ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


سىز بۇ تېمىنىڭ 152 - كۆرۈرمىنى
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 ئۆچ ئېلىش بىر خىل پىسخىك كېسەللىك

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى پەرزەنت تەربىيىسى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-03-31)
ئۆچ ئېلىش بىر خىل پىسخىك كېسەللىك
ياسىنجان توخنىياز توغراق

ئۆچ ئېلىش ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر خىل ناچار ئادەت بۇلۇپ، پىسخىكا نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر خىل كېسەللىك ھېساپلىنىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېرىككەكلىك ۋە ئاچىقلىنىش ئادەملەردە ئاسانلا ئۆچ ئېلىش پىسخكىىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇدۇ. بۇنداق چاغلاردا بۇ يەردىكى ئاچچىقلىنىشنى خوشالىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى خوشاللىقتا. خوشاللىق بولمىغان تۇرمۇشتا ھاياتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. تېرىككەكلىك ۋە ئاچىقلىنىش بىزدە تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان زىياننى  كەلتۈرۈدۈ. مەلۇم بىر نوقتىدىن ئېيتقاندا، غەزەپلىنىش باشقىلارغا زىيان سېلىپلا قالماستىن، ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. غەزەپلىنىش تۇيغۇسى ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىنىڭ  پىلتىسى ھېساپلىنىدۇ. غەزەپنى بىر ئاماللار ئارقىلىق يەنى، دىققەتنى بۇراش، بىردەم جىم ئولتۇرۋېلىش، قانغىچە يىغلىۋېلىش، دەرت تۆكۈش ۋە خالى جايدا ۋارقىراش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەيدىن-پەي خوشالىققا ئايلاندۇرۇش، كېيىن ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق  قارىشى تەرەپنى  ئىلىمىي ئاساستا قايىل قىلىش، ئۇلاردا پۇشايمان كەيپىياتى پەيدا قىلىش لازىم، ھەرگىزمۇ ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ دەرھاللا ئۆچ ئېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆچمەنلىككە ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئۇ مەڭگو يوقالمايدۇ. ئۆچمەنلىككە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا ئۇ چۇقۇم ئۆزلىكىدىن غايىپ بۇلۇدۇ. كونىلار‹‹ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ قۇرۇق نان يىيىش، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئىلكىدە گۆش يىگەندىن ئەۋزەل››دېگەن. بىز دۈشمەنلىرىمىزنى سۆيەلمىسەكمۇ، ئۆزىمىزنى سۆيىشىمىش، قەدىرلىشىمىز كېرەك. ئۆچ ئېلىش خاراكتىرىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ  بىزنىڭ خوشاللقىمىز، سالامەتلىكىمىز ۋە چىرايىمىزنى ۋەيران قىلىشىغا قاراپ تۇرماسلىقىمىز لازىم. ۋېليام شېكسىپېرنىڭ ‹‹ دۈشمىنىڭ ئۈچۈن ياندۇرغان غەزەپ ئۇتۇڭدا ئۆزەڭنى كۆيدۈرۋالما››دېگەن سۆزىنى مەڭگو ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان كىشىلەر بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۆچمەلكىمىز تۈپەيلىدىن روھىمىزنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ھالىمىزنىڭ خاراپ بولغانلىقىنى، ھارغۇن ۋە چېچىلاڭغۇ بۇلۇپ قالغانلىقىمىزنى، رەڭگىمىزنىڭ سارغىيىپ، يۈرەك كىسلىمىز قوزغىلىپ قالغانلىقىنى، ھەتتا شۇ سەۋەپتىن ئۆمىرىمىزنىڭ قىسقىراپ كەتكەنلىكىنى  بىلسە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن خوشاللىق ئەمەسمۇ؟  تېخى بىزدە ئۆزىمىزنى تاشلىۋېتىپ، بەتبۇي پۇراقنىڭ ئارىسىغا غەرق بۇلۇپ ياۋايىلىققا يۈزلىنىشىمىزچۇ؟.............
ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان غەزەپ، خۇددى يەل ئۇرۇلغان توپقا ئۇخشايدۇ. يەرگە قانچىكى كۈچەپ ئۇرۇلسا، ئۇ شۇنچە بەك قاڭقىيدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتا غەزەپلىنىشنىڭ تۈرۈتكىسىدە ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن  ئۆچ ئېلىشنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. بۇنداق قىلمىغاندا، ئاخىرى بېرىپ تېخىمۇ قاتتىق ئازاپقا قالىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز بۇلۇپ قالىمىز. بىزنىڭ باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلغانلىقىمىز، ئۇلارغا  بىزنى كونتۇرۇل قىلىدىغان كۈچنى  چاڭگاللىتىپ قويغىنىمىز بىلەن باراۋەر. بۇ خىل كۈچ ئەكسىچە ئۆزىمىزنى پاراكەندە قىلىپ، گېلىمىزدىن تاماق ئۆتمەيدىغان، خىيالپەرەسلەردىن قىلىپ قۇيۇدۇ. يۈرەكنى زەئىپلەشتۈرۈپ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىللا بولىمىز ياكى ئۈلۈپ كىتىمىز. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلۇدۇكى، باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىمىز ئۇلارغا زەربە بېرەلمەيلا قالماستىن، ئەكىسىچە، ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۆچ ئېلىش تىپىدىكى غەزەپنىڭ  تۈرۈتكىسىدە قانۇننىڭ پاتقىقىغا پېتىپ ئەخلاق بىلەن ياتلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى مۇئاييەنلەشتۈرۈشكە بۇلۇدۇكى، ئۆچ ئېلىش ئىستىكى ئىنسانلاردىكى بىر خىل پىسخىك كېسەللىك. ئۇ خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرلىك ئۆسمىگە ئوخشايدۇ. كىشىلەر ئۇنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان چاغدا، خەتىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كونتۇرۇللۇقنى تۇيۇقسىز يوقاتسا، كىشىگە ئىنتايىن زور خەۋەپ يەتكۈزىدۇ. ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى ساغلام بولمىغان بىرخىل پىسخىك ھالەت. ئۇ ئۆچ ئېلىش ئوبىكتىغا تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ  پىسخىك ساغلاملىقىغىمۇ زىيان سالىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتىكى بەزى ئازارلىقلارغا يۇلۇققاندا، ھەرگىزمۇ ئۆچ ئېلىشنى ئويلىماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىشىمىز، ئەپۇچانلىق بىلەن بارلىق ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ، تۇرمۇشىمىزنى ئىللىق باھارغا ئايلاندۇرىشىمىز لازىم.


