ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
، مەن نەچچە كۈندىن بېرى سىلەر بىلەن تور ئارقىلىق ئەسرارلىشىشقا پۇرسەت بولمىدى. دۇنيا ھەلەكچىلىگىدە...... بۇگۈن بولسا دۇنيالىق ئىشلىرىمنى بىر ئاز قايرىپ قۇيۇپ كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىشقا نىسىپ بوپتۇ. مىنىڭ توختالماقچى بولغىنىم ناماز توغۇرلۇق بۇلۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
نامازنىڭ دۇرۇس بۇلۇشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك شەرتى بار. ئۇلار تۈەندىكىچە:
1- چوڭ- كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن خالى بۇلۇش،كىيىم-كىچەكلەرنى نىجاسەتتىن پاكلاش، بۇنىڭغا پاكىت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن:
< ئاللاھ پاكىز بولمىغان نامازنى قۇبۇل قىلمايدۇ> ( بۇ ھەدىسنى مۇسلىمدا بايان قىلىنغان)
2- شەرت بولسا يۆگىنىش، بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ
:} ھەر ناماز ۋاختىدا كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار{ ( سۆرە ئەئراف 31-ئايەت) ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالغان كىشىنىڭ نامىزى مەقبۇل بولمايدۇ. چغنكى ئايەتتىكى زىننەت سۆزى كىيىم. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى كىندىكى بىلەن تىزىنىڭ ئوتتۇرسى ، ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتى يۈزى بىلەنئالقىنىدىن باشقا جايلار. بىرسى رەسۇلۇللاھتىن ئىشتان كىيمەي رىدا ياغلىق بىلەن ناماز ئۇقىغان ئايال توغۇرلۇق سۇئال سورىغاندا مۇنداق دىگەن
:< ئەگەر رىدا ئايالنىڭ پۇتىنىڭ ئۈستىنى يۆگەيدىغان بولسا بۇلۇدۇ> دىگەن ئىدى ( ئەبۇ داۋۇدرىۋايىتى)
3- شەرت. قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش. چۈنكى قىبلىگە يۈز كەلتۈرمىسە ناماز قۇبۇل بولمايدۇ، بۇنىڭ پاكىتى قۇرئان كەرىمدىكى
}قەيەردە بولماڭلار ( نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىد ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار) لىكىن بىرەر قورقۇنۇچ، ياكى ئېغىر كىسەل، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش پەۋقۇلاددە ئەھۋال ئاستىدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن كىشلەردىن بۇ شەرت ساقىت بۇلۇدۇ. شۇنداقلا ئات- تۆگە ،ياكى ماشىنلاردا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغان بولسا قەيەرگە يۈزلەنسە نەپلە نامىزىنى ئۇقۇۋېرىشى كىرەك . بۇنىڭغا ئىمام مۇسلىم رىۋايات قىلغان تۈۋەنكى ھەدىس پاكىت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ
)< مەككىدىن مەدىينىگە كىتىۋېتىپ ئۇلىقى ئۈستىدە يۈزلەنگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئۇقۇدى> يەنە نامازنى بۇزۇپ قۇيىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆز ئالدىمىزدا ئانچە- مۇنچە كۆرلۈپ قالىدۇ ، بۇنىمۇ يېزىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
1- قادىر بولالىغان ئادەمنىڭ پەرىز نامازنىڭ قىيامىدا ئۆرە تۇرۇشى لازىم. ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالىغان ئادەمنىڭ ئولتۇرۇپ ناماز ئۇقۇشى دۇرۇس ئەمەس. بۇنىڭغا تۇۋەنكى ئايەت پاكىت؛
} ئاللاھقا بويسۇنۇپ ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار{ رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) بىر ساھابىگە مۇنداق دىگەن
:< نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئۇقۇغىن، ئەگەر قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ئۇقۇغىن،ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىساڭ يېتىپ تۇرۇپ ئۇقىغىن> ( بۇخارى رىۋايىتى)
2- نىيەت قىلىش؛ نىيەت قىلىش دىگىنىمىز. ئېغىز ئارقىلىق لەبزە قىلىش ئەمەس، ناماز ئۇقۇشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ تاھارەتكە سۇ ئېلىشىڭىز، تاھارەت ئېلىشىڭىز ۋە جايناماز سېلىشىڭىزنىڭ ئۈزىلا نامازنىڭ نىيىتىگە يىتىپ ئاشىدۇ . نىيەت دىگەن شۇ . نىيەت توغۇرلۇق رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن؛
<ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق> ، مەخسەتسىز ئۇقۇغان ناماز ،ناماز ئەمەس.
3- ناماز باشلاشتا تەگبىر بىلەن باشلاش؛ ( ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ باشلاش) بۇنىڭغا قارتا رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن؛
نامازنىڭ ئاچقۇچى پاكلىق، نامازغا كىرىش تەكبىر، نامازدىن چىقىش سالام بىلەن بۇلۇدۇ[.( ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ھاكىم رىۋايتى)
4- نامازدا چۇقۇم سۆرە پاتىھە ئۇقۇش شەرت. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن ؛
< سۆرە پاتىھەنى ئۇقۇمىغان ئادەمنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس > ( بۇخارى رىۋايتى)
ئەمما بۇ ھۆكۈم ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىدىغان نامازدا ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئۇقۇغان كىشىدىن ساقىت بۇلۇدۇ چۈنكى ،بۇ ئادەم ( بىرسى قۇرئان ئۇقۇسا، جىم تۇرۇپ ئاڭلاشقا بۇيرۇلغان ئىمامنىڭ نامازدىكى قىرائەتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
قۇرئان ئۇقۇلۋاتقان چاغدا جىم تۇرۇپ ئاڭلاشقا بۇيرۇلغان، بۇنىڭ پاكىتى بولسا
} قۇرئان ئۇقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار{ ( سۆرە ئەئراف 204- ئايەت ) رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىگەن؛
< ئەگەر ئىمام تەگبىر ئۇقۇسا سىلەرمۇ تەگبىر ئۇقۇڭلار، ئەگەر قىرائەت قىلسا جىم تۇرۇڭلار، > ( مۇسلىم رىۋايتى )
5- رۇكۇ قىلىش ؛
6- رۇكۇدىن بېشىنى كۆتىرىش؛ بۇمۇ تەلەپكە لايىق ئېلىپ بېرىلمىسا ئۇقۇغان ناماز 0 گە تەڭ ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن؛( بىر ئادەم مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئۇقۇپ كىلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام بەردى ، جاۋاپ سالامدىن كىيىن نامازنى قايتا ئۇقۇشقا بۇيرىدى ، يەنە ئۇقۇپ كەلدى، يەنە قايتا ئۇقۇشقا بۇيرۇدى ، يەنە ئۇقۇپ كىلىپ ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئۇقىيالمايمەن دىگەندە جانابى رەسۇلۇللاھ ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن
< تەكبىر ئېيتىپ نامازغا كىرگىن، ئاندىن ئۈزەڭ بىلگەن قۇرئان ئايەتلىرنى ئۇقۇغىن، ئاندىن تەكبىر بىلەن رۇكۇ قىلغىن ۋە رۇكۇدا راۋرۇس تۇرغىن، ئاندىن رۇكۇدىن تۇرۇپ راۋرۇس تىك تۇرغىن ، ئاندىن سەجدە قىلغىن ۋە سەجدىنىمۇ راۋرۇس قىلغىن، ۋە سەجدىدىن باش كۆتەرگەندە راۋرۇس ئولتۇرۋال، ۋە ئىككىنچى سەجدىنىمۇ راۋرۇس تۇلۇق قىلغىن ئاندىن تەشەھۇتتا ئولتۇرۇپ دۇرۇت ئۇقىغىن ئاخىردا ئاللاھتىن ھاجىتىڭنى تىلەپ دۇئا قىلغىن ئاندىن كىيىن سالام بىلەن نامازدىن چىقىسەن > دىگەن ئىدى
ئەسكەرتىش بۇ ھەدىس مىنىڭ بۇ يارىماس كاللامدىن قېچىپ كىتىپ چالا پۇچۇق بولۇپ قالدى تورداشلارنىڭ تۇلۇقلاپ قۇيۇشنى ئۈمۇت قىلىمەن ؛ يۇقارقى ھەدىس نامازنى ناھايتى تېز ئۇقۇغان ئادەمگە قارتىلغان
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم كەچۈرۈڭلار