ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 551 - كۆرۈرمىنى
sabiha
bbs.xabnam.com
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12131
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 1040
شۆھرەت: 1336 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10669 سوم
تۆھپە: 903 نۇمۇر
ياخشى باھا: 643 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 763(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 ikin  بىلەن سۆھبەت (47)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saadat تەرپىدىن (2009-04-01)دە نادىرلاندى
ikin  بىلەن سۆھبەت





ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! شەبنەم خەلق گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى سەبىخە شەبنەمدىكى مۇنەۋەر باشقۇرغۇچى ikin بىلەن نورۇز ئايلىرى ئاياغلىشىپ ئاپرىل ئايلىرى يىتىپ كىلىش ھارپىسىدا ئۆز - ئارا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشكەچ، قىسقا ئۇچۇر بىلەن سۆھبەتلەشتى . قىزىقساڭلار ، نەزىرىڭلار 15 كۈندە بىر ئىلىپ بىرىلىۋاتقان شەبنەم تورداشلار سۆھبىتىنىڭ 47 - سانىدا  بولسۇن :


【سەبىخە】 سۆھبىتىمىزنى سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىزدىن باشلىساق قانداق ؟

【ئىكىن】 بولىدۇ. بۇ يەردە تەرجىمىھال دەپ ئاتىساق ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا تازا ماس كەلگەندەك تۇيغۇ بەرمەيدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمىھال دىمەي ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي . مەن 1983 يىلى 2-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش ناھىيسىنىڭ ئەڭ چەت يېزىسى بولغان كاۋاك يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسدە  دۇنياغا كەلدىم . ئىسمىم پەرھات  مۇھەممەتئىمىن . مەن ئەسلەپ باقسام بۆگۈنگىچە بولغان ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان ئارزۇ ھەۋەسلەرگە چۈمۈلۈپ مۇشۇنىڭدا ئۈزۈپ كەپتىمەن. مەن ئادەتتە تۇرمۇشىمدا  ئەتىراپىمدىكى ئەڭ ئاددى ئادەملەر بىلەن ۋە ئەتىراپىمدىكى ئىلىمگە ئىشتىراك ئەتكەن ھەر قانداق ئادەم بىلەن يىقىن ئۆتۈشنى ئۇلار بىلەن دائىم ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرىمەن . مىنىڭ ئارلىشىدىغان ئادەملىرىم ھەممە ساھادىكى ئۆز كەسپىنى باشقىچە يوسۇندا قانات يايدۇرۇشنى خالىغان . يىڭىچە ئىدىيەگە ئىگە بولغانلار ، ساۋاقداشلىرىم ، قۇرداشلىرىم ، دوسلىرىم ئارىسىدا  مەنمۇ دائىم ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىمالال ۋە كەڭ كۇشادە  ئوتتۇرغا قۇيۇپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمەن . بىزنىڭ ئائىلىدە ئانام بىلەن داداممۇ مىنىڭ قاراشلىرىمنىڭ نۇرغۇنلىرىنى چۈشەنمىسىمۇ لىكىن قوللايدۇ . مۇشۇ ئىنتىرنىتىنى ئۆيگە ئەكىرىدىغان ئىشنىمۇ قەتئى خالىمىسىمۇ لىكىن مىنىڭ قىزىقىشىمغا ھۆرمەت قىلىپ تارتىپ بەرگەن . (مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئاتا - ئانامغا چەكسىز رەھمەت شۇنداقلا سالامەتلىك تىلەيمەن ) گەرچە يۇرتىمىز چەت يېزا بولسىمۇ لىكىن بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ يىڭىلىققا ئىنتىلىشى ناھايتى يۇقۇرى. مەدەنىيەتكە خېلى ئەھمىيەت بىرىدۇ .
مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ماتىماتىكا ، تەبىئەت، فىزىكا، خېمىيە  قاتارلىق تەبىئى پەنلەرگە ناھايتى قىزىقاتتىم . ۋە نەتىجەممۇ ياخشى ئىدى. مىنىڭ ئۈمۈدىم ئەسلى مەن بىرەر پەن-تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگەللەپ تەتقىقاتچى بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم . كىچىكىمدىلا نىيوتۇن ، فارادى ، ئېينىشتىيىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھىكايىلىرىغا بەك قىزىقاتتىم . لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دىگەندەك مىنىڭ بۇ خىياللىرىم ئەينى يىللاردىكى مۇنداق بىر جەمىئيەت ئارقا كۆرۈنىشى تەرىپىدىن گۇمران بولدى. يەنى  بىزنىڭ خوتەندە مەن ئۆسۈپ يىتىلگەن دەۋىرلەردە تۇلۇقسىزدىن ئىمتاھان بىرىپ ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا قاتنىششى ئىنتايىن شەرەپلىك ئىش ئىدى. ئەينى يىللىرىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئىمتىھانىدا خوتەندىكى پىداگوگىكا مەكتىپى ئەڭ قىززىق نوقتائىدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى ئەڭ قىززىق نوقتا بولغاچقا خوتەن ۋېلايىتىدىكى  يەتتە ناھىيە  بىر شەھەردە ئوقۇۋاتقان تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ھەر قانداق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ يەنە شۇ قىززىق نوقتىدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ ئوقۇغان مەكتىپىمىز شۇ ۋاقىتلاردا كىچىك بالا قىيمىلىق تاماقتىن گۆش خىللىغاندەك  ئەڭ ئەقىللىق ، ئىمتىھاندىكى نۇمۇرى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ، ئەڭ ئالدىدا كىتىپ بارغان ئۇقۇغۇچىلارنى خىللاپ قۇبۇل قىلاتتى . شۇنداق ئىجتىمائى شەرت- شارائىت ئاستىدا شۇ مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپ پەخىرلىنىدىغان ، ۋە ئوقۇتۇشقا تىز تەييارلىق قىلىپ ئۇقۇتىدىغان ئىجتىمائى رىئاللىق شەكىللەنگەن.
شۇ ۋاقىتتا تولۇقسىزدا ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىشى دىگەن يوق گەپ بولۇپ بۇنى خىيالنى قىلغىلىمۇ بولمايىتتى. ئاددىيسى خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى  چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلىش ،ئىنتايىن چوڭ بىر شەرەپتىن ، چوڭ كېلەچەكتىن ۋە زور بەختتىن دېرەك بىرىدىغان سىگنالغا ئايلانغان بولۇپ ، بۇ چاقىرىققا ھېچقانداق ئادەم پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتالمىغان . بۇنىڭ ئىچىدە دەل مەن ۋە مىنىڭ ئائىلەممۇ بار.
مەن شۇخىل ئەمەلىيەتنىڭ تۈرىتكىسىدە تەقدىرىممۇ شۇ سىگنال باشلىنىپ مەزكۇر مەكتەپتە تەربىيلىنىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىق يولىغا كىرىپ كەتتىم . ھازىر ئويلىسام بۇ ئىشلارغا ئازراق ئەپسۇسلىنىمەن شۇنداقلا نۇرغۇن سوئاللارنىڭ ئىچىدە قالىمەن . يەنى مىنىڭ خوتەن پىداگوگىكا مەكتەپ بىلەن چەكلەنگەن تويۇنمىغان سەۋىيەرىم مىنى بىرخىل ئېغىر تىنىققا ۋە خۇرسىنىش ئىچىگە باشلايدۇ . لىكىن مەن پۇشايمان قىلمايمەن  .مەن تېخى ياش ئارزۇ- ئارمانلىرىم سۇسلىشىپ قالغان ئىش يوق . مەن بۇنىڭغا ئاداققىچە تىرىشىمەن .
ئەمدى بولسىمۇ  مۇشۇ ساھە ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ھەر ۋاقىت ئىسىمدىن چىقارمەيمەن.
چۈنكى تەبىئى پەن ئارىمىزدا بەكمۇ يىتىمسىراپ كەتتى.
مىنىڭ تور دۇنياسىدا ئاز-تۇلا ماقالىلەرنى يېزىشىم ئەتىراپىمدىكى تونۇشلىرىم بىلەن ياكى ھەر قانداق ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ناھايتى ياقتۇرغانلىقىم . ، بۇرۇندىن قىپ قالغان كىتاپ ئوقۇش ئادىتىمنىڭ تۈرىتكىسىدە جەمىئيەت ۋە پەلسەپە ، تەنتەربىيە ، سەنئەت ، ئاددى كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ خەلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغىرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ناھايتى قىزىققانلىقىمدىن بولغان .
مەن ئادەتتە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئەسئەت سۇلايمان ، قاتارلىق ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئۇقۇيمەن . ھەمدە چەتئەل مۇتەپەككۇرلىرىدىن :  سوقرات ، ئەپلاتۇن ، ئارىستوتىل ۋە ئىككىنجى ئارىستوتىل دەپ نام ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىققان بىزنىڭ  داڭلىق ئالىمىمىز ئەبۇ نەسىر فارابى قاتارلىقلارنىڭ ئەسىرىنى  ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن . شۇنىڭغا ماس ھالدا پۇتبول ئويناشنى ، ۋالىبول ئويناشنى ، ناخشا ئېيتىشنى ، دوستلار بىلەن بىرگە ئۆز-ئارا كەسىپ ساھەسىدە ئىزدىنىشنى بەك ياقتۇرىمەن ھەمدەئۆزۈم ھىس قىلالىغان ھەر قانداق تۈر ۋە كەسىپكە بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن . ۋە ئۇنۋېرسال سەۋىيە ھازىرلاشنى ياشاشتىكى بەخىتلىك يولۇم ، دەپ قارايمەن . يەنە نۇرغۇن مال -دۇنيا ئورنىغا تىنىچ خاتىرجەم بولغان ئۆزگىچە تەپەككۇر بىلەن يىڭىلىق يارىتىدىغان بىر خىل ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمىلى ئىشلار توغىرىسىدا تەپەككۇر قىلىشنى تېخىمۇ ئەۋزەل كۆرىمەن .



