MORTUM ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتىمۇ(مائارىپ نازارىتىگە خەت)
يېقىندا بورتالا شەھىردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئاتا - ئانىلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىن مەزمۇنى ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى ياكى شەر شارائىت مەسلىسى بولماستىن بەلكى MORTUM نامىدىكى قوشۇمچە دەرسلىك ماتىرىياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا ، قارشى پىكىرسىز ھالدا تارقىتىش ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىق بەرگەن ئىمزاسىغا ئېرىشىش ئالدىنقى مەقسەت قىلىنىغان ئىدى .
MORTUM سىز ، ھازىرقى دەرس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىزدا ئىلگىرلەش بولمايدۇ ! بۇ شۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىرى . دۆلەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىنى يەڭگىللىتىش ، ئوقۇش بېسىمى ۋە خىراجەت بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە نۇرغۇن چارە - تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ لېكىن ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق ئەمما مۇناسىۋەتسىز ماتىرىياللار ئوخشاش بولمىغان يوللار بىلەن يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىدىن ئورۇن ئېلىپ نارسىدە باللىرىمىزنىڭ قوبىل قىلىش دائىرىسىنى زور بېسىم بىلەن تەمىنى ئېتىپ كەلدى . ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاد ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تەلئەت قادىرى شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلغان مەلۇم بىر پارچە ماقالىسىدا ، مەكتەپ باللىرىنىڭ ئوقۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى ھەققىدىكى ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۈچۈن تۈزۈپ ، نەشر قىلىپ بەرگەن ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرى بىرىنجى قول ماتىرىيال بولىدۇ . ئوخشاش بولمىغان يوللار بىلەن كەلگەن پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى پەقەت دەرستىن سىرتقى قوشۇمچە ماتىرىياللاىق رولىنى ئوينايدۇ ، شۇڭا ھەر دەرجىلىك ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى بۇنداق ماتىرىياللارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىغا كىرگۈزىشىگە بولمايدۇ ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى . شۇنداقتىمۇ MORTUM رەھبەرلىگىدىكى زور بىر قىسىم قوشۇمچە ماتىرىياللار ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇردى . بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ۋاقتى تالان تاراجقا ئۇچراپ بالىلار ئۇخلاش ۋاقتىدىن باشقا بارلىق ۋاقىت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوقۇپ ئالىم بولۇشدەك مەنتىقىسىز ئۈگۈنۈش يولىغا كىرىپ قالدى .
-بىزگە ئالىم بالا كېرەك ئەمەس ، نورمال تەپەككۈردىكى بالا كېرەك! بالىلارغا بىلىم بىلەن بۇنداق بېسىم قىلىش بالىلارنى نابۇت قىلىشتىن بۆلەك نەرسە ئەمەس . بۇ شۇ قېتىملىق يىغىندىكى بىر ئاتىنىڭ پىكىرى . لىكىن بۇ يىغىن پكىر ئېلىش يىغىنى بولماستن بەلكى ئىمزا قويدۇرۇش يىغىنى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پىكىر قوبىل بولمىغان .
- ھەممە بالىلار ئالسا پەقەت مېنىڭلا نەۋرەم ئالمىسا ، بالىنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى يۈز بېرىشى مۈمكىن . بۇ پەقەت ئوتتۇز - قىرىق يۈئەنگە مېنىڭ چېقىنالمىغىنىم ئەمەس بەلكى رەت قىلىش ھوقۇقىم ئىدى . بىز بىرنەچچە دۆلەت كادىرىدىن باشقا بۇ بالىلار بىلەن يەنە نۇرغۇن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى ئېلىپ تۇرمۇش قامدايدىغان قىيىنچىلىقتىكى قېرىنداشلىرىمىز بار . ئۇلار بۇنىڭ بىلەن مائارىپ نەشرىياتى ھەقسىز تەمىنلىگەن ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىغا ئېرشكەندىن سىرت پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان يەنە بىر تۈركۈم ھەقلىق رەۋىشدىكى ماتىرىياللار ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانىلار خىراجەت بېسىمىگە دۇچ كەلسە بالىلار چەكتىن ئاشقان ئۈگۈنۈش بېسىمىغا دۇچ كەلدى . شۇنداق بولسىمۇ مەن مائارىپ ئالدىدىكى ئامالسىزلىقىم سەۋەبىدىن ئىمزا قويۇشقا مەجۇر بولدۇم . شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى ئاتا - ئانىلار يىغىنى MORTUM غا ئىمزا قويدۇرۇش پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان بولدى . دېمەك ئايان بولدىكى بۇ پائالىيەت MORTUM غا ئالدىن مۇشتىرى بولۇش رولىدىكى پائالىيەت ئىدى .
مەكتەپ MORTUM ماتىرىياللارنى قايسى ئۇسۇلدا مەكتەپكە كىرگۈزىدۇ ؟ مەن يېقىندا بىر ئوقۇرقۇچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەردى .
بورتالا ئوبلاستلىق شىنخۇا كىتاپخانىسى مارت ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا مەكتەپلەرگە بىر قېتىملىق چاي زىياپىتى بەرگەن . چاي زىياپىتىنىڭ داۋامىدا كىتاپخانا مەسئۇلى ئوقۇتقۇچىلارغا ؛ بۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپلەرنىڭ MORTUM ماتىرىياللارنى شىنخۇا كىتاپخانىسىدىن سېتىۋىلىشى كېرەك ئىكەنلىكى ، MORTUM نىڭ كىيىنكى سېتىش ھوقۇقىنى شىنخۇا كىتاپخانىسى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ بېرىشى ئۈچۈن 100 يۈئەن قىممىتىدىكى ھەقسىز كىتاپ ئېلىش كارتىسى بىلەن مۇكاپاتلىغان . ئارقىدىن يەنە قايسى ئوقۇتقۇچى ئۆز تەۋەسىدىكى سىنىپ بالىلىرىغا بۇ خىل ماتىرىيالنى سېتىپ چېقىرالىسا كىتاب بېشىدىن بىر يۈئەن سېتىپ چېقىرىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان .
دېمەك MORTUM ماتىرىياللىرىنىڭ مەكتەپكە ، مەكتەپ ئارقىلىق سومكىغا كىرىش ئۇسۇلى ئېنىق بولدى . MORTUM ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل بىلىم بايلىقى . لىكىن بالىلارنىڭ قوبىل قىلىش ئىمكانىيىتىنى نەزەرگە ئالمىغان ئاساستا بىلىمنى سىغىمچانلىقدىن ئاشۇرۇپ مېڭىگە قاچىلاش ئاخىرقى ھېسسپتە بالىلارنى ناپۇت قىشتىن باشقا رول ئوينىمايدۇ .
قانداق قىلىش كېرەك ؟مائارىپ دۆلەتنىڭ . مائارىپ نازارىتى ھەر دەرجىلىك ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەركەزلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى . شەخسنىڭ پىكىرى ئىلىك ئېلىنمىغىنى بىلەن مائارىپ نازارىتىنىڭ پىكىرى چوقۇم ئىلىك ئېلىنىشى مۈمكىن . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن پىكىرى ئىلىك ئېلىنمىغان بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ نامىدىن مەكتەپ ئورۇنلىرىدىكى بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلارنى ، بىر نەچچە يۈئەن پايدىنى دەپ بالىلارغا بىلىم زۇلۇمى سېلىۋاتقان ھەركەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن چەكلىشىنى ھەم توسۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .