باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما xabnam.com001 تەرپىدىن تاقالدى(2009-03-30)
«ئۈچىنجى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى »لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە 2 – نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس»نى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى 2006 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «جاھان كېزەر »لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس »نى باھالاش پائالىيىتىدىن كېيىن ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شىركىتى ئۆز ئالدىغا قوللىغان «ئۈچىنجى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى»لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە 2 – نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس»نى باھالاش پائالىيىتى 29 – مارت باشلاندى .
«ئۈچىنجى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى»لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە 2 – نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس »نى باھالاش پائالىيىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن ، «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى»ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، «شىنجاڭ گېزىتى »، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى »، «بىڭتۈەن گېزىتى » ، «بىڭتۈەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى »، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شىركىتى »قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلاشقان . بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «خەلقنى تەسىرلەندۈرۈش ، شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرۈش »بولۇپ ، 2006 – يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ، ھەر قايسى كەسىپلەردە بارلىققا كەلگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسلەر باھالىنىپ ، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىدۇ ۋە توغرا ئىجتىمائىي كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ ، رايونىمىزدا جەمئىيەت ۋە دەۋرگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى ۋە چاقىرىق كۈچى شەكىللەندۈرۈلۈپ ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىلىدۇ .
بۇ نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس »نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نامزاتلارنى تاللاش شەرتلىرى مۇنداق بولىدۇ : شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ، دەۋىر تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ ، زور شان – شەرەپكە ئېرىشكەن ۋە كەڭ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇشى ؛ ھەرقايسى ساھە ، كەسىپلەرگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ، دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ تۈرلەردە ئاساسلىق تۆھپە قوشقان بولۇشى ؛ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ ، كەسپىنى قەدىرلەپ ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان بولۇشى ؛ ئۆز كۈچى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئادىللىقى ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش مۇھىتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇشى ؛ ئىش – ئىزلىرى ۋە كەچۈرمىشلىرى بىلەن ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ، ۋە ئىجتىمائىي قىممەت يۈزلىنىشى ۋە دەۋر روھىغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلار ؛ شەخسى تۇرمۇش ، ئائىلە ، ھېسسيات جەھەتتىكى ئىپادىسى كىشىلەرنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈرگەن ، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ۋە ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى نامايەن قىلغان ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخىسلەر بولۇشى كېرەك .
نامزاتلارنى كۆرسىتىش خىزمىتى 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىن 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ . جەمئىيەت كۆرسىتىش ، ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆرسىتىش ۋە تەشكىل كۆرسىتىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ . 4 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدا باھالاش پائالىيىتىنىڭ كۆرسىتىش ، باھالاش كومىتېتى 20 نامزاتنى بېكىتىدۇ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ، ئامما قىسقا ئۇچۇر يوللاش ، تورغا چىقىش ۋە خەت – چەك ئەۋەتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كۆڭلىدىكى «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس »گە ئاۋاز بېرىدۇ . 5 – ئاينىڭ باشلىرى كۆرسىتىش ، باھالاش كومىتېتى بەرگەن ئاۋازغا ئاساسەن 2 – نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس »نى بېكىتىدۇ ، 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ، 2 – نۆۋەتلىك «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس »نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ . مەنبە : تەڭرىتاغ تورى |