان ئوغۇلبالىمەن .
ئەمىلىم بار كىچىك بولسىمۇ ، ياق دېمىدىم ھەميان تولسىمۇ ،
ئۆز - ئۆزەمنى چىڭداپ قانمىغان ، نەپسىم يوغان ئوغۇلبالىمەن .
چىرايلىقنى نېرى تۇر دىمەي ، ئاددى بولسا زىياپەت يىمەي ،
مەكەل دىسە باشلىقىم مىنەي ، باشقا ئالغان ئوغۇلبالىمەن .
نەپ يوق يەردىن قېچىپ ھەم بەدەر ، ياشاپ كەلدىم بۈگۈنگە قەدەر ،
ئامەت ساقلاپ تۇرغاچ ھەر سەھەر ، پىشانەم ئوڭ ئوغۇلبالىمەن .
پاساھەتتىن سۆزلەيدۇ تىلىم ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۆگەنگەچ بىلىم ،
بولمىسىمۇ تېرىقچە بىلىم ، مەلۇماتلىق ئوغۇلبالىمەن .
قىزلار ئامراق ئىكەنمىش پۇلغا ، ياكى ھوقۇق - ئابرويغا ، ئۇلغا ،
ئايلىناركەن شۇسەۋەپ قۇلغا ، ئالدىن بىلگەن ئوغۇلبالىمەن .
ئاشنام كۆپتۇر يىتىشمىسەم گەر ، تۇتۇپ بىرەي باشلىقىممۇ تەل ،
ئۆسۈپ كەتتىم شۇڭا بۇ قەدەر ، ئىشقا ماھىر ئوغۇلبالىمەن .
خەقنىڭكىنى يۇتىۋالىمەن ، ئالايغاننى تۇتىۋالىمەن .
بابلاپ ھەرچاغ ئۇتىۋالىمەن ، يېڭىلمىگەن ئوغۇلبالىمەن .
ياخشى ئىشتا ئالدىدا ئۆزۈم ، يىراقنى بەك كۆرگەچكە كۆزۈم .
مەنلا ئەركىن تۆۋەنگە تۈزۈم ، ئارىمىم كۆپ ئوغۇلبالىمەن .
يۇقىرىغا يوللاپ سالام خەت ، يوقىتايلى تىركەشكەننى دەپ .
شۇڭا راۋان يوللىرىم ئەجەپ ، پۇتلاشمىغان ئوغۇلبالىمەن .
سىياسەتتە مېڭىپ ئالدىدا ، شامال كەلسە ھامان دالدىدا .
ئىلغارلىقنىڭ تۇنجى نامىدا ، ئىستىقباللىق ئوغۇلبالىمەن .
نەسىھەتلەر قىلمىدى ھىچ كار ، بولمىغاچقا ئەزەلدىم مەن خار .
ئالايغاننى يىغلىتىپ زار- زار ، مەنلا كۈلگەن ئوغۇلبالىمەن .
**********************************************
ئاقنى چەكتىم بولاي دەپ < ئەكەك > ، ئۇچۇپ كەتتى ئاخىرقى تىلەك .
روھسىزدۇر تەن روھسىزدۇر بىلەك ، زەئىپلەشكەن ئوغۇلبالىمەن .
زار قاقشىتىپ ئاتامنى ھامان ، ئاھلار ئۇرۇپ يۈرگەن ئانىجان .
باقىۋەندە ئەمەس بۇ جاھان ، ئويغانمىغان ئوغۇلبالىمەن .
غورۇرۇمنى كەتتى ئىتمۇ يەپ ، ۋىجدان دىگەن بولدى قۇرۇق گەپ .
ھايۋاندىنمۇ پەس بولدۇم ئەجەپ ، ئۆلۈم كۈتۈپ ياتقان بالىمەن .
2006 . 12 . 6 - كۈنى < ئۈرۈمچى > شېئىردىكى دىل !
ئارزۇ - ھىسىم بولسىمۇ زايە ،
سۈكۈت بىلەن تولغاندا ھەم سىر .
زۇلمەت بىلەن ئېلىشقان سايە ،
تىنىقلىرى ئاڭلىنار ئېغىر .
تەۋە ئەمەس ئۆزگىگە غايە ،
ئۆتۈپ كەتتى ئەجەپ ئۇزۇن يىل .
ئويغانمىغان تالاي بىچارە ،
روھى زەئىپ نۇرسىزدۇر چىھىر .
سەن باقمىغان زامانغا بېقىپ ،
مۇجۇلغاندا شۇ ئاتەش سىھىر .
قاي كەپىدە ياش تۆككەن غېرىب ،
تىلىمەكتە زاماندىن مىھىر .
ئاھ - سەنئەتنىڭ ئوتلۇق يۈرىگى ،
پارە - پارە ئەلەمدىن يېغىر ،
تۈگىسە گەر ئىنسانلار ئارا ،
بىر - بىرىگە كۆرسەتكەن كىبىر .
قەلب
ئاچچىق ئىڭراش قاپلىغان ئەسلى
ئارامىدا يۈرسىمۇ پېقىر .
يۈرەك
تىپىرلىسىمۇ
ئۈنسىز
شىپىرلىسىمۇ
نەپەس ئالار مىسرالىرىمدىن ،
شېئىردىكى ئېچىرقىغان دىل !
2007 . 9 . 16 - كۈنى < بېيجىڭ > ئاپتورى __ ئەسلىمەم يەنى < سەنئەت > مەنبە _ قەلىمىم ...............
[ بۇ يازما aslimam تەرپىدىن2009-04-01 02:16دە قايتا ]