【سەبىخە】سىز قانداق بولۇپ ئىنتىرنىت تورىغا ئىشتىراك قىلىشقا باشلىغان ؟ ئىنتىرنىت تورىغا ئىشتىراك قىلغاندىن بۇيان خىزمەت ، تۇرمۇشىڭىزدا قانداق تەسىرىلىرى بولدى ؟


【ئىكىن】 مىنىڭ توردىكى نامىم( ikin) . بۇ نامنى قوللىنىشىم باشقا ئالاھىدە سەۋەبمۇ ئەمەس. بەلكى بىزنىڭ يۇرىتتىكى بىر گۈزەل رايۇننىڭ ئوخشىتىلىشى .  مىنىڭ ئىنتىرنىتقا ئىشتىراك قىلىش تارىخىمنى ئەسلەيدىغان بولسام بۇ 2002يىلى باشلانغان يەنى مەن 2002يىلدىن 2004يىلغىچە ئىككى يىل ئۈرۈمچىدە ئىنگىلىز تىلى كەسپىدە تەربىيلىنىۋاتقان ۋاقتىمدا مىنىڭ بىر دوستۇم تۇنجى بولۇپ ئىنتىرنىت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ئىنتىرنىتتا ھازىرقىدەك ئۇيغۇر مۇنبەر ياكى تور بەت دىگەندەك ئەھۋال بارلىققا كەلمىگەن بولغاچقا يەنىلا كۆڭۈل ئېچىشنى مەركەز قىلغان ھالدىكى تور مۇلازىمىتىدىن بەھىرىمەن بولۇپ يۈرەتتىم . مىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا  سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىم مىنى تور دۇنياسىغا باشقىچە شەيدا قىلىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان كەسپىم چەتئەل تىلى بولغاچقا ئىنتىرنىت تورىدا چەت تىلىدىكى نادىر فىلىملەرنى كۆپ كۈرۈپ ئاڭلاپ چۈشىنىشنى مەشىق قىلاتتىم . دىمەك مىنىڭ دەسلەپكى ئىنتىرنىت دۇنياسىنى ساياھەت قىلىشىم تامامەن كۆڭۈل ، ئىش - پۇشۇقىنى چىقىرىشتىن باشلانغان . شۇنداق ۋاقىتلاردا تۇنجى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىن «كاككۇك» ، «ماكانىم» ، « ئەنجۇر» ، « سەلكىن» قاتارلىق تور بىكەتلەر مىنىڭ دەسلەپكى ئۇيغۇر تور بېتىنى كۆرۈشۈم بولۇپ قالغان . شۇ ۋاقىتلاردا «شەبنەم» نىڭ يەنى بۇرۇنقى «ئەنجۇر» نىڭ ناخشا -مۇزىكىلىرى مىنى باشقىچە جەلپ قىلىۋالغان بۇلۇپ ، مەن بۇ تور بەتنى قۇرغاندىن تارتىپ ئىزچىل ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن . شۇنداق ۋاقىتلاردا بۇ مۇنبەر «شەبنەم»  بولۇپ ئۆزگىرىپ يىڭىچە مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن يەنى 2006- يىلى 11-ئاينىڭ 27 - كۈنى تورغا كىرىپ «شەبنەم» مۇنبىرىدىكى تىمىلارنىڭ خىلى ئادەمنى قايىل قىلىدىغان دەرىجىدە ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھاللا ئەزا بۇلۇپ تىما كۆرۈشنى ئويلىدىم . بىراق مەن ئىنتايىن تەس كىردىم . تىزىملىتىشقا ساق 100قىتىمدىن ئارتۇق كۈچىدىم ئەڭ ئاخىرى مەن مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا كىردىم  شۇنداقلا تۇنجى ماقالەم «تور مەدىنيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق يازمىنى يوللاپ «شەبنەم» نىڭ رەسمى ئەزاسى بولدۇم . بىراق ئۈچ يىل بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ بەك چەت بۇلۇش سەۋەبلىك بۇ مۇنبەرگە كىرەلمىگەن . 2009 - يىلى ئۆيگە تور تارىتقاندىن كىيىن  بۇرۇنقى ئەزالىق نامى بىلەن رەسمى بۇ ئائىلىگە كىرىپ كەلدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشتىم . مەن بۇ مۇنبەردىكى كونا ئەزلاردىن بولغىنىم بىلەن لىكىن ئەمدىلەتتىن بالىلار بىلەن تۇنۇشۇشقا باشلىدىم . بىراق ئىلگىرىكى ، بىپەرۋا ، جۇدا ، دىلرۇس ، دىكى دىككاڭ ، ماتىماتىكا ، فىرقەت ،  چىمبۇلاق ، ئەرك زات ، شەبنەم قاتارلىق ئەزا ۋە قۇرغۇچىلار مەن ياخشى بىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئەزالار . شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بۇ مۇنبەرنى بۆگۈنكى كۈنگە ئېلىپ كەلدى . ئەمدى يەنە شۇنىڭغا مۇناسىپ تۇغرۇل ، سائادەت، تىم ، جۇدۇن ، ياسىر ، دەۋران ، قۇمقازى ،پەرۋىن ، ئۇيغۇر ئاي، چىن مودەن ، ئەرىك ھون ، نازۇك چىمەن ، نايكون ، زاكىرە ،گاداي ، ناۋاي ، باياۋان قاتارلىقلارمۇ مۇنبەردىكى جاپاكەش ئەزالاردۇر . بۇلارنىڭمۇ تۆھپىسى ناھايتى زور . ھەم ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن ياخشى بالىلار بار . مەن بۇلارنى ھۆرمەتلەيمەن ۋە مۇشۇ مۇناسۋەت بىلەن ئۇلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . خىزمىتىمدىمۇ باشقىچە بۇرۇرلۇش بولدى. مەن توردىن پۇتبول تېخنىكىسىنى ئىگەللەپ مۇنبەردىكى نامىىم بىلەن بىلەن بىر گۇرۇپپا تەشكىللىدىم .  ئەمىلى ئۈنۈمگە ئىرىشتىم . مەن بۇنىڭدىن ناھايتى خۇشال . بىراق  مەندىمۇ باشقا بالىلار دىگەندەك  كىتاپ ئوقۇش ئادىتى تاشلىنىپ قالدى .  لىكىن بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت چىقىرىمەن . قىسىقىسى ئىنتىرنىتتىن مەن مەۋھۇم بولسىمۇ ئىللىلىققا ئىرىشتىم . شۇنداقلا مۇشۇلار ئىچىدە سىز بىلەن يەنە شەبنەم باش شىركىتىدىكى رىياسەتچى زۇبەيدە ، تاھىر ، ئىلدار قۇربان ھەم شەبنەم مۇنبىرىدىكى  81000مىڭدىن ھالقىغان بارلىق ئەزىز دوسلىرىمىزمۇ بار. بۇلارغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن سىلەردەك جاپاكەشلىرىمىز بولغاچقىلا شەبنەمدىن ئىبارەت چوڭ ئىللىق ئائىلە شەكىللەندى . ھەممەيلەن مۇشۇ يەردە كۆكلەپ ئورتاق ئالغا ئىتىلەيلى .

