راي سىناش تورىنىڭ چەكلىمىسى بولغاچقا 100 ئادەم قاتناشقاندىن كىيىنلا تاقىلىپ قاپتۇ. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆۋەندىكىلەر نەتىجىسى:
98% تورداشلار قەشقەردە ئۆي چېقىشقا قارشى ئىكەن.
88% تورداشلار شۇ كەڭ ئۆي زىمىننى، ھويلىلارنى چىقىۋىتىپ ئورنىغا كاتەكچىدەك بىنا ئۆي بەرسە ئادىللىق بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن.
90% تورداش ھەر بىر ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، ئۆز زىمىنىنى قوغداش ھوقوقى بار دەپ قارايدىكەن.
79% تورداش ئۆينى مەجبۇرى چېقىشقا جېنى بىلەن قارشى ياكى قارشى ئىكەن.
71% تورداش ئەگەر ئەتراپىدىكى ئۆيلەر چىقىلغان تەقدىردىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىڭىزغا تاللاش ھوقوقى بار دەپ قارايدىكەن.
90% تورداش ھەر بىر ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، ئۆز زىمىنىنى قوغداش ھوقوقى بار دەپ قارايدىكەن.
كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرۇدىغىنى شۇكى:
53% تورداش ھۆكۈمەت ئۆيلەرنى مەجبۇرى چاقىدۇ ، 74% تورداش قەشقەرلىك ئەمەلدارلار مۇشۇ قۇرۇلۇشتا پاراخورلۇق قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاران 25% تورداش قەشقەر شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە قەشقەردىكى قانۇن ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھەقىقى خەلق ئۈچۈن خىزمەر قىلىدىغانلىقىغا ، ۋە ئادىل ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن ، قالغان 75% تى ئىشەنمەيدىكەن ياكى بىلمەيدىكەن.
بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، كۆپىنچە تورداش ئۆي چىقىشقا قارشى، لېكىن كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۈمىتسىز قارايدۇ.
مېنىڭ شەبنەم تورىدىن ۋە تور ئەھلىدىن ئۆتۈنۈدىغىنىم بۇ ئىشقا سەل قارىمىسا، تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە توردا راي سىناش ئېلىپ بارسا (مېنىڭ ئاران مۇشۇ 100 كىشىلىك راي سىناشقا قۇربۇم يەتتى)، خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىمىزنىڭ ساقلىنىپ قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقارساق دەيمەن.
قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئوچۇق خەت
ئاڭلىسام قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى 50 منڭدىن ئارتۇق ئۆيلەرنى چېقىپ 200000دىن ئارتۇق ئاھالىلەرنى بىنا ئۆيگە كۆچۈرىدىكەنسىلەر. بۇنىڭ سەۋەبى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەسمىش. مەن مۇشۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆينىڭ ھوقوقدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆي چېقىش ۋە كۆچۈرۈشكە قەتئى قارشى.
بىرىنچىدىن بۇ قەشقەر خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. قەشقەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى ئاستىدا تۇپراق ، ئۈستىدە كۈن نۇرى بار، يەر مۈلۈك ھوقوقى بار ئۆيلەر. بۇ ئۆيلەرنى ھەر قانداق ئىگىسى ئۆزى چېقىپ نەچچە قەۋەتلىك، شەخسى ھويلىسى بار، باغ ۋارانلىرى بار قىلىپ ئۆزگەرتەلەيدۇ ھەم خالىغانچە كېڭەرتەلەيدۇ. ھەم بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ مەركىزىدە. سىلەر قانداقتۇر شەھەر سىرتىدىكى ھەم تۇپرىقى ھەم ئاسمىنى يوق كاتەكچە بىنا ئۆيدىن ئوخشاش چوڭلۇقتا ئۆي بەرسەڭلار، ئۇ ئۆيلەرنى خەلق ئۆزگەرتەلمىسە، ياكى ھويلا ، باغ ۋاران ياسىيالمىسا، سىلەرچە مۇشۇ قەشقەر خەلقى ئۈچۈن ئادىللىق بولارمۇ؟؟؟ مۇشۇ ئۆيلەرنى چاققاندىن كېيىن بىنا سالساڭلار ، بىر ئۆينى ئون ئۆي قىلىپ قىممەت باھادا ساتساڭلار (ھېتكار كاتتا بازىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى) مۇشۇ قەشقەر خەلقى ئۈچۈن ئادىللىق بولارمۇ؟؟؟
بولىدۇ، ئاغزىڭلاردا دىگەندەك ئەمىلىيەتتە ئادىل، ئىناق جەمىيەت قۇرۇپ خەلقنى رازى قىلىپ خىزمەت قىلىمىز دىيىشىڭلار مۇمكىن. ئۇنداق بولسا مېنىڭ قەشقەر خەلقىنى رازى قىلىپ ئىناق ئادىل جەمىيەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغان تەكلىۋىم بار. مۇشۇ 50 مىڭ ئائىلىلىككە قەشقەر شەھرىنىڭ مەركىزىدىن ئوخشاش چوقلۇقتا يەر بېرىڭلار، بۇرۇن نەچچە قەۋەت ئۆيى بولسا شۇنچە قەۋەت ئۆي سەپ بېرىڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۈسىتدە ئاسمان، ئاستىدە تۇپراق بولىشى، ھويلىسى بولىشى، باغ ۋاران ياسىغىلى بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق شەرتلەر ھازىرلانسا بىزنىڭ ئۆينى چېقىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. ئەگەر ھازىرلانمىسا بۇ تەڭسىزلىككە مەن قەتئى قارشى تۇرىمەن.
