Quote:
بۇ مەزمون31قەۋەتتىكىuz-qakنىڭ2009-04-13 21:08 دە يوللىغان يازمىسى :
داۋامى؛5.مىللەت ئىچىدەساقلىنۋاتقان مەسىللەرگە نىسپەتەن ،ياكى ئوقۇغۇچىلاردا كۆرنىۋاتقان روھى مەسىللەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە تۈزىتىشكە يىتەكچىلىك قىلىش شەكلىدىكى دەرس لايىھىىسىنىڭ يوق دىيەرلىك بۇلىشىمۇ ئوغۇللار ھەم قىزلىرىمىزىكى مەسلىنى ھەل قىلالاماسلىقىمىزدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى .بۇ يەردىكى دەرس لايىھىسى ،سىنىپ يىغىنى دەرس لايىھىسى، ئاتا-ئانىلار يىغىنى ( دەرسى ) لايىھىسى،ۋە ھەر قايسى سائەتلىك دەرس لايھىلىرى ۋە مەكتەپ بىر تۇتاش باشقۇردىغان مەكتەپ دەرسى، ۋە دەرس تېمىلىرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ...ھەممىمىزگە مەلۇم مائارىپ مەلۇم قانۇنيەت ئاساسىدا ، مەلۇم مەدەنىيەت كۆرنىشى ۋە تەپەككۈر ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان .بىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئاسان ھاياجانلىنىمىز .،ھىسىياتقا باي ،ئۇنداقتا مۇشۇ خىل روھى ھالەتنى دەرس بايلىقى قىلىشقا بۇلامدۇ..؟ ھىسياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر خىل دەرسلەرنى لايىھىلەپ مۇشۇ لايىھە ئىچىدىن ھاياجانلاندۇرۇش بىلەن تەنقىتنى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماسمۇ؟ مەن دەرس لاھىيەسىنىڭ ئەمىلىي كۈچىگە ئىشىنمەن .شۇڭلاشقىمۇ دەرس لايىھىلەشنى شەكىك يۈك قاتارىدا كۆرىۋىلىشقا قارشى ،چۈنكى ھەر سائەتلىك لايىھە ئەمىليەتنى چىقىش قىلىپ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىليىتىگە ئويغۇن ،مەلۇم مەسلىنى ھەل قىلىش خارەكتىرىدە تۈزىلدىكەن بىز باش قاتتۇرۋاتقان مەسىللەرنىڭ ھەل بۇلۇش نىسپىتى كۈتۈرنىلىدۇ ..ئوغۇللارنىڭ بۇشاڭلىق مەسلىسىنى سىنىپ مەسئۇللىرى خىزمىتىدىكى دەرس تېمىسى قىلىشقا بۇلامدۇ ؟قانداق شەكىل ۋە قانداق ئۇسۇلدا بۇ مەسلىنى ھەل قىلىمىز؟ ...قىسقىسى مەسلىنى بايقاش مەسىلنىڭ بىر تەرىپى ئۇنى ھەل قىلىش يانا بىر تەرپى ...گەرچە بۇ مەسىلە قىسقا ۋاقىتتا ھەل بولمىسىمۇ مەن شۇنداق ئويدا بالىلارنىڭ تەغدىرى قانداق بۇلۇشىدىن قەتتىنەزەر بىز ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك...چۈنكى بىزدىكى بۇشاڭلىق ئەۋلادلارنىڭ ھالاكىتىگە سەۋەپ بۇلىدىغان ، ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان يۇشۇرۇن ئامىل بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك...
6.باشتىن ئۆتكىزىشچانلىق تەربىيەسىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئوغۇللار تۇللۇق ئوتتۇرغا چىققاندا تىرىشىدۇ دەيدىغان قاراشنىڭ تەسىرى؛ مېڭزى « تەڭرى بەندىلىرىگە ۋەزىيپە يۈكلەشتىن بۇرۇن ،بەندىلەر ئىرادىسىنى چىڭىتىشى ،ئوزلىرىنى جاپا-مۇشەققەتتە ۋە ئاچ-زارلىقتا چىنىقتۇرۇشى كېرەك ،شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلاردىن ھىچقانداق ئىش قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ » دىگەن ئىدى..بۇ مەنىگە ياتىدىغان سوزلەر كۆپ..مەكتەپلەردىكى بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرى. ئاتا-ئانىلاردىكى ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەش تۇيغۇسى دىگەندەك نۇرغۇن تەرەپلەر باشتىن ئۆتكىزىش تەربىيەسىنى چەكلەپ تۇرىۋاتىدۇ ..ئۇنداقتا بىز قانداق ئۇسۇلدا بۇ كەمتۈكلىكنى تۇلۇقلايمىز؟ يېزا بالىلىرى بىلەن شەھەر بالىلىرنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكى ۋە كەمتۈكلىكلىرى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تۇلۇقلاشمۇ يەنى بىر ئەمىلىي مەسىللەرنىڭ بىرى...نۇرغۇن جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ ماشىنلىشىشى ، قۇلايلىقلىشىشى ، ھەر خىل مۇلازىمەت تىپىدىكى شېركەتلەرنىڭ قۇرلىشى تۇرمۇشىمىزدا كۆرنەرلىك قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كىلىپ جىسمانىي ئەمگەكتە ئۆز رولى ئارقىلىق ئىزچىل ئۈستىنلىك ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئورنىدا ھەقىيقەتەن ئۆزگىرىش شەكىللەندى .... ھەممىمىزگە مەلۇم دېنازاۋۇرلارنىڭ دەسلەپتە باش ۋە قۇيرۇق قىسمىدا ئىككى مىڭىسى بولغان قۇيرۇق قىسمىدىكى مىڭىنىڭ رولىنى داۋاملىق ئىشلەتمىگەندىن كىيىن بۇ ئىقتىدار يۇقاپ كەتكەن ..شۇنى ئېيتىشقا بۇلىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئىقتىدارمۇ تەربىيلەشكە ئېھتىياجلىق شۇڭا « ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق» جەمىيىتى قايتا كىلەمدۇ دىگەن بۇ مەسلىنى ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دىيەلمەيمىز.. ئوغۇللار تۇلۇق ئوتتۇرغا چىققاندا تىرىشىدۇ دەيدىغان قاراش بىر تەھلىل قىلساق توغرىدەك ،لېكىن بىر تەھلىل قىلساق ئادەم چۇقۇم بىسىپ ئۈتىشكە تىگىشلىك تەرەقىيات جەريانى ئىنكار قىلغاندەك مەنە كىلىپ چىقىدۇ .. ھىچقانداق ئۈگىنىش ئادىتى يىتىلمەيلا نەتىيجە قازىندىغان ئادەملەر تارىختا تېخى كۆرىنمىگەن...بۇ خىل قاراش ئات-ئانىلاردا ئوغۇللارغا بولغان .ئۈگىنىش تەلىۋىنى بۇشاشتۇرۇپ قۇيۇشنى ئىلىپ كەلسە ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن بۇ مۇشۇنداق مۇقەررەرلەك، دىگەندەك مۇئەييەنلەشتۈرىشنى شەكىللەندىرىپ باشلانغۇچ ۋە تۇللۇقسىزدىكى ئوغۇللار تەربىيەسىنى بۇشاشتۇرۇپ قۇيۇش ھالىتى كۆرىنىدۇ......قىسقىسى؛« نەزىريە مۇكەممەل ،تاھتىكا توغرا بۇلىشى كېرەك »« پۈتىن ئۈسىپ يىتىلىش ھەركەتكە تايىنىدۇ ،جىسمانىي ياكى ئەقلىي جەھەتتە تىرىشچانلىق تەلەپ قىلمايدىغان تەرەقىيات يوق ، ۋاھالەنكى تىرىشچانلىق خىزمەت دىمەكتۇر .ئىشلەش ئاپەت ئەمەس .ئۇ ئەقىلنىڭ ئىمتىيازى ،ئادەم بۇبلۇشنىڭ ۋە مەدەنىيەتلىك بۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى»..داۋامى بار
سىز ئوغۇللارنى ئوغۇللاردەك تەربىلەشتە چۇقۇم ئۇلارنى تەربىلەش توغرىسىدىكى ياخشى ئۇسۇل بۇلۇشنى،بۇلۇپمۇ بۇنداق تەربىلەشنى مەكتەپ ھەتتا سىنىپلارغا ئېلىپ كىرىپ،خاسلىق تەربىيەسى بىرىشنىڭ زۇرۇرلىگنى ئوترىغا قۇيۇپسىز،شۇنداقلا يەنە باشتىن ئۆتكۈزۈش(كۈچۈرمىلەشتۈرۈپ تەربىلەش)نىڭ ھازىرقى تەربىيە مەزمۇنلىرىمىزدا كەم بۇلۇپ بۇنى كۈچەيتىش ۋە چىڭ تۇتۇش ئارقىلىقمۇ ئۇقۇغۇچىلارنى خاسلىق بۇيۇچە تەربىلەپ ئوغۇل بالىنى ئوغۇل بالىدەك،قىز بالىنى قىز بالىدەك خاراكتىرۋە مىجەزگە ئىگە قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاپ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سادىق ۋە كەلگۈسىگە ئىگە بۇلىدىغان ئەۋلاتلارنى تەربىلەپ چىقىشنى ئوترىغا قۇيۇپسىز،مىنىڭچە بۇ قاراشلىرىڭىزنىڭ تەربىيلەشتە ئەمىلى قىممىتى بار شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇقۇتقۇچى بولغان كىشى چۇقۇم ئۇقۇغۇچىلارنى ئىندىۋىداللىق بىلەن تەربىلەشكە ماھىر بۇلۇشى كېرەك
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
[ بۇ يازما turditohti تەرپىدىن2009-04-15 11:37دە قاي ]