~~~~
ئاياللار نازاكىتى
~~~~
ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان قىزىقىشى چىرايىدىن باشلىنىپ،مۇلايىملىقتا توختايدۇ.ياخشى ئايال بىر مەكتەپ . ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى چىرايىدىن مۇھىمراق ئورۇندا تۇرۇدۇ.مۇلايىملىق ئىسسىق -سۇغۇقنى ،ئېغىر -بىسىقلىقنى سىزىدىغان بىر يۇمران ئەۋرىشىم قول بۇلۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنداقلا بىر سىلاپ قويسا،ئازار يىگەن دىللار شىپا تاپىدۇ، ئۇخلاۋاتقان ياشلىق باھار ئۇيغۇنۇدۇ ، ئازاپلىق ئىڭراش ئاۋازلىرى شېرىن خورەك ساداسىغا ئايلىنىدۇ.مۇلايىملىق زىمىننى ياشارتقۇچ يامغۇر ، ئۇ قاغىجىراپ كەتكەن كۈڭۈلنى باھار يۇپۇرماقلىرىدەك ياشارتىپ يايرىتىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مۇلايىملىق ئاياللارنى ئەرلەردىن پەرىخلەندۈرۈدىغان جىنسى بەلگە، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلالىشىدىكى مۇھىم قۇرالى.تۈن پەردىسى ئالەمنى قاپلاپ ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆمگەندە،چارچاپ ھالسىرىغان كۈڭۈل مۇلايىم بىر قۇلنى ئۆزىنى يىنىك-يىنىك تۇتۇپ،سىلاپ، ئۇۋۇلاپ قۇيۇشىغا قانچىلىك تەقەززا -ھە؟ تۇرمۇش ئۈچۈن،تىرىكچىلىك ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپلەردە تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەندە،كۈڭۈلگە تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىدىغان بىرەرسىنىڭ يىنىددا بۇلۇشىغا قانچىلىك تەشنا --ھە! مانا بۇلار ئەرلەرنىڭ مۇلايىملىققا بولغان ئىنتىزارلىقى....!
~~~~~~~~~~~~~~
مۇلايىملىق ئاياللارغا خاس قورال بۇلۇپ،ھەر قانداق بىر ئەر مۇشۇ قۇرالنىڭ ئۇقىدا جان بېرىشكە تەييار...!
مۇلايىملىقتا بىر خىل شېرىن پۇراق بۇلۇپ،ئايال چىقارغان بۇ پۇراق ئەرنىڭ قىشىغا ئاستا-ئاستا ئۇچۇپ كىلىپ كىڭىيىپ ،تارقىلىپ ئەرنى قورشىۋالىدۇ،ئەرنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلۇپ ئۇنى مەست-خۇش قىلىدۇ.نەتىجىدە ئەر بىر خىل كەڭتاشالىق ،ئازادىلىك ،گۈزەللىككە تەشنا بولىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~
ئەرلەر ، ئۆزىگە ئارام-بەخىش ئىتەلەيدىغان نازاكەتلىك، كۈڭلىنى چۈشۈنىدىغان ،قۇلىغا -قول،پۇتىغا-پۇت بولالايدىغان ئايالغا مۇھتاج.ئەرلەر لايدىن ياسالغان ،ئاياللار سۇدىن ياسالغان،دىگەن گەپ بار .مۇلايىملىق بىر خىل كۈڭۈل رىشتىسى ،شۇنداقلا ئايالچە ئامراقلىق بۇلۇپ،بۇنداق ئامراقلىق ئەرنى ئۆز باغرىغا رام قىلىدۇ.ئەرنى ئۆز رازىلىقى ،ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خۇتۇنى سىزغان سىزىقتىن چىقمايدىغان قىلىدۇ.شۇنداق بولغاچقا ئاياللار نازاكەتلىكنى ئۈگۈنىۋىلىشى لازىم.
~~~~~~~~~~~~~~~~
مەنبە: " شىنجاڭ-رادىئو تىلىۋىزىيە گىزىتى"دىن.