ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز
(ئىلى -لىق مۇنبىرنى ئارلاۋېتىپ توردىكى نامى <ئەزمەت>دىگەن ئەپەندى يازغان بۇ تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئوقۇدۇم.دەرھەق! ھازىر ئارىمىزدا قوش تىللىق مائارىپىغا 'ئاكتىپ«ئاۋاز»قوشقاندىن بۆلەك قاملاشسىدۇ قاملاشمىسىدۇ كىچىككنە باللىرىغا يات تىلدا سۆزلەيدىغان ياش ئاتا -ئانلار ئەۋجىپ قالدى.....بالىڭىزغا ئۆزنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ!!!)
ئاشخانىدا تاماق ساقلىغاچ،
نەزەر سالدىم ئۇياق بۇياققا.
يان ئۇستەلدە بولۇنغان گەپلەر،
كىرىپ قالدى؛قىلىن؛قۇلاققا.
:چىسا:دىدى بالىغا ئايا ل،
:بۇچى:دىدى بالىسى باتناپ.
يىگىن دىدى:كاۋرۇ:بولسىمۇ.
بالىسىنىڭ بىشىنى سىلاپ.
:خې چا:قىلغىن جىنىم بالام دەپ،
چاي ئۇزاتىتى ئانا بالىغا.
ھەيران بولۇپ توۋا دىيىشتۇق،
قوش مىللەتلىك ئاتا بالىغا.
كاۋاپنىمۇ يىمىدى بالا.
:چى خەنباۋ:دەپ چىقاردى جىدەل،
بۇ ناجىنىسى دىئالۇگلارغا.
چىدىيا لماي تولىدىم بەدەل.
جىنىم ھەدە دىدىم قوپۇپلا.
{ئازات قىلاي دىدىم قۇلاقنى}
ساۋاپ ئېشتىن بىرنى قىلىپسىز،
بىقىۋىلىپ خەنزۇ بۇۋاقنى.
ئاڭلاپ قۇيۇڭ ئۇ مىنىڭ بالام.
دىدى تىلاپ بارمۇ كوزىڭىز.
بىشىم ئېگىپ دىدىم كەچۇرۇڭ،
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز.
تىلىلاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا،
توكمەك بولدى مىنىڭ يۇزۇمنى.
گەپ ياندۇرماي يىدىم تاماقنى،
دەۋەلغاچقا يۇرەك سوزۇمنى.
كۇلۇپ كەتتى كۇلەلىگەنلەر،
ئەيىپلەشتى مىنى بەزىسى.
چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ،
خوتۇن خەقنىڭ تىلى تەنىسى.
كۇلۇڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۇلۇڭ،
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى.
سىېسىق تىللار مەن بىلەن كەتتى،
سوغام بولسۇن سىزگە قالغىنى.........
مەنبەسى ئىلى لىق مۇنبىرى <ئەزمەت> قەلىمى