ئامېرىكا، ئۈچ كىشى ئۈچۈن 11 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا، ئەلقائىدە ۋە تالىبان بىلەن ئالاقىسى بار بەزى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىي 11 مىليون دوللار قىممىتىدە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ، ئەلقائىدە ۋە تالىبان بىلەن ئالاقىسى بار ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ئۈچ نەپەر ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن، جەمئىي 11 مىليون دوللار قىممىتىدە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، پاكىستاندا، دەپ گۇمان قىلىنىۋاتقان سىراجۇددىن ھەققانىي ئىسىملىك تەشكىلات رەھبىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن كىشىلەرگە 5 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىكەن.
سىراجۇددىن ھەققانىي، ئاتىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ‹ھەققانىي› ئىسىملىق تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەلقائىدە بىلەن يېقىن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە .
ئىگىلىنىشىچە، ھەققانىي تەشكىلاتىنىڭ، ئۆتكەن يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ۋە بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 6 كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە كۆپ دۆلەت قىسىملىرىغا قارشى ئۆزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ، ئۆتكەن يىلى ئافغانىستان پىرىزدىنىتى ھامىد كارزائىيغا سۈيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
پاكىستان ياكى ئافغانىستاندا، دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى ئىسىملىك كىشى ئۈچۈن 1 مىليون، تالىبان ئەزاسى بەيتۇللاھ مەسئۇد ئۈچۈن 5 مىليون دوللار بېرىلىدىغانلىقىمۇ جاكارلاندى.
بەيتۇللاھ مەسئۇدنىڭ، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرلىرىدىن بىنازىر بۇتتوغا قىلىنغان سۈيىقەست بىلەن ئالاقىسى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.