【سەبىخە】 بەزىلەر مۇۋاپىقىيەتلىك ئوقۇتۇش پائالىيىتى دەرىسلىك ماتېرىياللارغا باغلىق دىسە يەنە بەزىلەر ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق دەيدىكەن . سىز مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ باقسىڭىز ؟


【ئىكىن】 بۇ جەھەتتە مەن ئوقۇتۇش پائالىيتىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك ئېلىپ بىرىلىشنىڭ ئاساسلىق كاپالىتى ئوقۇتقۇچى دەپ قارايمە.
چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ياكى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى بولسۇن ھەممىسىدە رول ئوينايدىغان باش رولچى ئۇقۇتقۇچىدىن ئىبارەت . مەيلى ئوقۇتقۇچى ۋە  ئوقۇغۇچى بولسۇن ھەممىسى ئادەم . ئادەم تەربىيلەش بولسا ناھايىتى ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائى جەرياندىن ئىبارەت . ھەر قانداق ساھەدە مۇئەييەن تەلىم - تەربىيە ئاساسىغا ئىگە بولغان كىشى ئاسانلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىتەلەيدۇ . تەربىيە يەنى مائارىپ ئىشلىرى ھېچقاچان ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن ئايرىلىپ تەرەققى قىلىپ باققان ئەمەس . ھازىرقى مائارىپىمىزدىكى ئىسلاھ قىلىنمىغان ، كونا، يىڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى قۇبۇل قىلالمىغان ، ئۇقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش بۇرىچىدىكى يىڭىچە سەۋىيە ھازىرلاش ۋە يىڭىچە دەرىسخانا ئىسلاھ قىلالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇد بولۇشى مائارىپىمىزنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىغا مۇئەييەن تەسىر قىلىۋاتىدۇ .
بىر مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ، ئۇنۋېرسال كۈچىنى ، شۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى نوپۇزىنى بىكىتىشتە دەل مائارىپ ساھەسى ئەڭ بۇرۇنقى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچتىن ئىبارەت . ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۈزىتىدىغان بولساق  ئادەمنىڭ مەنىۋى ساپاسى ھېچقاچان تەلىم -تەربىيە قوبۇل قىلماي ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەكلىكىنى تاپقان ئەمەس . بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇ تەربىيەلىنىشكە ۋە تەربىيەچىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئىنتايىن بولمىغۇر مەسىلىلەر بار. يەنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى بىلەن مائارىپ ساھەسىنىڭ ھەممە ئىشتىكى ئاڭ شەكىللەندۈرۈش بازا ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسى . بىزنىڭ خەلقىمىزدە بۇ مەسىلە بىر قەدەر كۆپرەك . يەنى «ئوقۇتقۇچى دىگەننى ..» ، «قۇيۇڭلار مۇئەللىممىش» ..... . دىگەندەك ھەر قانداق گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەش ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن بىرگە ئاساسى مائارىپ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت بىسىمىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى سەۋەبلىك بىزنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدىن ئوقۇتقۇچىلار بىزار بولىدىغان كەيپىيات شەكىللەنمەكتە . بۇ خىل ئەھۋال مائارىپنى چۈشەپ قۇيىدىغان بىرخىل رىئاللىق شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇشى مۇمكىن .
ئەگەر تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى يۇقۇرى بولسا  ئۇلارنىڭ تەمىنات مەسىلىسى يىتەرلىك بولسا ، ھەمدە چوقۇم ئەۋلات تەربىيلەشتىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى چۈشىنپ يەتسە ئۇ ھالدا مائارىپتا ئۆزگىرىىش بولۇشى مۇقەررەر . بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمنىڭ يۇقۇرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ ۋە ھەر قايسى ئىلىملەر توغىرىسىدىكى چۈشەنچىسى مۇكەممەل بولسا ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا گەرچە ئۆزىنڭ بىلىمىنى بىلدۈرمىگەندەك قىلسىمۇ بالىلار تەبىئىلا شۇ تەربىيەلىنىش جەريانىدا باشقىچە سەۋىيەلىك بولۇپ يىتىشىدۇ .
ئەمدى ماتىريال ئامىلى بولسا ئىككىلەمچى ئامىل بۇلۇپ . بۇ مەسىلىمۇ تەلىم - تەربىيەدە مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە . ماتىرياللارنىڭ يەنى دەرىسلىك ماتىرياللىرىنىڭ ئۆزگىچە يىڭى  ۋە ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولۇشى مائارىپ سېپىدىكى  تەلىم -تەربىيە خىزمىتىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇكەممەلىشىشىگە ۋە قانات يېيىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن  ماتىرياللاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى توغرا قوبۇل قىلىپ ئەمىليەتكە يۈزلەندۈرۈشمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىىكى كۆپ مەشغۇل بۇلىدىغان جەريان . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرەپنىمۇ تاشلىۋەتمەسلىك لازىم .



【سەبىخە】 جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بالىرىمىزدا «پۇلپەرەسلىك» ۋە «پۇلغا چوقۇنۇش» ئىديىسى ئەۋج ئىلىپ ، ئەمگەكنى سۆيمەيدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەنمەكتە . سىز ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ قانداق قىلغاندا بالىلىرمىزدا توغرا دۇنيا قاراش تىكلەپ ، ئەمگەكنى سۆيۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟


【ئىكىن】 بۇ سوئالىڭىزمۇ ھازىرقى دەۋىرىدىكى بالىلىرىمىزدا كۆرۈلىۋاتقان سەلبى ئامىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ ،  ئېيىيىتقىنىڭىزدەك «پۇلپەرەسلىك » خاھىشى بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا يەنى باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالى مەكتەپ ، تەلىم - تەربىيەسى قوبۇل قىلىۋاتقان ھەر قانداق پەرزەنىتلىرىمىزدە سەل ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا جەمىئيەت ئامىلى بىلەن بالىلارنىڭ تۇلۇق مۇكەممەل يىتىشمىگەن دۇنيا قاراش مەسىلىسدىن ئىبارەت . يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇلنى چوڭ بىلىشى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىسىدىن باشلىنىپ ئۆز ئەمىليىتىدە   ساغلام بولمىغان ھەۋەس تۈرىتكىسىدە  ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ . پۇلنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ئۇنى ناھايتى سىرلىق ۋە چوڭ كۈچكە ئىگە دەپ قارايدىغان «پۇلپەرەسلىك» يەنى «پۇل ئىتىقادچىلىقى»  ھازىرقى بالىلاردىلا ئەمەس پۈتۈن جەمىئيەتتە ئەڭ قىززىق نوقتا بولىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلار پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكى ، ئۇنىڭ پەقەت ئەمگەك قىلىشى ئارقىلىقلا شەكىللەنگەن بايلىقنىڭ قەغەز ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىش ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش  ھەمدە سۇبىكتىپ ھىسياتتىن شەكىللەنگەن پاسسىپ ئېھتىياج ۋە ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئورنىغا ساغلام بولغان ئىشلارنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بالىلارنىڭ ئىددىيسىنى ئازات قىلىپ چىقىشىمىز كىرەك . مىھرى - مۇھەببەت بىلەن تەربىيلەپ جاپالىق ئىزدىنىشكە مۇۋەپىقيەتلىك باشلىيالايدىغان بىر خىل روھ بۇلۇش كىرەك.
ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىغۇلارچە مىھرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى چەكلەپ ئۇلارنىڭ ھەقىقى بىر ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتىنى ھازىلاپ چىقىشىمىزغا ماسلىشىدىغان ياخشى بىر خىل ئۇقۇتۇش شارائىتى شەكىللەندۈرگەن ۋاقىتتا  دىمەكچى بولغان «پۇلپەرەسلىك» خاھىشىنى يوقىتىپ بىر قەدەر ئۈنۈم ھاسىل قىلالشىمىز مۇمكىن .



