ئارمان بىلەن ئىخلاسقا ئوچۇق خەت
تېما ئەسكەرىتمىسى: يۇقارقى تېما سەلكىن مۇنبىرىدىكى ئۇيغۇر9 نىڭ يوللانمىسى. كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن شەبنەم مۇنبىرىگە يۆتكەپ كېلىندى.قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا
-ئۇيغۇر خەلىق ماقالى
مەن يېقىندىن بىرى ئارمان ۋە ئىخلاس شىركەتلىرى ئاچقان تاللا بازارلىرىغا كۆپرەك قاتنايدىغان بولدۇم،ئۇ بولسىمۇ ئوماق قىزىم ئاشۇ شىركەتلەردىكى بىزنىڭ،ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ھەم ھالال بولغان ھەرخىل شاكىلات،كەمپۈت،پىرەنىك،تالقان دىگەنلەرگە باشقىچە ئامراق.چۈنكى ئاشۇ تاللا بازارلىرىنىڭ مۇلازىمىتى قىزغىن،تاۋارلار سۈپىتى ياخشى،تاۋار تۈرلىرى كۆپ،خاسلىققا ئىگە ئۇيغۇر پۇراق بولغانلىغى، بىزنىڭ، ئۆزىمىزنىڭ قىز-ئايال،ئوغۇل-ئەرلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمنى يەڭگىللەتكەنلىگى،ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئورۇندا بولغانلىغى، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ قايناق بازاردا، شۇنداقلا ئاشۇ شىركەتلەر ئۇيغۇرنىڭ،شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنى جۇڭگو،ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ
بازار تېپىپ،ئىقتىسادى ئىگىلىك ياراتقانلىغى،ئاشۇلارئارقىلىق ئۇيغۇرنى ناخشى-ئۇسۇلدىن باشقا،يەنە مۇشۇنداق يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەلئاراغا بىلدۈرگەنلىگى،پۇل تېپىپ ئەل-ئۇيغۇر، مائارىپ-مەدىنىيەت ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشغانلىغى ئۈچۈن كۆپرەك بېرىشقا ئامراق بولۇپ قالدىم. لىكىن ئاشۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ساقلانغان:
مۇشۇنداق كەسكىن بولغان بازار رىقابىتىدە،ئارمان بىلەن ئىخلاس شىركەتلىرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى،ھەر خىل خاسلىق ۋە ئۆزلۈك ئارقىلىق تەرەققى قىلىشى، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق ھەم ئىپتىخارلىق بولسىمۇ، يۇقۇرقىدەك ئۇتۇقلىرىدىن باشقان يەنە تۇتۇق(يىتەرسىزلىكلىرى)يەرلىرىمۇ تەڭ مەۋجۇت،ئۇ بولسىمۇ ئارمان شىركىتى تاللا
بازارلىرىدا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدىن بەكرەك، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزۈلگەنلىرى بىرقەدەر كۆپرەك،مەھسۇلات تەشۋىقاتى(ئەدەبىي تىلدا ئېلان،ئەسلى تىلدا داۋراڭ) ئاساسەن يېڭىلىق يوق، مەھسۇلات تەشۋىقاتى بىلەن ئوبراز ۋەكىلى ماس-مۇۋاپىق كەلمىگەن،تىلىۋىزوردا،رادىئودا ئاڭلىتىش-كۆرسىتىش ئاھۋالى بەك ئېغىر بولۇپ كىشىنى زىرىكىشلىك ھىس قىلدۇرىدۇ............مۇشۇنداق ئىشلارنى مەلۇم دەرىجىدە تىزگىنلەپ،شىركەت لىدىرلىرى ئويلىنىپ،باشقىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭى بولغان شەيئىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ،ئۆزىمىز ۋە ئۇيغۇرلار،باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساق........