ئىككىنچىدىن ئەگەر مەجبۇرى كۆچۈرىمەن دىسەڭلار بۇ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ 2 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئىدارىدا بىنا سالماقچى بولۇپ كونا بىنانى چاقماقچى بولدى. بىر نەچچە ئائىلىلىك بىر كۇۋادرات مېتىرغا 20 يۇەن بەرسەڭ چاقىسەن دەپ تۇرۇۋالغاچقا بۇ پىلان توختۇتۇلدى. چۈنكى قانۇندا ئۆي ھوقوقدارىنى رازى قىلمىساڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە يول قويمايدىكەن. قانۇن بولىدىكەن مەيلى بېيجىڭدا بولامدۇ، ياكى ئۈرۈمچىدە بولامدۇ ياكى قەشقەردە بولامدۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. يەنە بىرسى، ئۆي كۆچۈرۈشتىكى بەلگىلىمە سىياسەت بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۆزى قانۇن ئەمەس. خەلقنىڭ قانۇنغا بوي سۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولغان بىلەن سىياسەت بەلگىلىمىلەرگە پىكىر قىلىش ھوقوقى بار. سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى قانۇن دەۋىلىپ مەجبۇرى ئىجرا قىلساڭلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىسىلەر، ئاممىنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىدۇ، ئېناق ۋە خاتىرجەم جەمىيەت قۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن بۇ ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە چىدامسىز ئەمەس. چۈنكى بۇ ئۆيلەر نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆيلەرنى سىچۈەندىكى مەكتەپ بىنالىرىدەك قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدىن پارا يەپ سۈپەتسىز ياساتقان ئەمەس. قەشقەر خەلقى بۇ ئۆيلەرنى ھەقىقى ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ پارا ئالماي پۇختا سالدۇرغان. قانداقتۇر سىچۈەندىكى ناچار بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكىنى قەشقەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چىدامسىزلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر قەشقەر ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن يەر تەۋرەشتىن ئەنسىرىسە ، ئەڭ ئاۋال قەشقەردىكى بىنالارنىڭ سۈپىتىنى ياخشى تەكشۈرىشى ،سۈپىتى ناچارلىرى بولسا شۇلارنى چېقىپ قايتا سىلىشى كېرەك.
تۆتىنچىدىن قەشقەردە مىللىي ئالاھىدىلىك بارغانسىرى يوقاپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ. قەشقەردە ھەتتە تۇرپانچىلىكمۇ مىللىي پۇراق يوق بولىشى مۇمكىن. كونا شەھەر رايونى تىپىك مىللى پۇراققا ئىگە رايون، ئۇنىڭسىزمۇ بۇ رايوننىڭ ئىچىدە مەدىنىي مىراس قىلىپ ساقلىسا بولىدىغان نۇرغۇن قويۇق مىللى پۇراققا ئىگە ئولتۇراق ئۆيلەر بار. بۇ جەھەتتىن قەشقەردىكى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى، پۈتۈن جوڭگودىكى ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ مىللىي ئالاھىدىلىكنى يوقىتىۋىتشنى توغرا كۆرمەيدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتتىن بۇ توغرىلىق قاتتىق ئويلىنىشىنى سورايمەن.