【سەبىخە】 سىزنىڭچە ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر پەرقلىق بولۇشى كېرەكمۇ ؟ ئۇلار بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك ؟


【ئىكىن】 بۇ جەھەتتە مائارىپ ساھەسىدە ھەرخىل قاراشلار بار .  مىنىڭچە بولغاندا ئوقۇغۇچىلار قويۇلىدىغان ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى ئادەم بولۇش ۋە ياشاش توغرىسىدىكى قاراش يتىشتۈرۈش مۇئەييەن ئەقىدىنىڭ كۈچىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق ئاساسلىق تەلىم - تەربىيە نىشانى مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرق تەلەپ قىلمايدۇ . يەنە بىرجەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىپ يىتىدىغان دەرىسلىرىنىڭ يەنى تەلىم - تەربىيە جەھەتتىكى ئەمىلى بىلىم ، مەدىنىيەت جەھەتتىكى تەربىيلىنىشمۇ ئۆتىلىۋاتقان ھەر قايسى پەنلەردىكى بىلىمنى ئۆگىتىشمۇ جىنىس ئايرىمايدىغان بىر ئامىل . شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ تەرەپلەردە پەرق  شەكىللەندۈرمەسلىكىمىز كىرەك . ئەمدى قىز ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئۇغۇل ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرى ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشىدە مۇئەييەن پەرقلىق تەرەپلىرى بار . بۇنى تەربىيىچى بولغان بىر ئادەم  بىلىۋىلىشى زۆرۈر .
يەنى ئوغۇللارنىڭ ، جەسۇر ، مەردانە ، باتۇر ، پائالىيەتچان ، ۋىجدانلىق... خاراكتىرىنى يىتىشتۈرۈش ؛  قىزلاردا بولسا  پەزىلەتلىك ، نۇمۇسچان ، مىھرى - مۇھەببەتكە ئىگە ، قەيسەر ، ئىگىلمەس ، لاتاپەتلىك .... خارەكتىرىنى يىتىشتۈرۈش جەھەتلەردە قوللانغان ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان ئايرىم يىتەكلەش جەھەتتە يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن ئازىراق پەرقنى توغرا ئايرىش كىرەك. تەربىيە بەرگەندە ۋە ئەمىلى پائالىيەتكە تەشكىللىگەندە قىز - ئوغۇللارنىڭ خارەكتىرىگە ماس كىلىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىش كىرەك .


【سەبىخە】 باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىنىڭ %90 تىن ئارتۇق دىگۈدەك بولۇشى ئوغۇللارنىڭ قىز مىجەزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى . سىز بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويغاچ قانداق قىلغاندا مەكتەپ ، ئائىلە ، مەكتەپ ، جەمئىيەت تەربىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ خىل ئىجتىمائى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ باقسىڭىز ؟



【ئىكىن】 دىمىسىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ سېستىمىمىزدا يەنى بىزنىڭ مىللى مائارىپ سېپىمىزدە بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت . ئەمدى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ تەربىيەسىدە ھازىر شەھەر ئىچى ۋە شارائىتى ياخشى بولغان نوقتىلىق رايۇنلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ سېپىدە ئايال ئۇقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . گەرچە بىزنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەر ئوقۇتقۇچىلاردىن قېلىشمىغۇدەك تەربىيە مۇھىتى ياراتسىمۇ لىكىن ئاساسلىق مۇھىت ئىچىدىكى يىتەكچى ئايال بولغاچقا بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ پىسخىكىسى ۋە قىز مىجەزى ئۆز گەرمەيدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن تەربىيلىنىۋاتقان بالىلارمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەربىيىچىسىنىڭ خارەكتىرىنى يىتلدۈرمەي ئۆز خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈپ كىتەلەيدۇ ، دىسەك سەل ئاقىلانىلىق بولمايدۇ . تەربىلەنگۈچى چوقۇم ئۆز يىتەكچىسىنڭ قىسمەن خارەكتىرىنى يۇقتۇرغان بولىدۇ .  بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداق . ئەمدى بۇ يەردىكى  قىز ئوقۇغۇچىلارغۇ يىتىلدۈرسە تامامەن بۇلىدۇ . لىكىن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار يىتىلدۈرسە تازا قاملاشمايدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ئايال ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللىشى  بەزى تەرەپتىن سىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك نامۇۋاپىق خارەكتىرىنى يىتىلدۇرۇپ قويىشى مۇمكىن .
ئەمدى بۇنى ئۆزگەرتىشتە مەكتەپتە بولسا ئايال ئۇقۇتقۇچىلار ئامال بار ئۇغۇل ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىگە ماس كەلگەن بىر قىسىم ئادەتلەرنى يىتىلدۈرىشى كىرەك . مەكتەپ ئىچىدە بولمىسۇن سىرتىدا بولمىسۇن ئوغۇل ئۇقۇغۇچىلار ئالدىدا خىنىملارغا ماس كىلىدىغان ئاياللىق ، قىزلىق نازنى ئىشلەتمەسلىكى ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىنى ھۆرمەتلىشى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوغۇللارنىڭ قانداق پىشىپ يىتىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ھەمدە ئايال ئوقۇتقۇچىلار يۈرۈش تۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك . يەنى ئۆزىنىڭ خاراكتىرىدە چوقۇم باتۇرلارچە ئىلگىرلەيدىغان بىر خىل ئاكتىپ خارەكتىر بولۇش لازىم.
ئائىلىدە بولسا ئوغۇللارنى جاپالىق ئىزدىنىش روھىغا باي بولغان ئەمىلى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ، ئەمگەك مىقدارىنى دائىم مۇۋاپىق ئەمىلى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، مۇھىت ئىچىدە يىتىلىشىكە كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان شۇنداق نامۇۋاپىق پىسخىكىنى سەزگەن ھامان ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم . ئائىلىدە ئوغۇل بالىلارنى چۇقۇم ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلىدىغان مەردانە جەسۇر تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش  كىرەك .
جەمىئەتتە بولسا مۇشۇنداق ئادەتلەرگە قەتئى ئوت ئېچىش ۋە بۇنداق بولمىغۇر قىلمىشنىڭ ياش- ئۆسمۈرلەرگە بىرىدىغان تەسىرىنىڭ ناھايتى ئېچىنىشلىق بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ھەممەيلەن بۇنداق قىلمىشقا كەسكىنلىك بىلەن قارشى تۇرىشىمىز كىرەك .
ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم ئوغۇللارنىڭ خارەكتىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قىز مىجەزلىشىشكە يۈزلىنىش ئادەم قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەڭ زور پاجىئە شۇنداقلا ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسى. ئەركەكلىكنىڭ ئۆز-ئورنىنى تاپالماسلىقى  كىيىنكى كۈنلەردىكى بەخىتنىڭ خاراب بۇلىشىغا قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ خاراب بولۇپ قوغدىنالماسلىقىغا سەۋەبچى بۇلىدۇ . قىسىقىسى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەقدىرىگە ئېچىنىشلىق قىسمەتنى قالدۇرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ھەر قانداق بىر ئادەم يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇشى زۆرۈر.