ئىخلاس شىركىتى تاللا بازارلىرىدا ئوخشاشلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتىدىن بەكرەك، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزۈلگەن،ئىمپورت قىلىنغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ(بۇمۇياخشى ئىش)مەھسۇلاتى بىرقەدەر كۆپرەك،مەھسۇلات تەشۋىقاتى(ئەدەبىي تىلدا ئېلان،ئەسلى تىلدا داۋراڭ) گەرچە ئازراق بولغان يېڭىلىق(بالا چولپانلار) ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەلۇم تەسىر قوزغىغان بولسىمۇ،ئەمما ئاشۇ ئوبراز ۋەكىلىنى ئۆزىمىزنىڭ خاسلىققا ئىگە بولغان كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتى بىلەن مەيدانغا چىقارساق ،ئۈنۈمى بىرقەردەر ياخشى بولىدۇ،چۈنكى مۇنداق قىلغاندا بىزنىڭ كىيىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،ئۆرپ-ئادىتىمىز تەڭلا ئاۋامغا تارقىلىدۇ،
باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان چۈشەنچىسى چۇڭقۇرلىشىپ،قارىشى ئۆزگىرىدۇ،مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خاسلىقنى ساقلاپ،ئەنئەنىنى زامانىۋىيلىق بىلەن ئىلمىي ئۇسۇلدا بىرلەشتۈرۈپ،ئۆزئارا خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر كارخانىلار ئىچىدە «يولباشچى ئاپتۇموبىل» ھىساپلىنىدىغان ئارمان، ئىخلاس شىركەتلىرنىڭ ئورتاق بولغان تۇتۇق(يىتەرسەزلىكلىرى)يەرلىرى__ئىككى شىركەت گەرچە يىراقتىن ھەم باشقىلاردىن كىرگۈزگەن مەھسۇلات-تاۋارلىرىغا ئورۇن بەرگەن بولسىمۇ،بىر-بىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزمىگەن،ئۆزئارا ئورۇن بەرمىگەن،مۇنداق قىلىش ئۆز جۈملىسىدىن ئېيتقاندا،ھەمكارلىق،ئىتتىپاقلىققا تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت باشقىلار ئالدىدا قانداق بولار؟ سىرتنىڭ تاۋارلىرى ئاشۇ تاللا بازارلىرىدىن ئورۇن ئالالىغان يەردە،ئۆزىمىزنىڭ،بىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئورۇن ئالالمايدۇ؟ئىككى شىركەت لىدىرلىرى ئويلىنىپ بېقىڭلار؟زادى نىمە ئۈچۈن؟ ئۇ «خاسلىق»مۇ ۋە ياكى«ئۆزلۈك»مۇ؟ ھازىرقىدەك ئىقتىسادى كىرىزىس دەۋرىدە،شۇنداقلا كارخان كەلگۈسى تەرەققىيات،كارخانا«ئۆمرى»،ئىقتىسادى ئۈنۈمى،كەسكىن رىقابەت.....قاتارلىق مەسىلىلەر ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلۋاتقان مۇشۇنداق جىددى ۋەزىيەتتە سىلەر يەنە ئۆزئالدىڭلارغا« خەرىتە ۋە چىرتىيوژ» قىلساڭلار،تەرەققىيات قانداق بولار؟كەلگۈسى قانداق بولار؟ بىر-بىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى كىرگۈزمەسلىك بىزنىڭ«پېتىشماسلىق»خاراكتىرىمىزنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇشىمۇ؟ ئاخىرىدا سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىش بىزدىن باشقىلارغا زىيانلىق،چۈنكى مۇلازىمەت تىجارىتى قىلغانلىغىڭلار ئۈچۈن،كۆپ تەرەپلىك ھەم ئىنچىكە ئويلاشقا توغرا كىلىدۇ.(ئىستىمال توپىنى دىمەكچى) ھەربىر خېرىدارنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقىش،رازى قىلىش شىركەتلەرتنىڭ جان تومۇرى،بازىرى ئەلۋەتتە.