مەنبەسى: ئىجادىيىتىم

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-31, 11:29

 

./read.php?tid-62328.html
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-30 20:37 |
شەبنەم تور رادىئوسى
birlik001
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 79720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 

ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰ-ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﺍ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ، ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ 103 ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ 1295 ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ
ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ 'ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺗﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ' ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺘﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ 103 ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ 1295 ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺑﯘﻧﯩﯔ %30 ﺋﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ، ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺸﯩﻲ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻐﺎﻥ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ. 'ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺗﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ' ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ... ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺗﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 'ﻛﺎﻣﺒﯧﺮﺭﺍ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ' ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ' ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺟﻮﺋﯧﻞ ﻓﯩﺘﺰﮔﯩﺒﺒﻮﻧﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﺴﻰ ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺪﻯ.

'ﻛﺎﻣﺒﯧﺮﺭﺍ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ' ﺑﯜﮔﯜﻥ، ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺟﻮﺋﯧﻞ ﻓﯩﺘﺰﮔﯩﺒﺒﻮﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ، 2002 ‏- ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﺪﺍ 10 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ (ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﭽﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺧﯧﻠﯩﻦ ﻟﻴﯘ) ﻧﯩﯔ، ﻛﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻤﺎﺱ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻪﻟﻪﺵ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﭺ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ، 60 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 700 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻓﻮﺗﻮ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ.

' ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ' ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﻮﺋﯧﻞ ﻓﯩﺘﺰﮔﯩﺒﺒﻮﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﯨﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻧﺎﺗﻮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﺍﺯﯞﯦﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻓﻮﺗﻮ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺪﻯ.

'ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ' ﻣﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ
ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 'ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ' ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯜﮔﯜﻥ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ 'ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ' ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ، 'ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ' ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﺎﺳﯘﺳﻰ ﻟﻴﯘ ﺧﻪﻳﻴﻪﻥ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﻮﺋﯧﻞ ﻓﯩﺘﺰﮔﯩﺒﺒﻮﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﻰ 1986 ‏- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯖﺪﺍﯞﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﺎ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ 89‏- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﺮﻯ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺑﯧﻴﯩﭗ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺳﯧﺪﻧﻰ ﺷﻪﻫﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ 'ﺩﺍﺑﻮﻟﺒﻪﻱ' ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﯩﺘﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻝ-ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﯩﺮﻯ "ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺑﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﻫﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ. ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ.

ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ ﻟﻴﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻫﺎﺟﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ' ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ، ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺨﺎﻧﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺌﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 500 ﻣﯩﯔ ﻳﯜﺋﻪﻥ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ.

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ 10 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ 4 ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ (ﭘﺮﻭﻛﺴﻰ) ﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﻯ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺭﺗﯧﺮﻟﯩﺮﻯ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﻴﯘﻳﻮﺭﻛﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ   

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-31 21:54 |
شەبنەم تور رادىئوسى
melal
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 65262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 277
شۆھرەت: 277 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 

بىر دۆلەت تەرىپىدىن قاتتىق مۇستەملىكە قىلىنغان باشقا بىر دۆلەت ۋاقتى كەلگەندە قىساس ئالسا  بۇ بىر خىل روھىي كېسەللىك بولامدۇ ؟  

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 01:39 |
tograh0997
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 38094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6406
شۆھرەت: 6633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 0 سوم
تۆھپە: 117 نۇمۇر
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1492(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

 

دوستلار تېمام توغىرىسىدا پىكىرلىشىپ باقساق قانداق؟

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
./read.php?tid-62328.html
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-01 22:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » نەسىر-ئوبزورلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-03 03:24, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