【سەبىخە】 سىزنىڭچە مۈشكۈل مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يىتىلىشىدە كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولامدۇ ؟


【ئىكىن】 مىنىڭچە بۇ خىل مۈشكۈل مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە كۆرسىتىدىغان ئىجابى تەسىرىنى مەلۇم جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . يەنى بالىلار چوڭ بولىدىغان مۇھىت ئەگەر ناھايىتى مۈشكۈلسىز ۋە خاتىرجەم بولسا بالىلارنىڭ بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە يىتىلدۈردىغىنى سەل تەييارغا مايىل ئىدىيە بولۇپ ئۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بۇلۇپمۇ جاپالىق شارائىتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدىغان شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىك تەرىپىنى ھىس قىلالمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قىلىشى مۇمكىن.
ھايات يولىدىكى ئەگرى - تۇقاي جەريان ھامان ھەر قانداق ئادەمنىڭ جاپانىڭ ، خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئادەم چوقۇم كۆرەش قىلمىسا بولمايدۇ . شۇ ۋەجىدىن بۇ خىل ئەھۋالنى توغرا قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك .
يەنە بىر جەھەتتىن بۇ خىل مۇھىت ئىچىدىكى كىرزىسنى توغرا تۇنۇش كىرەك . يەنى ئىجابى نوقتىدىن ھالقىپ كەتكەن سەلبى ئىدىيىنىڭ شەكىلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز زۆرۈر .



【سەبىخە】 سىزنىڭچە ھازىر مەيلى مەكتەپ تەلىم - تەربىيىسىدە بولسۇن ، مەيلى ئائىلە تەربىيىسدە بولسۇن ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش جەھەتتە سەل قارىلىۋاتقان نوقسان قايسى ؟


【ئىكىن】 بۇ مەسلىگە قارىتا مەن سادىر بولغان  نوقسانلارنى ناھايتى چوڭقۇر ،چۈشىنىشلىك ، نىگىزلىك ھالدا   تېپىپ بىرەلمىسەممۇ لىكىن مۇشۇ ساھەدىكى ئادەم بولغاچقا ئاز-تولا ھىس قىلغانلىرىم بار . مىنىڭچە مەيلى مەكتەپ تەلىم - تەربىيەسى بولسۇن ياكى ئائىلە تەلىم -تەربىيەسى بولسۇن ياش -ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشتە سەل قارىلىۋاتقان تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللار مەۋجۇت :

1.  ئائىلە تەلىم - تەربىيەسىدە بىزنىڭ مائارىپىمىزدىن بەھىرىمەن بۇلىۋاتقان %80 ئارتۇق ئادەملەر يېزا قشلاقتىكى ئاددى- ساددا ياشاپ كىلىۋاتقان دىھقان ، چارۋىچى، ۋە ئۇششاق كەسىپتىكىلەر بولغاچقا بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە سېستىمىلىق ھالدا ئارلىشىپ كىچىكىدىن باشلاپ يىتىلدۈرۈشكە ئۆلچەملىك پوزىتسىيەدە بولالماسلىقى بىر سەۋەبتۇر . ياشاش ھەلەكچىلىكى بۇ ئىلمى تەربىيەلىنىش ئىشىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى شۇ خەلىقىمىزنىڭ ئېڭىدىن سۇسلاشتۇرۋەتكەن .

2.  ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلىرىغا بىرىدىغان مۇھەببىتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى، يەنى بالىلارنى زىيادە مۇھەببەتكە نائىل قىلىش بىلەن شۇنىڭغا مۇناسىپ  بالىلارنى مۇھەببەتتىن  مەھرۇم قىلىشى بالىلارنىڭ نۇرمال ئادەم بولۇش قارىشىنى يىتىلدۈرەلمەسلىككە سەۋەب بۇلۇپ قالغان . يەنى «ۋاي بالام، ئاھ، جان بالام... » دىگەندەك زىيادە ئەركىلىتىش ئارقىلىق بالىنى نانقىپى سۆلەتۋاز چوڭ قىلىش مەسىلىسى بىلەن بالا تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئايرىلىپ كىتىپ بالىلارنى يىتىم قىلىپ قۇيۇپ ئۇ بالىنىڭ مەلۇم جەھەتتە پىسخىك جەھەتتىن كەمتۈك بولۇپ چوڭ بولۇش مەسىلىسى .

3. بالىلارنىڭ شەرت - شارائىت مەسىلىسىنى ئاتا-ئانىلار ئۇنتۇپ ئەمىليەتكە يۈزلەنمەسلىك . ئوقۇتقۇچى بىلەن پائال ماسلىشىپ ئالاقىلاشماسلىق . بالىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا پەقەت پەرۋا قىلماسلىق . بالىلارنىڭ ئىجتىمائىتىنى يالغۇز قالدۇرۇپ قۇيۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بۇ جەھەتتە قىسمەن تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ئەمدى مەكتەپ تەلىم تەربىيەسىدە سەل قارالغان نوقسانلار :

1.  مەكتەپ ئەمىليەتنى تۇتۇشنى تاشلاپ شەكىلگە ئېسلىۋېلىش .  مەكتەپ تۈزۈملىرىنى چىڭىتىپ بىلىم سۈپىتىنى يەنى ھەقىقى سۈپەت مەسلىسىنى پەقەت ئويلاشماسلىق . مەكتەپتە ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىنى قۇرۇق تەكشۈرۈپ  بىرتەرەپ قىلىش  ئىشىغا  قارىتىۋىلىپ ئۇقۇتقۇچىلارنى پەقەت يۇقۇردىن كەلگەن تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىغا دو تىككەندەك تىكىپ بىرىش نوقسانلىرى . مەلۇم جەھەتتىن  مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇشنى چۈشەنمەسلىك نوقسانلىرى بار .

2. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز كەسپىنى لايىقىدا ئېلىپ بىرىش ئىرادسىنىڭ سۇسلاپ كىتىشى . بالىلارغا بولغان مىھرى مۇھەببىتىنىڭ كەمچىل بۇلۇشى ،  بالىلارغا يەتكۈزىدىغان ساپاسىنىڭ تازا دىگەندەك يىتەرلىك بولماسلىقى.

3. ئەخلاق ساپانى تۇتماسلىق بىلەن دۇنيا قارىشىنىڭ چولتا بۇلۇپ قېلىشى ، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىگەللەشكە ماھىر بۇلالماسلىق .

4. جەمىئيەت ساھەسىنىڭ مائارىپىنى پەس كۈرىشى ، قاششاقلىقا تولغان  راھەت پاراغەت ۋە  مەنپەئەتنى چوڭ بىلىپ مائارىپنى نەزىرىگە ئىلماسلىق قاتارلىق نوقسانلار بۇلۇشى مۇمكىن . ئەلۋەتتە بۇمىنىڭ خۇسۇسى قاراشلىرىم بۇنىڭدىن باشقا ياكى مەن دىگەنلىرىم مۇۋاپىق بولمىغان بۇلۇشى مۇمكىن . بۇ تەرەپتىن دوستلارنىڭ تەڭ پىكىر يۈرگۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .



【سەبىخە】 دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا دوسكا خېتىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟


【ئىكىن】 پىداگوگىكا ئوقۇتۇش قائىدىسىگە ئاساسەن دوسكا خېتىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە بولۇشى كېرەك ، دەپ قارايمەن .

1. گەۋدىلىك ، ئىخچام بولۇشى كېرەك .
ۋاقىت ۋە دوسكا يۈزىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكا خېتى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى ، سۆزلەنگەن ئاساسلىق مەزمۇنلار خۇلاسىلەنگەن ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئومومى رامكىنى ھاسىل قىلىشى ، ئەڭ ئاز خەت بىلەن ئەڭ مول مەزمۇننى ئىپادىلەش تەلىپىگە يېتىشى كېرەك .

2. سېستىمىلىق ، مۇكەممەل بولۇشى كېرەك .
دوسكا خېتىدە سېستىمىلىق ، مۇكەممەل بولۇش ، پۈتۈنلۈك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، دەرسنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك . بىر سائەتلىك دەرسنىڭ مۇكەممەل بولغان دوسكا خېتى دەرس تېمىسىنىڭ نامى ، ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە خۇلاسە قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ، باشقىلار دوسكىغا بىر قاراپلا دەرسنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلىشى كېرەك .

3. ئوبرازلىق ، بىۋاستە بولۇشى كېرەك .
دوسكا خېتىنى لايىھەلەشتە يېزىش ، رەسىم ، گرافىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ . بۇنداق ھەم يېزىش ھەم رەسىم ، گرافىك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن دوسكا خېتى دەرسلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ جانلاندۇرالايدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشىگە پايدىلىق .

4. ئىلھاملاندۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك .
دوسكا خېتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ، سېلىشتۇرۇش ۋە مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانساق بولىدۇ . سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى دېگەنلىك ، ئىجابى ۋەقەلەر بىلەن سەلبى ۋەقەلەرنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى بولسا ، دوسكىدىكى مۇھىم خەت ، سۆز ، ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى چوڭراق يېزىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئىككى ئۇسۇلدا دائىم دىگۈدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇرىنى قوزغاش ، دىققىتىنى جەلپ قىلىش ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .

5. ئەپچىل لايىھەلىنىشى كېرەك .
دوسكا خېتىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىخچام ، ئەپچىل ، چىرايلىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، دوسكا خېتى چوقۇم قېلىپلاشقان ، چىرايلىق بولۇشى ، خەت بەك چوڭمۇ ياكى بەك كىچىكمۇ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك .



【سەبىخە】 بەزىلەر «ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ » دەپ قارايدىكەن . سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟


【ئىكىن】 بۇ قاراشنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بار . ئادەتتە تور مۇنبىرىدىلا ئەمەس، ھەر قانداق ساھەدە مەدىنىيەت سەۋىيەنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى  بىز دەۋاتقان تەرەققىياتنى چۈشەپ قۇيىدىغان ئامىلدۇر . مەدىنىيەت سەۋىيە مەسىلىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر تور بېتىدىكى ئەڭ مۇھىم ، كۆرسەتكۈچ ئامىلدۇر . مۇنبەردە باشقۇرغۇچى سالاھىيتىگە ئىرىشكەن ئەزالار ئادەتتە ئالاھىدە باشقىچە ئىمتىيازدا بولماستىن بەلكى باشقا ئەزالارغا قارىغاندا  دەل مۇشۇ تەرەپتىن پەرىقلىنىدۇ . بىر ياخشى مۇنبەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا مەدىنىيەت سەۋىيەسى يۇقۇرى ، ئەخلاقى پەزىلىتى ياخشى ، جاپاكەش باشقۇرغۇچى ئەزالار بولمىسا قەتئى بولمايدۇ . ئاددىسى مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە نىسبەتەن يىڭىدىن تەيىنلەنگەن باشقۇرغۇچى. مەن قىسقىغىنە بۇ ۋاقتىمدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا نۇرغۇن جەھەتتىن چۇقۇم تاكامۇللىشىشنىڭ زۈرۈلۈكىنى، مەدىنيەت سەۋىيەرىمنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم . ئەگەر بىزدە يىتەرىك بىلىم ساپاسى ھازىرلانمىسا بىز چۇقۇم قالپاققا چۇشلۇق ئىش قىلالامەيدىكەنمىز . يەنە بىر جەھەتتىن مۇشۇ يەردە مەن بارلىق مۇنبىرىىزدىكى باشقۇرغۇچى ئەزالىرىمىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچى بىز چۇقۇم مۇكەممەل بولغان سەۋىيە بىلەن ياخشى پەزىلەت يىتىشتۈرسەك. ئەزالارغا ئۆلگە بۇلۇپ مۇنبەردە ئەڭ تىرىشچان، سەمىمى ئەزالاردىن بۇلۇپ ئۆز ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك .


【سەبىخە】 شەبنەم تورى جۈملىدىن شەبنەم مۇنبىرگە قانداق تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىز بار ؟


【ئىكىن】 مەن شەبنەمنى ھەقىقى مىھرىم بىلەن ياقتۇرىمەن. شۇنىڭ ئۆچۈن ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي:
شەبنەم تورى بىلەن مۇنبىرى  ئۇيغۇر تورچىلىقدىكى ناھايتى يول باشلىغۇچى، سەر كە مۇنبەرلەرنىڭ بىرى . بۇ ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولۇندى .
ئەمدى يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ مۇكەممەللىك ۋە ئابروي ئۈچۈن دائىم تىرىشماي بولمايدۇ .
شەبنەم تورىدا «چولپانلار زىيارىتى»، « شەبنەم رادىئۇسى»  ۋە «تور سۆھبىتى » قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك سەھىپىلەر بار . مۇشۇ سەھىپىلەردىكى پائالىيەتەرمۇ ناھايىتى ئەمىلى  قىممىتى يۇقۇرى سەۋىيەدە بۇلىۋاتىدۇ . ئەمدى مىنىڭ تولۇقلاپ قۇيىدىغىنىم ، شەبنەم باش بېتىدە ئەڭ ئالقىشلىق نادىر تىمىلارنىڭ ئورنى بەك ئاز . يەنى قىززىق تىمىلاردىن بىر نەچچىسىلا ئورۇن تۇتىدۇ . بۇنى مۇمكىن بولسا ئىسلاھ قىلىنسا ، يەنە بىر جەھەتتىن شەبنەم رادىئۇسىدا چوڭ ھەجىمگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرگە ئۇرۇن بىرىلمىگەن . بۇ تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس. يەنى ئاز بولسۇن، ساز  بولسۇن دىگەن قاراش رادىئۇغا يول باشلىغان بۇلۇش مۇمكىن . لىكىن مەيلى مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسى . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رادىئۇ ئىستانسىسى بولسۇن ھەممىسىدە بەزى چوڭ ھەجىمدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئاڭلىتىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن قەدىر قىممەتلىك نەرسىلەر ھامان ئالقىشقا ئېرىشىدۇ . شۇڭلاشقا رادىئۇدىكى بۇ ئەھۋالغا مۇنبەر قۇرىغۇچىلىردىن تارتىپ رادىئۇغا مۇناسىۋەتلىك رىياسەتچى ، تەھرىر لەرگىچە ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت بولسا ئويلىشىپ بېقىلسا ،  مۇنبەردە بولسا  تىمىلارنىڭ باش بەتتە تۇرۇش ۋاقتى بەك قىسقا شۇڭلاشقا تىمىلارغا تېخىمۇ تەلەپنى چىڭ قۇيۇپ ياخشى تىمىلارنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارىتساق ،  چولپانلار زىيارەت سەھىپىسىدە تەبىئى پەن ساھەسدىكى ئالىملارنىڭ ئىش پائالىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش مۇمكىن بولسا سىناپ بېقىلسا ،  دىمەك تېخىمۇ تىرىشىش روھى ئۇرغۇپ بىز شەبنەمدە كۆكلەيدىغان ئەمىلى رىئاللىقنى شەكىلەندۈرسەك ، دىمەكچىمەن .


【سەبىخە】 شەبنەم مۇنبىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان «تورداشلار بىلەن سۆھبەت» سەھىپىسىگە بولغان كۆز قاراشلىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟


【ئىكىن】 بۇ مۇنبىرىمىزدىكى « تورداشلار بىلەن سۆھبەت » سەھىپىسى ئەڭ بۇرۇن باشلانغان ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بولغان بىر سەھىپە. بۇ سەھىپە ئارقىلىق  بىز مەۋھۇم دۇنيادىكى نۇرغۇن ساپ ئادەملىرىمىز بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ قارىشى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق . بۇ سەھىپىنىڭ ئۇمۇمى قۇرۇلمىسى  سىزنىڭ جاپا چىكىشىڭىز ئاستىدا ناھايتى ياخشى كىتىپ بارىدۇ . ئەمدى مەلۇم جەھەتتىن تۇلۇقلاشقا مۇھتاج . يەنى تور مۇنبىرىمىزگە ئىشتىراك قىلغان بارلىق تورداشلار ئارىسىدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن بارلىق ئەزالار بىلەن دائىم سۆھبەتلىشىش ئىشى ئەمەلگە ئاشسا ، يوللانمەقچى بولغان ئەزانىڭ نامى بىلەنلا سۆھبەت بىلەن دەپ باشلىماستىن بەلكى ،  «جاپاكەش ئەزا» «مۇنەۋۋەر شائىر»  «ئۈمىدلىك ئەزا» « جاپاكەش باشقۇرغۇچى» ياكى بولمىسا ھەرقانداق ئەزانىڭ قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق قۇشۇپ تىما ماۋزۇسى تاللانسا ،  يەنە بىرجەھەتتىن مۇمكىن بولسا توردا زىيارەت قىلىنغان ئەزالار سورۇنلۇقى يوق . برەرىسىنىڭ كېينىدە قالىدىغان، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان   جىنايەتچى بولمىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ تۇلۇق ئىسىم فامىلىسىنى، يۇرتىنى، ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قالدۇرسا ،  بەزى ئەزالار مەۋھۇم دۇنيادا ئىشلار يەنىلا مەۋھۇم بولغىنى ياخشى دەپ قارايدىكەن. بۇنداق پىسىىخىكا يۇشۇرۇن پاسسىپ پىسىخىكا ئامىلى بۇلۇپ . خۇددى تورداشلارنى  قىسمەن جەھەتتىن مەنسىتمىگەندەك قاراشقا  كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھەممەيلەنگە ئۆزىنىڭ بىلىدىغان بىلىملىرىنى ئايىماي تەقدىم قىلىشىنى بۇ ئارقىلىق پەقەت تور يۈزىدىلا ئەمەس بەلكى ئەمىليەتتىمۇ ھەمكارلىشىپ تور دۇنياسىنىڭ ھەقىقى رولىنى جەۋلان قىلسا ، ۋە بۇ سۆھبەت خاتىرسىغا ئىشتىراك ئەتكەن دوسلارنىڭ قارىشىنى ھەر قايسى تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىپ ياردەم پىكىرىنى ئايىمىسا دىگەن قاراشتا مەن. يەنە بىر جەھەتتىن سۆھبەت ئۇبىكتى قىلىنغان ئەزالاردىن سورايدىغان سۇئاللارمۇ چۇقۇم يىڭىچە تۈسنى ئالسا دىمەكچىمەن. بۇ تەرەپلەرنى سىز يەنىمۇ جاپا چىكىپ تىرىشىپ ئۆزگەرىتسىڭىز.

【سەبىخە】 ئاخىرىدا تورداشلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟


【ئىكىن】 شەبنەم مۇنبىرىدىكى بو تور سۆھبەت خاتىرسى ئارقىلىق  تور مۇنبىرىدىكى مۇنبەرگە بىرىنجى قېتىم قەدەم باسقان  مۇنبەر ئەزاسى ۋە قۇرغۇچىسى شەبنەمدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىزىملاتقان ئەزاغىچە مەن سەمىمى سالىمىمنى يەتكۈزمەن. ھەمدە تور دۇنياسىدىكى شەبنەم مۇنبىرى ئارقىلىق بىز ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆتكىنىمىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ئەمدى بۇ مۇنبەردە پەقەت تورداشلا ئەمەس بەلكى  ئەمىليەتتىكى بىر توغقىنىم مەشئەل 0903، بىر تۇغقاندەك دوستۇم ، پىكىردىشىم ياش ناخشىچى مۇزىك 0903لەرگە  ھەمدە ئەمىليەتتىمۇ پىكىرداش بۇلۇپ ئۆتكەن يىقىن دوستۇم  خىزمەتدىشىم ،باياۋان، ئاسى . 138 زەپەر، رۇزىتوختى ياغ  قاتارلىق كۈندە كۈرىشىپ يىقىن ئۆتىدىغان دوسلىرىمغا مۇنبەردىكى قوللىشىپ ئۆتىدىغان ماتىماتىكا ،جۇدا، تىم ، چىمبۇلاق، تۇگرۇل،  رۇجەك ، شەبنەم 003،ئۇيغۇر ئايلارغا چېن كۈڭلۈمدىن سەمىمى مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزمەكچىمەن. ئۇستازلىرىمنىڭ ئەجىرىگە ۋە ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيەسىگە ، ھەقىقى رەھمەت ئېيتىمەن.  ئەمدى بۇنداق دىسەم دوسلارنىڭ باشقىچە چۈشىنىپ قالماسلىقىنى ، مىھرى مۇھەببەتنى ھەر ۋاقىت يادىدىن چىقارماسلىقىنى مۇنازىرىگە چۈشكەندە چوقۇم ئەخلاق نوقتىسىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ  مۇشۇ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى ئۆچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇششىنى مەيلى كونا بولسۇن يىڭى بولسۇن ئازىراق ئىشتىن ئۆمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكىنى ھەمدە شەبنەم  مۇنبىرىدە دائىم تەپەككۇرىنى چېنىقتۇرۇشىنى ئۆز-ئارا ئىناق ئىتىپاق بۇلۇپ شەبنەمدىن ئىبارەت بۇ ئائىلىنى تېخىمۇ كۆكلىتىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. تورداشلار نىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشتىن دائىم بەھىرلىنىشىنى تىلەيمەن. ئاخىرىدا سىزنىڭ تارىتقان ئەجىرىڭىزگىمۇ تەشەككۈر ئېيتىمەن. قىسقىسى ھەممىسى شەبنەم ئۈچۈندۇر .


شەبنەم تور رادىئۇسىغا تەۋسىيە قىلىنغان تىما .

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+20(tughrul)
  • شۆھرەت:+10(dil-rus) ئالقىشلانغا ..
  • تۆھپە:+20(saadat) نادىر ئەسەر
  • بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
    ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-01 00:45 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    saadat
    قار~لەيلىسى
    ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10093
    نادىر تېما : 12
    يازما سانى : 3187
    شۆھرەت: 3669 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 64958 سوم
    تۆھپە: 846 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 1032 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3085(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    مەن تېخى بۇنداق بىر باشقۇرغۇچىمىزنىڭ بارلىقىنىمۇ بايقىماپتىمەن دىسە....
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىكىن سىز بىلەن مۇشۇ مۇناسىۋەتتە تۇنۇشىۋالغىنىمدىن تولىمۇ خوشالمەن.كۆپ قىزىقىشلىرىم ئەجەپ ئوخشاشكەن دىسە...
    بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىڭىزگە سالامەتلىك ۋە تېخىمۇ نۇسرەتلەرنى تىلەيمەن.
    رەھمەت سىزگە سەبىخە مۇنبەرداشلار مىھرىنى چۇڭقۇرلاشتۇرغۇچى سۆھبىتىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

    ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

    شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
    قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

    تېمىلىرىم:./search.php?authorid-10093.html
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 01:05 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    samanyoli~
    سامانيولى
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 12389
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1519
    شۆھرەت: 1556 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4376 سوم
    تۆھپە: 60 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1511(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    مەنمۇ مۇشۇ تورداشقا بەك قىزىقىپ كىلىۋاتقان ئىدىم . ئىسمىڭىزنى بىر شەرىھلىۋەتكەن بولسىڭىز ، ئىكىن بۇرۇنقىلاردىكى تېرىلغۇ يەر دىگەن مەنىدەمۇ ياكى باشقا مانىدىمۇ ؟
    بۇ قېتىمقى سۆھبەت ناھايىتى ئەتراپلىق بۇلۇپتۇ . سەبىھە خانىم جاپا تارتىۋاتىسىز .
    كۆپ رەھمەت .

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 01:37 |
    ئىسمەت
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 75031
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 309
    شۆھرەت: 310 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1018 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    يۇرت دېشىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇۋاپىقىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    ئىسمەت(ھارامدىن ۋە گۇناھتىن چەكلەنگەن)
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 02:37 |
    aslimam
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 4031
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 70
    شۆھرەت: 95 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 512 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 303(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپتۇ ......... بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە مۇخبىرىمىز سەبىخەنىڭ زىيارىتى بىلەن يەنە بىر توردىشىمىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن  ..  زىيارەتنىڭ مەزمۇنى سەرخىل بولۇپ مائارىپىمىزدىكى نۇقسانلار ھەم تۈزىتىشكە تىگىشلىك بولغان مەسلىلەر ، ئۆسمۈرلەردىكى پىسخىك مەسلىلىرى ھەم ئۇنىڭغا بولغان تەلىم تەربىيە ، كىچىكىدىن مىھىر - مۇھەببەت يىتىلدۈرۈش ، بىكىنمىچىلىك ئىدىيىسىنى ئازات قىلىش .............. قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشلار ئېلىپ بېرىلىپتۇ . سۆھبىتىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم . تورداش ئېكىن ئەپەندى بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سەبىخە قىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا بەخـت ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە مۇنبەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا ئۇتۇق ، ئامەت تىلەيمەن ......!
    بىر سۇئالىم بار ئىدى  :
    ئېكىن ئەپەندى __ سىزنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدىكىن ؟

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 02:44 |
    ئۇيغۇرئاي
    ئـــــــــاۋارە قىلماڭلار
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 2896
    شۆھرەت: 3136 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 29300 سوم
    تۆھپە: 774 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 533 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-27

     

    مەن سىزنىڭ ئەستايىدىللىقىڭىزغا بەك قايىل ئىقىن<ئىكىن> ئىسمىڭىزنى دائىم ئۆزەمچە ئىقىن دەپ تەلەپپۇز قىلغاچقا، ئىكىن دىسە غەلىتە ئاڭلىنىپ قالدىكەن ،،،،،،

    سىزنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان سەبىھە ھەدىگىمۇ رەھمەت ئىيتىمەن، ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

    رەھمەت

    شىنجاڭ تور مەكتىپى


    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 08:13 |
    باياۋان
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69469
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 944
    شۆھرەت: 1002 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9385 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 863(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    سۆھبەتنىڭ بېشىدىن تارتىپ خاتىمىسىگىچە تۇلۇق ئۇقۇپ چىقىپ ، دوستىمىز ئىكىننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىرقەدەر مۇكەممەل چۈشەندىم ، شۇنىڭدەك ئىكىننىڭ بىر مائارىپچىغا ، جاپاكەش ئۇقۇتۇش سەھنىسىدىكى تەربىيىچى باغۋەنگە لايىق ئۇقۇتۇش ھادىسلىرى ، ئۇيغۇر مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇپەسسەل شەرھىيلەش خاراكتىرىنى ئالغان بايانلىرىنى سۈيۈنۈپ ئانالىز قىلدىم . ھەممە ئىشقا مۇشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتىيالىساق ئاندىن نەتىجىنى قولغاكەلتۈرۈش مۇمكىن ، قولنىڭ ئۇچىدىلا ، ئاغزىمىزنىڭ بۇر جىكىدىلا قىلغان ئىش ھېچكىمنى سۈيۈندۈرمەيدۇ ، قىسقىسى دوستىمىز ئىكىندە بىر خىل بېغىشلاش روھى بار دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ .
    مەن دوستىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، مۇنبەردە تېخىمۇ ياخشى غەلبىلەرگە ئېرىشىشىنى ، تورداشلىرىمىزنى رازى قىلغۇدەك نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 08:57 |
    qimbulak
    ئانا يۇرتقا تەلپۈنگەن يۈرەك
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2508
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2317
    شۆھرەت: 2687 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 19120 سوم
    تۆھپە: 208 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1789(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    توردىشىم ئىكىن بىلەن قىسقا ئۇچۇرلاردا ئالاقىلىشپ تۇرغان ئىدۇق !
    قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە ئورۇنلۇق گەپ سۆزلىرى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتى تولىمۇ قايىل قىلغان ئىدى  ، ئەمدى سەبىھە ئاچاشنىڭ ئەھمىيەتلىك زىيارىتىدىن تولىمۇ ئەتىراپلىق تونىشىۋالدۇق شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەمگەك قىلغۇچى ئاچىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !

    بۇندىن كىيىن تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئشلىرىڭىزغا زور ئۇتۇقلار تىلەپ - چىمبۇلاق !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
             
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 11:33 |
    tim0998
    گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61829
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1186
    شۆھرەت: 1322 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 610 سوم
    تۆھپە: 148 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 499(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    ئالدى بىلەن شەبنەم مۇنبىرىگە ۋە مۇنبەرنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىسى سەبىھە گە رەھمەت ئىيتىمەن.سەبىھەنىڭ بۇ قىتىملىق زىيارىتى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك،مۇۋاپىققيەتلىك زىيارەت بولۇپتۇ.ئىكىن بۇرادىرمىزنىڭ بايانلىرى كىشىنى تولىمۇ رازى قىلىدۇ.گەرچە يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ ئەمما قايىل قىلارلىق بايانلىرى ئارقىلىق كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئىكىن بۇرادىرمىزنىڭ بۇندىن كىيىكى ئىشلىرى كۆڭۈللۈك،تۇرمۇشى خاتىرجەم بولغۇسى.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
    تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
    بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
    ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

    ./?u=61829
    ./?a=tim0998
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 11:50 |
    turkkizi
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35314
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 718
    شۆھرەت: 724 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6996 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1631(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بەرگەن تەكلىپلىرىڭىز بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ ئىكىن ئەپەندى،تەكلىپلىرىڭىزدىن سىزنىڭ كەسىپتە مەسئولىيەتچان،تىرىشچان باغۋەنلىكىڭىزنى ھىس قىلدىم.مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ،مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى......

    ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى مۇنبەر كەينىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىزلەرگە تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان سەبىخە خانقىزغىمۇ كۆپ رەھمەت

    پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،شۇڭا تۇرمۇشقا ھەر ۋاقىت ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنەيلى....
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 13:08 |
    DEWRAN
    دەۋران دەردلىرى داۋاسىزدۇر.
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 55117
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1133
    شۆھرەت: 1284 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 177787 سوم
    تۆھپە: 214 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 190 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2727(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

        مۇنبەردىشىمىز ئىكىننىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن! تۆھپىكار باشقۇرغۇچىمىز سەبىخەنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، قېرىنداشلار ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە تېخىمۇ داغدام يوللارنى ئېچىشىغا تىلەكداشمەن!

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    بۇرۇتۇڭ خەت تارتمىغۇچە، يۈرىكىڭ دەرد تارتماس.

                      ***      ***       ***
                      
    مەيلى دەۋران باقمىسا باقالمايمەن دەۋرانغا،
    ياشالمايمەن تىزلىنىپ رامكىلانغان پەرمانغا.
    چىن غۇرۇرۇم باشلىغان يولدا ماڭسام تەۋرەنمەي،  
    بېقىنمايمۇ دەۋرانغا يېتەلەيمەن ئارمانغا!
    - ياسىنجان ئوسمان دەۋران
    ./read.php?tid-89120.html
    ./?u=55117
       دەۋران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار يۇقىرىقى تېمىلاردا بار. خالىسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 14:38 |
    QAR-TIKIN
    مەن بىر ئادەم!!!
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 888
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2025
    شۆھرەت: 2162 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 254663 سوم
    تۆھپە: 24 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2222(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-01

     

    بۇندن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!!

    قۇش باغلىنىپ زەنجىردە ،
    ئىت ئۇچاتتى ئىگىزدە.
    مۈشۈك ساپان سۆرەتتى،
    ئۆكۈز ئوخلاپ كىگىزدە.
    ./?u=888
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 16:24 |
    padixa51
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 54566
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 333
    شۆھرەت: 334 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3278 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 291(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    مەن ikin  ئەپەندىمنىڭ يازمىللىرىنىڭ سادىق ئۇقۇرمەنلىرىنىڭ  بىرى بۈگۈن ikin  ئەپەندىمنى قايتا بىر  تۇنۇغانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن .
    تىما ئىگىسىگە رەخمەت  كىلەركى سان  ؟   

    بۇ يەرنى چىكىڭ تىز بۇلۇڭ http://bbs.horiyat.com/?u=3681
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 17:18 |
    باياۋان
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69469
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 944
    شۆھرەت: 1002 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9385 سوم
    تۆھپە: 80 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 863(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    بىردەمدىلا چۈكۈپ كىتىپتىغۇ ؟

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:13 |
    tughrul
    تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 48638
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4100
    شۆھرەت: 1150436 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 42737463 سوم
    تۆھپە: 183 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2128(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    ikin سىزنىڭ ھاياتىڭىز بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر ! ھەم سىزدەك جاپاكەش ، تىرىشچان ، قەلىمى ئۆتكۈر قېرىندىشىمىزنىڭ بولغۇنىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن !!!
    مەن سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات يولىڭىزنىڭ ئوچۇق ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ خۇشاللىققا تولىشىنى تىلەيمەن !!!

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 23:24 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » ئەزالار زىيارىتى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:04-03 03:25, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