سىلەر ھەرقايسىڭلار ئۆزيولۇڭلاردا يەرلىك مەھسۇلات ئارقىلىق گەرچە ئۆزۈڭلارنىڭ خاسلىققا
ئىگە، داڭلىق ماركىسىنى(ئارمان بىلەن ئىخلاس ) ياراتقان بىلەن ئۆزلۈكنى يارىتالمىدىڭلار، ھەمكارلىق،ئورتاقلىق دىگەنلەرنىڭ سىلەرگە پايدىسى كۆپ .....چۈنكى ئارمان بىلەن ئىخلاس غوللۇق ئۇيغۇر كارخانىسى، ئۆزلۈك نوقتىسىدىن ئېيتقاندا،سىلەردە شىنجاڭنى،ئۇيغۇرنى يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق باشقىلارغا تونۇتۇش ئورتاقلىقى، ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۆرپ-ئادىتىنى
كەڭ جامائەتچىلىككە تۇنۇشتۇرۇش قاتارلىق ئورتاقلىق بار يەردە يەنە قاچانغىچە ھەمكارلىق،ئورتاق تەرەققى قىلىش سىتىراتىگىيىسىنى تۈزۈپ چىقمايسىلەر؟ سىلەرگەيالغۇز «پەرۋاز»قىلغىلى10يىلدىن ئاشتى،تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىڭلار ئاستىلاپ قالدى،ئىزدىنىپ باقتىڭلارمۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
تورداشلار ئارمان بىلەن ئىخلاسنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرەيلى!!! قېنى سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇڭلار!!!
ئۆزۈمنىڭ ئارمان ۋە ئىخلاس تاللابازارلىرىغا بېرىپ ئىستىمال قىلىش جەريانىدا ئويلىغانلىرىم ئۆزۈم
ئاخىرىدا مېنىڭ قوشۇپ قويىدىغىنىم، ئارمان شىركىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ گوروھلىشىش قەدىمىنى باستى. بىز بۇنىڭدىن خۇشال، يېقىندا ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك گوروھىنىڭ بىر ئېلانىدا <<ساغلاملىق پىرامىداسى>> پەيدا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە تاماكا چەكمەسلىك،ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك دېگەن سۆزلەرمۇ بار. ئارمان شىركىتى ئىزچىل <<ساغلام يېمەكلىك ساغلام ھايات>> شۇئارىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ كەلدى. تاللا بازاردىكى ھاراق ئارقىلىق ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولۇمدۇ؟ بۇ خەلقىمىزنىڭ كاللىسىدىن ئىزچىل ئۆتمەيۋاتقان بىر نوقتا.(بەلكىم باشقا سەۋەبلەرمۇ باردۇر) ئارمان بىلەن ئىخلاس دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىي كارخانىچىلىقىنىڭ پاراۋۇزىغا ئايلاندى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى پاراۋۇز قاچانغىچە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېسىشىپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇپ كېتىۋېرىدۇ؟ خۇددى تېمىدا دېيىلگىنىدەك ئارمان تاللا بازىرى ئىخلاسنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى،ئىخلاس تاللا بازىرى ئارماننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىر-بىرسىگە كىرگۈزمەيدۇ. بىز بۇ ئىككى پاراۋۇزدىن شۇنى ئۈمۈد قىلىمىزكى بۇ كەسكىن رىقابەت ئەركىن،تەڭ مەنپەئەتلىك رىقابەتكە يول قويسىكەن. ئاخىرقى بىر ئۈمۈدىم. ئارمان گوروھى زادى كىمنىڭ گوروھى؟ ئۈرۈمچىدىكى بىنادا نىمىشقا ئۇيغۇرچە بىر ھەرىپمۇ كۆرۈنمەيدۇ.(ئېنىق ئورنىنى ۋە شۇ سودا بىناسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن،لىكىن ئېگىز قەد كۆرۈرۈپ تۇرغانلىقتىن كۆپۈنچە كۆرۈپ ئۆتىمەن.قىزىلتاغ يولىدا دەپ پەرەز قىلدىم. شۇ بېكەتتىن ئۆتكىچە كۆرۈنىدۇ ) ئاشۇ ۋېۋىسكىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە دىگەن ئارمىنىم بار. مانا بۇ مېنىڭ ئارماندىن كۈتىۋاتقان ئارمىنىم.