مەن بۇ تىمىنى ئۆزەمنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋە بىزگە ئوخشاش كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يازدىم. بۇ تىما ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، قانۇن ۋە سىياسەت تارماقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، چۇنكى ھەممىسى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەن قەشقەر شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى چاقماسلىقىنى ۋە مىللىي مەدىنىيىتىمىزنى قوغدىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. چاققان تەقدىردىمۇ مەن يۇقىرىدا دىگەندەك ئادىل تەلەپلەرنى ئورۇنلىشى، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشنى ھەقىقىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشىنى سورايمەن. ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قەشقەردە ھەقىقى ۋە ئەمىلىي ھالدا ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنداقلا قەشقەر خەلقىنىڭ پىكىرلىرىنى ئىلمىي ھالدا ئىپادىلەپ، ئىشەنچلىك ھالدا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇن بىلەن ئۆز ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ۋە ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
مەن تور ئەھلىدىن بۇ تىمىنىڭ ئىلان قىلىنىشىنى ۋە ئۆچۈرۈلمەسلىگىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە تەلەپ قىلىمەن. پىكىرى بارلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
راي سىناشنىڭ ئەسلى سانلىق مەلۇماتى:
قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ چىقىلىشى تورغرىلىق توردا راي سىناش پائالىيىتى
1. قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ چىقىلىشىغا قانداق قارايسىز؟
قارشى تۇرىمەن 97.8%
قوللايمەن 2.2%
2. سىزنىڭ يۇرتىڭىز قەيەردىن؟
قەشقەر 43.7%
خوتەن 12.6%
ئاقسۇ 11.5%
قىزىلسۇ 4.6%
بايىنغولىن 6.9%
ئۈرۈمچى 11.5%
تۇرپان 2.3%
قۇمۇل 0.0%
ئىلى 2.3%
ئالتاي 0.0%
تارباغاتاي 0.0%
بورتالا 3.4%
سانجى 0.0%
چەتئەل 1.1%
3. قەشقەردە چىقىلىدىغان ئۆيلەر بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئالاقىڭىز بارمۇ يوق ؟
بىۋاستە ئالاقەم بار 28.9%
ۋاستىلىق ئالاقەم بار 14.5%
ھىچقانداق ئالاقەم يوق 56.6%
4. سىزنىڭچە شۇ كەڭ ئۆي زىمىننى، ھويلىلارنى چىقىۋىتىپ ئورنىغا كاتەكچىدەك بىنا ئۆي بەرسە ئادىللىق بولامدۇ؟
ئادىللىق بولمايدۇ 88.3%
ئادىللىق بولىدۇ 5.2%
بىلمەيمەن 6.5%
5. سىزنىڭچە قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت پۇخرالارنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرى چاقارمۇ؟
مەجبۇرى چاقالمايدۇ 32.5%
مەجبۇرى چاقالايدۇ 53.0%
بىلمەيمەن 14.5%
6. سىزنىڭچە ھەر بىر ئۆي ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، ئۆز زىمىنىنى قوغداش ھوقوقى بارمۇ يوق؟
ھوقوقى بار 90.0%
ھوقوقى يوق 5.0%
بىلمەيمەن 5.0%
7. ئەگەر ھوكۈمەت مەجبۇرى چاقىمەن دىسە سىز قانداق قىلىسىز ؟
جېنىم بىلەن قارشى تۇرىمەن 48.1%
قارشى تۇرىمەن 30.4% 24
ئەلەھمۇللا دەپ ماقۇل دەيمەن 7.6%
بىلمەيمەن 13.9%
8. ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى ئۆيلەر چىقىلسا سىزنىڭ ئۆز ئالدىڭىزغا تاللاش ھوقوقىڭىز بارمۇ ياكى كۆپچىلىككە بويسۇنۇپ ئۆيىڭىزنى قوش قوللاپ چېقىشقا بېرىۋىتەمسىز؟
مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا تاللاش ھوقوقۇم بار 71.3%
ئەھۋالغا قارايمەن 16.3%
كۆپچىلىككە بويسۇنىمەن 5.0%
بىلمەيمەن 7.5%
9. سىزنىڭچە قەشقەردىكى ئەمەلدارلار مۇشۇ قۇرۇلۇشتا پاراخورلۇق قىلارمۇ؟
قىلىدۇ 74.0%
قىلمايدۇ 2.6%
بىلمەيمەن 23.4%
10. سىز قەشقەر شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋە قەشقەردىكى قانۇن ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ھەقىقى خەلق ئۈچۈن خىزمەر قىلىدىغانلىقىغا ، ۋە ئادىل ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
ئىشىنىمەن 25.6%
تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن 28.2%
ئىشەنمەيمەن 26.9%
بىلمەيمەن جۇما 19%
نەتىجىسىگە پىكىرى بارلار بولسا مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا ئەسلى نۇسقىسىنى ئېبەرتىپ بېرىمەن.
korban1226@yahoo.com[ بۇ يازما bala-dohturi تەرپىدىن2009-04-03 04:12دە ق ]