16 يىلدا 17 قېتىم ئوپېراتسىيىگە چۈشكەن ئەنگىلىيىلىك قىز Sarah . Hazel Grove ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى ئەنگلىيىدىكى 16 ياشلىق قىز Sarah . Hazel Grove ھازىرغا قەدەر 17 قېتىملىق چوڭ – كىچىك ئوپېراتسىيىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ ، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ھاياتلىق مۆجىزىسى ياراتقان.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28 – مارت سانىدا Sarah . Hazel Grove نىڭ ئەگرى – توقاي تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. بۇ گېزىتتە ئېيتىلىشىچە ، بۇ قىزچاق ئاي – كۈنى توشۇشتىن بەش ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلغان بولۇپ ، تۇغۇلۇپلا يۈرەك سول قېرىنچىسى تولۇق يېتىلەلمەسلىك ئۇنىۋېرسال كېسىلى دېگەندەك بىر قاتار يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان . تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ، تۇنجى قېتىملىق يۈرەك ئوپېراتسىيىسىگە چۈشكەن ، بۇ چاغدا دوختۇرلار ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ، ئەمما ، ئۇ مۆجىزە يۈز بەرگەندەك ھايات قالغان ؛ ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا يۈرەك دالانچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان؛ بىر ياشقا كىرگۈچە يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك بەش قېتىملىق ئوپېراتسىيىنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئۇ 13 ياشقا كىرگىچە ئاشقازان ئوپېراتسىيىسى ، كۆكرەك قىسمى يۇقۇملىنىش ئوپېراتسىيىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى ئوپېراتىسيىسىلىرىنى قوبۇل قىلغان ، 13 ياش ۋاقتىدا ئۇ يەنە 17 – قېتىملىق ئوپېراتسىيىگە چۈشكەن . دوختۇرلار نۇرغۇن قېتىملىق ، ھەر خىل ئوپېراتسىيىلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بۇ قىزچاقنىڭ ھاياتىدىن ئىزچىل ئەنسىرەپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇ ھەر قېتىملىق ئوپېراتسىيىدىن ئوڭۇشلۇق چىققان.
ئۆرىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئوپېراتسىيە ئۆيى ۋە كېسەل كارىۋىتىدا ئۆتكۈزگەن بۇ قىزنىڭ قەيسەرلىكى بۇ دۆلەتتىكى نۇرغۇن ئاتا – ئانا ۋە بالىلارغا ئىلھام بولغان.
Sarah . Hazel Grove نىڭ بىر ياش ۋاقتى
Sarah . Hazel Grove نىڭ سەككىز ياش ۋاقتى
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى